Blog Archive

Tuesday, January 28, 2020

ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغىدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟

ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغىدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟


مەمەت ئىمىن

ھەممىمىز خەۋەردا بولغاندەك، ۋۇخەندىن تارقالغان تاجىسىمان يىڭى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يۇقۇملۇق كىسەللىك، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تىز تارقىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا ساراسىم پەيدا قىلماقتا. بۇ كىسەلدىن ئەندىشە قىلىشقان نۇرغۇن كىشىلەر، دىقىتىنى ئۇ كىسەلنىڭ مەنبەسىگە ۋە ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىغا مەزكەزلەشتۈرۈپ، ھەر خىل قىياسلارنى ئوتۇرغا قويۇشماقتا. كىسەلنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئىنىقلاش، كىيىنكى قىتىم ئو خىل كىسەلنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. ھازىر بىز يۈزلەنگەن مەسىلە ئۇ كىسەلنىڭ قايتا سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش بولماستىن، بەلكى ھازىر مەۋخۇت بولىۋاتقان كزۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كىسەلدىن قانداق ساقلىنىش ۋە ئۇنى قانداق كونتۇرۇل قىلىشقا مەركەزلىشىشى كىرەك. چۈنكى بۇ كىسەل مەيلى ئۇ قاچان، قەيەردىن ۋە قانداق پەيدا بولۇشىدى قەتېى نەزەر ئۇ ئاللا بۇرۇن مەۋجۇت بولىۋاتقان ۋە بىزگە تەھدىت ئىلىپ كىلىۋاتقان رىيال بىر مەسەلە.

ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئاتالغان ۋە تاجىسىمان يىڭى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يۇقۇملۇق كىسەللىك، 2019 – يىلى 12 – ئاينىڭ بىشىدا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋۇخەندە  تارقاشقا باشلىغان بولۇپ، خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ كىسەلنى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن،  ھەر خىل چارە تەببىرلەرنى قوللۇنۇپ، بۇ كىسەللىكنى ئۆز ئىچىدە يوق قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىسەلنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلالمىغاچقا، 2020 – يىلى 22 – يانۋار كۈنى، خىتاي داھىرلىرى ئامالسىزلىقتىن ئۇ كىسەلنىڭ مەركىزى بولغان ۋۇخەن ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپدىكى بىر قىسىم شەھەرنى تاقاشتىن ئىبارەت ناھايتى پاسسىپ بىر چارىنى قوللۇنۇشقا مەجبۇرى بولغان.   

بۇ كىسەللىك، مەيلى ئۇ نەدىن ۋە قانداق تارقالغان بولۇشىدىن قەتېى نەزەر، بىز  بۇ تاجىسىمان يىڭى ۋىرۇسى، ئۇ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۇنى قانداق كونتۇرۇل قىلىش توغۇرسىدا كۆپ نەرسە بىلمەيمىز. شۇڭا ھازىرغا قەدەر بۇ كىسەللىكنى كونتۇاۇل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان تەببىرلەر، بۇرۇنقى تەجىربىلەرگە ئاساسەن يەكۈنلەپ چىقىلغان تەجىربىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ كىسەلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوتۇرغا قويۇلغان بولماستىن، بەلكى بارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇنۋىرسال ئۇسۇلدىن ئىبارەت. نۆۋەتتە بىز بۇ كىسەلنى كونتۇرۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشتا، ئۇنىڭغا خاس تىخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپقىچە، ھازىر مەۋجۇت بولغان يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان چارە تەببىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللۇنۇشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. يەنى قولىمىزنى داۋاملىق يۇيۇپ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئامماۋى قاتناشنى قوللانغاندا، چوقۇم قولىمىزنى كەم دىگەندە 20 سىكىنۇتتىن ئارتۇق يۇيۇپ تۇرىشىمىز، ئادەم بەك كۆپ يەرگە ئامال بار مارماسلىقىمىز، باشقىلار بىلەن بولۇپمۇ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا بارىمىزدا مۇساپە قويىشىمىز، شەخشى بويۇملارنى ئايرىم ىشلىتىشىمىز، ئۆيدىكى كۆپ تۇتىلىدىغان نەرسە كىرەكلەرنى داۋاملىق پاكىزلاپ تۇرىشىمىز كىرەك.


يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يوللار ئارقىلىق ئۆز ئارا يۇقۇدۇ ۋە تارقايدۇ.

نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقۇش ۋە تارقاش. نەپەس يولى ۋە ئۆپكىدە كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە باكتىريەلەر، بىمار ياكى بەدىنىدە  ۋىرۇس، باكتىريە ئىلىپ يۈرگىچىلەرنىڭ ئىغىز، بۇرۇندىن چىققان سۇيۇقلۇم دانچىلىرى، خەلپۈك، تۈكرۈكلەر ئارقىلىق ھاۋاغا، تۇرمۇش بويۇملىرىغا ۋە قولغا تارقاپ، ئۇلار ئارقىلىق يىقىن مۇساپىدىكى باشقا ئىنسانلارغا يۇقۇشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامال تارقىغان رايۇنغا بارماسلىق، بىمار ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس توشۇغۇچىلاردىن يىراق تۇرۇش، ئارلىقنى كەم دىگەن بىر مىتىردىن يىراق ساقلاش،بىمار ۋە ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس توشۇغۇچى چوقۇم ماسكا تاقاش، ھۆتەلگەندە ۋە ھۈسۈرگەندە ئىغىز بۇرنىنى توسۇپ، ئەتىراپتىكى مۇھىتنى بۇلغاشتىن ساقلىنىش، ياخشى كىيىنىش، سوغاق ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش، قولنى داۋاملىق يۇيۇپ تۇرۇش كىرەك.     

ئىغىز ۋە ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق يۇقۇش ۋە تارقاش. خىگەر، ئۆت، ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستىمىسىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ياكى باكتىريەلار، يىمەك ئىچمەك، بىمارنىڭ ئىغىز بوشلىقى سۇيۇقلىقى ۋە تەرەت ئارقىلىق بۇلغانغان قول، قازان قومۇچ، تەخسە پەخسە، ئىشىپ قالغان تاماق قاتارلىقلار ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقۇشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يىمەك ئىچمەك تازلىقىغا ئالاھىدە دىقەت قىلىش، قولنى داۋاملىق يۇيۇپ تۇرۇش، شەخسى بويۇملارنى ۋە قاچا قۇچا قوشۇقلارنى ھەرگۈز ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، باشقىلاردىن ئىشىپ قالغان ۋە ياكى ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان تاماقنى يىمەسلىك كىرەك.
 
تىرە ۋە شىلىمشىق پەردىلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا يۇقۇش ۋە تارقاش. تىرە، قان، لىمفا ۋە جىنسى ئەزالاردا كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە باكتىريەلەر، بىمارنىڭ ۋە ياكى بەدىنىدە  ۋىرۇس، باكتىريە ئىلىپ يۈرگىچىلەرنىڭ تىرىسى،  قان، تەر قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلىقى، جىنسى سۇيۇقلۇق، ئوراتاق ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بويۇملىرى، بەدەن بىۋاستە سۈركۈلۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، باشقىلارغا يۇقۇشى ۋە تارقىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلى ئىش ئۈچۈن شەخسى تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، شەخسى بويۇملارنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، ئىچ كىيىملەرنى باشقىلارنىڭ كيىمى بىلەن بىرگە يۇماسلىق، داۋاملىق قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، كۆزنى قالايمىغان ئۇۋىلىۋاسلىق كىرەك.
  
جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ۋە تارقاش. تىرە، قان، لىمفا ۋە جىنسى ئەزالاردا كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە باكتىريەلەر، بىمارنىڭ ۋە ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس، باكتىريە ئىلىپ يۈرگىچىلەرنىڭ تىرىسى،  قان، تەر قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلىقى، جىنسى سۇيۇقلۇق، ئوراتاق ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بويۇملىرى، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، بەدەن بىۋاستا سۈركۈلۈش  قاتارلىقلار ئارقىلىق، باشقىلارغا يۇقۇشى ۋە تارقىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شەخسى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، شەخسى بويۇملارنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، قالايمىغان ۋە ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلماسلىق كىرەك.

ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئاتالغان بۇ يۇقۇملۇق كىسەل، دەسلەپتە زۇكامغا ئوخشاش كىسەل ئالامىتى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆپكە ياللۇغۇغا تەرەققى قىلىدىغانلىقى، جىگەر ۋە بۆرەك قاتارلىق موھىم ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بۆرەك زەيىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ كىسەل بۈيۈك ئىھتىمالدا نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىشى مۈمكىن. شۇڭا ئىنسانلار  نەپەس يولىنى مەركەز قىلىپ، بۇ كىسەلدىن مۇدايە ئىلىپ بارماقتا، بۇ دىگەنلىك بۇ كىسەل يىمەك ئىچمەك ۋە باشقا ئامىللار ئارقىلىق يۇقمايدۇ دىمەكلىك ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن، ئادەتتب يۇقۇملۇق كىسەللىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوللۇنۇشقا كىرەك بولغان بارلىق چارە تەببىرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللۇنىش توغرا كىلدۇ.

