Blog Archive

Saturday, February 21, 2015

yirim paralich

Sual: Mining bir tukkunum yirim paralich kisiliga giriptar bolgan, hanzucha 脑脓肿导致的偏deydikan, wetende kop dawalatkan bolsimu toluk sakiyip kitalmaptu, hazir chatalga chikip dawalinishni oylishiwitiptu, Amrikining mushu yirim paralich kisallirini dawalashtiki unumluk usul, mahsus mushu kisallikni dawalashtiki danglik dohtu yaki dohturhanini surushturmakchi iduk, biraz jiddi bop kaldi,a  gar kolay bolsa mushu hakta uchur bargan bolsigiz, bizga ohshash wetendiki kirindasshlar uchun ajratkan wakitlirigizga  Allah igam koplap ajirlerni bersun!

********************************************
Jawap:

Men gerche bu kessipning doxturi bolmisammu biraq bu jehette oz bilginim boyiche towendikidek jawap birishni muhapiq kordum. Balilardiki bu xil yirim palej kisili waxtida unumluk bir terep qilinmighan  siz digen bu bala giriptar bolghan minge yiringliq ishshiqi tupeylidin mingide mengguluk zexme peyda bolush netijiside kilip chiqqan yirim palej bolup, meyli esli kilip chiqish sewebi qandaq bolushtin qetti nezer,  axirda kilip chiqqan aqiwet - yirim palej, dawlash jehette qiyin bolghan bir kisellik hisaplinidu. Uyghurlar balilar arisidia hazir eng kop uchuraydighan yirim palej minge we yulun yallughi, sewebidin kilip chiqqanchonglarda bolsa eng kop uchuridaighan yirim palej mingige qan chushush we yaki mingening bir qismi qansizlinip olush sewebidin kilip chiqidighan bolupeger esli kisel waxtida unumluk dawalansa, minge meguluk zexmilinip palej bolushtin saghlanghili bolushi mumkin, eger dawalinish waxtida unumluk bolmisa minge mengguluk zexmilge uchurayde, bu hazirqi zaman doxturliqida bir terep qilish eng yiqin bolghan bir mesile bolup,  dawalash unimi bekla asta, uzun muddet fizikiliq dawalash, mingishni qaytidin meshshiq qildurushqa toghura kilidu.  Amerkida bundaq kisellerni hetta adettiki doxturxanilarghimu balinstqa  alamdu. Peqetla Rehabilitation Center dep atalghan yeni 康复中心 uzun muddet dawalinishqa toghura kilidu. Dawalashta asasen fizikiliq usul asas qilinidu, undin bashqa yingi tughulghan bowaqqa mingishni ugetkendek, mingishni meshshiq qildurushqa, yeni mingining bashqa  saq bir ornida mingish qabiliyitini yitildurushke toghura kilidu, bu adette 6 aydin 2 yil bezide hetta uningdinmu uzun waqit telep qilidighan bir jeryan. Buninggha eger saqliq sughurtasi bolmisa nahayti kop pul kitidu. Amerkining dawlash heqqi heqiqten qimmet.  Yighinchaqlap eyitqanda bu kiselni eng dangliq doxturdin birni tipip bir ikki hepte dawalitip saqaytiwitidighan ish yoq. Kem digende hazirche sewiyede shundaq, keguside birer mojise peyda bolamdu yoq, uningha hazir bir nime dimek tes. Eger ixtizadi yar berse, kelip dawalinip korse bolidu, biraq dangliq doxtur dep izdep yurushning hajiti yoq, peqet qolayliq, sharayiti yaxshiraq yirim palejni dawalaydighan rehabilitation center bolsa yiterlik. Chunki Amerkida bu kiselni dawlash putunley olcehmliship ketken nerse, uning ustige Amerkida kolimi melum sewiyege yetken doxturxana lar arisida bu jehette periq undaq chong emes, bolupmu olcehmleshken dawalash usilida chong periq yoq.

ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە
مەمەت ئمىن

ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھەم شۇنداقلا بىرەر يىمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تىلغا ئالغاندا تەركىۋىدە مول ۋىتامىن ماددىسى بار دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. ئۇنداقتا ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ بىز ۋىتامىننى قانچە كوپ ئىستىمال قىلساق سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىقمۇ؟ بىز ۋىتامىن دورىلىرىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ساغلام ياشاش ۋە ياكى ئۇزۇن ئومۇر كورۇش مەخسىتىمىزگە يىتەلەيمىزمۇ؟ توۋەندە مەن بۇ جەھەتتە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىپ ئوتۇش بىلەن بىرگە ئوز كوز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويماقچى.

ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ ئۇلارنىڭ رولى نىمە؟

ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زورۇر بولغان كوپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، بۇ ماددىلار بىز كۇندە ئىستىمال قىلىپ تۇرغان 3 چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى يەنى ماي، ئاقسىل ۋە شىكەرلەرگە ئوخشاش بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، ئەبىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنى مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا ئىرىشەلمىگەندە ۋە ياكى بەدەندە مەلۇم  خىلدىكى ۋىتامىن كەم بولغاندا، ئادەم بەدىنىڭ نورمال مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسى تەسىرگە ئۇچۇراپ، ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن نورمالدىن يۇقۇرى بولغاندا ۋە ياكى بىز ئىستىمال قىلغان ۋىتامىن بەدەننىڭ ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەندە، بەدىنىمىزدىكى مەلۇم ئورگانلارنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ۋە بەدىنىمىزدە بەزى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىننىڭ بەدەندىكى مۇھىملىقىنى قارغۇلارچە قوغلۇشۇپ، ئۇلارنى ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋىلىش، ئوخشاشلا خەتەرلىك. ئەڭ مۇھىمى ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، بەدەننىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋىتامىندىن جەھەرلىنىشتىنمۇ ساقلىنىش كىرەك.

قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ؟

ئادەتتە بەدىنىمز ئىھتىياجلىق بولغان  ۋىتامىن مىقدارى ئاز، بەزى ۋىتامىنلار بەدىنىمىزدە مەلۇم مىقداردا مەلۇم مەزگىل ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىپ تۇرىۋاتقان بارلىق يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار، شۇڭا نورمالدا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.

