Blog Archive

Friday, September 2, 2016

دىيابىت كىسىلى توغۇرسىدا قىسقچە چۈشەنچە

دىيابىت كىسىلى توغۇرسىدا قىسقچە چۈشەنچە

مەمەت ئېمىن

دىيابىت (diabetes) كىسىلى يەنى قەنت سىيىش كىسىلى، شىكەر كىسىلى ياكى تاڭنىياۋبىڭ (糖尿病) دىگىنىمىز بەدەندىكى ئىنسۇلىن (Insulin) يەنى يىداۋسۇ (胰岛素) دەپ ئاتالغان ئاشقازان ئاستا بىزى (Pancreas) (胰腺) دە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىر خىل ھورمۇننىڭ كەملىكى ياكى يىتەرلىك خىزمەت ئوتىيەلمەسلىكى سەۋىبىدىن كىلىپ چىققان كىسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

دىيابىت كىسىلىنىڭ بىرىنجى تۈرى ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان دىيابىت كىسىلى ياكى 1- تۇردىكى دىيابىت كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كىسىلى بالىلاردا ياكى ياشلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ كەم بولىدۇ، يەنى بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئىشلەپ چىقارمايدۇ ياكى يىتەرلىك ئىشلەپ چىقارمايدۇ. ئۇلار پۈتۇنلەي دورا قىلىپ بىرىلگەن ئىنسۇلىنغا تايىنىپ ياشايدۇ.

دىيابىت كىسىلىنىڭ ئىككىنجى تۈرى چوڭلار دىيابىت كىسىلى ياكى 2- تۈردىكى دىيابىت كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كىسىلى چوڭلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ نىڭ مىقدارى يىتەرلىك بولمايدۇ ياكى ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇنۇملۇك بولمايدۇ.

چوڭلاردا بولىدىغان دىئابىت كىسىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2- تۇردىكى دىيابىت كىسىلى بولۇپ، 2- تۇردىكى دىيابىت كىسىلى پۈتۇن دىيابىت كىسىلىنىڭ 90% نى ئىگەللەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىشىپ بىرىشى، بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئىغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ 2- تۈردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يىشىمۇ كۈنسايىن ياشلاشماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 - يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 422 مىلىيۇن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىكەن. دىيابىت كىسىلى ئەڭ تىز كۆپىيىۋاتقان دۆۋلەتلەر پاكىستان، مىكسىكا، مىسىر ۋە ھىندىستان ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ 8.5% تىدە دىيابىت كىسىلى بار ئىكەن. ئافرىقىدىكى بەنىن دىيابىت كىسىلى ئەڭ ئاز دۆۋلەت  بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە ئاران 8 كىشى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. دىيابىت كىسىلى ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت تىچ ئوكياننىڭ ئوتۇرسىغا جايلاشقان ناۋرۇ بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە 241 كىشى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.




ئىنسۇلىن (Insulin) ياكى يىداۋسۇ (胰岛素) نىڭ خىزمىتى نىمە؟

ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە پارچىلىنىپ شىكەرگە ياكى گىلىكوزىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن شىكەر ياكى گىلىكوزا يەنە قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ. قاندىكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان ئاستى بىزىدىكى بىتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ھۇجەيرىلەر يىتەرلىك مىقداردا ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئاجىرتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىنسۇلىن گىلىكوزىنى بەدەندىكى مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى قوبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە پارچىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزا مۇسكۇل ھۇجەيرىسىگە كىرىپ، شۇ يەردە ساقلىنىدۇ ۋە مۇسكۇلنىڭ ھەركەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەگەر بەدىنىمىز ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقارمىغاندا، ياكى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن يىتەرلىك بولمىغاندا ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ئىشلەپ چىقىلغان ئىنسۇلىن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۆتىيەلمىگەندە، گىلىكوزا مۇسكۇلغا كىرەلمەيدۇ، يەنى بەدىنىمىز قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى شىكەر ماددسىنىڭ ياكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئىشىپ كىتىپ، سۈدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرلىدۇ. شۇڭا بۇ كىسەل شىكەر سىيىش ياكى قەنت سىيىش كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

دىيابىت كىسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

چوڭلاردا بولىدىغان دىيابىت كىسىلى ناھايتى ئاستا تەرەققى قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن يىللارغىچە ئوزىدە دىيابىت كىسىلى بارلىقىنى بىلمەي يۇرىدۇ. دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپتە پەقەتلا بىر ئاز ھارغىنلىق ھىس قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. كىيىنچە كىسەل تەرەققى قىلىپ تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

