Blog Archive

Thursday, February 25, 2016

باكتىريە ۋە باكتىريەگە قارشى دورا ھەققىدە ئىككى ئىغىز پاراڭ

باكتىريە ۋە باكتىريەگە قارشى دورا (ئەنتىبايئوتىكىس) ھەققىدە ئىككى ئىغىز پاراڭ

مەمەت ئىمىن

باكتىريە ئادەتتە ئۇنىڭ پايدا-زىيىنىغا ئاساسەن پايدىلىق باكتىريە ، زىيانلىق باكتىريە (كىسەل پەيداقىلغۇچى باكتىريە) ۋە ئادەتتە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، پەقەت مەلۇم شارايىت ئاستىدىلا  كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريە  دەپ ئۇچ خىلغا ئايرىلىدۇ.

پايدىلىق باكتىريە  دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا  قىلمايدىغان، ئەكسىنچە بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە پايدا يەتكۈزىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر خىمىرتۇرۇچ، ئاچچىق سۇ،  قىتىق قاتارلىق مەسۇلاتلارنى ياساشتا شۇ پايدىلىق باكتىريەلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدۇ.

نورمال ئادەم بەدىنىدە ئغىز بوشلۇقىدىن تارتىپ تاكى تەرەت يوللىرىغىچە بولغان ھەر قايسى ئورگانلاردا نۇرغۇن پايدىلىق باكتىريەلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىكى تەڭپۇڭلىغىنى ساقلىشىغا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.

زىيانلىق باكتىريە  ياكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت بولمايدىغان، ئادەم بەدىنىگە كىرگەن ھامان، ئادەم بەدىنىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ، بەدەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە باكتىريە دىگەندە كىشىلەر كۆپۈنچە ئەھۋالدا مۇشۇ خىلدىكى باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ.

مەلۇم شەرىت ئاستىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريە  دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ياكى ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىدا كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، شاراھىت ئۆزگەرگەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. مەسىلەن ھەزىم قىلىش يولىدىكى بەزى باكتىريەلەر ھەزىم قىلىش يولىدا (ئۈچەيدە) كىسەل پەيدا قىلماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ باكتىريەلەر سۈدۈك يولىغا كىرسە، ئۇ يەردە كىسەل پەيدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا كىشىلەر باكتىريەگە قارشى دورىلارنى (ئەنتىبايئوتىكىس) نى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، بۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار ئادەم بەدىنىدىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىرلەرنى ئۆلتۇرگەندىن سىرىت، بەدەندىكى بەزى نورمال يەنى پايدىلىق باكتىريەلەرنىمۇ ئۆلتۈرۋىتىشى مۈمكىن، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى نورمال باكتىريەلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئەسلىدە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان بەزى باكتىريەلەر ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلىشى ۋە ياكى كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرگە ئايلىنىشى مۈمكىن. بۇ خىلدىكى باكتىريەلەرنىمۇ شەرتلىك كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

دۇنيادا زادى قانچە خىل باكتىريە بار؟ بۇنىڭغا ئىنىق جاۋاپ بىرىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق ھازىر ئىنسانلار تونۇپ يەتكەن ۋە كۈندۈلۈك تۇمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغەن باكتىريەلەرنى شەكلىگە ئاساسەن توۋەندىكى بىر نەچچە تۇرگە ئايرىش مۇمكىن.
تاياقچىسىمان باكتىريە 
(شارسىمان باكتىريە  (ئۈزۈمسىمان باكتىريە ، زەنجىرسىمان باكتىريە 
مۇكاسىمان باكتىريە 

ئوخشىمىغان تۇردىكى باكتىريەلەرگە ئىشلىتىلدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ تۇرلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. مەلۇم باكتىريە بىلەن يۇقۇملۇنۇپ كىسەل بولغاندا ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلەتمىگەندە، دورىنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. قارغۇلارچە باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلىتىش ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلىتىش ھىساپلىندۇ.

باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن.
1. بەدەندىكى نورمال باكتىريە تەڭپۇڭلىقغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ۋە ياكى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قالايمىغان قىلىپ، مەلۇم شەرىت ئاستىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.
2. باكتىريەلەرنىڭ باكتىريەگە قارشى دورا (ئەنتىبايئوتىكىس) غا قارشى تۇرۇش كۈچىنى يىتىلدۈرىۋىلىشىگە سەۋەپ بولىشى مۈمكىن. يەنى  باكتىريەگە قارشى دورا (ئەنتىبايئوتىكىس) تەسىر قىلمايدىغان باكتىريەلەر  كۆپىيىشى مۈمكىن. ئەگەر شۇنداق بولغاندا ھازىر داۋالىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئادەتتىكى كىسەللەرمۇ داۋالىغىلى بولمايدىغان كىسەلگە ئايلىنىپ قىلىشى مۈمكىن.
3. ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىنورمال سىمىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۈمكىن.
4.  جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەدەندە بەزى زىيان زەخمەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن.
5. بەزى راك كىسىلىنڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن.

شۇڭا باكتىريەگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك. باكتىريەدىن كىلىپ چىقمىغان كىسەلگە يەنى بولۇپمۇ زۇكام قاتارلىق ۋىرۇستىن كىلىپ چىققان كىسەللەرگە نىسبەتەن ھەرگۇزمۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس ) نى ئىشلەتمەسلىك كىرەك. باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نى ئىشلىتىشكە توغۇرا كەلگەندە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئككى ھەپتىدىن ئارتۇق ئىشلىتىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كىرەك.

ھازىر جۇڭگودا ھەر يىلى ئىشلىتىلىۋاتقان  باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ ئومۇمى مىقدارى پۈتۈن دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ يىرىمىنى ئىگەلەيدىغان بولۇپ، جۇڭگودا ئادەم بىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ مىقدارى، ئامىركا ۋە ياكى ئەنگىلىيەدىكى ئادەم بىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ مىقدارىدىن 5-6 ھەسسە كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس ) بىلەن ھايۋانلار ئىشلىتىدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئىكەن.

ئەگەر قىززىقسىڭىش تۆۋەندىكى ئۇلانمىلارغا كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ.
شۇڭا ئوزىمىزنى قانداق قوغداشنى بىلىشىمىز بەكلا زۆرۈر.