بىزنىڭ ھەر خىل ۋىتامىنلارغا بولغان ئىھتىياجىمىز ئوخشاش بولمايدۇ،  ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ بەدەندە ساقلىنىش ۋاختى ۋە مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدىنىمىز بەزى ۋىتامىنلارنى يىتەرلىك مىقداردا خىلى ئۇزۇن زامان ساقلىيالايدۇ، بۇنداق ۋىتامىنلارنى بىز بىر مەزگىل ئىستىمال قىلمىساقمۇ، ئاسانلىقچە كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.  مەسىلەن، ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن ب12 ۋە ۋىتامىن د قاتارلىق ۋىتامىنلار بالاغەتكە يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرىدە يىتەرلىك مىقداردا ساقلىنىدىغان بولۇپ، بىز بۇ خىل ۋىتامىنلارنى بىر نەچچە ئاي ئىستىمال قىلىمىساقمۇ، ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. يەنە بەزى ۋىتامىنلار بەدەندە كوپ مىقتاردا ساقلانمايدۇ، ئەگەر بىز بۇ خىلدىكى ۋىتامىنلارغا ئۇزلۇكسىز ئىرىشىپ تۇرمىساق، بىر ئىككى ئايدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق كىشىلەردە ۋە ياكى قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ؟
1. ئۇزۇن مۇددەت تاماق يىمىگەن كىشىلەردە، يەنى يىتەرلىك يىمەكلىك بولماسلىق، ئاچلىق ئىلان قىلىش ۋە ياكى كىسەللىك تۇپەيلىدىن يىتەرلىك ئوزۇقلىنالمىغان كىشىلەردە.
2. تاماقنى تاللاپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن، يەنى ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ تۇرى ناھايتى چەكلىك بولغان، ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىر خىللا يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەردە.
3. ئۇچەيدە مەۋجۇت بولغان مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن، بەدەن يىمەكلىك تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى ئۇنۇملۇك قوبۇل قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا.
4. مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مىسالەن داۋاملىق ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش ۋە ياكى بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن، بەدەننىڭ ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچۇرغان ئەھۋال ئاستىدا.
5. مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن بەدەن مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنلارنى يوقۇتۇش، ۋە ئوز ۋاختىدا تولۇقلانماسلىق سەۋەبىدىن.

قانداق قىلغاندا ۋىتامىن كەملىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىپ قىلىپ تۇرىۋاتقان ھەر خىل يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار يىتەرلىك بار  بولۇپ، ئوخشاش يىمەكلىكتە ئوخشىمىغان ۋىتامىنلار بولىدۇ، ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەردىكى ئوخشىمىغان ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ۋىتامىنلار كوكتاتلار تەركىۋىدە كوپ بولسا، يەنە بەزى ۋىتامىنلار گوش تەركىۋىدە مول. بەزى ۋىتامىنلار يەل-يەمىشلەر تەركىۋىدە مول بولسا، يەنە بەزىلەر گۇرۇچ، بۇغداي ۋە قوناق تەركىۋىدە مول. ئەگەر بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئىتىۋار بەرسەك، ۋىتامىن كەملىكتىن تامامەن ساقلىنالايمىز.

بىز نورمالدا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىقمۇ؟

ئەگەر بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئىتىۋار بەرسەك، كۇندۇلۇك تۇرمۇشىمىزدا يىشىل يىمەكلىكلەر، يەنى كوكتات ۋە يەل-يىمىشلەر كەم بولمىسا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. 

ئەگەر بىزدە يۇقۇردا دەپ ئوتكەن ۋىتامىن كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىسا ۋىتامىن دورىلىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئىھتىياجى يوق.

بىز پەقەتلا توۋەندىكى ئەھۋاللاردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق
1. ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىققاندا؛
2. مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلالمىغاندا ۋە ياكى ئىستىمال قىلىش شاراھىتىمىز بولمىغاندا؛
3. گەرچە ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرغان بولساقمۇ، بىراق مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن، ئاشقازان ۋە ئۇچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش تەسىرگە ئۇچۇرغاندا.
4. بىز مەلۇم خىلدىكى كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكى ۋىتامىننىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەندە؛
5. يىمەكلىك ئادىتىمىز تۇپەيلىدىن يىمەكلىكلەرنى پۇشۇرۇش جەريانىدا يىمەكلىك تەركىۋىدىكى خەر خىل ۋىتامىنلار ۋەيران قىلىۋىتىلگەندە. 
6. يىمەك ئىچمىكىدە بولۇپ ئىچىدىغان سۇت ۋە بوۋاق يىمەكلىكىدە يىتەرلىك ۋىتامىن بولمىغان ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلار. 
7. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ياشانغان كىشىلەر.

ۋىتامىن دورىلىرىنى تاللىغاندا نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟

مەن دەسلەپتە تەكىتلەپ ئوتكەندەك بىز ۋىتامىننى قانچە كوپ ئىستىمال قىلساق ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ۋىتامىن قانچە كوپ بولسا سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىق دىگەن گەپ يوق.  ھەم ۋىتامىن قۇۋەت قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ ئەمەس. بىز پەقەت ۋە پەقەتلا بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنغا ئىرىشسەكلا كۇپايە.  ئەڭ ياخشى سۇپەتلىك ۋىتامىن تەبىئى يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدىكى ۋىتامىن بولۇپ، ساغلام يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئەڭ سۇپەتلىك ۋىتامىنلارغا ئىرىشەلەيمىز.

ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش زورۇر بولغاندا، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، خەلقارادىكى نوپۇزلۇق دورا شىركەتلىرى ئىشلەپ چىقارغان ۋىتامىنلارنى تالاش كىرەك.  ۋىتامىن دورىلىرىنىڭ سۇپىتى ۋە ئۇنىمى دىگەندە بىز يالغۇز ئۇنىڭ بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلارنى تولۇقلىيالىشىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بەدەنگە ئىلىپ كەلگەن ئەكىس تەسىرىنىڭ ناھايتى توۋەن ۋە ياكى ئاساسەن يوق بولۇشىغىمۇ قارىشىمىز كىرەك. چۇنكى سۇپىتى ياخشى بولمىغان ۋىتامىن دورىلىرى تەركىۋىدە بىزگە كىرەكلىك بولغان ۋىتامىن ماددىلىرىدىن باشقا، بىز ئىھتىياجلىق بولمىغان قالدۇق ماددىلارمۇ بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ تەركىۋى قانچە يۇقۇرى بولسا، يەنى ۋىتامىن دورىسىنىڭ تەركىۋى قانچە ساپ بولمىسا، ئۇنىڭ بەدىنىمىزگە كەلتۇرگەن يامان تەسىرى شۇنچە زور بولىدۇ، يەنى بەدىنىمزدىكى بۇ دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جىگگەر ۋە بورەكنىڭ يۇكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ، بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. 

