سىمىزلىك توغۇرسىدا ئككى ئىغىز پاراڭ
مەمەت ئمىن
ھازىرقى زامان تىببى ئىلىمىنىڭ
ئىسپاتلىشىچە ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق
مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىمىز كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە
سىمىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقان كىسەللىكلەر كۆپلىگەن تىببى مۇتىخەسىسلەرنىڭ
دىقىتىنى قوزغىماقتا. بىراق خەلقىمىز ئارىسىدا سىمىزلىكنى تۇرمۇش
باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ سىمۇۋۇلى دەيدىغان قاراش يەنىلا مەۋجۇت. ئەمىلىيەتتە
بولسا سىمىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان يۈرەك قان تومۇر كىىسەللىكلىرى، دىيابىت
كىسىلى ۋە بەزى راك كىسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئەدەملەر ھاياتىدىن
ئايرىلماقتا.
تۆۋەندكى كىسەللىكلەرنىڭ سىمىزلىك
بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ئىسپاتلانماقتا.
1. تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر كىسىلى
1. تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر كىسىلى
2. قىزىل قان تومۇر قىتىشىۋىلىش
3. يۇقۇرى قان بىسىمى
4. مىڭە قان تومۇر كىسىلى
3. يۇقۇرى قان بىسىمى
4. مىڭە قان تومۇر كىسىلى
5. دىيابىت كىسىلى
6. ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئۆت كىسەللىكلىرى
6. ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئۆت كىسەللىكلىرى
7. مايلىق جىگەر كىسىلى
8. ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش
9. ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچۇراش
8. ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش
9. ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچۇراش
10. سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى
11. ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى
12. قىزىل ئۆڭكەچ راكى
11. ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى
12. قىزىل ئۆڭكەچ راكى
13. بۆرەك راكى
ئۇندىن باشقا <<يىڭى ئڭگىلەن تىببى جورنىلى>> نىڭ 2016 - يىلى 8- ئاينىڭ 25 - كۈندىكى
سانىدا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ ئاشقازان، جىگەر، ئۆت،
ئاشقازان ئاستى بىزى، ئايالارنىڭ تۇخۇمدان، مىڭە، ئىلىك ۋە قالقانسىمان بەز راكى
قاتارلىق 8 خىل راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى
دوكىلات قىلغان. ئامىركىدا سىمىز ئادەملەر تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ
بولغاچقا، سىمىزلىك بىلەن مۇنسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى ۋە راك كىسىلى
ئامىركىدا بىرىنجى نومۇرلۇق قاتىل
ھىساپلانماقتا.
ئۇنداقتا سىمىزلىكنىڭ ئولچىمى نىمە؟
بەدەن ئىغىرلىقىمىز قانچىلىك بولغاندا نورمالدىن ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ؟ ۋە قانداق ئەھۋالدا
بىز سىمىز بولغان بولىمىز؟ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى كىشىلەرنىڭ جىنسى پەرقى ۋە
بويىنىڭ ئىگىزلىگى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەرلەرنىڭ نورمال ئىغىرلىغى
ئاياللارغا نىسبەتەن سەل ئىغىر بولىدۇ.
ھازىر بەدەن ئىەىرلىقىنىڭ نورمال چە ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە بىر ئاز كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسۇل بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى (BMI) بولۇپ ، ئۇ بەدەن ئىغىلىقى (كىلو گىرام) نى بويىنىڭ ئىگىزلىگى (مىتىر) نىڭ كۇۋادىراتىدغا بۆلۈش ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىلىد.

بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىسى 18.5 بىلەن 24.9 ئارىسىدا بولسا
نورمال بولغان بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 25.0 بىلەن 29.9 ئارىسىدا بولسا بەدەن ئىغىرلىقى نورمالدىن سەل ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 30.0 بىلەن 34.9 ئارىلىقىدا بولسا يەڭگىل دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
بەدەن ئغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 35.0 بىلەن 39.9 ئارىلىقىدا بولسا ئوتۇرال دەرجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.

بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى
40.0 دىن ئارتۇق بولسا ئىغىر دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
دۇنيا سەچىيە تەشكىلاتىنىڭ
2014 - يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئىچىدە
سىمىز كىشىلەر ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت كۇك ئارىلى دەپ ئاتالغان ئاۋۇستىرالىيەنىڭ
يىنىدىكى بىر كىچىك دۆۋلەت بولۇپ، بۇ دۆۋلەتتىكى سىمىز كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 50.8% يەتكەن.
ئۇندىن باشقا پىلاۋ دىگەن دۆۋلەتتە سىمىزلەرنىڭ نىسبىتى 47.6% ئىكەن. سىمىز كىشىلەر
ئەڭ ئاز بولغان دۆۋلەت شەرىقى تىمور دەپ
ئاتالغان ھىندونىشىيەنىڭ شەرىقىدىكى بىر كىچىك دۆۋلەت بولۇپ، بۇ دۆۋلەتتىكى سىمىز
كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 2.2% ئكەن. ئۇمدىن باشقا شىمالى كورىيەدە سىمىز كىشىلەرمۇ بەك
ئاز بولۇپ، ئاران 2.4% ئادەم سىمىز ھىساپلىنىدىكەن. تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر
ئىچىدە سىمىز كىشىلەر ئەڭ ئاز دۆۋلەت ياپۇنىيە بولۇپ،سىمىزلار ئاران 3.3%
نى ئىگەللەيدىكەن. ھەمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ياپۇنلۇقلارنىڭ ئوتۇرچە ئومۇرى
ئەڭ ئۇزۇندۇر.
ئادەتتە سىمىزلىك ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ مىقدارى،
ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى، ئۈچەينىڭ تاماق تەركىۋىدىكى ئوزۇقلۇقنى قوبۇل
قىلىش ئۈنىمى ۋە بەدەننىڭ قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنى
ئىستىمال قىلىش (پارچىلاپ كۆيدۈرۈش) ئەھۋالىغا باغلىق. يەنە يىگەن تاماق قانچە كۆپ
ۋە كۈۋەتلىك (يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك) بولسا، ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى
ۋە ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشى شۇنچە
ياخشى بولسا، كۈندۈلۈك ھەركەت شۇنچە ئاز بولسا، ئادەم شۇنچە ئاسان سىمىرىدۇ، ئەكسىنچە
تاماق مۇۋاپىق بولسا، كۈندۈلۈك ھەركەت يىتەرلىك بولسا، ئادەم ئاسان سەمىرمەيدۇ. ئەلۋەتتە
ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنى
قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بىراق ئازقازان ئۈچەينىڭ چانداق
بولۇشى بىزنىڭ كونتۇرۇللۇقىمىزدا ئەمەس.
نورمالدا بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاكىتىپ ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ئادەم كۈنىگە 2000 ~2500 كىلو كالورى ئنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىز بۇ ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيەنى ئاساسلىقى ماي، شىكەر ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئۇچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىمىز. بۇ يەردە دىيىلگەن ماي، ھايۋان ۋە ئوسۇملۇك مىيىدىن باشقا ماي تەركىۋى بار بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. شىكەر يەنى بولسا، شىكەر تەركىۋى بار بولغان كاربون سۇ بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاقسىل بولسا، تەركىۋىدە ئاقسىل بولغان ھايۋان، ئۇچار قۇش، سۇ ۋە دىڭىز مەسۇلاتلىرىنىڭ گۆشى، تۇخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق ئاھىلىسىگە كىرىدىغان بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەگەر بىز كۈندە ئىستىمال قىلغان يۇقارقى يىمەك ئىچمەك بىزنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىسە، ئارتۇق ئىنىرگىيە بەدەندە مايغا ئايلىنىپ ساقلىنىدۇ، نەتىجىدە بىز سەمىرىمىز ۋە بەدەن ئغىرلىقىمىز ئىشىپ بارىدۇ. شۇڭا بەدەن قوبۇل قىلغان ئىنىرگىيەنى كونترۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئارتۇق ئىنىرگىيەنى ھەركەت قىلىش ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ تاشلاش، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى نورمال كونتۇرۇل قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئىلمى ئۇسۇلىدۇر.
