Blog Archive

Monday, February 16, 2015

Meydisi ichishish we achiqsu yinish

Memet Emin

 Adette biz yigen tamaq qizil ongkech arqiliq tizla ashqazan'gha yitip birip, bir ikki saet ichide ashqazanda hezim bolup, on ikki barmaq uchey arqiliq kichik ucheyge kiridu, we u yerde tiximu ilgirligen halda hezim bolidu, parchilinidu we beden teripidin qobul qilinidu. Hezim qilish yolliridiki alahide qurulma yimek ichmekning we ashqazan, ucheydiki suyuqluqning bir yolunushke qarap mingishini we ularning keynige yanmasliqigha kapalet qilidu. Bu yerde eng muhim bolghan anatomiyelik qurulmilar bolsa qizil ongkechtiki yuqurdin towenge qarap herketlinish alahidilikige ige bolghan muskullar, qizil ongkech bilen ashqazan arisidiki, we ashqazan bilen on ikki barmaq uchey arisidiki qoruma muskullardur.

Qizil ongkech bilen ashqazan arisidiki, we ashqazan bilen on ikki barmaq uchey arisidiki qorulup yighilish alahidilikige ige muskullar u yerdin otken yimeklik we suyuqluqning bir yolunushke qarap mingishigha yol qoyup, ashqazan we ucheydiki yimeklik we suyuqluq keynige yinishqa temshilgende derhal qorulup yighilish arqiliq oter yolni kichiklitip yimeklik we suyuqluqning keynige yinishni chekleydu.

Eger qizil ongkech bilen ashqazan arisidiki bu qorulma muskul her xil sewepler tupeylidin boshushup, ozining qorulush iqtidarini yoqatqanda, ashqazan ichidiki yimeklik we suyuqluq yeni ashqazan kisiltasi bu boshushup, toluq itilmigen oter yol arqiliq keynige yinip, ashqazandin qizil ongkechke kiridu. Bolupmu bishini towen qilip yatqanda qizil ongkech bilen ashqazanning orni bir tekshilikke kilip, ashqazan ichidiki yimeklik we suyuqluqning qizil ongkechke yinip kirishi tiximu asasn we ighir derijide bolidu. Netijide qizil ongkechke kirgen bu ashqazan kisiltasi qizil ongkech tamlirini chiritip angriq we biaramliq peyda qilidu. Bundaq ademlerde bu xil ehwal uzun muddet dawam qilghini uchun, hezim qilish qilish kozge korunerlik halda nacharliship, tamaqni azraq kop yise, we yaki azraq qosiqi achsa oxshashla biaramliq his qilidu. Dawamliq boghuzi we yaki meydisi ichiship turidu. Ighir bolghanda ighizi puraydu, kikirgende aghzidin achchiq puraq chiqidu.

Bu kisellikke giriptar bolghanlar, waxtida doxturgha korunup, muhapiq dawalash ilip barghandin sirit, akitip beden chinuqturushqa qatnishish, turmush adetlirini ozgertish, muskullarning boshushup kitishining aldini ilishi, amal bar muskullarni boshitidighan dorilarni istimal qilishtin saqlinishi, bek kop tamaq yimesliki, hem qosiqini uzun ach qoymasliqi, uxlighanda bishini igiz qilip yitishi kirek. Ashqazan kisiltasini nitirallashturidighan, we yaki ashqazan kisiltasini azlitidighan dorilarni muahpiq ishlitish, zorur bolghanda opiratsiye qilish arqiliq qizil ongkech we ashqazan arisidiki qoruma iqtidarigha ige bolghan muskulni qaytidin yasap chiqip, uning iqtidarini eslige kelturush kirek.

Kunduluk turmushta, bu kiselning qozghulishigha turtke bolidighan we yaki kisel alametlirini ighirlashturiwitidighan towendiki yimekliklerdin yiraq turush we uningdin periz tutush kirek.

(1) Haraq, piwe we ichitqan ichimliklerni ichmeslik kirek
(2) Mayda pushurulghan we yaki mayliq tamaqlarni yimeslik kirek
(3) Achchiq chushuk tamaqlardin periz tutush kirek
(4) Pemidurdin periz tutush kirek
(5) Oranj (桔子, 橙子) qatarliq yelimishlerdin periz tutush kirek
(6) Yalpuz chiyi we yalpuz kemputliridin periz tutush kirek
(7) Kala goshidin periz tutush kirek
(8) Qehwe (kofi) din periz tutush kirek
(9) May terkiwi kop bolghan qaymaq, qurt we bashqa sut mesulatliridin periz tutush kirek
(10) kola we bashqa gaz suyidin periz tutush kirek
(11) Yuquri inirgiye we kop mayliq shakilitlar (巧克力) din periz tutush kirek
(12) Samsaqtin periz tutush kirek
(13) tuzni az istimal qilish kirek
(14) Shiker, kempit we tatliq yimek ichmekliklerdin periz tutush kirek.
(15) tamaka chekmeslik kirek

مەيدىسى ئىچىشىش ۋە ئاچىقسۇ يىنىش



ئادەتتە بىز يىگەن تاماق قىزىل ئوڭكەچ ئارقىلىق تىزلا ئاشقازانغا يىتىپ بىرىپ، بىر ئىككى سائەت ئىچىدە ئاشقازاندا ھەزىم بولۇپ، ئون ئىككى بارماق ئۇچەي ئارقىلىق كىچىك ئۇچەيگە كىرىدۇ، ۋە ئۇ يەردە تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەزىم بولىدۇ، پارچىلىنىدۇ ۋە بەدەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئالاھىدە قۇرۇلما يىمەك ئىچمەكنىڭ ۋە ئاشقازان، ئۇچەيدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ بىر يولۇنۇشكە قاراپ مىڭىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىگە يانماسلىقىغا كاپالەت قىلىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغان ئاناتومىيەلىك قۇرۇلمىلار بولسا قىزىل ئوڭكەچتىكى يۇقۇردىن توۋەڭە قاراپ ھەركەتلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان مۇسكۇللار، قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازان ئارىسىدىكى، ۋە ئاشقازان بىلەن ئون ئىككى بارماق ئۇچەي ئارىسىدىكى قورۇما مۇسكۇللاردۇر.

قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازان ئارىسىدىكى، ۋە ئاشقازان بىلەن ئون ئىككى بارماق ئۇچەي ئارىسىدىكى قورۇلۇپ يىغىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مۇسكۇللار ئۇ يەردىن ئوتكەن يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ بىر يولۇنۇشكە قاراپ مىڭىشىغا يول قويۇپ، ئاشقازان ۋە ئۇچەيدىكى يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇق كەينىگە يىنىشقا تەمشىلگەندە دەرھال قورۇلۇپ يىغىلىش ئارقىلىق ئوتەر يولنى كىچىكلىتىپ يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ كەينىگە يىنىشنى چەكلەيدۇ.
ئەگەر قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازان ئارىسىدىكى بۇ قورۇلما مۇسكۇل ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بوشۇشۇپ، ئوزىنىڭ قورۇلۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، ئاشقازان ئىچىدىكى يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇق يەنى ئاشقازان كىسىلتاسى بۇ بوشۇشۇپ، تولۇق ئىتىلمىگەن ئوتەر يول ئارقىلىق كەينىگە يىنىپ، ئاشقازاندىن قىزىل ئوڭكەچكە كىرىدۇ. بولۇپمۇ بىشىنى توۋەن قىلىپ ياتقاندا قىزىل ئوڭكەچ بىلەن ئاشقازاننىڭ ئورنى بىر تەكشىلىككە كىلىپ، ئاشقازان ئىچىدىكى يىمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ قىزىل ئوڭكەچكە يىنىپ كىرىشى تىخىمۇ ئاساسن ۋە ئىغىر دەرىجىدە بولىدۇ. نەتىجىدە قىزىل ئوڭكەچكە كىرگەن بۇ ئاشقازان كىسىلتاسى قىزىل ئوڭكەچ تاملىرىنى چىرىتىپ ئاڭرىق ۋە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەردە بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغىنى ئۇچۇن، ھەزىم قىلىش قىلىش كوزگە كورۇنەرلىك ھالدا ناچارلىشىپ، تاماقنى ئازراق كوپ يىسە، ۋە ياكى ئازراق قوسىقى ئاچسا ئوخشاشلا بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ. داۋاملىق بوغۇزى ۋە ياكى مەيدىسى ئىچىشىپ تۇرىدۇ. ئىغىر بولغاندا ئىغىزى پۇرايدۇ، كىكىرگەندە ئاغزىدىن ئاچچىق پۇراق چىقىدۇ.

بۇ  كىسەللىككە گىرىپتار بولغانلار، ۋاختىدا دوختۇرغا كورۇنۇپ، مۇھاپىق داۋالاش ئىلىپ بارغاندىن سىرىت، ئاكىتىپ بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا قاتنىشىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئوزگەرتىش، مۇسكۇللارنىڭ بوشۇشۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى، ئامال بار مۇسكۇللارنى بوشىتىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، بەك كوپ تاماق يىمەسلىكى، ھەم قوسىقىنى ئۇزۇن ئاچ قويماسلىقى، ئۇخلىغاندا بىشىنى ئىگىز قىلىپ يىتىشى كىرەك. ئاشقازان كىسىلتاسىنى نىتىراللاشتۇرىدىغان، ۋە ياكى ئاشقازان كىسىلتاسىنى ئازلىتىدىغان دورىلارنى مۇئاھپىق ئىشلىتىش، زورۇر بولغاندا ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق قىزىل ئوڭكەچ ۋە ئاشقازان ئارىسىدىكى قورۇما ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان مۇسكۇلنى قايتىدىن ياساپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كىرەك.
كۇندۇلۇك تۇرمۇشتا، بۇ كىسەلنىڭ قوزغۇلىشىغا تۇرتكە بولىدىغان ۋە ياكى كىسەل ئالامەتلىرىنى ئىغىرلاشتۇرىۋىتىدىغان توۋەندىكى يىمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك.

(1) ھاراق، پىۋە ۋە ئىچىتقان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كىرەك
(2) مايدا پۇشۇرۇلغان ۋە ياكى مايلىق تاماقلارنى يىمەسلىك كىرەك
(3) ئاچچىق چۇشۇك تاماقلاردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(4) پەمىدۇردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(5) ئورانج (桔子, 橙子) قاتارلىق يەلىمىشلەردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(6) يالپۇز چىيى ۋە يالپۇز كەمپۇتلىرىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(7) كالا گوشىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(8) قەھۋە (كوفى) دىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(9) ماي تەركىۋى كوپ بولغان قايماق، قۇرت ۋە باشقا سۇت مەسۇلاتلىرىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(10) كولا ۋە باشقا گاز سۇيىدىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(11) يۇقۇرى ئىنىرگىيە ۋە كوپ مايلىق شاكىلىتلار (巧克力) دىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(12) سامساقتىن پەرىز تۇتۇش كىرەك
(13) تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك
(14) شىكەر، كەمپىت ۋە تاتلىق يىمەك ئىچمەكلىكلەردىن پەرىز تۇتۇش كىرەك.
(15) تاماكا چەكمەسلىك كىرەك

No comments:

Post a Comment