Blog Archive

Thursday, January 25, 2018

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟


ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟

مەمەت ئمىن

دۇنيادا ساغلاملىققا ئىنتىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ساغلام ياشىغىلى بولىدۇ؟ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئۆزىنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يىتىشىمىزگە توغۇرا كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

ساغلاملىق، ئۇ بىر نىسپى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ روھى ساغلاملىق ۋە جىسمانى ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ ھەر خىل فىزىلوگىيەلىك فونكىسىيەسى نورمال يۈرۈشسە، ۋە بەدەندە ھازىرقى تىببى سەۋىيە داھىرسىدە تەكشۈرۈپ بايقىغۇدەك ئالاھىدە نورمالسىزلىق بولمىسا، ئىنسان ساغلام ھىساپلىنىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار گەرچە ھەر خىل ۋە مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1. ئىرسى ۋە تۇغما ئامىللار؛ بۇ خىل ئامىللار ئادەتتە بىزنىڭ كونتۇرۇل قىلىشىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن يەنى مۇنداقچە ئەيىتقاندا پىشانىمىزغا پۈتۈلگەن ئامىللار بولۇپ، بەزىلىرى ئاتا- ئانىلىرىمىز ۋە چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرىمىزنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولسا، بەزىلىرى ھازىرغا قەدەر ئىنىق بولمىغان سەۋەپلەردىن بولغان؛
2. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يىمەك ئىچمەك ئادەتلىرى، ھەركەت قىلىش، بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا بولغان ئاكىتىپچانلىقى ۋە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى؛
3. بەدەننىڭ تۇغما ۋە كىيىن ئىگە بولغان كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش (ئىمىيۇنۇت) كۈچى؛
4. ئىنسانلار ياشاۋاتقان دەۋىر ۋە رايۇننىڭ پەن تەخنىكا، ئىختىزادى تەرەققىياتى، ساقلىقنى ساقلاش ئۇنىۋىرسال سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمايى پاراۋانلىقى؛
5. ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سۇپىتىگە بولغان تەلەپ ۋە مەسۇلىيەت تۇيغىسى؛
6. ئىنسانلار ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئىكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلىقى ۋە بۇلغۇنۇش ئەھۋالى؛
7. ئىنسانلارنىڭ كەسسىپى ۋە خىزمەت خاراكتىرى؛
8. ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتى؛
9. ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، ۋە شەيىلەرگە بولغان ئاكىتىپ، ئۇمۇتۋارلىق قارىشى؛

ساغلىقنى ساقلاش بويۇملىرى

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دىگىنىمىز بەدەنىمىز ئىھتىياجىلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ھەر خىل ساغلاملىق مەسۇلاتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. خەلقارادىكى ھەر قايسى دوۋلەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا بەرگەن تەرىپلىرى ۋە ئۇنى كونتۇرۇل قىلىشتىكى قانۇن تۇزۇملىرىدە بەزى پەرىقلەر بولسىمۇ، بىراق ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئاساسەن ئوزۇقلۇق تولۇقلۇغۇچىسى قاتارىدا مۇھامىلە قىلىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئوخشىمىغان دۆۋلەتلەردە ئوشىمىغان ناملار بىلەن  ئاتىلىدۇ
"Food supplements"  "Dietary supplements"
"保健品"

جۇڭگونىڭ "ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى" غا بەرگەن تەرىپلىرى

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل فونكىسىيەسىنى تەڭشەش، بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بويۇملارنى كۆرسىتىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ كىسەل داۋلاش ئىقتىدارى يوق، بىراق بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، قاندىكى ماينى ۋە  شىكەرنى توۋەنلىتىشكە ياردەملىشىش، قان بىسىمىنى توۋەنلىتىشكە ياردەملىشىش، ئوكسىدلىشىشنى توساش، ئەستە ساقلاش ۋە خاتىرسىنى ياخشىلاش، بەدەن ۋە كوزىنىڭ ئاسان ھىرىپ قىلىشنى تۆۋەنلىتىش، بەدەننىڭ قوغۇشۇن تازىلىشىنى ياخشىلاش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، سۈت ئاجىرتىپ چىقىرىشنى ياخشىلاش، بەدەننىڭ ئوكسىگىن كەملىكىگە بولغان چىداملىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، بەدەننى رادىياكتىپلىق نۇرنىڭ زىيانىنىدىن ساقلىشىغا ياردەم بىرىش، ئورۇقلاش، ئۆسۈپ يىتىلىشنى ياخشىلاش، سوڭەك زىچلىغىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك قان كەملىكنى ياخشىلاش، جىگەرنى ئاسىراش، دانىخورەكنى يوقۇتۇش، سەپكۇللەرنى يوقۇتۇش، تىرىنى ياخشىلاش، ئۇچەيدىكى باكتىرىيە ئىقتىدارىنى تەڭشەش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئۈچەي ۋە ئاشقازان تىۋىتلىرىنى قوغداش، ئىچى قىتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.

ئامىركىنىڭ "ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى" غا بەرگەن تەرىپلىرى

  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دىگىنىمىز يىمەكلىكلەرنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكتىن يىتەرلىك قوبۇل قىلالمىغاندا، بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىدىغان يىمەكلىكلەر تولۇقلىمىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئادەتتە كىسەل داۋلاش ۋە ياكى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.  ئامىركىدا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئامىركىنىڭ يىمەكلىك ۋە دورا ئىدارىسىنىڭ كونتۇرۇل قىلىش داھىرسىدە بولۇپ، پۇتۇنلەي يىمەكلىك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. نورمالدا ھىچقانداق بىر مەمۇرى ئورگان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنىمىگە كاپالەت قىلمايدۇ، پەقەتلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدۇ؛ مەسىلە كۆرۈلگەندە ئاندىن تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ تۇرلىرى

ئادەتتە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ كۆپۈنچىسى تەبىئى خام ئەشىيالار تەركىۋىدىن ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بولغان مەلۇم بىر ياكى بىرنەچچە خىل ماددىلارنى تاللاپ چىقىرىپ دورا شەكلىدە ياساپ چىقان مەسۇلات بولۇپ، بەزىلىرى تابىلىت شەكلىدە بولسا، بەزىلىرى كاپسىل شەكلىدە بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى سۇيۇقلۇق (شەربەت، مەلھەم) شەكلىدە بولسا، بەزىلىرى ئۇن، كىپەك ۋە ياكى تالقان شەكلىدە بولىدۇ.

بىز نورمالدا ئۇچۇرتۇپ تۇرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ۋىتامىنلار: ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زورۇر بولغان كوپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، ئادەتتە كوپ ئىشلىتىلىدىغان 13 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىنلار بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مىنىرال ماددىلار: مىنىرال ماددىلار دىگىنىمىز بەدەن قۇرۇلىشىدا ۋە بەدەننىڭ نۇرغۇن مۇھىم فونكىسىيەسىنى ساقلاشتا ناھايتى مۇھىم بولغان ئانورگانىك ماددىلار بولۇپ، ئۇلار كالتسىي، ماگنىي، تومۇر، كالىي، ناترى، خىلور، يود، پوسپۇر قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە كالتسىي، تومۇر، ماگنىي، يود كەملىك بىر ئاز كوپ ئۇچۇرغانلىقى ئۇچۇن، ساقلىقنى ساقلاش داھىرسىگە كىرىدىغان مىنىرال ماددىلارمۇ ئاساسلىقى مۇشۇ ئۇچ خىل مىنىرال ماددىنى كوزدە تۇتىدۇ.

ئۆسۈملۈك دورىلىرى:  ئۆسۈملۈك دورىلىرى گەرچە دورا دەپ ئاتالغان بولسىمۇ بىراق ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ بەدىنىمىزدە ئوينايدىغان رولى ئادەتتە بىز دەۋاتقان دورىلاردىن كوپ پەرىقلىق بولغانى، ئۇلارنىڭ كىسەل داۋالاش مىخانىزىمى ئىنىق بولمىغىنى ئۇچۇن، بارلىق ئوسۇملۇك دورىلىرى (مەيلى جوڭيى دورىلار بولسۇن ۋە ياكى بىزنىڭ مىللى تىبابەت دورىلىرىمىز بولسۇن) ئامىركىدا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كاتىگورىيەسىگە كىرگۇزىۋىتىلگەن.

