Blog Archive

Monday, May 18, 2015

Qicha mehsulatliri we saghlamliq

Qicha terkiwide Ingilizchide Erucic acid (芥酸) dep atilidighan bir xil kisilta maddisi nahayti yuquri bolup, bu madda  yurek muskullirigha ziyanliq iken. Undin bashqa qicha terkiwide bezi kishilerde sezgurluk peyda qilidighan sezgurligini ashurush maddisi (过敏原) bar iken. Qichini xam eshiya qilghan qicha heseli, qicha miyi qatarliq qicha mesulatlarni ishlep chiqarghanda, qicha terkiwidiki bu xil maddilarning miqdarini yiterlik derijide towenletmise adem bedinige ziyan ilip kilidiken. 1981-yili Ispaniyede shundaq qicha miyini istimal qilip nurghun ademler zeherlen’gen iken. Shundin kiyin her qaysi dowletler qicha mehsulatlirigha muhapiq belgulimilerni biketken iken. Amirkida kicha mehsulatliri terkiwidiki bu xil madda 2% din artuq bolmasliq kirek dep belgulen’gen iken. Yapropaning olchimi bolsa bu xil maddining terkiwi 5% din iship ketmeslik kirek iken. Jonggo bolsa qicha mesulatlirini eng kop ishlep chiqiridighan ikkinji dowlet bolup, Jonggoning bu heqtiki belgilimlerni tapalmidim. 




قىچا مەھسۇلاتلىرى ۋە ساغلاملىق

مەمەت ئىمىن
قىچا تەركىۋىدە ئىنگىلىزچە ئەرۇسىك كىسىلتاسى  دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قىچا كىسىلتا ماددىسى ناھايتى يۇقۇرى بولۇپ، بۇ ماددا  يۈرەك مۇسكۇللىرىغا ناھايتى زىيانلىق ئىكەن. ئۇندىن باشقا قىچىدا بەزى كىشىلەردە سەزگۇرلۇك پەيدا قىلىدىغان سەزگۈرلۈك ماددىسى بار ئكەن.

قىچىنى خام ئەشىيا قىلغان قىچا ھەسەلى، قىچا مىيى قاتارلىق قىچا مەھسۇلاتلىرنى ئىشلەپ چىقارغاندا، قىچا تەركىۋىدىكى بۇ خىل ماددىنىڭ مىقدارى توۋەن دەرىجىدە كونتۇرۇل قىلىنمىسا ئادەم بەدىنىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان ئىلىپ كىلىدىكەن. 1981-يىلى ئىسپانىيەدە شۇنداق تەركىۋىدە قىچا كىسىلتاسى بار مايىنى ئىستىمال قىلىپ نۇرغۇن ئادەملەر زەھەرلەنگەن ئىكەن. شۇندىن كىيىن ھەر قايسى دۆۋلەتلەر قىچا مەھسۇلاتلىرى تەركىۋىدىكى بۇ خىل قىچا كىسىلتاسى مىقدارىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگۇلىمىلەرنى بىكەتكەن ئىكەن. ئامىركىدا قىچا مەھسۇلاتلىرى تەركىۋىدىكى بۇ خىل قىچا كىسىلتاسىنىڭ مىقدارى2% دىن ئارتۇق بولماسلىق كىرەك دەپ بەلگۈلەنگەن ئىكەن. ياۋروپانىڭ ئولچىمى بولسا بۇ خىل قىچا كىسىلتاسىنىڭ مىقدارى 5% دىن ئىشىپ كەتمەسلىك كىرەك ئىكەن.