2020 – يىل 28 – يانۋار



قوشۇمچە:  بىر پىداكار قىرىندىشىمىز تەرىپىدى تەرجىمە قىلغان يۇقۇملۇق كىسەللىكتىن ساقلىنىش ساۋاتلىرى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى: قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بولىدۇ؟
LAURIE GARRET
 (ئويچان تەرجىمىسى)

ئاپتور  LAURIE GARRETT بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت كېڭىشىنىڭ (Council on Foreign Relations) سابىق يۇقۇرى دەرىجىلىك سەھىيە تەتقىقاتچىسى ۋە پولىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى.

تۆۋەندە مەن سىلەرگە ۋىرۇستىن قوغدىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم 10 خىل چارىسىنى سۆزلەپ بىرەي:

1. ئۆيدىن چىققاندا پەلەي كىيىۋېلىڭ. يەر ئاستى پويىز، ئاپتوبۇس ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۇنى قولىڭىزدىن چىقارماڭ.

2. ناۋادا تاماق يىيىش ياكى بىراۋلار بىلەن قول ئېلىشىش... دېگەندەك ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن، قولىڭىزدىن پەيلەينى سېلىۋېتىشكە توغرا كەلسە، قولىڭىز بىلەن يۈزىڭىزنى ۋە كۆزىڭىزنى تۇتماڭ. يۈزىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى ھەر قانچە قىچىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قولىڭىزنى تەگكۈزمەڭ. پەلەينى قايتا كىيىشتىن بۇرۇن، ئىلمان سۇ ۋە سوپۇن بىلەن قولىڭىزنىڭ بارماقلىرىنى ئارىلاپ پاكىز يۇيۇڭ.

3.  پەلەينى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. نەم پەلەينى كىيمەڭ.

4. سېرتتا ماسكا تاقىغاننىڭ پايدىسى يوق، بەلكىم ئۆي ئىچىدىمۇ بەك ئىشقا يارىماسلىقى مۇمكىن. ماسكىلارنىڭ تولىسى بىر- ئىككى قېتىم تاقىغاندىن كېيىن كاردىن چىقىدۇ. بىر ماسكىنى ئودا بىر قانچە كۈن تاقىغاندىن تاقىمىغان ياخشى. چۈنكى ئودا قوللانغاندا، ئاغزىڭىز ۋە بۇرنىڭىزدىن چىققان نەرسىلەر ماسكىنىڭ ئىچكى يۈزىنى باكتېرىيە جەلپ قىلىدىغان سېسىق پۇراق قەۋىتى بىلەن ئورىۋالىدۇ. شۇڭا، مەن ئادەتتە يۇقۇملۇق كىسەل تارقىغان مەزگىلىدە ماسكا تاقاپ كەتمەيمەن. بولمىسا، مەن ھازىرغىچە 30 نەچچە قېتىم يۇقۇملۇق كىسەل تارقالغان رايۇنىدا مەشغۇلات قىلدىم. ماسكا تاقاش ئورنىغا، مەن كىشىلەر توپىدىن يېرىم مىتىر (ئەڭ ياخشىسى 1، 2 مىتىر)  ئەتراپىدا يىراق تۇرىمەن. بۇ كۆڭۈلدىكىدەك مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىراۋ مېنىڭ يېنىمدا يۈتەلمەكچى ياكى چۈشكۈرمەكچى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ماسكا تاقىۋېلىشىنى سورايمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغان شالۇكىنىڭ ماڭا چاچراپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ماسكا تاقاشنى رەت قىلسا، مەن ئۇ كىشىدىن بىر مىتىر ئۇزاقلىشىمەن ياكى ئۇنىڭ قېشىدىن كېتىمەن. يۇقۇملۇق كىسەل تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە، كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشماڭ ياكى قۇچاقلاشماڭ. زىيادە يېقىنلاشماسلىقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چىرايلىقچە قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈڭ.