ئامىنو كىسالتاسى ۋە ئاقسىل: ئامىنو كىسالتاسى ۋە ئاقسىل بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بەدىنىمىزدە ناھايتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئوتەيدۇ. ئەگەر بەدىنىمىز يىتەرلىك ئامىنو كىسىلتاسى ۋە ئاقسىلغا ئىرىشەلمىسە بەدىنىمىز نومال يىتىلمەيدۇ، ۋە بەدىنىمىزنىڭ ھەر خىل فونكىسىيەسى نورمال يۇرۇشمەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بەدىنىمىز كۇندۇلۇك يىمەكلىكلەردىن بۇ ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەندە بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق.

مايلىق كىسىلتاسى: بۇ خىلدىكى ساقلقىنى ساقلاش بويۇملىرى ئومىگا- 3، بىلىق مىيى، بىلىق جىگەر مىيى قاتارلقىلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ماددىلارمۇ بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددىلاردۇر.  بەدىنىمىزنىڭ بۇ خىلدىكى ماددىلارغا بولغان ئىھتىياجى يىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرىقلىق. ئەگەر بەدىنىمىز كۇندۇلۇك يىمەكلىكلەردىن بۇ ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەندە بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق.

تالا تاللالار: بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كىپەك، قوناقلاردىن ياسالغان بولۇپ، تەركىۋىدە كوپ مىقداردا تالالار بار، سەي كوكتات ۋە تەركىۋىدە تالا بار يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئادەتلەنمىگەن، ئىچى ئاسان قىتىۋالغان كىشىلەرگە نىسبەتەن چوڭ تەرەتنى بوشۇتۇش ۋە ئۇنى راۋان قىلىش ئەھمىيىتى بار.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

1. مەيلى قايسى تۈردىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇمى بولۇشتىن قەتتى نەزەر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادەم بەدىنىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلمايدۇ. ئۇ پەقەتلا بىز كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكتىن يىتەرلىك ئىگە بولالمىغان ۋە بەدىنىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان بەزى ماددىلارنى تولۇقلاپ بىرىدۇ.
2. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش دورا ئىشلەپ چىقىرىشتىن كۆپ پەرىقلىق بولۇپ، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا، بازارغا سىلىشقا بولغان تەلەپ ۋە قانۇن تۇزۇملەر دورىلارغا نىسبەتەن كۆپ ئاددى ۋە ئارىسال بولىدۇ.
3. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازارغا سىلىشتا ئۈنىمى ۋە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن دورىلارغا تەلەپ قىلغاندەك ئالاھىدە تەتقىقات ئىسپاتى ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھەم كىلىنىكىلىق سىناقمۇ ئىلىپ بىرىلمايدۇ.
4. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئەنئەنەۋى تۇرمۇش تەجىربىلىرىدىن چىقىرىلغان يەكۈنگە ئاساسەن ئىشلەپ چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ ئۈنىمى ۋە پايدىسى توغۇرسىدا سىستىمىلىق بىر تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەلەپ قىلىنمايدۇ.
5. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دورا ئەمەس، نورمالدا ئۇلارنىڭ كىسەل داۋالاش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ھەرگۈزمۇ دورىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ؛ شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى كىسەل داۋالايدىغان دورا قاتارىدا تەشۋىق قىلىش ۋە سىتىش بىر خىل مەسۇليەتسىزلىك.
6. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئىچىدە ۋىتامىنلار، كالتسى  ۋە بەزى ماددىلارنىڭ ئۇلارنىڭ كەملىكىدىن كىلىپ چىققان بەزى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى ۋە بۇ خىل كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنىمى بولغىنىدىن باشقا مۇتلەق كوپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى يوق.
7. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئادەتتە يىمەك ئىچمەك خام ئەشىيالىرىدىن ۋە ياكى تەبىئى ئوسۇملۇكلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ؛ شۇڭا ئەكىس تەسىرى نىسبەتەن تۆۋەن، بىخەتەرلىكى نىسبەتەن يۇقۇرى بولىدۇ، بىراق بۇنداق دىگەنلىك ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەكىس تەسىر يوق دىگەنلىك ئەمەستۇر. بەزى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ساغلاملىققا بەزى يامان ئاقىۋەت ئەكەلگەنلىك توغۇرسىدىكى دوكىلاتلار مەۋجۇت.
8. مەلۇم بىر ساقلىقنى ساقلاش بويۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىۋىنىڭ تۈرى يىمەكلىكلەردەك كۆپ ئەمەس، بىراق ئۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك تەركىۋىنىڭ مىقدارى يىمەكلىكلەردىن يۇقۇرى، يەنى ئۇنىڭ ئۇنۇملۇك تەركىۋى ئادەتتىكى يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زور دەرىجىدە قويۇقلاشتۇرۇلغان بولىدۇ؛
9. ھەرقانداق ساقلىقنى ساقلاش بويىمى پەقەت ۋە پەقەتلا يىمەكلىكلەرنىڭ تولۇقلۇغۇچىسى بولۇپ، ھەرگۈزمۇ يىمەكلىكنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
10. بەدەننىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوبۇل قىلىشى  ئادەتتىكى يىمەك ئىچمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئوخشايدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق بىزنىڭ ساقلىقىمىزنى ساقلاپ ساغلام ياشىشىمىزنى كاپالەت قىلالامدۇ؟

بىر ئادەمنىڭ ساغلام ياشىشى كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر گىرىپتار بولىۋاتقان كىسەللەرنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئوزۇقلۇنۇش ۋە يىمەك ئىچمەكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار گىرىپتار بولىۋاتقان بەزى كىسەللەرنىڭ سەۋەپلىرى ۋە كىلىپ چىقىش جەريانى ئىنىق بولىسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كىسەللەرنىڭ سەۋەبى ۋە كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرى تىخى ئىنىق ئەمەس. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا قارغۇلارچە چوقۇنۇپ، ئۇلارنى ھەممە كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاشنىڭ كاپالىتى دەپ قاراش توغۇرا ئەمەس.

نۇرغۇن كىشىلەردە "بۆرەك يىسە بۆرەككە پايدىسى بار، جىگەر يىسە جىگەرگە پايدىسى بار" دەيدىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىمەكلىك ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى تەركىۋىدىكى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى، خىزمىتى توغۇرسىدا تولۇق چۈشەنچىسى يوق. ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى تامامەن ھەزىم بولۇپ پارچىلىنىپ بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان خام ئەشىيلارغا ئايلىنىدۇ؛ ئاندىن بەدەن ئوز ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇ خام ئەشىلاردىن پايدىلىنىپ ئوزى ئىھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ۋە ياكى يىقىلغۇغا ئايلاندۇرۇپ بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەدەن ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەن ماددىلارنىڭ بەدەنگە يالغۇز كوپ ئەھمىيىتى بولماي قالماستىن ئەكسىنچە بەدەن يۇكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ بەزى زىيان زەخمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. شۇڭا گەرچە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ نۇرغۇن دورىلارغا نىسبەتەن ئەكىس تەسىرى توۋەن، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقۇرى بولسىمۇ، بىراق بەدەن ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەن قىسمى بەدەندە مەلۇم يامان ئاقىۋەت ئەكىلىشى ۋە مەلۇم ماددىلار بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ بولۇپمۇ ئوخشاش تەركىۋى بار باشقا بويۇملار بىلەن ۋە ياكى بەزى دورىلار بىلەن بىرگە ئىشلەتكەندە، بۇ خىل يامان تەسىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى تىخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كىشىلەرنىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتى، شاراھىتى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى بەزى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان، ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان خەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەن بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بەدەننىڭ شۇ زورۇر بولغان ماددىلارنى تولۇقلىشىدا ۋە بەدەننىڭ نورمال فونكىسىيەسىنى ساقلىشىدا ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار بولۇپ، بەدەننىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ نىمە خىزمەتلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى چۇشۇنۇپ يىتىش، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى توغۇرا قوللۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە پايدا ئەكىلىدىغان ھەقىقى تۈردىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئايلاندۇرۇشتا بەكلا مۇھىم.

ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟

ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم ئارزۇ ئىستەكى بولسا كىرەك. ئىنساندا يالغۇز گۈزەل ئارزۇ ئىستەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چۇشلۇق ھەركەت بولمىسا، ئۇ ئارزۇ ئىستەكلەر ئۆزلىگىدىن رىياللىققا ئايلانمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ سالىقنى ساقلىشى ۋە ساغلام ياشىشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇش پوسىتسىيەسى، دۇنيا قارىشى ۋە ئىلمى ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇمۇشىدىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز ھەرگۇزمۇ مەلۇم ياشقا بارغاندا، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ھەر خىل ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلمەيمىز.

بىز ساغلام ياشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۇرمۇش ئادىتىمىز ۋە تۇرمۇش پوزىتسىيەلىرىمىزنى ساغلاملاشتۇرىشىمىز كىرەك
1. ئاكىتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى يىتىلدۇرىشىمىز كىرەك.
2. بىز ھەر خىل يىمەك ئىچمەكلەرنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىشىمىز  ۋە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەت قىلىشىمىز كىرەك.
3. مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى كونتۇرۇل قىلىشىمىز كىرەك.
4. بەدىنىمىزگە زىيانلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئامال بار ساقلىنىشىمىز ۋە ياكى ئۇلاردىن يىراق تۇرىشىمىز كىرەك.
5. مۇھىت ۋە شەخسى تازلىقىمىزغا ئەھمىيەت بىرىشىمىز، مۇھىتنى قوغدىشىمىز، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك.
6. قەرەلىك ساغلاملىق تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق بەدەندە سادىر بولغان ھەرقانداق نورمالسىزلىقلارنى ۋاختىدا بايقاپ، ۋە ئۇنى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كىرەك.
7. زۆرۈر بولغان ۋاكسىنىلارنى ۋاختىدا ئۇدۇرىشىمىز كىرەك.

قانداق كىشىلەر ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئىھتىياجلىق؟

ئادەتتە يىمەكلىك تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلغان، كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكلەر ئارقىلىق بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىگە بولغان ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىستىمال قىلىشىنىڭ كۆپ زورۇريىتى يوق.

توۋەندىكى كىشىلەر ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى مۇھاپىق ئىستىمال قىلسا بولىدۇ
1. ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان، ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەن كىشىلەر؛
2. مەلۇم خىلدىكى ماددىلارنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن بەزى مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر كىلىپ چىققان ۋە ياكى كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغانلار؛
3. مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ماددىغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكى بۇ ماددىنىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەن، ۋە نورمال يىمەك ئىچمەك ئارقىلىق بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشىش قىيىن بولغان كىشىلەر؛
4. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بوۋاقلار ۋە ياشانغان كىشىلەر؛
5. بەزى ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللەرگە بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاستا خاراكتىرلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى بىر خىل ياردەمچى داۋالاش ۋاستىسى قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدۇ؛
6. ياشاۋاتقان شاراھىتتا ۋە ياكى ھازىرقى دوختۇرلۇق سەۋىيەسىدە داۋالاش ئامالى بولمىغان كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ئۆز ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ مىھاپىق بولغان ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى بىر خىل ئامال يوقنىڭ ئامالى قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدۇ؛

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللىغاندا ۋە ئىشلەتكەندە نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللىغاندا، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، نوپۇزلۇق شىركەتلەر ئىشلەپ چىقارغان، ئوزۇقلۇق تەركىۋى ۋە ماس كىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنىق ۋە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئەسكەرتىلگەن، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى شىپالىق دورا قاتارىدا ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ ماختىۋەتمىگەن بويۇملارنى تالاش كىرەك. ئۇنىمى قانچە كوپتۇرلۇپ ماختالغان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى شۇنچە ئىشەنچىلىك بولماسلىقى مۇمكىن.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى پەقەتلا بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇقلۇغۇچىسى بولغىنى ئۇچۇن بەدەندە ھىچقانداق ئوزۇقلۇق ماددا كەم بولمىغان ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن كوپ ئەھمىيىتى ھەم زورۇريىتى يوق. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويىمىغا بولغان تونۇشنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەركىۋىنى ۋە بەدەندە نىمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىنىق چۇشۇنۇپ يىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئوزى ئىھتىياجلىق بولغان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللاش بەكلا مۇھىم.


ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ساقلىقنى ساغلىغۇچى ھەممىگە شىپا ئۇنىۋەرسال دورا ئەمەس. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ئالدى بىلەن ھەرگۈزمۇ ئۇلارنى كىسەل داۋالايدىغان ھەممىگە قادىر شىپالىق دورا قاتارىدا ئىشلەتمەسلىك كىرەك. بەدەندە مەلۇم بىر كىسەل بايقالغاندا ئەڭ مۇھىمى دەرھال مۇناسىۋەتلىك مۇتەخسىسلەرگە كۆرۈنۈپ، سىستىمىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك. زورۇر بولغاندا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى پەقەت ۋە پەقەتلا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىش، ھەم كىسەل داۋالاش ئۇچۇن ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان دورا ئارىسىدا قارشىلىق تەسىرنىڭ بار يوقلىقىغا دىقەت قىلىش كىرەك. كىسەل داۋالاشنى ھەرگۇزمۇ پۇتۇنلەي ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا باغلاپ، كىسەلنى داۋالىتىدىغان ئەڭ مۇھىم پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق كىرەك.

مەزى بىزى ئۆسمىسى

مەزى بىزى ئۆسمىسى

مەمەت ئىمىن

ئەگەر 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە ئككى سائەتتە بىر قىتىم كىچىك تارەت قىلىدىغان، كىچىك تەرەتنى توختىتالمايدىغان، كىچىك تەرەت قىلىپ بولۇپ يەنە كىچىك تەرەت قىلغۇسى كىلىدىغان، كىچىدە ئككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە قوپىدىغان ۋە ياكى كىچىك تەرەت قىيىنلىقتەك ئەھۋاللارنى،  نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغانلاردا بولىدىغان نورمال ئەھۋال دەپ قارىشىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا بۇ ئالامەتلەرنى مەزى بىزى ئوسمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۇنداقتا مەزى بىزى ئوسمىسى دىگەن زادى قانداق كىسەل؟ بۇ كىسەل بىلەن تونوشۇش ئۇچۈن ئالدى بىلەن مەزى بىزى بىلەن تونۇشماقلىق لازىم.

مەزى بىزى دىگەن نىمە؟

ئەرلەرنىڭ مەزى بىزى دوۋسىنىڭ تۆۋەن تەرپىگە ۋە سۈدۈك يولىنىڭ ئەتىراپىغا جايلاشاقان جىنسى بەز بولۇپ، سۈدۈك يولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. چوڭلۇقى ئادەم تۇغۇلغاندا 1.5 گىرام ئەتىراپىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەندە 11 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. 25 ياشقا بارغاندا 18 گىرام، 70 ياشقا بارغاندا تەخمىنەن 31 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى جىنسى سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىش بولۇپ، بۇ بەز ئاجىرتىپ چىقارغان جىنسى سۇيۇقلۇق مەنىنىڭ 15% تەشكىل قىلىدۇ. مەزى بىزى تەخمىنەن 50 پارچە ئۇششاق بەزچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، نەيچىلەر ئارقىلىق سۇدۇك يولىغا تۇتۇشىدۇ.