ۋىتامىنلارنىڭ تۇرلىرى

ئادەتتە دىيىلىۋاتقان ۋىتامىنلار يەنى كوپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە مۇھىم بولغان ۋىتامىنلار 13 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن ب1، ۋىتامىن ب2، ۋىتامىن ب3، ۋىتامىن ب5، ۋىتامىن ب6، ۋىتامىن 7، ۋىتامىن ب9، ۋىتامىن ب12، ۋىتامىن ك، ۋىتامىن د، ۋىتامىن ئە ۋە ۋىتامىن ك دىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن د بولسا ۋىتامىن د1، ۋىتامىن د2، ۋىتامىن د3، ۋىتامىن د4 ۋە ۋىتامىن د5 دىن ئىبارەت 5 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن ك بولسا ۋىتامىن ك1 ۋە ۋىتامىن ك2 دىن ئىبارەت 2 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىندىن باشقا يەنە ۋىتامىن ب8، ۋىتامىن ف، ۋىتامىن گ، ۋىتامىن ھ، ۋىتامىن ج، ۋىتامىن ل1، ۋىتامىن ل2، ۋىتامىن م، ۋىتامىن ئو، ۋىتامىن پ، ۋىتامىن پپ، ۋىتامىن س ۋە ۋىتامىن ئۇ دىگەندەك ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان، يەنى ۋىتامىن دىگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقا ناملار بىلەن ئاتالغان بولسا، يەنە بەزىلەرنى يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىن كاتىگورىيەسىگە كىرگۇزۇلىۋىتىلگەن. مەسىلەن: ۋىتامىن گ ۋە ۋىتامىن ج، ھازىر ۋىتامىن ب2 غا قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن ھ بولسا ۋىتامىن ب7 گە قوشۇۋىتىلگەن،  ۋىتامىن م بولسا ۋىتامىن ب9 گە قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن پپ بولسا ۋىتامىن ب3 گە قوشۇۋىتىلگەن؛ ۋىتامىن پ نىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان. ۋىتامىن ل1 نىڭ بەدەندە مۇھىم ئەمەسلىكى بايقالغان.

بەدىنىمىزدە ۋىتامىن كەم بولغاندا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟

1. ۋىتامىن ئا كەم بولغاندا كوزنىڭ كورۇشى قۇۋىتى ئاجىزلايدۇ، بولۇپمۇ كىچىدە كورمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. ۋىتامىن ب1 كەم بولغاندا بەرىبەرى (脚气病) دەپ ئاتالغان بىر خىل كىسەلنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
3. ۋىتامىن ب2 كەم بولغاندا تىل ياللۇغى، ئىغىز بوشلۇغى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4. ۋىتامىن ب3 كەم بولغاندا تىرە زەخمىلىنىش، تىرە چۇشۇپ كىتىش قاتارلىق بىر خىل تىرەك كىسىلى (糙皮病) نى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
5. ۋىتامىن ب5 كەم بولغاندا پەرىسسىزىيا دەپ ئاتالغان تىرە سەزگۇرلىگى ئىشىپ كىتىش كىسەللىگىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا تىرە كويگەندەك، قىچىشقاندەك، يىڭنە سانجىغاندەك ھەر خىل غەيرى تۇيغا ۋە سىزىملار بولىدۇ.
6. ۋىتامىن ب6 كەم بولغاندا قان كەملىك، نىرۋا زەخمىلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىرىدۇ.
7. ۋىتامىن ب7 كەم بولغاندا تىرە ياللۇغى، ئۇچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8. ۋىتامىن ب9 كەم بولغاندا قان كەملىك پەيدا قىلىدۇ. ھامىلە بولغان ئايالنىڭ قوسىقىدىكى بالىسدا بەزى تۇغما كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
9. ۋىتامىن ب12 كەم بولغاندا قان كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
10. ۋىتامىن ك كەم بولغاندا تىرە، چىش ۋە ئىغىز بوشلۇقى قاناش ئاساسلىق كىسەل ئالامەتى بولغان (坏血病) كىسەلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
11. ۋىتامىن د كەم بولغاندا سوڭەك يۇمشاپ قىلىش (软骨病، 佝偻病) كىسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
12. ۋىتامىن ئە كەم بولغاندا يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردا قان كەملىك كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەرلەردە تۇغماسلىق، ئاياللاردا بالىسى ئاسان چۇشۇپ كىتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
13. ۋىتامىن ك كەم بولغاندا بەدەن ئاسانلا قانايدىغان يەنى تىرە ۋە ئىچكى ئەزالاردىن ئاسان قان چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. 

قايسى خىلىدىكى  يىمەكلىكلەردە قايسى تۇردىكى ۋىتامىنلار كوپ بولىدۇ؟

1. ۋىتامىن ئا1 بارلىق سىرىق رەڭلىك يەلمىشلەردە، بارلىق يوپۇرماقلىق كوكتاتلاردا، سەۋزىدە، كاۋىدا، سۇتتە، بىلىقتا، جىگەر قاتارلىقلار تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
2. ۋىتامىن ب1 بارلىق كوكتاتلاردا، جىگەر، تۇخۇم، گۇرۇچ تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
3. ۋىتامىن ب2 باناندا، قوناقتا، پۇرچاقتا، لۇسۇن (芦笋) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
4. ۋىتامىن ب3 گوش، بىلىق، تۇخۇم، كوپۇنچە كوكتاتلار، موگۇ (蘑菇) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
5. ۋىتامىن ب5 گوش، بروكىلى (椰菜)، ئاۋوكادو (鳄梨) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
6. ۋىتامىن ب6 گوش، كوكتات، بانان تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
7. ۋىتامىن ب7 خام تۇخۇمدا، جىگەردە، خۇئاسىڭ (花生)، بارلىق يوپۇرماقلىق يىشىل كوكتات تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
8. ۋىتامىن ب9 بارلىق يوپۇرماقلىق كوكتات، بۇغداي ئۇنى، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
9. ۋىتامىن ب12 گوش ۋە بارلىق ھايۋان مەسۇلاتلىرىدا كوپ بولىدۇ.
10. ۋىتامىن ك مۇتلەق كوپ ساندىكى يەلىمىش بولۇپمۇ ئاچكىق چۇچۇك يەلىمىش، كوكتات، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
11. ۋىتامىن د بىلىق، تۇخۇم، جىگەر، موگۇ (蘑菇) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
12. ۋىتامىن ئە مۇتلەق كوپ ساندىكى يەلىمىش، كوكتات، ياڭاق، مىغىز، ئۇرۇق تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
13. ۋىتامىن ك يوپۇرماقلىق يىشىل كوكتات، تۇخۇمنىڭ سىرىقى، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.

ئەسكەرىش: جىگەر تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ ھەممىسى كوپ بولسىمۇ، بىراق جىگەرنى ۋىتامىن تولۇقلايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىك قىلماسلىقىمىز كىرەك. چۇنكى جىگەر تەركىۋىدە يالغۇز  ھەر خىل ۋىتامىنلار كوپ بولۇپلا قالماستىن بەلكىم يۇقۇرى مىقداردا كولەستىرول بولۇپ، جىگەرنى كوپ ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ئىشىپ، يۇقۇرى قان بىسىمى، يۇرەك ۋە مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.


