Blog Archive

Thursday, April 21, 2016

جۆيلۈش

  (جۆيلۈش (ئۇخلاۋىتىپ گەپ قىلىش

 مەمەت ئىمىن

جۆيلۈش دىگىنىمىز ئۇخلاۋىتىپ ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلەش بولۇپ، سۆزلىگەن سۆزلەر بەزىدە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، مەلۇم مەزمۇننى ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، بەزىدە ئالدى كەينى ئۆز ئارا باغلاشمايدىغان، مەزمۇنى چۈشۈنىكسىز بولىدۇ. جۆيلۈش ئۆسۈپ يىتىلىۋاتغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۆيلۈش ئەھۋالى بارا بارا ئازلايدۇ. نورمالدا بالاغەتكە يەتكەنلەر ئىچىدە جۆيلۈش ئەھۋالى ئۇنچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.

ئادەم نىمە سەۋەپتىن جۆيلىدۇ؟ ھازىرغا قەدەر جۆيلۈشنىڭ سەۋەپى توغۇرسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراڭ ئۇ بىر مۈرەككەپ جەريان بولغاچقا، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرمۇ ھەر خىل، بەزىلەرىنىڭ سەۋىپىنى بىلىش مۈمكىن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ سەۋەپىنى بىلىش مۈمكىن ئەمەس. جۆيلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى سەۋەپ ۋە ئامىللارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە يىقىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. روھى ئامىللار: قورقۇش، جىددىلىشىش، ئەندىشە قىلىش، ئۈمۈتسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش؛
2. ھەر خىل ياللۇغلىنىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يۇقۇرى قىززىتما (قىززىتمىسى يۇقۇرلاپ كىتىش)؛
3. ئۇيقا نورمالسىزلىقى، بولۇپمۇ كۆزنى تىز ھەركەتلەندۈرىدىغان ئۇيقا نورمالسىزلىقى، ئۇخلاۋاتغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلى؛
4. بەزى روھى كىسەللىكلەر؛
5. ھاراق ۋە بەزى ناركوز، مەس قىلىش دورىلىرى؛
6. ئىرسى ئامىللار ۋە ئاھىلە مىراسى؛

جۆيلۈش نورمالدا ئەتىرەپتىكىلەرنىڭ  ئۇيقىسىىغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا سالامەتلىككە ئالاھىدە زىيانلىق بولمىغاچقا، بەزى كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان جۆيلۈشكە نىسبەتەن ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا، باشقا جۆيلۈشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەگەر جۆيلۈش ئەھۋالى ئىغىر بولسا ھەم ئۇيقا سۈپىتى ياخشى بولمىسا، كۈندۈزى مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولسا، ئۇيقا ئەھۋالىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، مۇنسىۋەتلىك ئۇيقا نورمالسىزلىقى بايقالسا، شۇنىڭغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بىرىلسا بولىدۇ.

ئەگەر ئالاھىدە باشقا ئەگەشمە ئەھۋاللار بولمىسا، روھى ھالەتنى ياخشىلاش، بەدەن چىنىقتۇرۇش، ئۇيغان سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، خىزمەت ۋە ئارام ئىلىشنى رىتىملىق ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق جۆيلۈش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ. ئالاھىدە دورا يەپ داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم جۆيلۈشنى داۋالايدىغان ئۇنداق بىر دورىمۇ يوق.

No comments:

Post a Comment