1.       كۆپ سىيىش، يەنى سۈدىكى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىش. بۇ ئاساسلىقى قاندىكى ئىشىپ كەتكەن شىكەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ.
2.       ئۇساش، يەنى سۇغا بولغان تەشنالىق بۇرۇنقىدىن ئىشىپ بارىدۇ. بىمار سۇنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەغىزى يەنىلا قۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى كۆپ سىگەنلىكتىن بولغان.
3.       ياندۇرغۇسى كىلىش ياكى كۆڭلى ئىلىشىش.
4.       كۆزى غۇۋالىشىش يەنى كۆزىنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىش.
5.       تاماقنى شۇنداق كۆپ يىسىمۇ يەنىلا ئورۇقلاپ كىتىش.
6.       قايتا قايتا ياكى ئاسان ياللۇغلىنىپ قىلىش.
7.       تىرە زەخمە بولغاندا، ياكى تىرادە يارا بولغاندا ئۇزۇنغىچە ئاسان ئەسلىگە كەلمەسلىك.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى بولۇشى مۈمكىن، يەنە بەزىلەردە ەقەت  بىر قىسمى ئالامەتلەر  بولۇشى مۈمكىن. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەر ئىلگىرى كىيىن بولۇپ كۆرىلىشى مۈمكىن، يەنە بەزى كبىمارلاردا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھىچقاندا كىسەللىك ئالامەتلەر بولماسلىقى مۈمكىن.

ئەگەر دىيابىت كىسىلى ۋاختىدا داۋالىتىلمىسا ياكى قاندىكى شىكەر ماددىسى ياخشى كونتۇرۇل قىلىنمىسا تۆۋەندىكى ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1.       كۆزى قارغۇ بولۇپ قىلىش.
2.       يۈرەك قان تومۇر زەخمىلىنىش ياكى يۈرەك قان تومۇر كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش.
3.       نىرۋا زەخمىلىنىش، بولۇپمۇ پۇت قولىنىڭ نىرۋىلىرى زەخمىلىنىپ، پۇت قولى قىچىشىش، يارا بولۇش ۋە قاتتىق ئاغرىش.
4.       مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ياكى مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى ھەسسىلەپ يۇقۇرلاش.
5.       بۆرەك زەخمە بولۇش، بۆرەك زەيىپلىشىش.
6.       ئەغىر ئاياق ئاياللارنىڭ بالىسى مەيىپ تۇغۇلۇپ قىلىش.
7.       ھاياتى خەۋەپكە ئۇچىراش ۋە ئۆلۇپ كىتىش.

قانداق كىشىلەر دىيابىت كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

2- تۈردىكى دىيابىت كىسىلى ئاساسەن چوڭلاردا بولىدىغان بولۇپ، ھەرقاندا كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى بار. بىراق بەزى ئامىللار كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتا بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1.       بەدەن ئغىرلىغى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇش.
2.       قوساق ۋە بەل قىسمى بەك سىمىز كىشىلەر، يەنى قوساق ۋە بەل قىسمىدى كۆپ مىقداردا ماي بار كىشىلەر.
3.       45 ياشتىن ئارتۇق كىشىلەر.
4.       ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا قاتناشمايدىغان كىشىلەر.
5.       ئۆيدىكى ئۇرۇق تۇققانلاردا دىيابىت كىسىلى بار كىشىلەر.
6.       ئغىر ئاياق بولغان ۋاختىدا قاندىكى گىلىكوزىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ياكى 4 كىلودىن ئارتۇق ئغىرلىقتكى بالا تۇققان ئاياللار.
7.       قاندىكى پايدىلىق كولەستىرول يەنى HDL نورمالدىن توۋەن بولغان كىشىلەر.
8.       قان بىسىمى يۇقۇرى كىشىلەر.

بۇرۇن 2- تىپتىكى دىيابىت كىسىلى گەرچە ئوتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۈندىن كۈنگە ياشلاشماقتا.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، دىيابىت كىسىلى ھەرگۈزمۇ شىكەر مىقتارى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولغان ئەمەس، بىراق ئادەم ماي ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسان سىمىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، يۇقۇردا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى.

دىيابىت كىسىلىگە قانداق دىياگۇنۇز قويىلىدۇ؟

دىيابىت كىسىلىگە دىياگۇنۇز قويۇش ئانچە قىيىن ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئاچ قوساق قان، تاماقتىن كىيىنكى 2 سائەت ئىچىدىكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگۇنۇز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۇرۇشلەرنى ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ ئىلىپ بارالايدۇ. قاندىكى شىكەر مىقدارى ئۆزگۈرەپ تۇردىغان بولۇپ، ئەگەر بىر قىتىملىق قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگۇنۇز ئىنىڭ بولمىسا،  "شىكەرگە چىداملىق تەكشۇرۇشى" يەنە (Glocose tolerance test) دەپ ئاتالغان بىر خىل تەكشۇرۇشنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، دىيابىت كىسىلىنىڭ بار يوقلىقىغا دىياگۇنۇز قويۇش مۈمكىن.



