Blog Archive

Sunday, February 18, 2018

ئۆت كىسىلى

ئۆت كىسەللىكلىرى توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
مەمەت ئىمىن
ئۆت (Gallbladder) جىگەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان كىچىك خالتا شەكىللىك بىر ئەزا بولۇپ، بەزىدە ئۇ ئۆت خالتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛  
ئۆتنىڭ ئاساسلىق رولى جىگەر ئاجىرتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلىقىنى ساقلاش، قويۇقلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى كىچىك ئۈچەيگە قەرەلىك يوللاپ بىرىشتىن ئىبارەت.
ئۆت سۇيۇقلىقى (Bile)
ئۆت سۇيۇقلىقى بولسا قىنىق يىشىل رەڭ بىلەن سىرىق رەڭنىڭ ئارىسىدىكى بىر خىل سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇ كىچىك ئۈچەيگە كىرگەن ئوزۇقلۇقنى بولۇپمۇ ماينى ھەزىم قىلىشتا موھىم رول ئوينايدۇ. ئۆت سۇيۇقلىقى ئادەتتە جىگەردە ئۈزلىكسىز ئاجىرتىلىپ چىقىرلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جىگەردىن ئاجىرلىپ چىققان ئۆت سۇيۇقلىقى ئۆت خالتىسىغا كىرىپ ساقلىنىدۇ، ۋە ھەر قىتىم تاماقتىن كىيىن غول ئۆت نەيچىسى ئارقىلىق كىچىك ئۈچۈيگە كىرىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن ئادەم كۈنىگە 400 - 800  مىللىلىتىر ئەتىراپىدا ئۆت سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىىردۇ. ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ 97% سۇ، 0.7% تۇز،0.51% ماي يەنى كولەستىرول، 0.2% بىلىرۇبىن (قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئۆلگەنىدىن كىيىن ئاجىرلىپ چىققان ماددا)
ئۆتتە كۆپ كۆرىلىدىغان كىسەللىكلەر
ئۆتتتە كۆپ كۆرىلىدىغان كىسەللىكلەر جىددى ۋە ئاستا خاراكتىرلىك ئۆت ياللۇغى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ۋە ئۆت راكى بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئۆتنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بەزى غەيرىلىك بىلەن ئۆتتىكى بەزى تۇغما كىسەللىكلەر بولۇپ، ئۇلار نىسبەتەن بەك كۆپ ئۇچۇرمايدۇ.  
ئۆت ياللۇغى بولسا كۆپۈنچە ھالدا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا ۋە ياكى ئۆتتە تاش بولۇش بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولىدىغان كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ۋاختىدا داۋالاش ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ۋە ئۆتتىكى تاشنى داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە بەك موھىم.
مەن تۆۋەندە ئاساسلىقى ئۆتتىكى تاش توغۇرسىدا نوقتىلىق توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
ئۆتتىكى تاش
ئۆتتىكى تاش دىگىنىمىزدە ئادەتتە ئۆت خالتىسىنىڭ ئۆزىدە، ئۆت نەيچىسىدە ۋە ئورتاق (غول) ئۆت نەيچىسىدە بولىدىغان تاشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئۆتتىكى تاشنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى
ئۆتتە تاش بولغاندا بەزىدە ھىچقانداق كىسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۈمكىن. كۆپۈنچە ئاھۋالدا ئۆتتىكى تاش ئۆت نەيچىلىرىگە بىرىپ، ئۆت نەيچىسىنى توسىۋالغاندا، ئۆت سۈيۈقلىقى توسالغۇغا ئۇچۇرغاندا ئاندىن كىسەللىك ئالامىتى پەيدا قىلىدۇ.
1. ئوڭ قوۋۇرغىسىنىڭ ئاستى تەرىپى ئاغرىش؛
2. ئوڭ دۈمبىسى ئاغرىش، بەزىدە ئاغرىق گەجگىسىگە ۋە دولىسىغا تارقاش؛
3. ئاغرىق مايلىق قورىما تاماق ۋە تۇخۇم يىگەندە تىخىمۇ ئىغىرلىشىش؛
4. كۆڭلى ئىلىشىش ۋە قۇسقىسى كىلىش، ياندۇرۇش؛
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئنىق سەۋەبىنى بىلىش قىيىن، بىراق شۇندقتىمۇ ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش تكۋەندىكى ئامىللار بىلەن  مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن.
1. سىمىزلىك ۋە ياكى بەدەن ئىغىرلىقى ئىشىپ كىتىش؛
2. مايلىق تاماقنى بولۇپمۇ كولەستىرول تەركىۋى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش؛
3. تاللا تەركىۋى بار بولغان يىمەكلىلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش؛
4. ئىغىر ئاياق (ھامىلە) بولۇش؛
5. ئۆت ۋە ئۆت نەيچىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدا غەيرىلىك بولۇش، تەنى ئۆت نەيچىسى تارىۋىلىش؛
ئۆتىكى تاشنىڭ تۈرلىرى
1. كولەستىروللۇق تاش؛ بۇ ئۆتتە ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان تاش بولۇپ، ئاسالىقى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قويۇقلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆت سۇيۇقلىقى تەركىۋىدىكى كولەستىرول ئۆر ئارا توپلۇشۇش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تاش ئادەتتە سىرىغىش بولۇپ، ئادەەتىكى ئكىس نۇر فىلىمىدە كۆرۈنمەيدۇ.