Thursday, February 19, 2015

Bowaqlardiki ichi suruk

Bowaqlarda bolidighan ichi surukning sewepliri  we uni konturul qilish

Bowaqlarda adette towendiki sewepler  tupeylidin ichi suruk peyda bolidu:

(1) Bowaqning uchey yolliri virus we baktirye bilen yuqumlunush, yeni bowaqning qoli, ighiz burni, bowaqning  apisining qoli, eger imitiwatqan bolsa apa emchikining tazliqining yaxshi bolmasliqi sewebidin bezi pakize bolmighan nersiler (baktirye, virus) wastiliq we biwaste halda bowaqning  uchey yoligha kirip u yerde yallugh peyda qilip, ichi surukni kelturup chiqiridu.
(2) Bowaq nepes yolining virus bilen yuqumlunishi. Bowaqlarda bolidighan bezi virus kelturup chiqarghan nepes yolliliri yallughi, bowaqta ichi suruk peyda qilidu.
(3) Bowaqning adetlen'gen yimkelikining ozgurushi, yene apa sutidin adettiki tamaqqa ozgurush we yaki tamaqqa yingi yimekliklerni qitish jeryanida bezi  ichi suruk kilip chiqishi mumkin.
(4) Tamaq singmeslik, we yaki tamaq ighir kilish, yeni bowaqning uchey iqtidarining toluq yitishmeslik sewebidin, bezi tamaqlar yaxshi hezi bolmay bowaqta ichi suruki peyda qilidu.
(5) Bezi mayliq tamaqlar we yaki may ariliship qalghan yimeklikler bowaqta asan ichi suruk peyda qilidu.
(6) hezim qilish yollirining zeherlinishi.
Bowaqlarda bolidighan ichi surukni dawalashta, aldi bilen bowaqni doxturgha apirip korsutup, alahide binormalsizliq yoqliqigha jezmenleshturgendin kiyin, ichi suruk kisilini yuqarda tilgha ilip otulgen ichi surukni kelturup chiqarghan ehwallargha asasen, taziliqqa alahide diqet qilish, balining qoli we ighir burunlirini waxti waxtida yuyup turush, balining apisimu shexsi taziliqqa alahide ehmiyet birish, asan hezim bolmaydighan tamqlardin saqlinish, virus yallughu bolsa waxtida dawalash arqilqi konturul qilishqa bolidu. Bowaq eng yaxshisi aldirap baktiryege qarshi dora (kang jun su) ishletmeslik kirek. Bezide imitiwatqan ana we yaki bowaq ishletken baktiryege qarshi dorilarmu bowaqta ichi suruki peyda qilidu.


بوۋاقلاردا بولىدىغان ئىچى سۇرۇكنىڭ سەۋەپلىرى  ۋە ئۇنى كونتۇرۇل قىلىش

بوۋاقلاردا ئادەتتە توۋەندىكى سەۋەپلەر  تۇپەيلىدىن ئىچى سۇرۇك پەيدا بولىدۇ:

(1) بوۋاقنىڭ ئۇچەي يوللىرى ۋىرۇس ۋە باكتىريە بىلەن يۇقۇملۇنۇش، يەنى بوۋاقنىڭ قولى، ئىغىز بۇرنى، بوۋاقنىڭ  ئاپىسىنىڭ قولى، ئەگەر ئىمىتىۋاتقان بولسا ئاپا ئەمچىكىنىڭ تازلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن بەزى پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر (باكتىريە، ۋىرۇس) ۋاستىلىق ۋە بىۋاستە ھالدا بوۋاقنىڭ  ئۇچەي يولىغا كىرىپ ئۇ يەردە ياللۇغ پەيدا قىلىپ، ئىچى سۇرۇكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
(2) بوۋاق نەپەس يولىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملۇنىشى. بوۋاقلاردا بولىدىغان بەزى ۋىرۇس كەلتۇرۇپ چىقارغان نەپەس يوللىلىرى ياللۇغى، بوۋاقتا ئىچى سۇرۇك پەيدا قىلىدۇ.
(3) بوۋاقنىڭ ئادەتلەنگەن يىمكەلىكىنىڭ ئوزگۇرۇشى، يەنە ئاپا سۇتىدىن ئادەتتىكى تاماققا ئوزگۇرۇش ۋە ياكى تاماققا يىڭى يىمەكلىكلەرنى قىتىش جەريانىدا بەزى  ئىچى سۇرۇك كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
(4) تاماق سىڭمەسلىك، ۋە ياكى تاماق ئىغىر كىلىش، يەنى بوۋاقنىڭ ئۇچەي ئىقتىدارىنىڭ تولۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، بەزى تاماقلار ياخشى ھەزى بولماي بوۋاقتا ئىچى سۇرۇكى پەيدا قىلىدۇ.
(5) بەزى مايلىق تاماقلار ۋە ياكى ماي ئارىلىشىپ قالغان يىمەكلىكلەر بوۋاقتا ئاسان ئىچى سۇرۇك پەيدا قىلىدۇ. 
(6) ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ زەھەرلىنىشى.

بوۋاقلاردا بولىدىغان ئىچى سۇرۇكنى داۋالاشتا، ئالدى بىلەن بوۋاقنى دوختۇرغا ئاپىرىپ كورسۇتۇپ، ئالاھىدە بىنورمالسىزلىق يوقلىقىغا جەزمەنلەشتۇرگەندىن كىيىن، ئىچى سۇرۇك كىسىلىنى يۇقاردا تىلغا ئىلىپ ئوتۇلگەن ئىچى سۇرۇكنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، تازىلىققا ئالاھىدە دىقەت قىلىش، بالىنىڭ قولى ۋە ئىغىر بۇرۇنلىرىنى ۋاختى ۋاختىدا يۇيۇپ تۇرۇش، بالىنىڭ ئاپىسىمۇ شەخسى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان تامقلاردىن ساقلىنىش، ۋىرۇس ياللۇغۇ بولسا ۋاختىدا داۋالاش ئارقىلقى كونتۇرۇل قىلىشقا بولىدۇ. بوۋاق ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ باكتىريەگە قارشى دورا (كاڭ جۇن سۇ) ئىشلەتمەسلىك كىرەك. بەزىدە ئىمىتىۋاتقان ئانا ۋە ياكى بوۋاق ئىشلەتكەن باكتىريەگە قارشى دورىلارمۇ بوۋاقتا ئىچى سۇرۇكى پەيدا قىلىدۇ. 

Monday, February 16, 2015

Meydisi ichishish we achiqsu yinish

Memet Emin

 Adette biz yigen tamaq qizil ongkech arqiliq tizla ashqazan'gha yitip birip, bir ikki saet ichide ashqazanda hezim bolup, on ikki barmaq uchey arqiliq kichik ucheyge kiridu, we u yerde tiximu ilgirligen halda hezim bolidu, parchilinidu we beden teripidin qobul qilinidu. Hezim qilish yolliridiki alahide qurulma yimek ichmekning we ashqazan, ucheydiki suyuqluqning bir yolunushke qarap mingishini we ularning keynige yanmasliqigha kapalet qilidu. Bu yerde eng muhim bolghan anatomiyelik qurulmilar bolsa qizil ongkechtiki yuqurdin towenge qarap herketlinish alahidilikige ige bolghan muskullar, qizil ongkech bilen ashqazan arisidiki, we ashqazan bilen on ikki barmaq uchey arisidiki qoruma muskullardur.