5. ئۆي ئىچىدە، مۇنچا ۋە ئاشخانىدىكى بارلىق لۆڭگىلەرنى دەرھال تاشلىۋېتىڭ. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان يېڭى ۋە پاكىز لۆڭگىلەرنى ئالماشتۇرۇڭ. ھەر كىشى پەقەتلا ئۆزىنىڭ لۆڭگىسىنى ئىشلەتسۇن، باشقىلارنىڭكىگە چېقىلمىسۇن. پۈتۈن لۆڭگىلەرنى ھەپتىدە ئىككى قېتىپ يۇيۇپ تۇرۇڭ. نەم لۆڭگىلەر ئادەتتىكى زۇكام، يۇقۇملۇق زۇكام، ھەتتا تاجسىمان ۋىرۇسى... قاتارلىق ۋىرۇسلارنىڭ پاناھلىنىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايىدۇر.

6. ئىشىك تۇتقۇچلىرىغا دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ئىشىكنى جەينەك ياكى مۆرىڭىز بىلەن ئېچىپ - تاقىيالىسىڭىز، ئەڭ ياخشى شۇنداق قىلىڭ. تۇتقۇچنى تولغىغاندا، پەلەي كىيىۋېلىڭ ياكى ئۇنى تۇتقاندىن كېيىن قولىڭىزنى پاكىز يۇيۇڭ. ناۋادا ئائىلىڭىزدىن بىرەرسى كېسەل بوپ قالسا، تۇتقۇچنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇڭ. ئوخشاشلا، پەلەمپەي رىشاتكىلىرى، ئۈستەل، تېلېفون، ئويۇنچۇق ۋە كومپىيۇتېر... دېگەندەك قول بىلەن تۇتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە دىققەت قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي نەرسە-كېرەكلىرىنى تۇتسىڭىز چاتاق يوق. ناۋادا باشقىلارنىڭ تېلېفون ياكى تاماق قاچىلىرىنى ئېلىشقا ۋە ياكى كومپىيۇتېرلىرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىپ قالسا، يۈزىڭىزنى سىلىماسلىققا دىققەت قىلىڭ، ئۇ نەرسىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن دەرھال قولىڭىزنى يۇيۇڭ.

7. باشقىلار بىلەن تەڭ تاماق يىگەندە، ھەرگىز چوڭ قاچا ياكى قازاندىن تاماق ئېلىش ئۈچۈن شەخسىي قۇشۇق ياكى چوكىڭىزنى ئىشلەتمەڭ. بالىلىرىڭىزغىمۇ باشقىلاردىن ئېشىپ قالغان سۇنى ئىچمەسلىكنى ياكى باشقىلار بىلەن تەڭ بىر قاچىدا سۇ ئىچمەسلىكنى جېكىلەڭ. ھەر ۋاخ تاماقتىن كېيىن پۈتۈن قازان-قۇمۇچلارنى پاكىز يۇيۇڭ. تازىلىقى ناچار رېستورانلاردىن نېرى تۇرۇڭ.

8. ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ قايسى تۈردىكى ھايۋاندىن كەلگەنلىكى ئېنىقلىنىپ بولغۇچە، ھەر قانداق جانلىق ھايۋان ياكى بېلىق سېتىۋېلىشتىن، ئۆلتۈرۈشتىن ۋە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

9. ھاۋا رايى ياخشى بولسا، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينى ھاۋالاندۇرۇپ تۇرۇڭ. ۋىرۇسلار ھاۋا ئۆتىشىپ تۇرىدىغان يەرلەردە ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. بىراق، ھاۋا سۇغۇق، ھاۋارايى ناچار بولسا، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ھىم تاقاپ ئۆينى ئىسسىق تۇتۇڭ.