جوڭگو بولسا قىچا مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ كوپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككىنجى چوڭ دوۋلەت بولۇپ، 2012-يىللىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا جوڭگونىڭ يىللىق قىچا مەھسۇلاتى 14 مىلىيۇن توننا ئىكەن. قىچا مىيى جۇڭگو بازارلىرىدا سىتىلىۋاتقان ئاساسلىق ماينىڭ بىرى بولۇپ، بەيدۇ تور بىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ماي تەركىۋىدىكى قىچا كىسىلتاسىنىڭ مىقدارى 3% دىن تۆۋەن ئىكەن. جۇڭگودا ھەممە ئادەمنىڭ بۇ بەلگۈلىمىگە بوي سۇنىشى ۋە مەسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەت قىلىشى ناتايىن. سانلۇ سۈت پارشۇگى ۋە ھازىر خەۋەرلەردە بىرىۋاتقان ھەر خىل سۈپەتكە يەتمىگەن يىمەكلىكلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئەگەر قىچا ھەسىلى، قىچا مىيى قاتارلىق قىچا مەھسۇلاتلىرى تەركىۋىدىكى بۇ خىل قىچا كىسىلتاسى چىقىرلىپ تاشلانمىغان ۋە ياكى قىچا كىسىلتاسىنىڭ مىقدارى يىتەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلمىگەن بولسا،  ئۇلارنى ئىستىمال قىلغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرقشى مۈمكىن. ئىنسانلار قىچا تەركىۋىدىكى بۇ كىسىلتا ماددىسىر بىلەن زەھەرلەنگەندە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان  ۋە  ئۆپكە قىزىل قان تومۇر بىسىمى يۇقۇرى بولغان كىشىلەردە بولىدىغان كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن.

ئۇندىن باشقا ئوخسىمىغان ئادەملەرنىڭ  
بەزى ئوخشاش  زىيانلىق مااددىلارغا بولغان ئىنكاسى ئوخشاش بولماسلىقى مۈمكىن. مەلۇم ماددا بەزى كىشىلەردە كۆزىگە كۆرۈنەرلىك زىيان كەلتۈرمىگەن بولسا يەنى بەزى كىشىلەردە كۆزىگە كۆرۈنەرلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۈمكىن. قىچا مەسۇلاتلىرى تەركىۋىدىكى بۇ ماددىلار ئوخشىمىغان ئادەملەردە ئوخشىمىغان نەتىجە بىرىشى مۈمكىن. بەزى بۇ ماددىلارغا سەزگۈر كىشىلەردە ئىغىر زىيان پەيدا قىلىشى، بەزى بۇ ماددىلارغا سەزگۈر بولمىغان كىشىلەردە ھىچقانداق زىيان پەيدا قىلماسلىقى مۈمكىن. بەزى كىشىلەر ئۇ ماددىغا تىز ئىنكاس قايتۇرسا يەنە بەزى كىشىلار ئاستا ئىنكاس قايتۇرۇشى مۈمكىن، يەنى بەدەنگە بولغان زىيىنى ئۇزۇن مەزگىلدىن كىيىن ئىپادىلىنىپ چىقىشى مۈمكىن.
ئاخىردا قوشۇمچە قىلىدىغىنىم، ھەسەل تەركىۋىدە گەرچە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار مول بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك تاتلىق يىمەكلىك ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا ھەسەل، ناۋات، شىكەر قاتارلىق يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ساغلام بولغان يىمەكلىك  ئادىتى ھىساپلانمايدۇ. بولۇپمۇ ئوزۇقلۇپ يىتىپ ئاشىدىغان باياشات بىر جەمىيەتتە نۇرغۇن كىسەللىك شۇ يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە ھىچقانداق بىر نەرسە مۇتلەق بولمىغانغا ئوخشاش، گۆش، ماي، ھەسەل ، ناۋات ۋە شىكەر قاتارلىق يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلار ئىچىدىمۇ ساغلام ياشىغانلار ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر بار، بىراق ئۇ بىر ئوموملۇق ئەمەس. ھازىر ئوموملۇق بولغان بىر رىياللىق شۇكى ئوزۇقلۇق كەم بولغان نامىرات رايۇنلاردا كۆپۈنچە كىشىلەر بەدەن ئاجىزلىق سەۋەبىدىن  ھەر خىل  ياللۇغ ۋە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە كۆپ گىرىپتار بولغان بولسا، ئوزۇقلۇق يىتەرلىك بولغان رايۇنلاردا كۆپۈنچە كىشىلەر دىيابىت كىىلى، يۈرەك قان تومۇر، مىڭە قان تومۇر كىسىلى قاتارلىق ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر خىل كىسەللىكلەرگە كۆپ گىرىپتار بولـماقتا.

No comments:

Post a Comment