Qizil ongkech bilen ashqazan arisidiki, we ashqazan bilen on ikki barmaq uchey arisidiki qorulup yighilish alahidilikige ige muskullar u yerdin otken yimeklik we suyuqluqning bir yolunushke qarap mingishigha yol qoyup, ashqazan we ucheydiki yimeklik we suyuqluq keynige yinishqa temshilgende derhal qorulup yighilish arqiliq oter yolni kichiklitip yimeklik we suyuqluqning keynige yinishni chekleydu.

Eger qizil ongkech bilen ashqazan arisidiki bu qorulma muskul her xil sewepler tupeylidin boshushup, ozining qorulush iqtidarini yoqatqanda, ashqazan ichidiki yimeklik we suyuqluq yeni ashqazan kisiltasi bu boshushup, toluq itilmigen oter yol arqiliq keynige yinip, ashqazandin qizil ongkechke kiridu. Bolupmu bishini towen qilip yatqanda qizil ongkech bilen ashqazanning orni bir tekshilikke kilip, ashqazan ichidiki yimeklik we suyuqluqning qizil ongkechke yinip kirishi tiximu asasn we ighir derijide bolidu. Netijide qizil ongkechke kirgen bu ashqazan kisiltasi qizil ongkech tamlirini chiritip angriq we biaramliq peyda qilidu. Bundaq ademlerde bu xil ehwal uzun muddet dawam qilghini uchun, hezim qilish qilish kozge korunerlik halda nacharliship, tamaqni azraq kop yise, we yaki azraq qosiqi achsa oxshashla biaramliq his qilidu. Dawamliq boghuzi we yaki meydisi ichiship turidu. Ighir bolghanda ighizi puraydu, kikirgende aghzidin achchiq puraq chiqidu.

Bu kisellikke giriptar bolghanlar, waxtida doxturgha korunup, muhapiq dawalash ilip barghandin sirit, akitip beden chinuqturushqa qatnishish, turmush adetlirini ozgertish, muskullarning boshushup kitishining aldini ilishi, amal bar muskullarni boshitidighan dorilarni istimal qilishtin saqlinishi, bek kop tamaq yimesliki, hem qosiqini uzun ach qoymasliqi, uxlighanda bishini igiz qilip yitishi kirek. Ashqazan kisiltasini nitirallashturidighan, we yaki ashqazan kisiltasini azlitidighan dorilarni muahpiq ishlitish, zorur bolghanda opiratsiye qilish arqiliq qizil ongkech we ashqazan arisidiki qoruma iqtidarigha ige bolghan muskulni qaytidin yasap chiqip, uning iqtidarini eslige kelturush kirek.

Kunduluk turmushta, bu kiselning qozghulishigha turtke bolidighan we yaki kisel alametlirini ighirlashturiwitidighan towendiki yimekliklerdin yiraq turush we uningdin periz tutush kirek.

(1) Haraq, piwe we ichitqan ichimliklerni ichmeslik kirek
(2) Mayda pushurulghan we yaki mayliq tamaqlarni yimeslik kirek
(3) Achchiq chushuk tamaqlardin periz tutush kirek
(4) Pemidurdin periz tutush kirek
(5) Oranj (桔子, 橙子) qatarliq yelimishlerdin periz tutush kirek
(6) Yalpuz chiyi we yalpuz kemputliridin periz tutush kirek
(7) Kala goshidin periz tutush kirek
(8) Qehwe (kofi) din periz tutush kirek
(9) May terkiwi kop bolghan qaymaq, qurt we bashqa sut mesulatliridin periz tutush kirek
(10) kola we bashqa gaz suyidin periz tutush kirek
(11) Yuquri inirgiye we kop mayliq shakilitlar (巧克力) din periz tutush kirek
(12) Samsaqtin periz tutush kirek
(13) tuzni az istimal qilish kirek
(14) Shiker, kempit we tatliq yimek ichmekliklerdin periz tutush kirek.
(15) tamaka chekmeslik kirek

مەيدىسى ئىچىشىش ۋە ئاچىقسۇ يىنىش



ئادەتتە بىز يىگەن تاماق قىزىل ئوڭكەچ ئارقىلىق تىزلا ئاشقازانغا يىتىپ بىرىپ، بىر ئىككى سائەت ئىچىدە ئاشقازاندا ھەزىم بولۇپ، ئون ئىككى بارماق ئۇچەي ئارقىلىق كىچىك ئۇچەيگە كىرىدۇ، ۋە ئۇ يەردە تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەزىم بولىدۇ، پارچىلىنىدۇ ۋە بەدەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئالاھىدە قۇرۇلما يىمەك ئىچمەكنىڭ ۋە ئاشقازان، ئۇچەيدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ بىر يولۇنۇشكە قاراپ مىڭىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىگە يانماسلىقىغا كاپالەت قىلىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغان ئاناتومىيەلىك قۇرۇلمىلار بولسا قىزىل ئوڭكەچتىكى يۇقۇردىن توۋەڭە قاراپ ھەركەتلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان مۇسكۇللار، قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازان ئارىسىدىكى، ۋە ئاشقازان بىلەن ئون ئىككى بارماق ئۇچەي ئارىسىدىكى قورۇما مۇسكۇللاردۇر.

قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازان ئارىسىدىكى، ۋە ئاشقازان بىلەن ئون ئىككى بارماق ئۇچەي ئارىسىدىكى قورۇلۇپ يىغىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مۇسكۇللار ئۇ يەردىن ئوتكەن يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ بىر يولۇنۇشكە قاراپ مىڭىشىغا يول قويۇپ، ئاشقازان ۋە ئۇچەيدىكى يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇق كەينىگە يىنىشقا تەمشىلگەندە دەرھال قورۇلۇپ يىغىلىش ئارقىلىق ئوتەر يولنى كىچىكلىتىپ يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ كەينىگە يىنىشنى چەكلەيدۇ.
ئەگەر قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازان ئارىسىدىكى بۇ قورۇلما مۇسكۇل ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بوشۇشۇپ، ئوزىنىڭ قورۇلۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، ئاشقازان ئىچىدىكى يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇق يەنى ئاشقازان كىسىلتاسى بۇ بوشۇشۇپ، تولۇق ئىتىلمىگەن ئوتەر يول ئارقىلىق كەينىگە يىنىپ، ئاشقازاندىن قىزىل ئوڭكەچكە كىرىدۇ. بولۇپمۇ بىشىنى توۋەن قىلىپ ياتقاندا قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازاننىڭ ئورنى بىر تەكشىلىككە كىلىپ، ئاشقازان ئىچىدىكى يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ قىزىل ئوڭكەچكە يىنىپ كىرىشى تىخىمۇ ئاساسن ۋە ئىغىر دەرىجىدە بولىدۇ. نەتىجىدە قىزىل ئوڭكەچكە كىرگەن بۇ ئاشقازان كىسىلتاسى قىزىل ئوڭكەچ تاملىرىنى چىرىتىپ ئاڭرىق ۋە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەردە بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغىنى ئۇچۇن، ھەزىم قىلىش قىلىش كوزگە كورۇنەرلىك ھالدا ناچارلىشىپ، تاماقنى ئازراق كوپ يىسە، ۋە ياكى ئازراق قوسىقى ئاچسا ئوخشاشلا بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ. داۋاملىق بوغۇزى ۋە ياكى مەيدىسى ئىچىشىپ تۇرىدۇ. ئىغىر بولغاندا ئىغىزى پۇرايدۇ، كىكىرگەندە ئاغزىدىن ئاچچىق پۇراق چىقىدۇ.