بىزنىڭ ئادەتتە نىمىگە پەرھىز تۇتۇشىمىز مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىز ئىستىمال قىلىغان ھەرقانداق يىمەك ئىچمەكلىكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش، ۋە بەدىنىمىز ئىرىشمەكچى بولغان ئىنىرگىيە مىقدارىنى بەدىنىمزنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكتۇر. بىزنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇقلار يۇقاردا دەپ ئوتكەندەك شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى)، ماي ۋە ئاقسىل بولۇپ، 1 گىرام ماي ۋە سىمىز گوش بىزنى تەخمىنەن 9 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، 1 گىرام ئورۇق گوش، شىكەر بىزنى 4 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1 گىرام تاتلىق بولمىغان سەي كوكتاتلار بىزنى 2 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز بىر كۈندە تەخمىنەن 50 گىرام ماي ۋە ياكى سىمىز گوش (450 كىلو كالورى)، 300 گىرام ئۇن ۋە گۇرۇچ تاماقلىرى (1200 كىلو كالورى)، 300 گىرام سەي كۆكتات (600 كىلو كالورى) ئىستىمال قىلساق، ئۇلار بىزنى جەمى 2250 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەكچىمەنكى فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجدىن ئېيىتقاندا بىز بىر كۈندە پەقەت شۇنچىلىكلا يىمەكلىككە ئىھتىياجلىق. بىراق ئەمىلىيەتتە بىز بىر كۈندە بۇنىڭدىن خىلى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىمىز، ئەگەر بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىككە چۇشلۇق ھەركەت قىلمىساق بەدەن ئىغىرلىقىمىز بىز سىزە سەزمەيلا ئىشىپ بارىدۇ.

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا
سىمىزلىكتىن ساقلىنىپ، بەدەن ئغىرلىقىمىزنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىپ،
جىسمانى جەھەتتە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز؟
بەدەن ئىغىرلىقىنى ئەڭ مۇھاپىق كونترۇل قىلىش ۋە ياكى ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاكىتىپ، تەننەرقى ئەڭ تۆۋەن، ۋە ئەڭ ساغلام بولغان ئۇسۇلى ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك مىقدارنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش بىلەن بىرگە كۈندۈلۈك ھەركەتنى كۆپەيتىش، ئەگەر بۇلار ئۈنۈم بەرمىسە، قوللۇنىدىغان ئەڭ پاسسىپ ئۇسۇل ھەر خىل ئورۇقلۇتۇش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئوپىراتسىيە قىلىپ، بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى كىسىپ تالاش بىلان بىرگە، ئاشقازاننىڭ بىر قىسمىنى كىسىپ كىچىكلىتىشتۇر.
ئۇندىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلەنگەن
نۇرغۇن خاتا كۆز قارىشىمىزنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك؛
مەسىلەن "ياخشى تاماق ئىشىپ قالغۇچە، يامان قوساق ئىتىلىپ كەتسۇن" دىگەندەك
قاراشلارنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك. ئەگەر ياخش تاماقنى ئىشىپ قالمىسۇن دىسەك،
ئىھتىياجىمىزغا ۋە ياكى يەپ بولىشىمىزغا قاراپ بۇيرۇتساق بولىدۇ. بەدەن ئغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكەن ۋە ياكى ئورۇقلىغان
كىشىلەرنى كورگەندە، "ۋاي جۈدەپ كىتىپسەنغۇ" دىيىشنىڭ ئورنىغا "شۇنداق
ساغلام كۆرۇنىسەن" دىيىشكە ئادەتلىنىشىمىز كىرەك.
No comments:
Post a Comment