باش ئاغرىش
مەمەت ئىمىن
باش ئاغرىش كۈندۈلۈك تۇرمىشىمىزدا ئەڭ
كۆپ ئۇچۇرايدىغان بىر خىل كىسەللىك
ئالامىتى بولۇپ، ئەزەلدىن بىشى ئاغرىپ باقمىغان ئىنسان بەلكىم بولمىسا كىرەك.
ئۇنداقتا باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى
سەۋەپەلەرگە ئاساسەن باش ئاغرىشنىڭ تۈرى ۋە ئىغىر يەڭگىللىكى ئوخشاش .بولمايدۇ
باش ئاغرىشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنى كەلتۈرۈپ
چىقارغان سەۋەپلەر
1. ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان باش ئاغرىش روھى كەيپىيات بىلەن
مۇناسىۋەتلىك باش ئاغرىش بولۇپ، جىددىلىشىش، ئاچچىقلىنىش، قاتتىق غەم ئەندىشىگە چۈشۈش،
كۆڭلى يىرىم بولۇش، ياخشى ياكى يىتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر ئاسانلا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشنى ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ دورا ئىشلەتمەي، ياخشى
ئارام ئىلىش ۋە كەيپىياتنى ياخشىلاش ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرەك.
2. بىشىنىڭ يىرىم ۋە ياكى بىر قىسمى ئاغرىش
2. بىشىنىڭ يىرىم ۋە ياكى بىر قىسمى ئاغرىش
بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان بىر خىل باش ئاغرىش
بولۇپ، بۇ خىل باش ئاغرىش بەزىدە ئالاھىدە ئىغىر بولىدۇ ۋە ئۇزۇن مەزگىل
داۋاملىشىدۇ. ھازىرغا قەدەر بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ تىخى
ئانچە ئىنىق ئەمەس بولۇپ، داۋالاشتىمۇ باش ئاغرىشنى توختۇتىدىغان دورا ئىشلىتىشتىن
باشقا ئالاھىدە شىپالىق بىر داۋالاش ئۇسۇلى يوق.
3. زۇكام سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. ئادەم
زۇكام بولغاندا بۇرۇن تۆشۈكچىلىرىنىڭ پۈتۈپ قىلىشى سەۋەبىدىن قان ئايلىنىش
توسالغۇغا ئۇچۇراپ، مىڭە بوشلۇقىنىڭ بىسىمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ۋە مەلۇم دەرىجىدە
باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە بەك قاتتىق
بولمايدۇ. زۇكامنىڭ ساقىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشمۇ ئۆزلىگىدىن يوقاپ
كىتىدۇ.
4. نىرۋا
خاراكتىرلىك باش ئاغرىش. بۇ خىل باش ئاغرىش نىرۋىنىڭ بىسىلىشى سەۋەبىدىن كىلىپ
چىققان بولۇپ، ئاغرىش كۆپۈنچە يۈزىدىن باشلىنىدۇ.
5. يۇقۇرى قان بىسىمى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش
ئاغرىش. ئادەتتە يۇقۇرى قان بىسىمى ئاستا خارەكتىرلىك كىسەل بولغىنى يەنە قان
بىسىمىنىڭ يۇقۇرلاش جەريانى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاستا بىر جەريان بولغانلىقى ئۇچۇن،
نورمالدا ئالاھىدە باش ئاغرىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بىراق قان بىسىمى قىسقا ۋاقىت
ئىچىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ كەتكەندە، قاتتىق باش ئاغرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل
باش ئاغرىشقا ئادەتتە ياندۇرغۇسى كىلىش، ياندۇرۇش، بىشى قىيىش، كۆزى تورلۇشۇش دىگەندەك
ئەگەشمە ئالامەتلەر ھەمرا بولىدۇ.
6. مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان
باش ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشتا ئادەتتە ئۇشتۇمتۇت كۆزى قاراڭغۇلۇشىش، بىشى
قىيىش، سۆز قىلالماسلىق، خاتىرسىنى يوقۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىرگە كۆرىلىدۇ.
7. مىڭە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش،
يەنى مىڭىدە ئۆسمە بولغاندا مىڭەنىڭ بىسىمى يۇقۇرلاپ كىتىپ، باش ئاغرىش،
ياندۇرغۇسى كىلىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى
باش ئاغرىش ئادەتتە يىشى چوڭلاردا كۆپ ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، باش ئاغرىش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە
ئەگىشىپ تەدىرىجى تەرەققى قىلىدۇ، ھەم باش قاتتىق ئاغرىغاندا كۆڭلى ئىلىشىش ۋە
قۇسۇشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.
8. مىڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش
ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىدىغان ۋە تەدىرىجى ئىغىرلىشىدىغان
ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا كۆڭلى ئىلىشىش، ياندۇرغۇسى كىلىش،
قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلىك بىرگە كۆرىلىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىشنىڭ قوزغۇلۇشى
ئۇشتۇمتۇت، تەرەققىياتى تىز بولىدۇ، ئاخىردا يىقىلىپ چۈشۈش ۋە ھۇشىدىن كىتىشكە
تەرەققى قىلىدۇ.
9. مىڭە ياللۇغى ۋە مىڭە پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن
بولۇپمۇ مىڭە يىرىڭلىق ئىشىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش
ئاغرىشتا ئادەتتە باشقا ياللۇغلىنىشتا بولىدىغان قىززىش، تىتىرەش، كۆڭلى ئىلىشىش،
ياندۇرۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى بىرگە بولىدۇ.
10. جىنسى مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن باش ئاغرىش. بۇ
خىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە جىنسى
مۇناسىۋەتكە ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر سەۋەبى تىخى
ئىنىق ئەمەس.
باش
ئاغرىشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە داۋالاش
باش
ئاغىرىش يالغۇز كوپ ئۇچۇرايدىغان ئادەتتىكى كىسەللىكلەرنىڭ كىسەل ئالامىتى بولۇپ
قالامستىن يەنە بەزى بىر ئىغىر تىپتىكى خەتەرلىك كىسەللىكلەرنىڭ باشلىنىش
سىگىنالىدۇر. شۇڭا باش ئاغرىغاندا ھەرگۈز سەل قارىماسلىق، بەزى ئىغىر
كىسەللىكلەرنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۇرمەي تۇرۇپ ئالدىراپ ئاغرىق پەسەيتىدىغان
دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك، بولمىسا كىسەلنى يوشۇرساڭ ئولۇم ئاشكارە دىگەندەك،
بەزى خەتەرلىك كىسەللەرنى داۋالايدىغان ئەڭ مۇھىم پۇرسەت قولدىن كىتىپ قىلىپ،
ئىغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئۇزۇن
مۇددەت داۋاملاشقان ئىغىر تىپتىكى باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغاندا ۋە ياكى
ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان قاتتىق باش ئاغرىش بىلەن بىرگە كۆڭلى ئىلىشىش، ياندۇرۇش،
قۇسۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا بىرىپ تەپسىلە تەكشۈرۈش ئىلىپ
بىرىش كىرەك. بولۇپمۇ يۇقۇرى قان بىسىمى، مىڭىگە قان چۈشۈش ۋە ياكى مىڭە ئۆسمىسى
سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىشتىن ئىھتىيات قىلىش كىرەك. بۇ تۈردىكى
كىسەللىكلەر قانچە بۇرۇن ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇلۇپ، قانچە بۇرۇن مۇھاپىق داۋالاش
ئىلىپ بىرىلسا ئۈنىمى
شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
باشقا
تۈردىكى باش ئاغرىشنىمۇ باش ئاغرىشنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دوختۇرغا
بىرىپ مۇھاپىق
تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇش
ۋە بەزى داۋالاش ئىمكانىيىتى بولغان ئىغىر تىپتىكى باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان
كىسەللىكلەرنىڭ داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق كىرەك.
تەكشۈرۈپ
دىياگۇنۇز ئىنىق بولغاندىن كىيىن باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرگە
ئاساسەن مۇھاپىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك. باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ
ئىنىقلانسا، ئامال بار ئۇ سەۋەپلەردىن ساقلىنىش، ئەگەر سەۋەپ ئىنىق ئەمەس، بىراق
ئىغىر تىپتىكى باشقا كىسەللىكلەر بولمىغاندا، مۇھاپىق باش ئاغرىق دورىلىرىنى
ئىشلىتىش بىلەن بىرگە دورىغا خۇمار بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش، ئامال بار كەيپىياتنى
تەڭشەش، كۆڭەل ئاچىدىغان پالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش، جىددىلەشمەسلىك، بەك
ئاچىقلانماسلىق، ھەم ئاسان قايغۇرۇپ كىتىشتىن ساقلىنىش، بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋە
ئاكىتىپ تۇرمۇش كەيپىياتىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، باش ئاغرىشتىن تەدىرىجى قۇتۇلۇش
كىرەك.
No comments:
Post a Comment