بۇ  كىسەللىككە گىرىپتار بولغانلار، ۋاختىدا دوختۇرغا كورۇنۇپ، مۇھاپىق داۋالاش ئىلىپ بارغاندىن سىرىت، ئاكىتىپ بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا قاتنىشىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئوزگەرتىش، مۇسكۇللارنىڭ بوشۇشۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى، ئامال بار مۇسكۇللارنى بوشىتىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، بەك كوپ تاماق يىمەسلىكى، ھەم قوسىقىنى ئۇزۇن ئاچ قويماسلىقى، ئۇخلىغاندا بىشىنى ئىگىز قىلىپ يىتىشى كىرەك. ئاشقازان كىسىلتاسىنى نىتىراللاشتۇرىدىغان، ۋە ياكى ئاشقازان كىسىلتاسىنى ئازلىتىدىغان دورىلارنى مۇئاھپىق ئىشلىتىش، زورۇر بولغاندا ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق قىزىل ئوڭكەچ ۋە ئاشقازان ئارىسىدىكى قورۇما ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان مۇسكۇلنى قايتىدىن ياساپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كىرەك.
كۇندۇلۇك تۇرمۇشتا، بۇ كىسەلنىڭ قوزغۇلىشىغا تۇرتكە بولىدىغان ۋە ياكى كىسەل ئالامەتلىرىنى ئىغىرلاشتۇرىۋىتىدىغان توۋەندىكى يىمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك.

(1) ھاراق، پىۋە ۋە ئىچىتقان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كىرەك
(2) مايدا پۇشۇرۇلغان ۋە ياكى مايلىق تاماقلارنى يىمەسلىك كىرەك
(3) ئاچچىق چۇشۇك تاماقلاردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(4) پەمىدۇردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(5) ئورانج (桔子, 橙子) قاتارلىق يەلىمىشلەردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(6) يالپۇز چىيى ۋە يالپۇز كەمپۇتلىرىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(7) كالا گوشىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(8) قەھۋە (كوفى) دىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(9) ماي تەركىۋى كوپ بولغان قايماق، قۇرت ۋە باشقا سۇت مەسۇلاتلىرىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(10) كولا ۋە باشقا گاز سۇيىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(11) يۇقۇرى ئىنىرگىيە ۋە كوپ مايلىق شاكىلىتلار (巧克力) دىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(12) سامساقتىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(13) تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك
(14) شىكەر، كەمپىت ۋە تاتلىق يىمەك ئىچمەكلىكلەردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك.
(15) تاماكا چەكمەسلىك كىرەك

Sunday, February 8, 2015

Ananizim toghursida

Ananizim digen sozning menisi israp qilish yeni erlerning uruq we yaki menini ayallarning jinsi ezasining sirtida chiqirip tashlash digen menani bilduridighan bolup, u erlerning ozini ozi zoqlandurush, ozini ozi ghidiqlash we yaki qolini oynash dep atilidighan inlarning eng iptidayi jinsi qilmishliridin biri. Buninggha nisbeten oxshimighan tarixi dewirlerde, oxshimighan orpe adet we diniy itiqaddiki kishiler arisida nurghun talash tartish we oxshimighan qarashlar bolsimu, biraq hazirqi zaman tibbi tetqiqatchilarning tetqiqat netijisige asaslan'ghanda qolini oynash bilen jismani we rohi kiseller arisida hichqandaq sewep netijilik bashlinish yoq, eksinche muhapiq derijidiki jin munasiwet sirtidiki jinsi zoqlunsuhning insanlar jinsi saghlamliqigha belguluk paydisi bar. Yeni toy qilish yishigha toshup toy qilalmighan, we yaki uzun muddet jinsi munasiwet qilish pursiti bolalmighanlar, uzun muddet jinsi munasiwet qilmasliq tupeylidin bolupmu, jinsi hewesni mejburi boghush we cheklesh netijiside jinsi iqtidar tesirge uchurshi we munasiwetlik saghlamliq mesililerni peyda qilishi mumkin. Bundaq ehwalda muhapiq halida ozini ozi ghidiqlash we yaki qolini oynashning jinsi saghlamliqqa belguluk paydisi bar. Elwette bundaq digenlik uni normal jinsi munasiwettin paydiliq sigenlik emes.


ئانانىزىم توغرىسىدا  مەسلىھەت  سوراي دېگەن ، ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىاڭلار::يېشىم 20،نەفسىمنىڭ كەينىگە كىرىپ 7 يىلدەك ،ئۇ  نىجىس ئىشنى قىلىپ  سالغان ،بۇيىل رامىزاندىن تارتىپ ئۇ  ئىشتىن قول ئۈزدۈم.  مەندىكى  ئەھۋاللار  تۆۋەندىكىچە :ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم تۆۋەن ،  ۋە، كوپ خىيال قىلىمەن. ئاز مىقداردا چاچ چۈشۈش بار،ئەۋرىتىم سول تەرەپكە  مايماقراق،ۋە، تۈۋى ئنچىكە ئۇچى تومراق. ئۇزۇنراق بىلىمنى ئېگىپ تۇرسام ،ياكى ئۇزۇنراق ئۆرا تۇرسام  بىلىم  ئازراق تېلىپ  ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ.ئىچكى بۆررىكىم بار يەر  سوغۇقلام تۇرىدۇ.تاشقى بۆررەكمۇ سوغۇق تەرلەيدۇ.   بەزى ۋاقىتلاردا  ئۇزۇنراق ئولتۇرسام  ئەۋرىتىم بىلەن مەقئەت ئارلىقىنى بىر خىل يېقىمسىز ھېس قىلىمەن.  بەزى ۋاقىتلاردا تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە چالا قالغاندە ھېس قىلىمەن، ھەمدە بەزى ۋاقىتلاردا تەرەت قىلىپ قوپقاندىن كېيىن سۈيدۈك تامىدىغەن ئەھۋاللارمۇ بار.    يۇقارقى  ئەھۋاللارغا قارىتا قايسى   ئۇسۇلدا، قانداق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانسام  بولىدۇ .ئۇستازلار ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت  بەرگەن بولساڭلار