10. ئاخىرىدا، ناۋادا قىزىپ قالغان بىرەر دوستىڭىز ياكى ئائىلە ئەزايىڭىزنى بېقىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، يىم ماسكا تاقىۋېلىڭ، بىئارام بولمىسىلا، ئۇنىڭغىمۇ بىر تال ماسكا تاقاپ قۇيۇڭ. دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىزنىڭ يۈزىدىن كونا ۋە مەينەت ماسكىنى چىقارغاندا، قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراش ئۈچۈن، ۋىرۇس يۇشۇرۇنغان ماسكىنى پىلاستىك پەلەي بىلەن تۇتۇپ، بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان قاپنىڭ ئىچىگە سېلىڭ. قاپنى پىچەتلىگەندىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاڭ. قولىڭىزغا پەلەي كىيىپ تۇرۇپ، بىمارنىڭ يۈزىنى يىلمان سۇدا سوپۇنلاپ يۇيۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز لۆڭگە ياكى پاختا سۈرتكۈچ ئىشلىتىڭ. ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى قاپ ياكى پلاستىك خالتىغا ئوراپ ئائىلىڭىزنىڭ ئەخلەت توڭىغا تاشلاڭ. بىمار دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا، بەدىنىڭىزنى ئوراپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يەڭلىڭ كۆينەك ياكى باشقا كىيىم كىيىۋېلىڭ. كىرلىك، لۆڭگە ۋە قازان - قۇمۇچ... قاتارلىق بىمار كىيىدىغان ياكى تۇتىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى يىلمان سوپۇنلۇق سۇدا پاك - پاكىز يۇيۇپ تۇرۇڭ. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە، بىمارنى ئائىلىڭىزدە ئۇ راھەتسىز بولمايدىغان بىرەر ھۇجرا ياكى بولۇڭدا ئايرىم تۇتۇڭ. مۇھىمى، ئۇ باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئارىلاشمىسۇن. ناۋادا شارائىت يار بەرسە، ئۆينىڭ قارشى تەرىپىدىكى دېرىزىنى ئېچىپ قۇيۇڭ. سالقىن ھاۋا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ تۇرسۇن. ئەگەر ھاۋا بەك سوغۇق بولسا، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ئەلبەتتە. چۈنكى، ھاۋا بەك سوغۇق بولسا، ئۇ چاغدا، دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ كېسىلى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.

2020 –  يىلى 25 – يانۋار

Insanlar nime üchün Wuhen öpke yallughidin shunchilik endishe qilidu?




Memet Emin


Uning eng addi jawabi elwette hemme adem jinigha amraq, hichkim bu kiselning qurbani bolushni xalimaydu.

Mining qarshimche insanlar ikki xil ehwal astida eng köp endishe qilidu.

Uning biri insan yüzlen’gen kirzis toghursida yiterlik uchurgha irishelmigende we uningdin qandaq saqlinishni bilmigende qattiq endishe qilidu;

Hazir hemmeylen köriwatqinimizdek, insanlar bu virus we u keltürüp chiqarghan Wuhen öpke yallughi toghursida yiterlik birinji qol uchurgha irishelmigini üchün, bu virus toghursida her xil perez, gumanlar oturgha chiqip, insanlar arisida endishe we wehime peyda bolmaqta.

Yene biri insanlar yüzlen’gen kirzisning qanchilik qorqunushluq ikenlikini bilgende, qattiq endishe qilidu.

Men uninggha töwendiki ikki misal keltürüp ötimen.

Birinji misal
Hemmimizge melum bolghandek, Eydis kisili peyda bolghandin hazirgha qeder 40 yilgha yiqin waqit ichide 75 miliyundin artuq adem bu virus bilen yuqumlunup, 32 miliyundin artuqadem hayatidin ayrildi. Eydiz kisili tarqighan deslekke yillarda insanlar oxshashla qattiq sarasimgha chüshken, we bu kisel eng köp bolghanda yiligha 3.3 miliyundin köpeygen, yiligha 1.7 miliyundin adem eydiz kisili bilen ölgen. Hetta beziler bu kiselni Amirka ijat qilghan dep qarighan.

Hazir gerche pütün dunyada yenila 37 miliyundin artuq adem eydiz virusi bilen yuqumlan’ghan, yiligha 1.7 miliyun adem yingidin Eydiz virusi bilen yuqumliniwatqan, yiligha 770 ming adem eydiz kisili bilen ölüp kitiwatqan bolsimu, likin eydiz kisili hazir insanlar arisida bundaq sarasim qozghighini yoq, chünki insanlar bu kiselni az tola tonup yetti.

Ikkinji misal
1917 – yili bilen 1919 – yili arisida Yawropani merkez qilip, pütün dunyada tarqighan Ispaniye yuqumluq zukimi, eyni waqitta 500 miliyun ademge yuqup, 50 miliyundin artuq ademning jinigha zamin bolghan iken.

Shuningdin itiwaren, her qitim birer dölette birer yuqumluq kisellik tarqisa, insanlar bu qorqunushluq pajiyening qayta sadir bolushidin qattiq endishe qilmaqta.

Mining qarishimche yalghuz qorqush we endishe  qilish bilen hichqandaq ish hel bolmaydu, eng mohim özimizni qandaq qoghdashni, we u kiselliktin qandaq mudapiye körüshni bilishimiz kirek. Eng mohimi qandaq qilghanda wetendiki xelqimizning bu qabahettin saq salamet qutilishigha yardem qilalaymiz digen mesile üstide bash qaturishimiz kirek.