دىيابىت كىسىلىنى داۋالاش

دىيابىت كىسىلى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان كىسەل بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ كىسەلنى تولۇق داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا يوق. بىراق دىيابىت كىسىلىنى مۇھاپىق تەبىر قوللۇنۇش ۋە داۋالاش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈنلەي كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ.

دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە قانچىلىك ئىنسۇلىننىڭ بارلىقىغا، ۋە بەدەننىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىننى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغانلىغىغا ئاساسەن، ئىلىپ بىرىلىدىغان داۋالاشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

2- تۇردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر بەدەن ئغىرلىغىنى كونتۇرۇل قىلىش، دىيابىت كىسىلىگە ماس كىلىدىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش يەنى تەركىۋىدە شىكەر كۆپ بولغان ۋە تاكى تاتلىق يىمەكلىلەردىن ناھايتى ياخشى پەرھىز تۇتۇش، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئامال بار قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش، مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇش ئارقىلىق دىيابىت كىسىلىنى  كونتۇرۇل قىلىپ كىتەلەيدۇ. بەزى بىمارلار بولسا ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ياكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ياردەم بىرىدىغان بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ. بىراق دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ.

ئەلۋەتتە 1- تۈردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن داۋالشتىكى بىردىن بىر ئامال ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش بولۇپ، ئۇلار بىر ئۆمۇر ئىنسۇلىندىن ئايرىلالمايدۇ.

دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە يىمەكلىككە بولغان پەرھىزنى ۋە داۋالاشنى بىر ئۆمۇر داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، كىسىلىم ساقايدى دەپ داۋالاشنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قەتتى ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى قاندىكى شىكەر ماددىسىنى نورمال سەۋىيەدە كونتۇرۇل قىلىش، قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىگىز پەس بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بولمىسا كىيىنكى يامان ئاقىۋەتنى ھەرقانچە داۋالاپمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ.

دىيابىت كىسىلىنى داۋالاش باشقا كىسەللەرنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، داۋالاشتا بىمارنىڭ ۋە بىمارنىڭ ئاھىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى دوختۇر بىلەن ئوخشاي مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دىيابىت كىسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش، تەرەققى قىلىش ۋە داۋالاش جەريانىنى تولۇق چۈشۈنىشى، داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، دىيابىت كىسىلىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىشتا بەكلا مۇھىم.

 دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا قوللۇنىدىغان ئۇسۇللار
1. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، يەنى شىكەر تەركىۋى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەك ئىچمەكلەردىن يىراق تۇرۇش؛
2. يىمەك ئىچمەكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئاكىتىپ بەدەن چىنىقرۇرۇپ، بەدەن ئىغىرلىقىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش؛ ئالاھىدە سىمىز بولسا، چوقۇم ئورۇقلارش؛
3. دىيابىت كىسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورلاردىن بىر ياكى ئىككى خىل دورىنى تاللاپ، قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارغا ئاساسەن مۇھاپىق مىقتاردا ئۈزۈلدۈرمەي ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ ئەگەر دورىنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا ۋە ياكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارى ياخشى كونتۇرۇل بولمىسا، ۋاختىدا دورا مىقتارىنى مۇئاپىق ئاشۇرۇش، ياكى باشقا ئۈنۈملۈك دورىغا ئالماشتۇرش كىرەك. دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ، ھەر بىر بىمار ئۆز ئەھۋالىغا ۋە شاراھىتىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان دورىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى دورىنىڭ باھاسى ئۇنىڭ ئۈنىمىگە قاراپ بىكىتىلمەيدۇ، يەنى قىممەت دورا چوقۇم ئۈنۈملۈك دورا بولۇشى ناتايىن. دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئارىسىدا پەرىق كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن، بەزىلەرگە ياخشى ئۈنۈم بەرگەن دورانىڭ ھەممە ئادەمگە ياخشى ئۈنۈم بىرىشى ناتايىن ، ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر بىمارنىڭ ئۆزىگە ياخشى پايدا قىلغان يەنى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلغان دورا ئاندىن ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ.
4. ئەگەر دىيابىت كىسىلى دورىلىرنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا، ۋە ياكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارى بەك يۇقۇرى بولسا، ۋاختىدا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش كىرەك. ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە ئىنسۇلىن مىقدارنى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇش كىرەك.