*************************************************************************
ۋەئەلەيكۇم ئاسسالام، سىز تىلغا ئالغان بۇ ئانانىزىم دىگەن سوزنىڭ مەنىسى ئىسراپ قىلىش يەنى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق ۋە ياكى مەنىنى ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ سىرتىدا چىقىرىپ تاشلاش دىگەن مەنانى بىلدۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئەرلەرنىڭ ئوزىنى ئوزى زوقلاندۇرۇش، ئوزىنى ئوزى غىدىقلاش ۋە ياكى قولىنى ئويناش دەپ ئاتىلىدىغان ئىنلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى جىنسى قىلمىشلىرىدىن بىرى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىرلەردە، ئوخشىمىغان ئورپە ئادەت ۋە دىنىي ئىتىقاددىكى كىشىلەر ئارىسىدا نۇرغۇن تالاش تارتىش ۋە ئوخشىمىغان قاراشلار بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى زامان تىببى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا قولىنى ئويناش بىلەن جىسمانى ۋە روھى كىسەللەر ئارىسىدا ھىچقانداق سەۋەپ نەتىجىلىك باشلىنىش يوق، ئەكسىنچە مۇھاپىق دەرىجىدىكى جىن مۇناسىۋەت سىرتىدىكى جىنسى زوقلۇنسۇھنىڭ ئىنسانلار جىنسى ساغلاملىقىغا بەلگۇلۇك پايدىسى بار. يەنى توي قىلىش يىشىغا توشۇپ توي قىلالمىغان، ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش پۇرسىتى بولالمىغانلار، ئۇزۇن مۇددەت جىنسى مۇناسىۋەت قىلماسلىق تۇپەيلىدىن بولۇپمۇ، جىنسى ھەۋەسنى مەجبۇرى بوغۇش ۋە چەكلەش نەتىجىسىدە جىنسى ئىقتىدار تەسىرگە ئۇچۇرشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا مۇھاپىق ھالىدا ئوزىنى ئوزى غىدىقلاش ۋە ياكى قولىنى ئويناشنىڭ جىنسى ساغلاملىققا پايدىسى بار.

سىزدىكى مەسىلە سىزنىڭ بۇ خىل قىلمىشنى باشلىغان يىشىڭىز بەك بالدۇر بولۇپ، جىنسى تۇرمۇش ۋە جىنسى قىلمىشقا بولغان چۇشەنچە ۋە ئۇقۇم تولۇق بولمىغان بىر خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ خىل قىلمىش بىلەن ھەددىدىن زىيادە شۇغۇللۇنۇپ، ئۇنىنغا خۇمار بولۇپ قىلىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى ئوزىڭىزگە ئىغىر دەرىجىدە روھى بىسىم قىلىۋالغانلىق سەۋەبىدىن سىزدە بەزى جىسمانى ۋە روھى كىسەللىك ئالامەتلىرى كورۇلگەن. مىنىڭ سىزگە بىرىدىغان تەكلىۋىم، سىز ئالدى بىلەن روھى ھالىتىڭىزدىكى بۇ جىنسى بىسىمدىن قۇتۇلۇڭ، سىز ئوتۇپ كەتكەن ئۇ قىلمىشنى ياشلىق ۋاقىتتا بىلمەي ئوركۇزگەن بىر سەۋەنلىك قاتىرىدا كورۇپ، ئاستا ئاستا ئۇنتۇپ كىتىڭ. كوڭلىڭىزنى باشقا ئىشلارغا قىززىقتۇرۇپ، باشقا ساغلام بولغان كوڭەل ئىچىش بىلەن شۇغۇللۇنۇڭ، ھەر خىل تەنتەربىيە پالىيەتلىرىگا ئاكىتىپ قاتنىشىپ، بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىڭ. مۇھاپىق پۇرسەتتە كوڭۇلدىكىدەك بىر قىز تىپىپ ئويلىنىڭ، نورمال جىنسى ھاياتنى باشلاڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز، سىزنىڭ بۇ كىسەللىك ئالامەتلىرىڭىز ھىچقانداق دورا ئىشلەتمىسىڭىزمۇ، بارا بار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى روھى ھالىتىڭىزنى ئازات قىلىڭ.

Tuesday, January 27, 2015

Songek boshushush kisili

Memet Emin

Songek  boshushush kisili

Songek boshushush kisili (Osteoporosis, 骨质疏松症) bolsa songekte bolidighan kisellikler ichide eng kop uchuraydighan kiselliklerning bir bolup, u asasliqi songekning zichliqi towenlesh we yaki bulutsiman songek shekillinish netijiside songek asan sunup kitidighan bir xil kiselni kozde tutidu. U 50 yashliq ayallarda kop uchuraydu

Songek  boshushushning sewepliri

Songek boshushush kisili songekning sunup kitish xetirini ashuridighan bir xil kisel bolup, 50 yashtin ashqan ayallarning yirimida asasen undaq mundaq songekni sundurwilish ehwali yuz biridu. Insanlarning songiki her 10 yilda bir qitim yingi songekke almiship turidu. Songek boshushush kisili bolsa del shu kona songekning yingi songekke almishish jeryani tosalghugha uchurghanliq sewebidin kilip chiqidu.

Undaqta kona songekning yingi songekke almishishigha nime tosalghu bolidu? Yeni qandaq amillar songek boshushush kisilini peyda qilidu?

(1) Irsi amillar
(2) Kalsiy kemliki, yeni bedende yingi songek ishlep chiqirishqa ihtiyaliq bolghan yiterlik kalsiyning bolmasliqi. Kalsiy bedenning songek ishlep chiqirishida muhim bolghan miniral madda bolup, eger beden yiterlik kalsiygha irishelmise, yeni eger yimek ichmekte yiterlik kalsiy bolmisa, yaki ucheyning kalsini qobul qilish iqtidari yaxshi bolmisa (dawamliq ichi surulgende, ucheyde bezi qurutlar bolghanda), we yaki bedende kalsiy yoqap kitidighan ehwallar bolghanda bedende kalsiy kemlik kilip chiqidu.
(3) Vitamin D kemlik.  Vitamin D bolsa bedenning kalsini qobul qilishida muhim bolghan madda bolup, eger bedende Vitamin D kem bolsa, kalsiy unumluk qobul qilinmaydighan ehwal kilip chiqidu.
(4) Ayallarda heyiz toxtighandin kiyin ayalliq hormuni (estrogen, 雌激素) ning towenlishi
(5) Erlerdiki erlik hormuni (testosterone, 睾丸激素) ning towenlishi
(6) Uzun muddet karwat tutup yitish we yaki uzun muddet herket qilmasliq
(7) Kalsiyning qobul qilinishini chekleydighan we yaki songekke ziyanliq dorilarni ishlitish
(8) Kop haraq ichish
(9) Tamaka chikish

Songek boshushush kisilining kisellik alametliri

Songek boshushush kisilining deslepki mezgilide hichqandaq kisellik alametler bolmaydu. Bu kiselge giriptar bolghan kopunche kishiler, songek sun'ghandin kiyin andin ozide bu kisel barliqini bilidu. Omurutqa songiki hichqandaq zexmisiz sunup kitidighan bolup, aghriq sewebidin songekning sun'ghanliqi we bu kiselge giriptar bolghanliqi bayqilidu.