2020 - yili 1 - ayning 28 - küni

Tuesday, January 21, 2020

Wuhen öpke yallughi

Wuhen öpke yallughi

Memet Emın


Wuhen öpke yallughi yaki tipik bolmighan opke yallughi 2019 - yili 12 - ayning 12 - künidin bashlap Wuhende tarqilishqa bashlighan tipik bolmighan öpke yallughi bolup,  uni "Coronavirus" yeni "Tajisiman virusi" ning bir türi bolghan bir xil yingi tiptiki tajisiman virus keltürüp chiqarghan we uningha “ Wuhen öpke yallughi yaki tipik bolmighan öpke yallughidep atalghan bu kisel haywandin ademge we ademdin ademge yuqudighan bir xil ejellik yuqumluq kisellik bolup, insanlar u virus bilen yuqumlan'ghan deslepki mezgillerde adettiki zukam we yuqumluq zukam bilen oxshash alametler körilidiken. Texminen ikki hepte etirapida yoshurun mezgili bolidiken. Kisel ighirlashqanda öpke yallughining kisellik alametliri kilip chiqidighan bolup, u 2002 - we 2003 - yili Xitayda tarqalghan SARS kisili bilen oxshiship kitidiken.

Wuhen öpke yallughi tunji bolup tarqighan Wuhen Huanan Dingiz Mesulatlirini Top Sitish Baziri


Bu kisel Wuhendin bashlap tarqilip, hazir Xitaydiki 20 sheherge, Xongkonggha, Teywen'ge, Tayland, Koriye, Yapuniyege we Amirkigha tarqighan. Bu virusqa nisbeten hazir hichqandaq waksina we dora yoq. U virus keltürüp chiqarghan u tipik bolmighan öpke yallughigha nisbeten hichqandaq dawalash bolmighachqa, bimarning ölüp kitish nisbiti yuquri dep qaralghan, we shu seweptin u kisel hazir inlar arisida alahide jiddichilik peyda qilmaqta.

Hazirgha qeder, u kiselni keltürüp chiqarghan tajisiman yingi vurusining insanlargha sheperengdin yuqqanliqi texmin qilinsimu, biraq uning qandaq yuqqanliqi we uningdin qandaq saqlan'ghili bolidighanliqigha ait bek köp melumat yoq bolup, hazirche bizning qilalaydighan ishimiz, u virus bedinide u virus mewjut bolghan haywan yaki insan we u kiselge giriptar bolghan bimar bilen biwaste uchurshush jeryanida, nepes yoli, öz ara uchurshush, bimardin chiqqan beden suyuqluqi qatarliqlar arqiliq yuqishi mümkin dep qarap, bedinide u virus bolghan haywan yaki ademlerdin, u kiselge girptar bolghanlardin yiraq turush arqiliq, u kiselge giriptar bolushtin saqlinishimiz kirek.

Tajisiman virusi (Coronavirus) chong bir virus ailisi bolup, uning ichige köpligen viruslar kiridu. Bu virus tunji bolup 1960 - yilliri ademning burun boshliqidin tipilghan. Köpünchisi haywanlarda bolupmu töge, müshük we sheperenglerde bolup, hazirgha qeder ularning bir nechche xilining ademge yuqup kisel peyda qilidighanliqi melum. 1-ayning 22- kuni ilan qilin'ghan bir maqaligha asaslan'ghanda, Wuhende tarqighan u virusning yilandin ademge yuqqanliqi melum.


Hazirgha qeder bayqalghan insanlarda kisel peyda qilidighan tajisiman virusliri

1.     229E (alpha coronavirus)
2.     NL63 (alpha coronavirus)
3.     OC43 (beta coronavirus)
4.     HKU1 (beta coronavirus)
5.     MERS-CoV (the beta coronavirus that causes Middle East Respiratory Syndrome, or MERS)
6.     SARS-CoV (the beta coronavirus that causes severe acute respiratory syndrome, or SARS)
7.     2019 Novel Coronavirus (2019-nCoV)