ئۇندىن باشقا دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك.
1.       تاماقنى ۋاختىدا يىيىش، تاماقنىڭ مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. تاماقنىڭ ۋاختى ۋە مىقدارىدا ئىگىز پەس بولۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.
2.       يالغۇز شىكەر ماددىسى كۆپ بولغان  تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كونتۇرۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى مايلىق يىمەكلىكلەرنىمۇ مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تەركىۋى كۆپ بولغان، تالالىق تاتلىق بولمىغان كوكتاتلارنى، مايسىز سۇت ۋە ئورۇق گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىش كىرەك.
3.       قوساق ئىچىپ كىتىشتىن ياكى قاندىكى شىكەر مىقدارىنىڭ نورمالدىن تۆۋەن بولۇشىدىن ساقلىنىش كىرەك. ئەگەر قاندىكى شىكەر ماددىسى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولۇپ، كۆزى قاراڭگۇلۇشۇش، بىشى قىيىش، سوغاق تەر چىقىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەرھال ئازراق شىكەر ياكى نان يەۋىلىش كىرەك.
4.       مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش كىرەك. ئادەتتە مۆتىدىل ۋە ئۆزىگە ماس كىلىدىغان بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۇسۇلىدىن بىرەر ئىككىسىنى تاللاپ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا كۇپايە.
5.       بەدەن ئغىرلىغىنى چۈشۈرگەندە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئاستا ئاستا چۈشۈرۈش كىرەك. ئەڭ مۇھىمى بەدەن ئغىرلىغىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
6.       ئىشلەتكەن دورىنىڭ مىقدارىنى قاندىكى ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن ھەر زامان مۇھاپىق تەڭشەپ تۈرۈش كىرەك.
7.       تاماكا چىكىدىغانلار تاماكىنى تاشلاش كىرەك.
8.       كۆپ ھاراق ۋە پىۋا ئىچمەسلىك كىرەك. كۆپۈنچە ھاراق ۋە پىۋىنىڭ تەركىۋىدى كۆپ مىقتاردا شىكەر ماددىسى بولۇپ، ئۇلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلىشقا زىيانلىق.
9.       قان بىسىمىنى، كۆزىنى، بورەكنى ۋاختىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك.
10.     ئەڭ مۇھىمى يالغۇز دوختۇرنىڭ قىلىپلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىغىلا تايىنىپ قالماستىن، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزى ئەڭ ماس كىلىدىغان خاسلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاشتۇرۇش كىرەك.

سىمىزلىك توغۇرسىدا ئككى ئىغىز پاراڭ

سىمىزلىك توغۇرسىدا ئككى ئىغىز پاراڭ

مەمەت ئمىن

ھازىرقى زامان تىببى ئىلىمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىمىز  كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە سىمىزلىك  سەۋەبىدىن كىلىپ چىقان كىسەللىكلەر كۆپلىگەن تىببى مۇتىخەسىسلەرنىڭ دىقىتىنى قوزغىماقتا. بىراق خەلقىمىز ئارىسىدا سىمىزلىكنى  تۇرمۇش باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ سىمۇۋۇلى دەيدىغان قاراش يەنىلا مەۋجۇت. ئەمىلىيەتتە بولسا سىمىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان يۈرەك قان تومۇر كىىسەللىكلىرى، دىيابىت كىسىلى ۋە بەزى راك كىسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئەدەملەر ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

تۆۋەندكى كىسەللىكلەرنىڭ سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ئىسپاتلانماقتا.

1. تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر كىسىلى
2. قىزىل قان تومۇر قىتىشىۋىلىش
3. يۇقۇرى قان بىسىمى
4. مىڭە قان تومۇر كىسىلى
5. دىيابىت كىسىلى
6. ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئۆت كىسەللىكلىرى
7. مايلىق جىگەر كىسىلى
8. ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش
9. ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچۇراش
10. سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى
11. ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى
12. قىزىل ئۆڭكەچ راكى
13. بۆرەك راكى

ئۇندىن باشقا  <<يىڭى ئڭگىلەن تىببى جورنىلى>> نىڭ 2016 - يىلى 8- ئاينىڭ 25 - كۈندىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ ئاشقازان، جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بىزى، ئايالارنىڭ تۇخۇمدان، مىڭە، ئىلىك ۋە قالقانسىمان بەز راكى قاتارلىق 8 خىل راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى دوكىلات قىلغان. ئامىركىدا سىمىز ئادەملەر تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاچقا، سىمىزلىك بىلەن مۇنسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى ۋە راك كىسىلى ئامىركىدا  بىرىنجى نومۇرلۇق قاتىل ھىساپلانماقتا.

ئۇنداقتا سىمىزلىكنىڭ ئولچىمى نىمە؟ بەدەن ئىغىرلىقىمىز قانچىلىك بولغاندا نورمالدىن ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ؟ ۋە قانداق ئەھۋالدا بىز سىمىز بولغان بولىمىز؟ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى كىشىلەرنىڭ جىنسى پەرقى ۋە بويىنىڭ ئىگىزلىگى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەرلەرنىڭ نورمال ئىغىرلىغى ئاياللارغا نىسبەتەن سەل ئىغىر بولىدۇ.

