Blog Archive

Saturday, April 2, 2016

بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟


مەمەت ئىمىن

يىقىندا مەن"بىز ئىچىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دورىلار ھاجەتسىز، نۇرغۇنلىغان داۋالاش كىرەكسىز" دىگەن تىمىدا بىر ماقالا كۆرۈپ، بۇ جەھەتتە ئازراق بىر نەرسە يىزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغۇرا تاپتىم.

بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟ نۇرغۇن دوستلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ بەلكىم "كىسەل بولساق داۋالاتماي نىمە قىلاتتۇق" دەپ ھەيران قىلىشى مۈمكىن. كىسەل بولساق ئەلۋەتتە دوختۇرغا كۆرۈنىمىز، دورا ئىچىمىز، زۆرۈر بولسا ئوپىراتسىيە قىلدۇرىمىز، ھەر خىل تەببىرلەرنى قوللۇنۇپ داۋالىتىمىز. مەسىلە بىز گىرىپتار بولغان ھەرقانداق كىسەلگە نىسبەتەن ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ، بىرىلگەن دورىلارنىڭ، ئىلىپ بىرىلغان داۋالاشلارنىڭ ھەممىسى زورۇرمۇ؟ بۇلارنى قوللانمىغاندا ھىچقانداق بىر كىسەل ياىشى بولماسمۇ؟ جاۋاپ ئەلۋەتتە "ئۇنداق ئەمەس".  مەسىلەن بىز زۇكام بولغاندا ھىچقانداق دورا ئىچمەي ساقىيالايمىز، بىراق بىز زۇكام بولۇپ دوختۇرغا بارساق، دوختۇر ھەرگۈزمۇ بىزنى قۇرۇق قول يولغا سىلىپ قويمايدۇ. ئەمىلىيەتتە دوختۇرنىڭ زۇكام ئۈچۈن بەرگەن دورىسى ھەقىقەتەن زورۇرمۇ؟ زۇكامنىڭ ساقىيىشى دورىنىڭ كۈچىدىنمۇ ۋە ياكى بەدەننىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىدىنمۇ،  يەنى زۇكامنىڭ ساقىدىغان ۋاقتى سائەتى كەلگەنلىكتىنمۇ؟ بىز نورمالدا بۇ مەسىلىلەرنى بەك سۈرۈشتە قىلىپ كەتمەيمىز.

ئۇ ماقالىدا ھازىر تىببى ساھادە ئىلىپ بىرىلۋاتقان نۇرغۇنلىغان تەكشۇرۇشلەرنىڭ، نۇرغۇنلىغان دورىلارنىڭ، ھەتتا نۇرغۇنلىغان ئوپىراتسىيەلەرنىڭ پۇتۇنلەي ھاجەتسىز ئىكەنلىگىنى، نۇرغۇنلىغان داۋالاش جەريانىدا بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلنىڭ داۋالاش سەۋەبىدىن ساقايغان ۋە ياكى بىمارنىڭ ئۆز  بەدىنىدىكى كىسەلگە تاقابىل تۈرۈش كۈچىنىڭ سەۋەبىدىن ساقايغانلىغىنى پەرىق ئىتىشتە قىيىنچىلىقنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئەمىلىيەتتە بىز گىرىپتار بولغان نۇرغۇن ئۇششاق كىسەللەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە دورا ئىچىپ داۋالىتىشىمىزنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق. بىز پەقەت كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا ئازراق تەڭشەش ئىلىپ بارساق كۇپايە. نۇرغۇن ئۇششاق كىسەللىكلەر، بەدەن چىنۇقتۇرۇش، ياخشى ئارام ئىلىش، ياخشى ئۇخلاش، كىسەل بولغان مۇھىتنى ئالماشتۇرش، كىسەل پەيدا  قىلغان ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ساقىيىپ كىتىدۇ. نورمال ساغلاملىق تەكشۈرۈشتە تاسادىپى بايقالغان نۇرغۇن بىنورماللىق بەلكىم بىر ئۆمۈر بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ، ھىچقانداق يامان ئاقىۋەت كەلتۇرمەسلىكى مۇمكىن.

بىزنىڭ بەدىنىمىز ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرىدۇ، بىراق بىز ئۇنىڭلىق بىلەن ھەر كۈنى كىسەل بولۇپ تۇرمايمىز. بەزىلىرىمىز كۆپ كىسەل بولىمىز، بەزىلىرىمىز يىللاپ كىسەل بولمايمىز، ھەتتا بەزىلىرىمىز  بىر ئۆمۈر كىسەل بولمايمىز، كەم دىگەندە ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئالاھىدە ئىغىر كىسەل بولمايمىز. بەزىلىرىمىز دورىنى تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىپ تۇرساقمۇ، يەنە كىسەلدىن قۇتۇلالمايمىز، يەنە بەزىلىرىمىز بەزى كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا، ھىچقانداق دورا ئىشلەتمەيمۇ ئۆزلىگىمىزدىن ساقىيىپ كىتىمىز. سەۋەپ، بەدىنىمىزنىڭ كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش، ۋە ئۆز ئۆزىنى رىمىنۇت قىلىش، داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا. بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، بەزىلىرىمىزنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدا. بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىقتىدارى ياخشى قوغدالغان، ۋە تولۇق جارە قىلدۇرۇلغان بولسا، بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن تەڭپۇڭلىقىنى يوقتۇپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىدە.