مەزى بىزى ئۆسمىسى دىگەن قانداق كىسەل؟

سۇدۇك يولى ئەتىراپىغا جايلاشقان بۇ بەز ياشنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ يوغۇناپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يوغۇناش يونۇلۇشى ئككى خىل بولىدۇ، بىرى ئىچكى تەرەپكە يەنى سۈدۈك يولىغا قاراپ يوغۇناش، يەنە بىرى تاشقى تەرەپكە قاراپ يوغۇناش. مەزى بىزىنىڭ بىرىنجى تۈردىكى يوغۇناش نەتىجىسىدە سۈدۈك يولى تارىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەت قىيىنلىشىدۇ، دوۋسىدىكى كىچىك تەرەتنى پۈتۈنلەي سىيىپ چىقىرۋىتىش قىيىنلىق تۇپەيلىدىن ھەر قىتىملىق كىچىك تەرەتنىڭ مىقدارى ئازلايدۇ، كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن بىر قىسىم كىچىك تەرەت دوۋسىدا قىپ قالىدۇ، بۇ دوۋسىنىڭ ئۈنۈملۈك سىغىمىنى كىچىكلىتىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەتنىڭ قىتىم سانى كۆپىيىدۇ. بۇ خىل كىسەل ئەگەر ۋاختىدا داۋالانسا ئالاھىدە يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بولغىنى ئۇچۇن، ھەمدە مەزى بىزى راكىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈۇن، ياخشى سۈپەتلىك 
.مەزى بىزى ئوسمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ


نورمالدا بەدەن ئىغىرلىقى 70 كىلو كىلىدىغان ئادەم يىتەرلىك ئۇسۇزلۇق ئىچكەن ئەھۋال ئاستىدا بىر كۇندە 1.5 لىتىردىن 2.5 لىتىرگىچە سۈدۈك ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، دوۋسىنىڭ نورمال سىغىمچانلىغى 0.5 - 0.6 لىتىر ياكى 500 - 600 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ئادەم ئادەتتە 6 سائەتتىن 8 سائەت ئەتىراپىدا بىر قىتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قىتىم كىچىك تەرەت قىلغان كىشى، نورمال ئەھۋالدا كىچىدە كىچىك تەرەتكە چىقمايدۇ. مەزى بىزى ئۆسمۇسىگە گىرىپتار بولغان كىشى بىر كىچىدە كەم دىگەندە ئككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە قوپىدۇ. مۇنداقچە ئەيىتقاندا، ئەگەر ئەرلەر كىچىدە كىچىك تەرەتكە بىر ئككى قىتىمدىن ئارتۇق چىقسا، مەزى بىزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىق ئىھتىمالى يۇقۇرى بولىدۇ. مەزى بىزى راكىدىمۇ بۇ ئالامەتلەر بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن مەزى بىزى راكىنى ئاساسى ئورۇندا قويۇپ تەكشۈرتۈش كىرەك.  ئەلۋەتتە ياخشى سۇپەتلىك مەزى بىزى ئوسمىسى راك كىسىلىگە ئايلانمايدۇ، بىراق راك كىسىلى بۇ كىسەل بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇشى ياكى بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن راكقا گىرىپتار بولۇشى مۈمكىن.

قانداق كىشىلەر مەزى بىسى ئۆسمىسىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندا مەزى بىزى نورمالدىن يوغۇناشقا باشلايدىغان بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ 50%، 80 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ 80% بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بىراق بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاران 50% دە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كىچىك تەرەت نورمالسىزلىق ئالامەتلىرى بولۇپ، ئاران 25% ئەمىلى داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ.

ئەرلەر نىمە سەۋەپتىن بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؟

بۇ كىسەلنىڭ ھەقىقى سەۋىبى تىخى تازا ئىنىق بولمىسىمۇ، بىراق كۆپۈنچە مۇتەخەسىسلەر بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ياشانغان كىشىلەردىكى جىنسى ھورمۇن تەڭپۇڭلىغىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئەرلىك جىنسى ھورمۇننىڭ رولىنىڭ ئۆزگۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

بۇ كىسەلنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى ۋە ئاقىۋىتى

1. كىچىدە ئككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەت قىلىش
2. كىچىك تەرەتنىڭ مىقدارى ئازلاپ، قىتىم سانى كۆپىيىپ كىتىش
3. كىچىك تەرەت قىيىنلىشىش ۋە ياكى سىيەلمەسلىك
4. كىچىك تەرەتتىن كىيىن سۈدىكىنى توختىتالماسلىق ۋە ياكى سۈدۈك تامچىش.
5. كىچىك تەرەتنى كونتۇرۇل قىلالماسلىق
6. دوۋسى يوغۇناپ كىتىش ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش
7. بۆرەك زەيىپلىشىش
8. بەل تىلىپ ئاغرىش
9. ئەرلىك جىنسى قابىلىيەت ئاجىزلاش

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش

بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق. بەزى ئەنئەنىۋى تىبابەت  دورىلارنىڭ بۇ كىسىەلنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا بەلگۈلۈك رولى بار دەپ قارالماقتا، بىراق ئۇنىڭغا ئاھىت سىستىمىلىق بىر سانلىق مەلۇمات يوق.
بۇكىسەلنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللۇنىلىدۇ.
1. دورا بىلەن داۋالاش: ئەگەر بۇ كىسەل باشلىنىشتىلا دورا بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا، كىسەلنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق نىگىزىدىن داۋالاپ ساقايىتقىلى بولـمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز دورا يەپ تۇرۇشقا توغۇرا كىلىدۇ.  
2. ئەگەر سىيەلمەسلىك ئىغىر بولسا، دەرھال سۈدۈك يولىغا شىلەڭكە سىلىپ، سۈدۈكنى ۋاقىتلىق راۋانلاشتۇرۇش؛
3. ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش
(1) سۇدۇك يولى ئارقىلىق مەزى بىزىنى كىسىش ئوپىراتسىيەسى (经尿道前列腺切开术)
(2) سۇدۇك يولى ئارقىلىق مەزى بىزىنى كىسىپ ئىلىۋىتىش ئوپىراتسىيەسى (经尿道前列腺切除术)
(3) دوۋسى ئارقىلىق مەزى بىزىنى كىسىپ ئىلىۋىتىش ئوپىراتسىيەسى (前列腺切除术)
4. يىڭى داۋالاش ئۇسۇللىرى
(1) سۇدۇل يولى ئارقىلىق لازىر نۇرى بىلەن مەزى بىزىنى كىسىپ ئىلىۋىتىش ئوپىراتسىيەسى
(2) سۇدۇك يولى ئارقىلىق مىكرو دۇلقۇن بىلەن ئىسسىق ئوتكۇزۇپ داۋالاش
(3) سۇدۇك يولى ئارقىلىق يىڭنە بىلەن مەزى بىزىنى ئىلىۋىتىش
(4) يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك يۇقۇرى چاستوتۇلۇق ئاۋاز دولقۇنلىرى ئارقىلىق داۋالاش

Thursday, January 18, 2018

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساغلاملىق ساۋاتلىرى

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساغلاملىق ساۋاتلىرى

مەمەت ئمىن

1. ساغلام يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىڭ. مايلىق گۆش، ھايۋان مىيى، جىگگەر، بۆرەك قاتارلىق ھايۋاننىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇمنىڭ سىرىقى، قايماق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماڭ، بولۇپمۇ يىشىڭىز 40 تىن ئاشقاندا بۇنداق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن تىخىمۇ ئىھتىيات قىلىڭ. چۈنكى بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەر تەركىۋىدە كۆپ مىقتاردا كولەستىرول بار بولۇپ، كولەستىرولنى كۆپ ئىستىمال قىلغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك ۋە مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ. ئادەتتە ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان يىمەكلىكلەر ھايۋان مەسۇلاتلىرىدىن ياسالغان يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ساغلام. ئورۇق گۆش سىمىز گۆشكە نىسبەتەن ساغلام. قۇش ۋە دىڭىز ھايۋان گۆشلىرىدىن ياسالغان يىمەكلىكلەر قۇرۇقلۇق ھايۋان گۆشلىرىدىن ياسالغان يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ساغلام.