ھازىر بەدەن ئىەىرلىقىنىڭ نورمال چە ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە  بىر ئاز كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسۇل بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى (BMI)  بولۇپ ، ئۇ بەدەن ئىغىلىقى (كىلو گىرام) نى بويىنىڭ ئىگىزلىگى (مىتىر) نىڭ كۇۋادىراتىدغا بۆلۈش ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىلىد.

بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىسى 18.5 بىلەن 24.9 ئارىسىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 25.0 بىلەن 29.9 ئارىسىدا بولسا بەدەن ئىغىرلىقى نورمالدىن سەل ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 30.0 بىلەن 34.9 ئارىلىقىدا بولسا يەڭگىل دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
بەدەن ئغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى  35.0 بىلەن 39.9 ئارىلىقىدا بولسا ئوتۇرال دەرجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.  
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 40.0 دىن ئارتۇق بولسا ئىغىر دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ. 


 دۇنيا سەچىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 - يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئىچىدە سىمىز كىشىلەر ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت كۇك ئارىلى دەپ ئاتالغان ئاۋۇستىرالىيەنىڭ يىنىدىكى بىر كىچىك دۆۋلەت بولۇپ، بۇ دۆۋلەتتىكى سىمىز كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 50.8% يەتكەن. ئۇندىن باشقا پىلاۋ دىگەن دۆۋلەتتە سىمىزلەرنىڭ نىسبىتى 47.6% ئىكەن. سىمىز كىشىلەر ئەڭ ئاز  بولغان دۆۋلەت شەرىقى تىمور دەپ ئاتالغان ھىندونىشىيەنىڭ شەرىقىدىكى بىر كىچىك دۆۋلەت بولۇپ، بۇ دۆۋلەتتىكى سىمىز كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 2.2% ئكەن. ئۇمدىن باشقا شىمالى كورىيەدە سىمىز كىشىلەرمۇ بەك ئاز بولۇپ، ئاران 2.4% ئادەم سىمىز ھىساپلىنىدىكەن. تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر ئىچىدە سىمىز كىشىلەر ئەڭ ئاز دۆۋلەت ياپۇنىيە بولۇپ،سىمىزلار  ئاران 3.3%  نى ئىگەللەيدىكەن. ھەمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ياپۇنلۇقلارنىڭ ئوتۇرچە ئومۇرى ئەڭ ئۇزۇندۇر.

ئادەتتە سىمىزلىك ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ مىقدارى، ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى، ئۈچەينىڭ تاماق تەركىۋىدىكى ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ئۈنىمى ۋە  بەدەننىڭ قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنى ئىستىمال قىلىش (پارچىلاپ كۆيدۈرۈش) ئەھۋالىغا باغلىق. يەنە يىگەن تاماق قانچە كۆپ ۋە كۈۋەتلىك (يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك) بولسا، ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى ۋە ئۈچەينىڭ  ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشى شۇنچە ياخشى بولسا، كۈندۈلۈك ھەركەت شۇنچە ئاز بولسا، ئادەم شۇنچە ئاسان سىمىرىدۇ، ئەكسىنچە تاماق مۇۋاپىق بولسا، كۈندۈلۈك ھەركەت يىتەرلىك بولسا، ئادەم ئاسان سەمىرمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنى  قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بىراق ئازقازان ئۈچەينىڭ چانداق بولۇشى بىزنىڭ كونتۇرۇللۇقىمىزدا ئەمەس.

نورمالدا بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاكىتىپ ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ئادەم كۈنىگە 2000 ~2500 كىلو كالورى ئنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىز بۇ ئىھتىياجلىق  بولغان ئىنىرگىيەنى ئاساسلىقى ماي، شىكەر ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئۇچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىمىز. بۇ يەردە دىيىلگەن ماي، ھايۋان ۋە ئوسۇملۇك مىيىدىن باشقا ماي تەركىۋى بار بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. شىكەر يەنى بولسا، شىكەر تەركىۋى بار بولغان كاربون سۇ بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاقسىل بولسا، تەركىۋىدە ئاقسىل بولغان ھايۋان، ئۇچار قۇش، سۇ ۋە دىڭىز مەسۇلاتلىرىنىڭ گۆشى، تۇخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق ئاھىلىسىگە كىرىدىغان بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەگەر بىز كۈندە ئىستىمال قىلغان يۇقارقى يىمەك ئىچمەك بىزنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىسە، ئارتۇق ئىنىرگىيە بەدەندە مايغا ئايلىنىپ ساقلىنىدۇ، نەتىجىدە بىز سەمىرىمىز ۋە بەدەن ئغىرلىقىمىز ئىشىپ بارىدۇ. شۇڭا بەدەن قوبۇل قىلغان ئىنىرگىيەنى كونترۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئارتۇق ئىنىرگىيەنى ھەركەت قىلىش ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ تاشلاش، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى نورمال كونتۇرۇل قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئىلمى ئۇسۇلىدۇر.

