Blog Archive

Friday, July 3, 2020

كورونا ۋىرۇسى ۋە كوۋىد 19 كېسىلى ئورتا ئاسىيادا

كورونا ۋىرۇسى ۋە كوۋىد 19 كېسىلى ئورتا ئاسىيادا
مەمەت ئىمىن

 خىتايدىن تارقىغان كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇ پەيدا قىلغان كوۋىد 19 كېسىلى ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيادا 11 مىليون ئادەمگە يۇقۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە  نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن باشقا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېغىر تەھدىتلەرنى يارىتىپ، ئختىزادى جەھەتتە ئېغىر زىيانلارنى پەيدا قىلدى. ھازىر بۇ ۋابا گەرچە ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئاز تولا كونترول بولغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا قىتئەسىدە، ئافرىقىدا ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە يەنىلا تېز تارقىماقتا. يۇقۇملىنىش ئامېرىكا، برازىلىيە، روسىيە، ھىندىستان، جەنۇبى ئافرىقا، پېرۇ، مېكسىكا، پاكىستان، بىنگال، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە، بۇ ۋابانىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا كۈنىگە 200 مىڭدىن، ئامېرىكىدا كۈنىگە 50 مىڭدىن كۆپەيمەكتە.  

ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، گەرچە ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سان بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق يېقىنقى مەزگىللەردىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇ ۋابانىڭ ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشماقتا. 
قىرغىزىستاندىكى كۈندۈلۈك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى


 قازاققىستاندىكى كۈندۈلۈك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى



ئۆزبەكىستاندىكى كۈندۈلۈك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى


بۇ ۋابا تارقالغاندىن بۇيان، مەن بۇ ۋابا توغرىسىدا ئىزچىل لېكسىيىلەر سۆزلەپ كەلگەن ئىدىم؛ ئۇ لېكسىيىلەر ئىچىدە بۇ ۋابانىڭ كىسەل ئالامەتلىرى،ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بار. مەن تۆۋەندە ئۇ لېكسىيىلەرنىڭ بىر قىسمىنى دېقىتىڭلەرگە سۇندۇم. ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا كەڭ تارقىتىپ قويۇڭلار. 

كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش

كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇ توغرىسىدا كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار

كورونا ۋىرۇسى ۋە ماسكىنىڭ رولى

بەدەننىڭ ئىميۇنۇت كۇچى

بۇ ۋابا يەنە قانچە ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ

بۇ ۋابا كونتۇرۇل بولۇشقا باشلىدىمۇ

بۇ ۋابا توغرىسىدا يىڭى ئۇچۇرلار

كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا تەۋسىيە

كوۋىد 19 كىسىلى توغرىسىدا يىڭى ئۇچۇرلار

بارلىق ۋىدىيولار

No comments:

Post a Comment