Blog Archive

Friday, October 13, 2017

راك كىسىلى توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

راك كىسىلى دىگەن زادى قانداق كىسەل؟

راك كىسىلى دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم  ئەزا، ئورگان ۋە توقۇلمىلاردىكى مەلۇم  بىنورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ كونتۇرۇلسىز كۆپىيىشىدىن پەيدا بولغان يامان سۈپەتلىك (ئۆسمە)  كىسەللىكلىرىنىڭ  ئورتاق ئاتىلىشى.  ئادەم بەدىنى ئادەتتە 200 خىل  ئەتىراپىدىكى ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بەدەندىكى بۇ ھۈجەيرىلەر نورمال كوپىيىش ئارقىلىق كونا ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. يىڭى ھۈجەيرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كونا ھۇجەيرىنىڭ ئورنىنى ئىلىشى بەدەندە ئۈزلۈكسىز يۈز بىرىپ تۇرىدۇ ۋە مەلۇم تەڭپۇڭلىقنى ساقلايدۇ. ئادەتتە بىنورمال ھۈجەيرىلەر بەدەندە ئانچە مۇنچە پەيدا بولۇپ تۇرسىمۇ، بىراق بەدەننىڭ ئۆزىنى قوغداش كۈچى تەرپىدىن دەرھال تازلاپ  يوق قىلىنىدۇ، نەتىجىدە راك كىسىلىگە تەرەققى قىلمايدۇ.

راك كىسىلى توغۇرسىدا چۈشەنچىگە قىززىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىپ، راك كىسىل توغۇرسىدىكى ساۋاتنى كۆرۈپ چىقىڭ.

https://drive.google.com/file/d/0B91q9SF2EQNwT2dqZ0hKZzZVb0U/view

No comments:

Post a Comment