2. پىگمەنت تاش؛ بۇ خىل تاش قوڭۇر ياكى قارا رەڭلىك بولۇپ، ئاساسلىقى بىلىرۇبىندىن تەركىپ تاپقان.
3. ئارىلاشما تاش؛ يۇقارقى ئككى خىل تاشنىڭ ئارىلاشمىسى؛
4. كالتسىلاشقان تاش؛ بۇ خىل تاش تەركىدە كۆپ مىقداردا كالتسى بولۇپ، ئادەتتىكى ئكىس نۇر فىلىمىدە بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش
1. تاماقنى رىتىملىك يىيىش، تاماق ئگىز پەس بولۇپ قالماسلىق، بولۇپمۇ بەزىدە كۆپ تاماق يىيىش، بەزىدە ئاچ قوساق قىلىش ۋە ياكى بىر ئككى ۋاقلىق تاماق ۋاختىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك؛
2. يىتەرلىك سۇ ئىچىش، ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چويۇقلۇشۇپ، تاش پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش؛
3. ئۆتتە ياللۇغ بولغاندا ۋاختىدا داۋالىتىش؛
4. بەك سەمىرىپ كىتىشتىن ساقلىنىش، بەدەن ئىغىرلىقىنى مۇئاپىق كونتۇرۇل قىلىش ؛
5. تەركىۋىدە كولەستىرول كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش؛
6. تەركىۋىدە تاللا بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىماك قىلىشقا ئادەتلىنىش؛
ئۆتتىكى تاشقا دىياگۇنۇز قويۇش
ئۆتتە تاش بار يوقلۇقىغا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق دىياگۇنۇز قويۇش مۈمكىن.
1. يۇقۇرى چاستوتلۇق ئاۋاز دولقۇنلىرى ئارقىلىق تەكشۇرۇش

2. ئكىس نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش
3. CT ئارقىلىق تەكشۈرۈش
ئۆتتىكى تاشنى داۋالاش
ئۆتتىكى تاشنى قانداق داۋالاش ۋە داۋالاشنىڭ ئۈنىمى ئۆتتىكى تاشنىڭ تۈرى، تاشنىڭ ئورنى، ۋە تاشنىڭ چوڭ كىچىكلىكى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇنسىۋەتلىك.  تەركىۋىدە كالتسى بولمىغان كولەستىروللۇق كىچىك تاشلارنى ئوپىراتسىيە قىلماي دورا بىلەن ئىرىتىپ ساقايتىش ئىھتىمالى يۇقۇرى. ئەكسىنچە بولغاندا، بولۇپمۇ ئۆتتە ياللۇغ بولغان، ئۆت يولى راۋان بولمىغان، تاش تەركىۋىدە كۆپ مىقداردا كالتسى بولغان، چوڭ ۋە قوپال بولغان تاشلارنى دورا بىلەن ئىرىتىپ ساقايتىش ئۈنچە ئاسان ئەمەس.
1. دورا بىلەن داۋالاش




2. ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش

No comments:

Post a Comment