2. بەدەن ئىغىرلىغىڭىزنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىپ، ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ. سىمىزلىكنى تۇرمۇش باياشاتلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغان قاراشنى ئۆزگەرتىڭ. تەرەققى قىلغان ئەللەردە سىمىز كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى كەمبىغەللەر ياكى مەدىنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا مەۋجۇت بولغان نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

3. ئۇسۇزلۇقنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلىڭ. ئادەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق سۇ ماددىسى تەر ۋە سۈدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئۇسۇزلۇقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى قالدۇق ۋە زەھەرلىك ماددىلار تەر ۋە سۈدۈك ئارقىلىق ۋاختىدا تازلىنىپ بەدەندىن چىقىپ كىتىدۇ، بۆرەك ۋە سۈدۈك يولىدا ئاسان تاش پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، سۈدۈك يولى ياللۇغىغا ۋە بەزى كىسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا تىز ئەسلىگە كىلىشكە پايدىلىق، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىغىنى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. 


4. ئىچىملىكنى ھەددىدىن زىيادە قىززىق ئىچمەڭ. چاي، شورپا ياكى سۇيۇق ئاشنى ھەددىدىن زىيادە قىززىق ئىچىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ قىزىل ئۆڭكەچ پەردىسى زەخمىگە ئۇچۇراپ، قىزىل ئۆڭكەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرلايدۇ. ئۇيغۇر ئىلىدىكى قازاقلار بىلەن گۇۋاڭدوڭنىڭ شانتۇ دىگەن يىرىدىكى كىشىلەر چاينى ھەددىدىن زىيادە قىززىق ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قىزىل ئۆڭكەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن خىلىلا يۇقۇرى.

5. تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلماڭ. تۇز تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا، بىراق ئادەم تۇزنى نورمالدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلغاندا، قان بىسىمى يۇقۇرلاپ، بەزى يۈرەك قان تومۇر كىسىلىنڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

6. ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھاراق ئىچمەڭ، شۇنداقلا باشقىلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلىماڭ. ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەن كىشىلەر جىگگەر قىتىۋىلىش، جىگگەر راكى، ئاشقازان كىسىلى، قول تىتىرەش قاتارلىق كىسەل ياكى ئاقىۋەتلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

7. خام يىمەكلىك بولۇپمۇ خام گۆش بىلەن پىششىق يىمەكلىكنى بىرگە قويماڭ. خام يىمەكلىك بولۇپمۇ خام گۆشنىڭ تەركىۋىدە بەزى باكتىريە ياكى كىچىك قۇرۇتلار بار بولۇپ، ئەگەر سىز خام يىمەكلىكنى پىششىق يىمەكلىك بىلەن ئارىلاشتۇرسىڭىز، بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز يۇقۇرى بولىدۇ. يىمەكلىكلەرنىڭ پاكىزا بولماسلىقىدىن كىلىپ چىققان بەزى كىسەللەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىپادىلىنىپ چىقسىمۇ، بىراق يەنە بەزىلىرى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. كۆپۈنچە كىشىلەر كىيىن بولغان ئۇ كىسەلنى بۇرۇنقى ئۇ ئادىتى بىلەن باغلاشتۇرمايدۇ.

8. گۆشنى خالىغانچە خام يىمەڭ. بەزى دۆۋلەتلەردىكى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بەزى يىمەكلىك ئادىتىنىڭ باشقا ئەللەرگە كەڭىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆۋلەتلەردە نۇرغۇن كىشىلەر كالا گۆشى، بىلىق گۆشى قاتارلىق گۆشلەرنى خام يىيىشكە باشلىدى. ئادەتتە خام يەيدىغان گۆش ئالاھىدە گۆش بولۇپ، بەلگۈلۈك سالامەتلىك ئولچىمىگە يەتكەن. ئەگەر سىز خالىغان گۆشنى خام يىسىڭىز، ئىچكى ئەزايىڭىزدا قۇرۇت پەيدا بولۇپ قالىدىغان بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىڭىز مۈمكىن. مەسىلەن ئادەتتىكى كالا گۆشى تەركىۋىدە كالا تاسما قۇرتى بار بولۇپ، بۇنداق گۆشنى خام يىگەن كىشىلەر ئۇچەي كالا تاسما قۇرتى كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. بۇ كىسەل ئۇيغۇر ئىلىنىڭ چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا ناھايتى كۆپ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋىبى ئۇ كىشىلەرنىڭ كالا گۆشىنى خام يىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى خام گۆش كەسكەن پىچاق بىلەن پىششىق گۆش كىسىپ يىگەنلىكىدىن بولغان. ئادەتتىكى بىلىق گۆشىدە جىگەر قان شورۇغۇچ قۇرتى بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلاردا جىگەر قان شورۇغۇچ كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ناھايتى كۆپ.

9. خام گۆش بىلەن پىششىق گۆش يىمەكلىكلەرگە ئىشلەتكەن قاچا قۇچا ۋە پىچاقلارنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرماڭ. خام گۆشكە ئىشلەتكەن قاچا قۇچا ۋە پىچاق بىلەن پىششىق گۆشكە ئىشلەتكەن قاچا قۇچا ۋە پىچاقلارنى ئايرىپ ئىشلىتىڭ، ياكى كەم دىگەندە خام گۆشكە ئىشلەتكەندىن كىيىن، ياخشى يۇيۇپ تازلاپ ئاندىن پىششىق يىمەكلىككە ئىشلىتىڭ. يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك خام گۆش تەركىۋىدە بولۇپمۇ كالا گۆشى تەركىۋىدە بىر خىل قۇرۇت بولۇپ، پىشىق يىمەكلىكىڭىز بۇ خىل قۇرۇت بىلەن بۇلغانسا، سىزنىڭ ئۇ قۇرۇتتىن كىلىپ چىقىدىغان كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز يۇقۇرى بولىدۇ.

10. رەڭلىك يالتىراق (پىلاستىك) خالتىغا يىمەكلىك قاچىلىماڭ. رەڭلىك يالتىراق خالتىنىڭ زىيانلىق ماددا تەركىۋى يۇقۇرى بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايتى ئاستا بولىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت رەڭلىك يالتىراق خالتىغا قاچىلانغان پىششىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، بەزى ئاستا خاراكتىرلىق كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا پىشىق يىمەكلىكلەرنى رەڭلىك يالتىراق خالتىغا قاچىلاشقا ھەرگۈز بولمايدۇ. پىششىق يىمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى رەڭسىز يالتىراق خالتىغا ياكى باشقا ساغلام نەرسىلەرگە قاچىلاڭ.

11. پۇل سانىغاندا قولىڭىزنى تىلىڭىزغا ياكى كالپۇكىڭىزغا تەككۈزمەڭ. پۇل گەرچە ناھايتى ياخشى نەرسە بولسىمۇ، بىراق ئۇ ناھايتى مەينەت نەرسە. پۇل كۈنىگە نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچۇراشقانلىغى ئۈچۈن، پۇلدا نۇرغۇن باكتىريە ۋە مىكىرۇپلار بولىدۇ. ئەگەر پۇل سانىغاندا قولىڭىزنى تىلىڭىزغا ياكى كالپۇكىڭىزغا تەككۇزۇپ ساناشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا پۇل سانىغاندا قولىڭىزنى ئاغزىڭىزغا تەككۇزمەڭ، شۇنداقلا پۇل ساناپ بولۇپ ئەڭ ياخشىسى قولىڭىزنى يۇيىۋىتىڭ.

12. ھاجەت قىلىشتىن بۇرۇن قول يۇيۇشقا ئادەتلىنىڭ. ئادەم قولىنىڭ كىسەللىك باكتىريە ۋە مىكروپلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بەدەندىكى ئەزالار ئىچىدە ئەڭ مەينەت ئەزا ھىساپلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھاجەتتىن كىيىن ۋە تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ھاجەتتىن بۇرۇن قول يۇيىدىغانلار ناھايتى ئاز. جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن يىڭى كىسەللەر تارقالماقتا. نورمال ئەھۋال ئاستىدا كۆپۈنچە كىسەللىك مىكروپ ياكى باكتىريەلەر ئىغىز يولى، نەپەس يولى ۋە چوڭ كىچىك تەرەت يولى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە يۇقۇدىغان بولۇپ، تەرەتتىن بۇرۇنمۇ قول يۇيۇشقا ئادەتلەنسىڭىز، كىسەلنىڭ چوڭ كىچىك تەرەت يولى ئارقىلىق بەدىنىڭىزگە كىرىش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتەلەيسىز.