بىزنىڭ ئادەتتە نىمىگە پەرھىز  تۇتۇشىمىز مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىز ئىستىمال قىلىغان ھەرقانداق يىمەك ئىچمەكلىكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش، ۋە بەدىنىمىز ئىرىشمەكچى بولغان ئىنىرگىيە مىقدارىنى بەدىنىمزنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكتۇر.  بىزنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇقلار يۇقاردا دەپ ئوتكەندەك شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى)، ماي ۋە ئاقسىل بولۇپ، 1 گىرام ماي ۋە سىمىز گوش بىزنى تەخمىنەن 9  كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، 1 گىرام ئورۇق گوش، شىكەر  بىزنى 4 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1 گىرام تاتلىق بولمىغان سەي كوكتاتلار  بىزنى 2  كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز بىر كۈندە تەخمىنەن 50 گىرام ماي ۋە ياكى سىمىز گوش (450 كىلو كالورى)، 300 گىرام ئۇن ۋە گۇرۇچ تاماقلىرى (1200 كىلو كالورى)، 300 گىرام سەي كۆكتات (600 كىلو كالورى)  ئىستىمال قىلساق،  ئۇلار بىزنى جەمى 2250 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەكچىمەنكى فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجدىن ئېيىتقاندا  بىز بىر كۈندە پەقەت شۇنچىلىكلا يىمەكلىككە ئىھتىياجلىق.  بىراق ئەمىلىيەتتە بىز بىر كۈندە بۇنىڭدىن خىلى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىمىز، ئەگەر بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىككە چۇشلۇق ھەركەت قىلمىساق بەدەن ئىغىرلىقىمىز  بىز سىزە سەزمەيلا ئىشىپ بارىدۇ.

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا سىمىزلىكتىن ساقلىنىپ،  بەدەن ئغىرلىقىمىزنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىپ، جىسمانى جەھەتتە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز؟

بەدەن ئىغىرلىقىنى ئەڭ مۇھاپىق كونترۇل قىلىش ۋە ياكى ئورۇقلاشنىڭ  ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاكىتىپ،  تەننەرقى ئەڭ تۆۋەن، ۋە ئەڭ ساغلام بولغان ئۇسۇلى ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك مىقدارنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش  بىلەن  بىرگە كۈندۈلۈك ھەركەتنى كۆپەيتىش، ئەگەر بۇلار ئۈنۈم بەرمىسە،  قوللۇنىدىغان ئەڭ پاسسىپ ئۇسۇل ھەر خىل ئورۇقلۇتۇش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئوپىراتسىيە قىلىپ، بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى كىسىپ تالاش بىلان بىرگە، ئاشقازاننىڭ بىر قىسمىنى كىسىپ كىچىكلىتىشتۇر.

ئۇندىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلەنگەن نۇرغۇن خاتا كۆز  قارىشىمىزنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز  كىرەك؛ مەسىلەن "ياخشى تاماق ئىشىپ قالغۇچە، يامان قوساق ئىتىلىپ كەتسۇن" دىگەندەك قاراشلارنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك. ئەگەر ياخش تاماقنى ئىشىپ قالمىسۇن دىسەك، ئىھتىياجىمىزغا ۋە ياكى يەپ بولىشىمىزغا قاراپ بۇيرۇتساق بولىدۇ.  بەدەن ئغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكەن ۋە ياكى ئورۇقلىغان كىشىلەرنى كورگەندە، "ۋاي جۈدەپ كىتىپسەنغۇ" دىيىشنىڭ ئورنىغا "شۇنداق ساغلام كۆرۇنىسەن" دىيىشكە ئادەتلىنىشىمىز كىرەك.

باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى

باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى

مەمەت ئىمىن

بىر ئىتالەيەلىك دوختۇر بىر جۇڭگولۇق دوختۇر بىلەن بىرلىشىپ بىر روسىيەلىك پىدايىغا 2017 ـ يىلى دۇنيادا تۇنجى قىتىملىق باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ئىلىپ بارماقچى ئىكەن.

