Blog Archive

Saturday, April 21, 2018

دورا توغۇرسىدا

دورا توغۇرسىدا ئككى ئىغىز پاراڭ


مەمەت ئىمىن

تىلىمىزدا دورا دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەر خىل، ئىشلىتىش داھىرسى  كەڭ بولۇپ 
قىسقا بىر ئىككى جۇملە سۆز بىلەن ئىنىقلىما بىرىش سەل قىيىن. شۇنداقتىمۇ مەن دورىغا توۋەندىكىدەك ئىنىقلىما بىرىپ ئۆتمەكچىمەن.

دورا دىگىنىمىز يىتەرلىك مىقداردا ئىشلەتكەندىن كىيىن ھەر قانداق ھاياتلىقتا مەلۇم بىيولوگىيەلىك، فىزىلوگىيەلىك ۋە ياكى پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغان تەببى ياكى خىمىيەلىك ماددىدۇر.

تىلىمىزدىكى دورا سۆزى ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئوخشىمىغان ماددىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. كىسەل داۋالايدىغان دورا
2. ساقلىقنى ساقلاش دورىسى
3. ئۆسۈملۈك دورىسى 
4. خىمىيەلىك دورا 
5. دىخانچىلىق دورىسى
6. زەھەرلىك دورا
7. چاشقان دورىسى
8. ھاشارەت دورىسى، چىۋىن دورىسى
9. پارتىلاتقۇچ دورىسى

يۇقارقى ھەر خىل دورىلار ئىچىدە بىزنىڭ كۇندۇلۇك ھاياتىمىزدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئىلىنىدىغان ۋە بىز بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ زىچ بولغىنى كىسەل داۋالايدىغان دورا بىلەن ساقلىقنى ساقلاش دورىسى  بولۇپ، ئۇلار  ئارىسىدا بەزى ئوخشاشلىق ۋە پەرىقلەر مەۋجۇت. بۇ ئىككى دورىنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشى، شەكلى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىدا گەرچە بەزى ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى ئىشلەپ چىقىرىش جەريانى، بازارغا سىلىشتىكى تەلەپ ۋە كىسەل داۋالاش ئۈنىمىدە چوڭ پەرىق بار.

ھازىرقى زامان تىبابىتىنىڭ ئولچىمى بويىچە ئەيىتقاندا، كىسەل داۋالايدىغان دورا  دىگىنىمىز مەلۇم خىلدىكى كونكىرىت كىسەل ۋە ياكى كىسەل ئالامەتلىرىنى كونتۇرۇل قىلىش، پەسەيتىش ئۈنىمى بولغان، بەدەندە تەسىر قىلىش، كىسەل داۋالاش مىخانىزىمى ئىنىق بولغان ماددىلاردۇر.

كىسەل داۋالايدىغان دورالارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازارغا سىلىش جەريانى ئالاھىدە مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بازارغا سىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇنىمى، بىخەتەرلىكى ۋە كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقى بولغان ھەرقاندا ئەكىس تەسىرى توغۇرسىدا ئالاھىدە ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ۋە سىتاستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار تەلەپ قىلىنىدۇ.

كىسەل داۋالايدىغان دورىلار  رىتسىپلىق دورا ۋە رىتسىپسىز دورا  دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. رىتسىپسىز دورىلار ئادەتتە نىسبەتەن بىخەتەر بولۇپ، ئالاھىدە دوختۇرنىڭ يوللورۇقى بولمىسىمۇ، كىسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن سىتىۋىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. رىتسىپلىق دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش تەلىپى ۋە ئوبىكتى كونكىرىت بولۇپ، بۇ خىل دورىلارنى كىسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى كىسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ دورىلارنىن ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئەۋەل كىسەلگە ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇلۇشى كىرەك.

ئادەتتىكى ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرى، قىززىتما ياندۇرۇش دورىلىرى، ئىچى سۇرۇك، ئىچى قىتىۋىلىش دورىلىرى ۋە سىرىتتىن ئىشلىتىدىغان كوپۇنچە دورىلار رىتسىپسىز دورا قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنڭدىن باشقا كىسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ھەممىسى رىتسىپلىق دورا بولۇپ، بۇ خىلدىكى رىتسىپلىق دورىلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى كىسەلنى ئىنىقلاپ چىقىش كىرەك. 

ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنىڭ ئادەتتە  كىسەل داۋالاش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرى گەرچە دورا دەپ ئاتالسىمۇ، بىراق ئۇلار ئوزۇقلۇق تولۇقلۇغۇچىسى ھىساپلىنىدۇ. ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازارغا سىلىش جەريانى يىمەكلىكنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازارغا سىلىش جەريانىغا يىقىن كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا قويىدىغان تەلەپ كىسەل داۋالاشتا قولىنىدىغان دورىلاردەك قاتتىق ئەمەس. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى بازارغا سىلىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۇنىمى ۋە ئەكىس تەسىرلىرى توغۇرسىدا ئالاھىدە ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ۋە سىتاستىكىلىق سانلىق مەلۇمات تەلەپ قىلىنمايدۇ. شۇڭا ساقلىقنى  ساقلاش دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە  ئۇلارنى كىسەل داۋالايدىغان ئاساسلىق  دورى قاتارىدا كۆرۈپ، كىسەل داۋالايدىغان  ھەل قىلغۇچ ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. سەقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى بەدىنمىزدە مەلۇم ماددىلار كەپ بولغاندا، ئۇلارنى نورمال يىمەكلىكلەر ئارقىلىق تولۇقلاش قىيىن بولغاندا، مۇھاپىق تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

كىسەل داۋالشتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرلىرى




كىسال داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورلىرارنىڭ تۇرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپنورمالدا بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تۆۋەندىكى كاتىگورىيەلەرگە ئايرىش مۈمكىن.

1. باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئانتىبىئوتىك): بۇ خىلدىكى دورىلار ئاساسلىقى بەدىمىنىزنىڭ مەلۇم يىرى باكتىريە بىلەن ياللۇغلىنىپ قالغاندا، باكتىريەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قالايمىغان ئىشلەتكەندە يالغۇز كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريەلەرنى ئۆلتۈرۈپ قالماستىن بەلكى نورمال باكتىريەلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، بەدىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلشلايدۇ ۋە بازى يامان ئاقىۋەتلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار: بۇ دورىلار ئاساسلىقى يۇقۇملۇق زۇكام، جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق ۈىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

3. راك كىسىلى دورىلىرى: بۇ خىلدىكى دورىلار ئاسالسلىقى ھەر خىل راك كىسەللىرىنى داۋالشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئەكىس تەسىرى ئىغىر، بەزىلىرى بەدەننىڭ ئقمىيۇنۇت كۈچىگە ئىىر تەسىر كۆرسۈتۈپ، بەدىنىمىزنىڭ باشقا كىسەللەرەە گىرىپتار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى باسىدىغان دورىلار: بۇ خىلدىكى دورىلار ئاساسلىقى سەزگۈرلىگى ئىشىپ كىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەر خىل كىسەللىكلەرگە ۋە بەدەننىڭ مەلۇم ماددىلارغا رىياكسە قىلىشىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

5. قان تومۇرنى كەڭەيتىدىغان دورىلار: بۇ خىلدىكى دورىلار ئاساسلىقى قان بىسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، يۈرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

6. قىززىتما ياندۇرىدىغان ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرى.
7. نىرۋا ۋە مىڭە كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛ 
8. يۈرەك كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛
9. ئاشقازان ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرى كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛
10. ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرى كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛
11. سۈدۈك يوللى ۋە جىنسى ئەزالار كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛
12. ئىچكى سۇيۇقلۇق ۋە ھورمۇنلار بىلەن مۇنساۋەتلىك كىسەللىكلەرنى داۋالشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار؛
13. ئاياللار كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛
14. كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئىغىز ۋە گال قاتارلىق 5 ئەزالار كىسەللىكلىرى دورىسى؛
15. روھى كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛
16. قان كىسەللىكلىرى دورىلىرى؛


ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن دورا تۈرلىرى بار، بىراق مەن ھەممىنى بۇ يەردە بىر بىرلەپ يىزىپ ئولتۇرمايمەن. 

بۇ دورىلارنىڭ بەزىلىرى كىسەل ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشقا ۋە ياكى كىسەلنى كونتۇرۇل قىلىشقا ئىشلىتىلسە، يەنە بەزىلىرى كىسەلنىڭ نىگىزىدىن داۋالاپ ساقايتىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ بەزىلىرى ئۇنىۋىرسال داۋالاشتا ئىشلىتىلسە، يەنى بەزىلىرى كونكىرىت داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ؛ بەزى دورىلار مەلۇم بىر خىل كىسەللىكنى داۋالاشقا ئىشلىتىلسە، يەنە بەزىلىرى بىر نەچچە خىل ئوخشىشىپ كىتىدىغان كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ؛ 

No comments:

Post a Comment