13. ئامال بار تاماكا چەكمەڭ، بولۇپمۇ ئۆي ئىچىدە، ئەغىراياق (ھامىلە) ئايال ياكى بالا بار سورۇندا تاماكا چەكمەڭ. تاماكا چىكىش يالغۇز ئۆپكە راكىنىلا كەلتۈرۈپ چىقارماستىن بەلكى يۈرەك كىسىلىنىڭ قوزغۇلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ تاماكا چىكىشى گەرچە ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ باشقا كىشىلەر بار سورۇندا تاماكا چىكىشى، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك.

14. ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ياكى ئىشەنچىلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن تاماكا چەكمەڭ. جەمىيەتتە خىرويىن قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىك سودىسىنىڭ ئەۋجى ئىلىشىغا ئەگىشىپ، زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزى كىشىلەر، ئۆزىگە كۆپلەپ خىرىدار تىپىش ئۈچۈن، ئادەتتىكى تاماكىغا خىرويىن ئارىلاشتۇرۇپ باشقىلارغا چەككۇزىدىغان ئەخۋاللار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ئەگەر سىز بىلە بىلمەي شۇنداق تاماك چىكىپ، زەھەرلىك چىكىملىككە خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، كىيىن كۆپ زىيان تارتىسىز.

15. قۇياش نۇرى بىلەن مۇھاپىق ئۇچۇرشۇڭ. ھازىر كۆپۈنچە كىشىلەر بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردىكى كىشىلەر تىرىسىنىڭ قارىداپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، قۇياش نۇرى بىلەن مۇھاپىق ئۇچىراشماسلىقتەك ئەھۋاللار ئىغىر. قۇياش نۇرى بىلەن مۇھاپىق ئۇچىراشقاندا، نۇرغۇن كىسەللىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھىچقانداق قوغداش ۋاستىسى قوللانماي، قۇياش نۇرى بىلەن ھەددىدىن زىيادا ئۇچۇرشۇشمۇ زىيانلىق.

16. قول تىلفۇنى بىلەن سۆزلەشكەندە قول تىلفۇنىڭىزنى ئۇزۇن مۇددەت بىر قۇلىقىڭىزدا قويۇپ سۆزلىشىشتىن ساقلىنىڭ. قول تىلفۇنى بىلەن سۆزلەشكەندە ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن مۇددەت سۆزلەشمەڭ، ياكى تىلفۇنىڭىزنى ئىككى قۇلىقىڭىزغا ئالماشتۇرۇپ سۆزلىشىڭ، ۋە ياكى قۇلاققا سىلىپ ئاڭلىغۇچ  ئارقىلىق سۆزلىشىڭ. بەزى تەتقىتقات نەتىجىسلىرىگە ئاساسلانغاندا قول تىلفۇنىنى ئۇزۇن مۇددەت بىر قۇلىقىدا قويۇپ سۆزلەشكەن كىشىلەرنىڭ مىڭە، قۇلاق ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدىكەن.

17. قالايمىقان ۋە ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ. جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمدە بەزى ئۆزگۈرۈشلەر بولماقتا، ۋە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جىنسى كىسەللەر تارقالماقتا. ھەرخىل جىنسى يۇقۇملۇق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىڭىزگە ۋە ئاھىلىڭىزگە نۇرغۇنلىغان كۆڭەل ئاغرىقى ۋە بەخىتسىزلىك ئىلىپ كىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆز ھەمراھىڭىزغا سادىق بولۇپ، قالايمىقان كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

18. سۈپىتى ناچار بولغان ياكى ساقتا گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. سۈپىتى تۆۋەن ياكى ساقتى گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەركىۋىدە زىيانلىق ماددا تەركىۋى يۇقۇرى بولۇپ، بۇنداق گىرىم بويۇملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، بەزىلىرىنى ھەتتا بىرلا قىتىم ئىشلەتكەندىمۇ بەزى تىرە كىسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۈمكىن. بەزىلىرى ھەتتا تۇغماسلىق ۋە بەزى راك كىسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. ئادەتتە بۇ خىلدىكى گىرىم بويۇملىرىنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى ناھايتى ئاستا بولۇپ، بىر نەچچە يىلدىن بىرنەچچە ئون يىلدا ئاندىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

19. ھورمۇن تەركىۋى بار دورا ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. ھورمۇن تەركىۋى بار دورا ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، بەدەندىكى نورمال ھورمۇن تەڭپۇڭلىقى تەسىرگە ئۇچۇراپ، سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر قىلىدۇ.

20. ھەرقانداق كىسەللىك ئالامىتىگە سەل قارىماڭ. كۆپۈنچە كىشىلەر بەزى يەڭگىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا ياخشى بولۇپ كىتەرمەن دەپ ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بارمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىسەلگە ۋاختىدا دىياگۇنۇز قويۇپ، ۋاختىدا داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى راك كىسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كىسەل ئالامەتلىرى ئۇنچە ئىغىر بولمايدىغان بولۇپ، ئۇ راك كىسەللەرنى ئۈنۈملۈك داۋالشنىڭ بىردىن بىر ئامالى، كىسەلنى بالدۇر بايقاش. شۇڭا بولۇپمۇ ياش 40 تىن ئاشقان كىشىلەردە كۆرۈلگەن ھەرقانداق ئالامەتكە ھەرگىز سەل قارىماسلىق كىرەك.

21. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارغا تەبىئى بولمىغان يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق بويۇملىرىنى كۆپ بەرمەڭ. ھازىر پۇتۇن جوڭگودا كىچىك بالىلارنىڭ ھەر خىل ئوزۇقلۇق بويۇملىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنى كىچىك بالىلارنىڭ ئىشتىيىنى ئاچىدۇ دىسە، يەنە بەزىلىرىنى كىچىك بالىلارنىڭ بويىنى ئۆستۇرىدۇ دەيدۇ. بۇ بويۇملار ناھايتى چوڭ ئىختىزادى كىرىم ئىلىپ كەلگەنلىگى ئۈچۈن، ھەم شۇنداقلا ھورمۇننىڭ تەسىرى بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ ئىشتىيى ياخشىلانغانلىغى، ۋە بويى تىز ئۆسكەنلىگى ئۈچۈن، كۆپلەپ بازار تىپىۋاتىدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە ئۇ بويۇملارنىڭ مۇتەلق كۆپ قىسمى ساغلاملىق ئۆلچىمگە مۇھاپىق ئەمەس بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ناھايتى زىيانلىق.

22. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ يىتەرلىك ئۇخلىشىغا كاپالەت قىلىڭ. ھازىر نۇرغۇنلىغان ياش ئاتا ئانىلار ھە دىسە ئولتۇراش ۋە تويلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بالىلارنىڭ رىتىملىق ئارام ئىلىشىغا ۋە يىتەرلىك ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلمايۋاتىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زىيانلىق.

23. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنى سىرىتلارغا ئىلىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بىرىڭ. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلار يىتەرلىك قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچۇرشۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ، شەھەرلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاختى ئۆي ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئەگەر سىز مۇھاپىق ۋاقىت چىقىرىپ باللىرىڭىزنى سىرىتلارغا ئىلىپ چىقىپ، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچۇراشتۇرمىسىڭىز، بالىلار كالسىي كەملىك قاتارلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە دەخلى يىتىشى مۈمكىن.

24. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىڭىزنى يىڭىدىن سىرلىغان ئۆيدە ياكى ھاۋاسى بۇلغانىغان مۇھىتتا قويۇشتىن ساقلىنىڭ. بەزى سىرلار ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بەزى پۇراقلارنى چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل پۇراق گەرچە ئالاھىدە غەلىتە بولمىسىمۇ بىراق بالىلارنىڭ سالامەت ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. ھاۋاسى بۇلغانغان مۇھىت بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زىيانلىق.

Tuesday, January 9, 2018

Gini özgertilgen yimeklik

Gini özgertilgen yimeklik

Memet Emin

Hemmimiz bilgendek biz kündülük turmishimizda istimal qiliwatqan yimeklikler ichide gini özgertilgen yimekliklerning salmiqi kündin kün'ge iship barmaqta, bolupmu Amirkida gini özgertilgen yimekliklerning türi eng kop bolup, uni Amirkining özide istimal qilghandin bashqa nurghun döwletlerge ekisport qilidu. Beziler özining istimal qiliwatqan yimekliklerning gini özgertilgen yimek ikenlikini bilsimu, kopünche ademler bilmeydu. Chünki bezi döwletlerde uni iniq izzahatlash telep qilsa, yene bezi döwletlerde telep qilmaydu, eng mohimi ziraetlerning uruqi gini özgertilgen bolsa, uni nede tirip nede östurushtin qetti nezer, ulardin ilin'ghan messulatlar gini özgertilgen bolidu. Undaqta gini özgertilgen yimeklik diginimiz qandaq yimeklik? Gini özgertilgen yimekliklerni istimal qilish bixetermu? Uning qandaq ewzelliki we yitersizliki bar? Nime üchün insanlar gini özgertilgen yimeklikni istimal qilishtin endishe qilidu? Bu soallargha jawap birish üchün aldi bilen ginning nime ikenligini we yimekliklerning gini özgertishning qandaq bir jeryan ikenligini chüshendürüp ötushke toghura kilidu.

Gin digen nime?
  


Gin diginimiz hayatliqning fizikiliq we iqtidar alahidilikini belgüleydighan we konturul qilidighan irsi madda. Her qandaq bir hayatliq meyli ösümlük bolsun, haywan bolsun, wirus, baktirye, zamburg, parazit qurutlar bolsun, we yaki insan bolsun, uning qandaq bir türdiki qandaq bir hayatliq bolushini gindin ibaret shu irsi mada belgüleydu we konturul qilidu.


Gin DNA din tüzülgen bolup, uning chong kichiklikide chong periqler bolidu. Kich ginlar bir nechche yüz DNA asasi (base) terkip tapqan bolsa, chong ginlar ikki miliyondin artuq DNA asasi (base) din terkip tapqan bolidu.

Hazirqi zaman tibabet ilimide insanlarning ginini 20 ming bilen 25 ming arisida bolishi mümkin dep periz qilinmaqta. Her bir insanda her bir gindin ikkisi bolidu, birsi apisidin kelgen bolidu, yene birsi dadisidin kelgen bolidu. Insanlarda bolidighan mutleq köp sandiki ginda oxshashliq bolidu, peqet 1% din töwen ginda insanlar arisida öz ara periq bolidu. Orni oxshash gin (alleles) ginlar DNA asasi (base) ning ret tertiwide azraq periq bolghan oxshash ginlardin teshkil tapqan. Mutleq köp sandiki oxshashliq insanni insan qilghan yeni bashqa hayatliqtin periqliq qighan bolsa, ulardiki kichik periqler her bir insanni bir biridin periqliq özgiche bolishigha kapalet qilghan.

DNA digen nime?



DNA diginimiz bir xil oksidsizlashturulghan hüjeyre yadro kisiltasi (deoxyribonucleic acid), yeni barliq hayatliqning irsi alahidilikini belgüleydighan irsi mada. Insanlar bedinidiki her hüjeyre ichide oxshash DNAbolidu. Mutleq köp sandiki DNA hüjeyre yadirosi ichide bolidu. Peqet az sandiki DNA hüjeyrining mitaxondiryesi (mitochondria) ichide bolidu.

DNA ichidki uchurlar 4 xil ximiyelik asas (base) ichide kod sheklide saqlinidu. Bu 4 xil ximiyelik asas (base) A (adenine), G (guanine), C (cytosine) we T (thymine) din ibaret. Insanlarning DNS si 3 miliyart asas (base) tin teshkil tapqan, ularning ichide 99% asas hemme ademde oxshash, peqet 1% ti her bir ademde periqliq. DNA terkiwidiki bu 4 xil asasning ret tertiwidiki periq we özgürüsh ularda saqlan’ghan uchurning oxshimasliqini, u uchurlarning oxshimasliqi insanlardiki oxshimighan irsi alahidilikni keltürüp chiqiridu.

Gin özgetish digen nime?

Gin özgertishni Engilizchide "gene modification" (gin özgertish), "gene engineering" (gin lahilesh), "trans gene" (gin almashturush) dep ataydighan bolup, u bizning tilimizda melum janliq, melüm del derex, ösümlük we ziraetlerning sortini özgertish digenlik bolidu. Ejdatlirimiz qedimdin tartip qilip kiliwatqan del derexlerni ulash, oxshimigha qoy kalilarni bir birige chitishturushning özimu melum nuqtidin eyitqanda gin özgertish dahirsige kiridu.

Hazirqi zamandiki gin özgetish diginimiz ginni tüzgüchi DNA de biwaste özgertish peyda qilish, yeni melum yingi DNA ni lahilep chiqish, biriktürüsh, we yaki bashqa munasiwetlik wirus, hasharetlerdin tallap ilish arqiliq, ularni ginini ozgertmekchi bolghan hayatliqqa kirgüzüsh we ularda ipadilesh arqiliq, ular konturul qilghan uchurlarda özgürüsh peyda qilip, we shu arqiliq hayatliqning melum alahidilikide özgürüsh peyda qilishtin ibaret.



Hazir gin özgertishte qolliniwatqan usullar melum ginni chiqirip tashlash (knock out, gene deletion), melum ginni qoshup kirgüzüsh (knock in, gene insersion) we DNA asas ret tertiwini özgertishtin ibaret.

Hazirqi zaman gin özgertish 70 yillardin bashlan’ghan bolup, 1972 – yili Paul Berg tunji sunni biriktürülgen DNA malakulasini biriktürüp chiqqan. 1973 – yili Herbert Boyer we Stanley Cohen tünji gini özgettilgen organizimni berpa qilghan. 1974 – yili Rudolf Jaenisch tunji gini özgertilgen chashqanni dunyagha keltürgen.

Hemmimiz bilgendek insulin insanlarning bedinide ishlep chirilidighan we shikerni parchilashta muhim rol oynaydighan madda bolup, gin lahilesh texnikisi arqiliq tunji qitimliq insulinni 1978 – yili insanning beden  sirtida yeni baktirye tinida biriktürüp chiqqan. U gin lahilesh texnikisi arqiliq baktirye tinida biriktürlüp chiqan insanlarning insulini insanlargha payda ilip kilidu dep qarilip 1982- yili Amirka Dora we Yimeklik konturul qilish idarisi (FDA) teripidin testiqlinipbazargha kirgen, bedinide insulin ishlep chiqirish tosalghugha uchurghan  milliyonlighan diyabit kisilige giriptarbolghan bimarlarning hayatining qutupluq qilishigha sewep bolghan.


Hazirqi zamanda mewjut bolghan nurghun ziraetler haywanlar, jümlidin insanlar 1000 yil, 10000 yil ilgirkilerdin köp periqliq ikenligini hemmimiz tesewur qilalaymiz. Qedemqi zaman yashighan nurghun haywanlar yaki yoqap ketken yaki bashqa haywanlargha özgürep ketken. Sewebi tebiyetning tereqqiyatigha we tebiyetning özgürishige maslishish üchün. Tebiyetning tereqqiyatigha mas halda özlirining sortini üzlüksiz yaxshiliyalighanlar mewjutliqini saqlap qalghan, tebiyetning tereqqiyatigha maslishalmighanlar weyran bolup öz mewjutliqini yoqatqan. Ularning hemmisi ginning tebbi özgürishidin kilip chiqqan özgürüshler.