ئاخباراتلاردا گەرچە ئىتالىەلىك بۇ دوختۇر ئىلىپ بارماقچى بولغان ئوپىراتسىيەنى دۇنيادىكى تۇنجى باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتىيەسى دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بىراق مەن ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىدە قوللىنىپ كىلىۋاتقان مەنتىقە بويىچە، ئۇنى بەدەن ئالاماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى دەپ ئاتىسا تىخىمۇ مۇھاپىق بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ نامى ئورگان ئالامشتۇرۇشقا ئىھتىياجى بولغان كىشىنىڭ بەدىنىدىكى زەيىپلەشكەن ئورگاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن بۆرىكى زەيىپلىشىپ، بۆرەك ئالماشتۇرشقا ئىھتىياجى بولغان كىشىگە ئىلىپ بىرىلىدىغان ئوپىراتسىيە بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ روسىيەلىك ئەرنىڭ بەدىنى زەيىپلەشكەن بولۇپ، ئۇ بەدەن ئالماشتۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولغۇنى ئۈچۈن، بۇ ئوپىراتسىيەنى بەدەن ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى دەپ ئاتاش مەنتىقىگە تىخمۇ ئۇيغۇن بولسا كىرەك. ئەلۋەتتە مىنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بۇ ئوپىراتسىيەنى نىمە دەپ ئاتىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى بۇ ئوپىراتسىيەنىڭ قانداق نەتىجە بىرىشى.

بۇ ئىتالىيەلىك دوختۇر گەرچە ئۆزىنىڭ تۇنجى باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنى 2017 ـ يىلى ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى بىر يىل بۇرۇن ئىلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزى ئىلىپ بارماقچى بولغان بۇ باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە مۇھاپىق كاندىدات بولـمىغاچقا، ئوپىراتسىيەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئىنىق ۋاختىنى بىلدۈرمىگەن. بۇ يىل 8 ـ ئايدا بەدەن قىسمى ساقايماس ئىرسى كىسەلگە گىرىپتار بولغان روسىيەلىك بىر ياش ئەر بۇ ئوپىراتسىيەگە پىدايى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قايتىدىن قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان، ۋە يىقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان دۇنيادىكى چوڭ ئاخبارالاردا خەۋەر قىلىنغان.

ئىتالىيەلىك دوختۇر ھەمكارلاشماقچى بولغان جۇڭگولۇق دوختۇر خاربىن تىببى ئۇنىۋىرسىتىدىكى رىن شاۋپىڭ دىگەن دوختۇر بولۇپ، ئۇ دوختۇر ھازىرغا قەدەر چاشقاندا 1000 دىن ئارتۇق باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ئىلىپ بارغان، ۋە بۇ توغۇرسىدا خەلىقئارا جورناللاردا ئىلمى ماقالە ئىلان قىلغان. ھازىر باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى جەريانىدىكى تەخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەل بولغان بولسىمۇ، ھەم بۇ دوختۇر چاشقاندا ئىلىپ بارغان باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ مۇھاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى، باش ئالماشتۇرۇلغان چاشقاننىڭ كۆزىنى ئاچالىغانلىقىنى ۋە ئەتىراپتا ھەركەت قىلغانلىقىنى بىلدۇرگەن بولسىمۇ، بىراق كۆپۈنچە مۇتىخەسىسلەر باش ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىلغان چاشقاننىڭ بىر نەچچە مىنۇتتىن ئارتۇق ياشىمىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويۇپ، بۇ ئوپىراتسىيەنى ئىنكار قىلغان. يىقىندا بۇ ئىككى دوختۇر باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ مايمۇندا مۇھاپىقىيەتلىك ئىلىپ بارغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيە قىلـماقچى بولغان ئىتالىيەلىك دوختۇر گەرچە بۇ ئوپىراتسىيەگە چوڭ ئۈمۈت بىلەن ئاكىتىپ قاراشتا بولغان بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن مۇتىخەسىسلەر بو ئوپىراتسىيەگە سەلبى قاراشتا بولـماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بو بىر ئىلمى تەتقىقات داھىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن، ۋە ئىنساننى سىناق قىلىشتەك مىدىتسىنا ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەشغۇلات ئىكەن. ئوپىراتسىيە ئۈچۈن نەچچە ئون مىلىيون دوللار چىقىم كىتىشى، ھەم نەتىجىدە ئوپىراتسىيەنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۈمكىن ئىكەن.

ئۇندىن باشقا ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇننى چەكلىمە تۈپەيلىدىن ئىلىپ بىرىلماقچى بولغان باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ ئامىركا ۋە ياكى ياۋروپادا تەستىقلىنىش ئىھتىمالى بەك تۆۋەن ئىكەن، ئۇ ئوپىراتسىيەنىڭ جۇڭگودا ئىلىپ بىرىلىش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن.