Tekshurush we diyagunuz qoyush

(1) Songek zichliqini tekshurush
(2) Omurutqa we tiz, put songeklirini rintigin ressimige ilish
Dawalash we aldini ilish
(1) Kalsiy we Vitamin D ni toluqlash; kalsiy, Vitamin D tabilitini uzun muddet istimal qilish.
(2) Yimeklik aditini ozgertish; kalsiy, Vitamin D  mol yimekliklerni istimal qilish.
(3) Kilip chiqish seweplirige asasen dora ishlitish, kalsiyning qobul qilinishigha tesir qilidighan asta xaraktirliq kisellerni dawalitish.
(4) Turmush adetlirini ozgertish, uzun muddet herket qilmasliqtin saqlinish, muhpiq beden chiniqturush, kop haraq ichmeslik, tamak chekmeslik we yaki tamakini tashlash.
(5) Yiqilip chushtin saqlinish


سوڭەك  بوشۇشۇش كىسىلى

سوڭەك بوشۇشۇش كىسىلى   (骨质疏松症) بولسا سوڭەكتە بولىدىغان كىسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كوپ ئۇچۇرايدىغان كىسەللىكلەرنىڭ بىر بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى سوڭەكنىڭ زىچلىقى توۋەنلەش ۋە ياكى بۇلۇتسىمان سوڭەك شەكىللىنىش نەتىجىسىدە سوڭەك ئاسان سۇنۇپ كىتىدىغان بىر خىل كىسەلنى كوزدە تۇتىدۇ. ئۇ 50 ياشلىق ئاياللاردا كوپ ئۇچۇرايدۇ.

سوڭەك  بوشۇشۇشنىڭ سەۋەپلىرى

سوڭەك بوشۇشۇش كىسىلى سوڭەكنىڭ سۇنۇپ كىتىش خەتىرىنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل كىسەل بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ يىرىمىدا ئاساسەن ئۇنداق مۇنداق سوڭەكنى سۇندۇرۋىلىش ئەھۋالى يۇز بىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سوڭىكى ھەر 10 يىلدا بىر قىتىم يىڭى سوڭەككە ئالمىشىپ تۇرىدۇ. سوڭەك بوشۇشۇش كىسىلى بولسا دەل شۇ كونا سوڭەكنىڭ يىڭى سوڭەككە ئالمىشىش جەريانى توسالغۇغا ئۇچۇرغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئۇنداقتا كونا سوڭەكنىڭ يىڭى سوڭەككە ئالمىشىشىغا نىمە توسالغۇ بولىدۇ؟ يەنى قانداق ئامىللار سوڭەك بوشۇشۇش كىسىلىنى پەيدا قىلىدۇ؟

(1) ئىرسى ئامىللار
(2) كالسىي كەملىكى، يەنى بەدەندە يىڭى سوڭەك ئىشلەپ چىقىرىشقا ئىھتىيالىق بولغان يىتەرلىك كالسىينىڭ بولماسلىقى. كالسىي بەدەننىڭ سوڭەك ئىشلەپ چىقىرىشىدا مۇھىم بولغان مىنىرال ماددا بولۇپ، ئەگەر بەدەن يىتەرلىك كالسىيغا ئىرىشەلمىسە، يەنى ئەگەر يىمەك ئىچمەكتە يىتەرلىك كالسىي بولمىسا، ياكى ئۇچەينىڭ كالسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا (داۋاملىق ئىچى سۇرۇلگەندە، ئۇچەيدە بەزى قۇرۇتلار بولغاندا)، ۋە ياكى بەدەندە كالسىي يوقاپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بولغاندا بەدەندە كالسىي كەملىك كىلىپ چىقىدۇ.
(3) ۋىتامىن د كەملىك.  ۋىتامىن د بولسا بەدەننىڭ كالسىنى قوبۇل قىلىشىدا مۇھىم بولغان ماددا بولۇپ، ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن د كەم بولسا، كالسىي ئۇنۇملۇك قوبۇل قىلىنمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
(4) ئاياللاردا ھەيىز توختىغاندىن كىيىن ئاياللىق ھورمۇنى(雌激素) نىڭ توۋەنلىشى
(5) ئەرلەردىكى ئەرلىك ھورمۇنى (睾丸激素) نىڭ توۋەنلىشى

(6) ئۇزۇن مۇددەت كارۋات تۇتۇپ يىتىش ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت ھەركەت قىلماسلىق
(7) كالسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەيدىغان ۋە ياكى سوڭەككە زىيانلىق دورىلارنى ئىشلىتىش
(8) كوپ ھاراق ئىچىش
(9) تاماكا چىكىش

سوڭەك بوشۇشۇش كىسىلىنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى

سوڭەك بوشۇشۇش كىسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھىچقانداق كىسەللىك ئالامەتلەر بولمايدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كوپۇنچە كىشىلەر، سوڭەك سۇنغاندىن كىيىن ئاندىن ئوزىدە بۇ كىسەل بارلىقىنى بىلىدۇ. ئومۇرۇتقا سوڭىكى ھىچقانداق زەخمىسىز سۇنۇپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاغرىق سەۋەبىدىن سوڭەكنىڭ سۇنغانلىقى ۋە بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقىلىدۇ.

تەكشۇرۇش ۋە دىياگۇنۇز قويۇش

(1) سوڭەك زىچلىقىنى تەكشۇرۇش
(2) ئومۇرۇتقا ۋە تىز، پۇت سوڭەكلىرىنى رىنتىگىن رەسسىمىگە ئىلىش
داۋالاش ۋە ئالدىنى ئىلىش
(1) كالسىي ۋە ۋىتامىن د نى تولۇقلاش؛ كالسىي، ۋىتامىن د تابىلىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش.
(2) يىمەكلىك ئادىتىنى ئوزگەرتىش؛ كالسىي، ۋىتامىن د  مول يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش.
(3) كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرىگە ئاساسەن دورا ئىشلىتىش، كالسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر قىلىدىغان ئاستا خاراكتىرلىق كىسەللەرنى داۋالىتىش.
(4) تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئوزگەرتىش، ئۇزۇن مۇددەت ھەركەت قىلماسلىقتىن ساقلىنىش، مۇھپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش، كوپ ھاراق ئىچمەسلىك، تاماك چەكمەسلىك ۋە ياكى تاماكىنى تاشلاش.

(5) يىقىلىپ چۇشتىن ساقلىنىش