Gini özgertilgen janliqlar

Gini özgertilgen janliqlar (ziraet, ösümlük, we haywanlar) ni Engilizchida "genetically modified organism" (GMO) dep atilidu.

Tunji gini özgertilgen ziraet antibiotkqa qarshi turalaydighan tamaka ösümliki bolup 1983 – yili dunyagha kelgen.

Dunyada tunji bazargha kirgen gini özgertilgen ziraet wirusqa qarshi turalaydighan tamaka ösümliki bolup, 1993 - yili tunji bolup Xittayda bazar silin’ghan.

Amirkida tunji qitimliq bazargha silin’ghan gini özgetilgen ziraet – koktat pemidur bolup 1994 – yili bazargha kirgen bolup, uning gini özgertilgendin kiyinki alahidiliki pishishni keynige sürüsh we shu arqiliq pemidurning asan buzulup qilishtin saqlash.

Gini özgertigen qicha, qonaq, kiwez, purchaq, kawa qatarliqlar 1995 – yili testiqlinip bazargha kirgen. Undin kiyin nurghun gini özgertilgen ziraetler dunyagha kelgen.

Ularning gini özgertilgendin kiyin, bezi ziraetlerde melum ziyanliq hasharetlerge, wirus, baktiryelerge qarshi turush iqtidari peyda qilin’ghan bolsa, yeni bezi ziraetlerde ziyanliq hasharet, ziyanlik ot choplerni oltüridighan ximiyelik dorilargha qarsh turush iqtidari peyda qilin’ghan. Bezilerde pishish (yeni buzulush) kichüktürülgen bolsa, yeni bezilerde ösüp yitilishta özgüresh yeyda qilin’ghan. Bezilerning renggide özgürüsh peyda qilghan bolsa, bezilerning temide özgürüsh peyda qilghan. Bezilerning mesulat miqdarini ashurghan bolsa, bezilerining ishlep chiqirish meshghulatini asanlashturghan.

Gini özgertish arqiliq hel qilinidighan mesililer

1. Mesulat miqdarini ashurup, dunyada ashliq yitishmeslik mesilisini hel qilish mümkin;
2. Qurghaqchiliqqa qarshi turush iqtidari bar ziraetlerni yitishtürüp, qurghaq rayunlarning tirilghu mesilisini hel qilish mümkin;
3. Hasharetlerge qarshi turalaydighan ziraetlerni perpa qilip, mesulat miqdarini, mesulat süpitini yuquri kötürüsh we keng kölemde ximiyelik dora ishlitishtin saqlinish mümkin;
4. Dixxanchiliqni qolaylashturup, dixxanlarning yükini töwenlitish mümkin;
5. Ziraetlerning terkiwidiki paydiliq maddilarni we ularning özuqluq qimmitini yuquri kötüresh mümkin;
6. Ziraetlerning terkiwidiki ziyanliq terkiwini chiqirip tashlash we yaki ularning miqdarini töwenlitish mümkin;
7. Yelimishlerning renggini, süpitini yuquri kötüresh we ularning ömürini uzartish mümkin;

Gini özgertilishtin kiyinki xeterlik amillar

1. Ziraetlerning tebiliki buzulishi mumkin;
2. Insanlarda riyeksiye kelturup chiqiridighan her xil osumluk, del derexler we yimeklikler peyda bolushi mumkin;
3. Gin ozgertish we yingi DNA lahilesh jeryanida her xil virus, baktiryeler waste qilin'ghini uchun, gini ozgertilgen osumluk we haywanlardin ishlep chiqirilghan yimekliklerde, yelyemishlerde melum derijide xeterlik amillar yoshurulghan bolushi mumkin;
4. Muhitqa we ikilogiyelik tengpungluqqa melum tesiri bolushi mümkin;

Gini özgertilgen yimeklikler

Gini özgertilgen yimekliker adette gini ozgertilgen ziraet, ösümlük we haywanlardin ishlep chiqirilidighan bolghachqa, ularni Engilizchide "genetically modified food" yaki "GMO food" yeni geni özgertilgen yimeklikler qisqartip GMO yimeklik dep ataydu.



Bazarda sitiliwatqan gini özgertilgen yimekliklerning üstige uning GM yimeklik ikenligini yizish ehwali.


Gini özgertilgen ziraetlerni tiridighan tirilghu yerlerning 1996 - yildin 2014 - yilighiche  ariliqtiki köpiyish ehwali

Gini özgertilgen yimeklikni istimal qilish bixetermu?

Gin özgertish peqetla bügünki zamanda dunyagha kelgen yingi nerse emes, u ezeldin bar bolghan tebbiyetning tereqqiyatigha egiship üzlüksiz yüz birip turghan özgürüsh we uning qanunyetlirining insanlar teripidin tonulishigha, gin we DNA digen neriler bayqilip ulargha munasip isim qoyulishigha egiship dunyagha kelgen yingi atalghu.  

Men yuqurda dep ötkendek dunyada hayatliq peyda bolghandin biri hayatliqning ginida tebbi halda üzlüksiz  özgürüshler bolup kelgen. Hem ejdatlirimiz del derexlerni bir birige ulash, haywanlarni bir birige chitishturush arqiliq ularning sortini yaxshilap kelgen. Bularning hemmisi gin özgertish dahirsige kiridighan bolup, peqet hazirqi zaman’gha kelgende tebiyet dunyasida peyda bolghan özgürüshler aldi bilen tejirbexanilarda tetqiqat qilish arqiliq riyalliqqa aylandurulghan, we ulargha gin özgertish dep yingiche isim bergen.

Undaqta gini özgertilgen yimeklikni istimal qilish bixetermu? Amirkida 2015 – yili ilip birilghan tekshürüshte, adettiki puxralarning yirimidin artuqi gini özgertilgen yimekliklerni istimal qilish bixeter emes dep jawab bergen. Oxshash tekshürüshke qatnashqan tibbi tetqiqatchilarning 90% ge yiqini gini özgertilgen yimekliklerni istimal qilishning saghlamliqqa alahide ziyini yoq dep qaraydighanliqini bildürgen.

Gini özgertilgen yimeklikler bixeter emes dep qaraydighanlarning asasliq sewebi, bu yimeklikler tebbi emes, ularning tebbiliki süni halda özgertilgen, ularning bixeter yaki emeslikini uzun muddet küzütüsh kirek. Bundaq qisqa waqit ichide toghura höküm chiqirish qiyin. Yene beziler gini özgertilgen yimekliklerni uzun muddet istimal qilghanda özlirining ginidimu özgürüsh bolup qilishi mümkin dep endishe qilmaqta iken.

Gini özgertilgen yimekliklerni bixeter dep qaraydighanlarning asasliq sewebi, ösümlükler we herqandaq janliqlarning gini tarixtin biri üzlüksiz özgürep kelgen. Hazir istimal qiliwatqan yimeklik 1000 yildin ilgiri istimal qilghan yimekliktin choqum periqliq, undaqta nime üchün ular ziyanliq bolmay, hazirqi gini özgertilgen yimeklikler ziyanliq bolidiken?

Mining shexsi qarishimche bixeter u nispi bir uqum bolup, gini özgertilgen yimeklikler elwette mutleq bixeter emes, hem mutleq xeterliku emes. Uning choqom melum ziyini bolushi mümkin, bolupmu gini özgertilgen yimekliklerni uzun muddet istimal qilghan bezi saghlamliq mesililer oturgha chiqishi mümkin, buni zaman ispatlaydu; shunga sharaheti barlar eng saghlam dep qaralghan tebbi yimekliklerni istimal qilsa tiximu yaxshi, biraq alahide endishe qilip kitishning zörüryiti bolmisa kirek. Chünki hazir bar bolghan yimeklik bilen munasiwetlik xeterlik amillar xililar ighir bolup, gini özgertilgen yimekliklerning saghlamliqqa ilip kilish ihtimali bolghan bezi yoshurun xeterliri, yimeklik bilen munasiwetlik bolghan bashqa xeterlik amillar bilen silishturghan unche qorqunushluq bolmisa kirek.