2020 - yili 1 - ayning 21 - kuni

Saturday, January 18, 2020

Qan aylinish sistimisi toghursida qisqiche chüshenche


Qan aylinish sistimisi toghursida qisqiche chüshenche


Memet Emin

Qan aylinish sistimis bedende oksigin, karbon töt oksid we her xil maddilarni toshushtek mohim rol oynaydighan mohim bir sistima bolup, uni beden qan aylinish sistimisi yaki chong qan aylinish sistimisi we öpke qan aylinish sistimisi yaki kichik qan aylinish sistimisi dep ikki türge ayrish mümkin. Beden qan aylinish sistimisi yaki chong qan aylinish sistimisi oksigin we ozuqluq madilarni yuqursi mingige, töwini putqa yetküzüp, bedenning her qaysi qismini oksigin we ozuqluq bilen teminlesh bilen birge, bir tereptin bedendiki bezi qalduq maddilarni börek we tirigha toshup birip, südük we ter arqiliq beden sirtigha chiqirip tashlashqa yardem berse, yene bir tereptin bedenning her qaysi qismida hasil bolghan karbon 4 oksidni yürekke qayturup kilish rolini öteydu. Öpke qan sistimisi yaki kichik qan sistimisi, yürekke qaptip kelgen karbon 4 oksidni öpkige toshup birip, uni nepes arqiliq beden sirtigha chiqirip tashlash bilen birge nepes ilish arqiliq irishken sap oksigin yürekke yetküzidu.

Beden qan aylinish sistimisi yaki chong qan aylinish sistimisida, oksigin mol bolghan qan yürekning sol qirinchisi (left ventricle,左心室) din chiqip,  asasi qizil qan tomur (aorta 主动脉) we shaxche qizil qan tomur (artery arteriole) lar arqiliq bedenning bulung puchqaqliridiki qildam tomur (capillaries) largha birip, bedenni oksigin bilen teminlesh bilen birge, karbon 4 oksidni we kichik ücheydiki qildam tomurlar arqiliq irishken ozuqlularni ilip shaxcha kök qan tomur (venous) we asasi kök qan tomur (Vena cava) arqiliq yürekning ong dalancha (right atrium, 右心房) sigha qaytip kilidu we öpke qan aylinish sistimisi üchün, yürekning ong qirinchisigha kiridu. Andin öpke qan aylinish sistimisi we yaki kichik qan aylinish sistimisi arqiliq, qan yürekning ong qirinchisi (right ventricle,右心室)  din  öpke qizil qan tomur (pulmonary artery,肺动脉) arqiliq, öpke qildam tomur (alveolar capillaries) gha birip, u yerde bedenning her qaysi jayliridin ilip kelgen karbon 4 oksidni tashlap qoyup, yingi oksiginni ilip, öpke kök qan tomur pulmonary veinarqiliq, yürekning sol dalancha (left atrium, 左心房) gha qaytip kilidu we beden qan aylinish sistimisi üchün, yürekning sol qirinchisi (left ventricle,左心室) kiridu.

Qan aylinish sistimisining merkizi yürek bolup, u kökrek ichige jaylashqan. Uning wezipisi qanni siqip chiqirip, bedenning bulung puchqaqlirigha yetküzüp, bedenni zörür bolghan ozuqluq mada we oksigin bilen teminlesh, shuning bilen bir waqitta bedenning her qaysi jayliridiki exletlerni (karbon töt oksid we bashqa kireksiz maddilarni) munasiwetlik ezalargha yetküzüp, u yerdin beden sirtigha chiqirip tashlashqa yardem birish. Yuqarda dep ötkendek, qan yürekning bisimi arqiliq, qizil qan tomurlarda iqip, bedenning hemme yiridiki qildam qan tomurlargha yitip baridu we u yerdin kök qan tomurlar arqiliq yürekke qaytip kilidu.

Adem öre turghanda, putning alqini bilen minge yürekke eng yiraq bolghan eza bolup, putning alqini yürekke nisbeten eng töwen eza, minge bolsa yürekke nisbeten eng yuquri eza hisaplinidu. Yürektin chiqqan qan, yürek we qizil qan tomurning soqush küchige tayinip bedenning herqaysi jaylirigha yitip baridu. Yashning chongiyishi we bezi kiseller tüpylidin yürek azizlashqanda, simizlik we may tüpeylidin qizil qan tomur qitishiwalghanda, ularning soqush küchi ajizliship, bedenning yiraq qismigha bolupmu bedenning yuquri qismigha jaylashqan mingige qan asan yitip baralmaydighan ehwal kilip chiqidu. Yürekke qaytip kilidighan qan, bedenning yuquri qismidin igizlik periqige tayinip  kök qan tomur arqiliq yürekke qaytip kelsimu, biraq bedenning töwen teripidin bolupmu put we pachaqtin yürekke qaytip kilish unche rawan bolmaydu, u muskullarlaning herkitige tayindu.