بو ئورگان ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ئەنئەنىۋى ئورگان ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىدىن كۆپ پەرىقلىق بولغاچقا، بىزگە نۇرغۇن سۇئاللارنى پەيدا قىلىىشى مۈمكىن. مەسىلەن ئوپىراتسىيەدىن كىيىن ئىككى ئىنساننىڭ بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان يىڭى ئادەمنىڭ ئىرسى كىملىكى (genetic identity) قانداق بولىدۇ؟ بەدەندىكى گىن كونتۇرۇل قىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بىرەمدۇ يوق؟ مىڭە بىلەن بەدەن ماسلىشالامدۇ؟ بەدەن مىڭىنىڭ بۇيرۇقىنى توغۇرا قوبۇل قىلالامدۇ؟ ئەگەر بەدەن مىڭىنىڭ بۇيرۇقىنى توغۇرا قوبۇل قىلالمىسا نىمە ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟ مەسىلەن مىڭە بىرسى بىلەن كۆرىشىمەن دىسە، قول قارشى تەرەپنىڭ قولىنى قايرىپ سۇندۇرۇپ قويىدىغان خاتالىق يۈز بىرەمدۇ يوق؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بىز ماشىنا ھەيدىگەندە ماشىنىنى ئالدىغا ھەيدەش ئۈچۈن مايغا دەسسىگىنىمىزدە ماشىنا چوقۇم ئالدىغا ماڭىدۇ، ئەگەر بىرەر يەردىن چاتاق چىقىپ، ماشىنا ئالدىغا ماڭماي كەينىگە كىتىپ قالسا، بەلكىم بەزى ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەت يۈز بىرىشى مۈمكىن. ئۇندىن باشقا بەدەن پەقەت ۋە پەقەتلا مىڭىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنىدىغان «قۇل» قىلىپ يارىتالغانمۇ ياكى مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغان ئەركىنلىكى بارمۇ؟ نورمالدا باش كىسىلسە يۈرەك ھەركەتتىن توختايدۇ، بىراق مىڭىسى ئۆلۈپ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلانغان ئادەمنىڭ يۈرىكى ئۇزۇن مۇددەت سوقاپ تۇرىدۇ. يەنە ئۇندىن باشقا ھازىرقى زامان تىبابىتى بىلـمىگەن، ۋە بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن نۇرغۇن مەسىلىلەر دۇنياغا كىلىشى مۈمكىن.

نورمالدا بىز باشقىلارنىڭ كىملىكىنى چىرايىغا قاراپ بىكىتىمىز، بىراق قانۇندا بىراۋنىڭ كىملىكىنى ئۇنىڭ چىرايىدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى بارماق ئىزى ۋە DNA گە قاراپ بىكىتىدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ كىملىكى چىرايغا قاراپ بىكىتىلگەندە، بۇ كىشىنىڭ كىملىكى باش ئىگىسىنىڭ كىملىكى بولىدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ كىملىكى بارماق ئىزىغا ئاساسەن بىكىتىلسە، بەدەن ئىگىسىنىڭ كىملىكى بۇ كىشىنىڭ يىڭى كىملىكى بولىدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ كىملىكى DNA گە قاراپ بىكىتىلگەندە، ئۇ چاغدا DNA تەكشۇرۇش ئۈچۈن ئالغان توقۇلـمىنى نەدىن ئالغانلىققا باغلىق بولىدۇ. بىراق مەن بۇ يەردە دىمەكچى بولغان كىملىك بولسا بىر ئادەمنىڭ ئىرسى ۋە گىن ئالاھىدىلىكىدۇر (genetic identity). بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلىشى مۈمكىن، ھەتتا ھۆسنى تۈزەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، چىرايىنى ئۆزگەرتەلىشى مۈمكىن، بىراق مەن بۇ يەردە دىمەكچى بولغان ئىرسى كىملىكنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتىش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئىرسى ئالاھىدىلىكى ئاتا ئانىدىن كىلىدۇ، ئادەم بالاغەتكە يەتكەندە ئىرسى ئالاھىدىلىكتە كۆپ ئۆزگۈرۈش بولـمايدۇ.

ئەلۋەتتە ھازىر بىز تىخى بۇنداق بىر ئوپىراتسىيەنىڭ رەسمى رىياللىققا ئايلىنىدىغان ياكى ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلـمەيمىز، ھەم ئەگەر كىلەر يىلى شۇنداق بىر ئوپىراتسىيە بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلـمەيمىز. ھەم كۆپۈنچىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھىچقانداق بىۋاستا مۇناسىۋىتى يوق. مىنىڭ بۇ مەسىلىنى بۇ يەرگە كۆتۈرەپ چىقىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بو ھازىرقى زامان تىبابىتىدە تىببى ئەخلاقى پەزىلەت بىلەن چىتىشلىق، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن بولغان سەزگۈر مەسىلىلە بولغۇنى ئۈچۈن، بىزنى مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا ئەتىراپلىق ئويلىشىمىزغا، ئەتىراپلىق تەپەككۇر قىلىشىمىزغا تۈرتكە بلۇشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن دوستلارنىڭ مۇنازىرە قىلىپ بىقىشىغا سۇنۇپ قويدۇم.