Blog Archive

Saturday, June 18, 2016

ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار


ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار

مەمەت ئىمىن

ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ناھايتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

       1. بىئولوگىيەلىك ئامىللار؛

بۇ تۈردىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ھەر خىل ۋىرۇس، باكتىريە ۋە پارازىت قۇرۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە بۇزۇلۇپ قالغان يىمەكلىكلەردىن كىلىپ چىققان ئىچى سۈرۈش، ياندۇرۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى، مۇشۇ تۈردىكى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قىسىم كىسەللىكلەر يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر داھىرسىگە كىرىدىغان بولۇپ، بەزىلىرى ھاۋا ئارقىلىق نەپەس يوللىرى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ كىسەل پەيدا قىلسا، بەزىلىرى يىمەك ئىچمەك ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، يەنى بەزىلىرى سۈدۈك ۋە جىنسى يوللار ئارقىلىق يۇقۇملۇنۇپ كىسەل پەيداق قىلسا، يەنە بەزىلىرى قان ئارقىلىق يۇقۇملۇنۇپ كىسەل پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئامىللار پەيدا قىلغان بەزى كىسەللىكلەردىن شەخسى تازىلىق ۋە يىمەك ئىچمەك تازلىقىغا دىقەت قىلىش ئارقىلىق ساقلانغىلى بولىدۇ.


2. خىمىيەلىك ئامىللار؛

بۇ تۈردىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار دىخخانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل خىمىيەلىك ئوغۇت،  دورىلارنى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل خىمىيەلىك ماددىلارنى، سانائەت ئەخلەتلىرىنى، ئاتۇم سىنىقى پەيدا قىلغان ھەر خىل خىمىيەلىك ماددىلارنى، زەھەرلىك ماددىلارنى، ھەر خىل ئىس تۈتەكلەرنى، ھەر خىل ئەكىس تەسىرى ئىغىر دورىلارنى، لاياقەتسىز ياكى ساختا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى، گىرىم قىلىش بويۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە ھەر خىل دىخخانچىلىق دورىلىرى ۋە زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان يىمەك ئىچمەكلىكلەرنىمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىنىمۇ مۇشۇ تۈرلەرگە كىرگۇزۇشكە بولىدۇ.
      
3. فىزىكىلىق ئامىللار؛

بۇ تۈردىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ھەر خىل رادىياكتىپلىق نۇرلارنى، كۈچلۇك قۇياش نۇرىنى، ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى تىمپىراتۇرا (كۆيۈش) ۋە تۆۋەن تىمپىراتۇرا (سوغاقتا توڭلاش) نى ، يۇقۇرى چاستوتىلىق ئاۋاز دولقۇنلىرىنى ۋە ئادەم پەدىنىدە زەخمە پەيدا قىلىدىغان ھەر خىل مىخانىكلىق ئامىللار (بەدەندە زەخمە پەيدا قىلغۇچى ئامىللار) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4. روھى ۋە پىسخىلوگىيەلىك ئامىللار؛

بۇ خىلدىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئاچچىقلىنىش، ھەسىرەت چىكىش، جىددىلىشىش، قايغۇرۇش، ئەندىشە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. روھى ۋە پىسخىلوگىيەلىك ئامىللار ئىنسانلارنىڭ روھى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماستىن بەلكى جىسمانى ساغلاملىقىغىمۇ ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

5. يىمەك ئىچمەك ئامىللىرى؛

بۇ تۈردىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق تەركىۋىدىكى ماي، ئاقسىل، شىكەر، ھەر خىل ۋىتامىنلار، تۇز ۋە ھەر خىل مىنىرال ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ئادەمنى ئالاھىدە سەمىرتىپ، يۈرەك قان تومۇر كىسىلى قاتارلىق سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىسەللەرنى پەيدا قىلىدىغان ماي، كولەستىرول قاتارلىق يىمەكلىلەر تەركىۋىنى، شۇنداقلا ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلار، ۋىتامىنلار، تۇزلار ۋە ھەر خىل مىنىرال مادىلارنىڭ ئىھتىياجدىن ئىشىپ كىتىش، ياكى ئىھتىياجنى قاندۇرالماسلىق قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


6. ئىرسى ۋە تۇغما ئامىللار؛

بۇ تۈردىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ھەر خىل غەلىتە خىرىموسوما، گىننىڭ ئۇشتۇمتۇت ئوزگۇرۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كىسەللەر ئەمىلىيەتتە يالغۇز بىر خىل سەۋەپتىن ئەمەس، بەلكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سەۋەپلەرنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن يۈرەك قان تومۇر، مىڭە قان تومۇر، دىيابىت كىسىلى ئىرىسى ئامىللار بىلەن يىمەك ئىچمەك ئامىللىرىنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرىدۇ، بىراق ئادەم بەدىنىگە كىرگەن بۇ ھەر خىل كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلالىشى ناتايىن. كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش قابىلىيىتى (ئىمىيۇنۇت كۈچى) بىلەن كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئارىسىدا كۈچ سىناش بولىدۇ. ئەگەر بۇ كۈچ سىناشتا ئادەم بەدىنىگە كىرگەن كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئۇتۇپ چىقسا، ئادەم بەدىنىدە كىسەللىك پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ كۈچ سىناشتا ئادەم بەدىنىنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش قابىلىيىتى ئۇتۇپ چىقسا، ئادەم بەدىنىدە كىسەللىك پەيدا بولمايدۇ.

شۇڭا بىز كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش ۋە بەدىنىمىزنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ساغلام ياشاش مەخسىتىگە يىتەللەيمىز، كەم دىگەندە بىزنىڭ كىسەل بولۇش نىسبىتىمىزنى تۆۋەنلىتىپ، نىسبەتەن ساغلام ياشىيالايمىز.

No comments:

Post a Comment