Yashning chongshigha egiship yürek ajizlishidu, muskullar maghdursizlinidu, hette muskullar kichiklep, qorulup kitidu; qizil qan tomurlar qitiship, qan tomur témining ilastikiliq töwenlep,  tomurning diyamitiri kichiklep, yürektin chiqqan qanning bedenning bulung puchqaqlirigha bolupmu bedening yiraq qismigha yitip birish qiyinlishidu; qan bisimi yuqurlap, yuquri qan bisimi kilip chiqidu; yiraqtiki ezalarning qan teminati azlap kitidu. Kök qan tomurlar kengyip, tolghushup, bedenning yiraq qismidiki qanning kök qan tomur arqiliq yürekke qaytip kilish qiyin bolidu; yiraqtiki ezalardiki qildam tomurlar qan’gha tolup qalidighan ehwallar kilip chiqidu; netijide bedenning yiraq qismining qan aylinishi éghir tesirge uchuraydu.  

Bedendiki ezalarning qan aylinishi tosqunluqqa uchurghanda we qan aylinish rawan bolmighanda, her xil biaramliqlarni keltürüp chiqiridu. Mingige qan yitishmigende, oksigin we ozuqluq yitishmeslik tüpeylidin, asan mügdeydighan, iside saqlash töwenlep kitidighan, qizziqishi töwenlep kitidighan, bezide hetta bash aghridighan ehwallar körilidu. Mingige éghir derjide qan yitishmigende, qan yitishmigen mingide qansizlinip ölüsh peyda bolidu we bash qattiq aghridu, hette hushsizlinish we palej bolush kilish chiqidu. Mingidiki kök qan tomuridiki qan aylinish rawan bolmay, mingediki qan miqdari éship kitip, éghir derijide bash aghridighan, mingige qan chüshidighan, köngli iliship yandurghusi kilidighan, hetta qusidighan ehwallar körilidu. Yürekke qan yitishmigende, dimi siqilidighan, asan hasirap qalidighan we yürek tiqilmisi kilip chiqidu. Put qollargha qan yitishmigende,  oksigin we ozuqluq yitishmeslik tüpeylidin, put qolining barmaqliri aghridighan, qolishidighan, asan issimaydighan we yaki dawamliq tonglap turidighan engwallar körilidu. Bundaq ehwalda, issiq ötküzüsh arqiliq, qan tomurlarni kengeytip, kisel alametlirini yenggilletkili bolidu. Put qoldiki qildam tomurlarning qan aylinishi rawan bolmighanda, barmaqlar qolishidighan ehwallar peyda bolidu. Put qollardin yürekke qaytip kilidighan qan rawan bolmighanda, qildam tomurlar qan’gha tolup, etiraptiki nirwilargha bisim chüshürüsh arqiliq, aghriq peyda qilidu. Bundaq ehwal astida, soghaq ötküzüsh arqiliq, qan tomurlarni taraytip, kök qan tomurgha toplishiwalghan qan miqdaririn azayitqili we shu arqiliq aghriqni peseyitkili bolidu.

Adem tekshi yatqanda, yürek bilen bedenning köp qismi bir tekshilik üstige kilip, yürekning bedenning yuquri qismi bolghan mingige qan yetküzüsh bilen bedenning töwen qismi bolghan put we pachaqtiki qanning yürekke qaytip kilish, öre turghan’gha nisbeten köp asan bolidu. Yürekning xizmet yüki töwenley, yürekning soqishi astilaydu. Adem uzun mudet herket qilmay yatqanda, yürek shu aram alghan halgha könüp qalidu, muskullar ajizlishidu, herket qilishqa könelmeydighan ehwal kilip chiqidu. Shunga uzun mudet herket qilmaydighan we yaki karwat tutup yatidighan ehwaldin saqlinish kirek.

Insan saghlam yashash we uzun ömür körüsh üchün eng mohimi yash waxtidin bashlap, üzlüksiz herket qilip, chiniqip turush kirek. Dawamliq herket qilghan we chiniqip turghan ademning yürek iqtidari yaxshi bolidu, muskullar chong we küchlük bolidu, öpkining iqtidari yaxshi bolidu. Bedende qan aylinish her zaman yaxshi bolidu we bedening her qaysi jayliridiki ezalar yiterlik ozuqluq we oksigin’gha irisheleydu.   Herket qilghanda, terleshni biraq bek hasirap qalmasliqni asasi mexset qilish kirek. Hazirap qilish, yürekning yüki iship ketkenlik direk biridu. Terlesh, bedendiki may köydürülgenliktin direk biridu. Beden chiniqturushta, qandaq herket her ademning ehwaligha qarap periqliq bolup, eng mohim bolghini nime herket qilishtin bekrek, qilghan herketni izchil dawam qilishtur.