ئۇنداقتا  قايسى كىسەللەرگە دورا ئىشلىتىش، قانداق كىسەللەرنى ئوپىراتسىيە قىلىش، ۋە قايسى كىسەللەرگە نىسبەتەن ھىچقانداق داۋالاش ئىلىپ بارماسلىققا  قانداق ھوكۈم چىقىرىمىز؟

بۇ سۇئالغا بىر ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن جاۋاپ بىرىش قىيىن. بۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئالدى بىلەن، ئۇ دوختۇرنىڭ كەسپى ئەخلاقى بىلەن ئىختىزادى مەنپەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى قانداق ساقلىشىغا باغلىق؛ يەنى دوختۇرلارنىڭ ئىختىزادى كىرىم بىلەن كەسپى ئەھلاقى ئارسىدىكى مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ناھاتى مۇھىم؛ ئەگەر دوختۇر كەسپى ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىسا، ئورۇنسىز تەكشۈرۈلەر بىلەن ئورۇنسز داۋالاشنى ئازلىتىش مۈمكىن ئەمەس.

ئىككىنجىدىن، دوختۇرلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكنىڭ قىممىتىنى يۇقۇرى كوتۇرۇشى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىق؛ بۇ يەردە دىيىلگەن ئەقلى ئەمگەكنىڭ قىممىتى دىگىنىمىزدە بىرەر ماددى نەرسە بىلەن ئىپادىلەنمەيدىغان، دوختۇرنىڭ بىلىم ۋە تەجىربىلىرىگە ئاساسەن چىقارغان ھوكۇم ۋە قارارلىرىنىڭ  قىممىتى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنى  كەڭ خەلىق ئاممىسى قوبۇل قىلىشى ناھايتى مۇھىم. مەسىلەن بىر ئادەم كىسەل بولۇپ قىلىپ دوختۇرغا بارغاندا، ئەگەر دوختۇر ئۆز تەجىربىلىرىگە تايىنىپ، بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلگە توغۇرا ھوكۈم چىقىرىپ، بىمارغا ئەندىشە قىلىغۇدەك چوڭ كىسەل يوقلىقىنى، ھىچقانداق دورا ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ۋە ئۆيگە كىتىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەيتىپ، بىماردىن ھەق ئالماقچى بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمار ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى مۈمكىن. ئەگەر دوختۇر بىمارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىمارغا سالامەتلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى سۆزلەپ، بىرنەچچە يۈز يۇئەنلىك، ھەتتە بىر نەچچە مىڭ يۇئەنلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، ھىچقانداق چوڭ كىسەل چىقمىغاندىن كىيىن، بىمارغا ئەندىشى قىلغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق ئىكەن، ئازراق دورا يىسىڭىز ياخشى بولۇپ كىتىسىز دەپ بىر نەچچە يۇز يۇئەنلىك ھاجىتى يوق دورىلارنى يىزىپ بەرسە، بىمار دوختۇرنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە كۆيۈنگەنلىكىگە كۆپ رەخمەتلەرنى ئەيتىپ رازىلىق بىلەن ئۆز يولىغا كىتىدۇ.  نەتىجىدە بۇ بىمار يالغۇز ئۆز رازىلىقى بىلەن ئارتۇقچە چىقىمدار بولۇپلا  قالماستىن، بەلكى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ۋە زۆرۇر بولمىغان دورىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرايدۇ. چۇنكى كۆپۈنچە تەكشۈرۈش ۋە ھەرقانداق دورىنىڭ ئۇنداق ۋە مۇنداق يامان تەسىرلىرى بار بولۇپ، كىسەل داۋالاشتا زورۇر بولسا، ئۇنىڭ كىسەل داۋالاشتىكى ئۈنىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، يامان تەسىر بىلەن ھىساپلىشىپ كەتمەيمىز، بىراق ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغاندا، ئۇ تەكشۈرۈش ۋە دورىلارنىڭ ئازراق يامان تەسىرىمۇ ئەلۋەتتە زىيان ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر بىز قىممەت قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، دوشتۇرنىڭ ئەقلى ئەمگىكىنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلساق ۋە ياكى ئۇنى قوبۇل قىلساق، يالغۇز زورۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ۋە داۋالشتىن ساقلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىختىزادڭ جەھەتتىمۇ ئۇنداق كۆپ چىقىمدار بولماسلىقىمىز مۈمكىن.

ئۈچۈنجىدىن، دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق. يەنى ساغلاملىق ۋە ھاياتلىق دوغا تىكىدىغان، بۇ قىتىم زىيان تارتسام كىلەر قىتىم پايدا ئالارمەن دەيدىغان نەرسە ئەمەس. قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش، ئوپىراتسىيە قىلىش ھاجەتسىز، قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش ۋە ياكى ئوپىراتسىيە قىلىش زورۇر، ئۇنىڭغا توغۇرا ھوكۇم چىقىرىلمىسا، زىيان تارتقۇچى يەنىلا بىمار بولىدۇ. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، دورا ئىشلىتىش،  زۆرۈر بولمىغان كىسەلگە دورا بىرىش خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، داۋالاش زۆرۈر بولغان كىسەلنى ۋاقتىدا داۋالىماي، داۋالش ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ چويۇشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئوپىراتسىيە قىلمايدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئوپىراتسىيە قىلىدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلماسلىقمۇ خاتا. شۇڭا ھەر بىر كىسەلگە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىپ، زورۈر بولغان داۋالشنى ئىلىپ بىرىش، زورۈز بولمىغان داۋالشتىن ساقلىنىش، ھەم شۇنداقلا داۋالىتىش زۆرۈر بولغان كىسەلنىڭ داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ چويماسلىق  دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق؛

تۆتىنجىدىن، دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشىگە ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىغا باغلىق؛  ئۆز ئارا ئىشەنچ بولمىسا، ۋە ياكى ھەممە ئىشقا گۇمان بىلەن قارالسا، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىنمىسا، بۇ مەسىلە ھەرگۈزمۇ ھەل بولمايدۇ؛

بەشىنجىىدىن، ئاۋام خەلقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرىغا ۋە ئۇنىۋىرسال سەۋىيەسىگە باغلىق؛ ئادەم ئۆز بەدىنىنى بىلىشى، ئوزىنى قانداق قوغداشنى بىلىشى بەكلا زۆرۈر. ئەگەر بىمارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە يىتەرلىك ساۋاتلىرى بولسا، ئۆزى گىرىپتار بولغان كىسەلگە نىسبەتەن ياخشى تونۇشى بولۇشى مۈمكىن؛ دوختۇرغا كىسەل ئەھۋالىنى بايان قىلغاندا ئۆزى گىرىپتا بولغان كىسەلنىڭ جەريانىنى تولۇق ۋە توغۇرا بايان قىلىىپ بىرىشى، كىسەلگە دىياگۇنۇز قويۇش ۋاقتىنى ۋە قىممىتىنى توۋەنلىتىشى مۈمكىن؛ دوختۇرمۇ بۇنداق بىمارلارغا نىسبەتەن خالىغانچە مۇھامىلە قىلماسلىقى، ۋە ئۇلارغا نىسبەتەن بەزى زورۇر بولمىغان تەكشۇرۇشلەرنى ئىلىپ بارماسلىقى مۈمكىن؛

ئالتىنجىدىن، مەسىلە توغۇلغاندا ھەل قىلىش يوللىرىنىڭ مۇكەممەللىشىگە باغلىق؛ مەسىلە توغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئەلۋەتتە مۇھىم؛ مەسىلە تۇغۇلغاندىن كىيىن توغۇرا بىر تەرەپ قىلىشمۇ ناھايتى مۇھىم. بىمارنىڭ ھاياتتى ھورمەتلىنىشى ۋە قوغدۇلىشى كىرەك، شۇنداقلا بىمارنىڭ ھەق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە دوختۇرنىڭ ھەق ھوقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىشى كىرەك؛ مەسىلە كۆرۈلگەندە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن مەنپەت توقۇنىشى بولمىغان، ئۈچۈنجى بىر تەرەپ كۆرۈلگەن مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىدىغان بىر سىستىما بەرپا بولۇشى 
.كىرەك


تىبابەتنىڭ (مەيلى ئۇ غەرىپ تىبابىتى ۋە ياكى يەرلىك تىبابەت بولسۇن) ئىنسانلار  سامەتلىكىگە ئىلىپ كەلگەن پايدا مەنپەتىگە كۆز يۇمۇش مۈمكىن ئامەس. دەل شۇ تىبابەتنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئىلىپ كەلگەن پايدا مەنفەتى تۈپەيلىدىن، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى يۈكسەك دەرىجىدە تۆۋەنلىمەكتە، نۇرغۇن يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ئۈنۈملۈك ئالدى ئىلىنماقتا، بۇرۇن ساقايماس دەپ قارالغان نۇرغۇن كىسەللىكلەر ئۈنۈملۈك ساقايتىلماقتا. مىنىڭ بۇ ماقالامدا تىبابەتنىڭ بۇ توھپىلىرى ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى مەركەز قىلىنغان.

No comments:

Post a Comment