Blog Archive

Saturday, February 21, 2015

ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە
مەمەت ئمىن

ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھەم شۇنداقلا بىرەر يىمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تىلغا ئالغاندا تەركىۋىدە مول ۋىتامىن ماددىسى بار دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. ئۇنداقتا ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ بىز ۋىتامىننى قانچە كوپ ئىستىمال قىلساق سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىقمۇ؟ بىز ۋىتامىن دورىلىرىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ساغلام ياشاش ۋە ياكى ئۇزۇن ئومۇر كورۇش مەخسىتىمىزگە يىتەلەيمىزمۇ؟ توۋەندە مەن بۇ جەھەتتە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىپ ئوتۇش بىلەن بىرگە ئوز كوز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويماقچى.

ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ ئۇلارنىڭ رولى نىمە؟

ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زورۇر بولغان كوپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، بۇ ماددىلار بىز كۇندە ئىستىمال قىلىپ تۇرغان 3 چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى يەنى ماي، ئاقسىل ۋە شىكەرلەرگە ئوخشاش بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، ئەبىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنى مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا ئىرىشەلمىگەندە ۋە ياكى بەدەندە مەلۇم  خىلدىكى ۋىتامىن كەم بولغاندا، ئادەم بەدىنىڭ نورمال مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسى تەسىرگە ئۇچۇراپ، ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن نورمالدىن يۇقۇرى بولغاندا ۋە ياكى بىز ئىستىمال قىلغان ۋىتامىن بەدەننىڭ ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەندە، بەدىنىمىزدىكى مەلۇم ئورگانلارنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ۋە بەدىنىمىزدە بەزى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىننىڭ بەدەندىكى مۇھىملىقىنى قارغۇلارچە قوغلۇشۇپ، ئۇلارنى ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋىلىش، ئوخشاشلا خەتەرلىك. ئەڭ مۇھىمى ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، بەدەننىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋىتامىندىن جەھەرلىنىشتىنمۇ ساقلىنىش كىرەك.

قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ؟

ئادەتتە بەدىنىمز ئىھتىياجلىق بولغان  ۋىتامىن مىقدارى ئاز، بەزى ۋىتامىنلار بەدىنىمىزدە مەلۇم مىقداردا مەلۇم مەزگىل ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىپ تۇرىۋاتقان بارلىق يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار، شۇڭا نورمالدا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.

بىزنىڭ ھەر خىل ۋىتامىنلارغا بولغان ئىھتىياجىمىز ئوخشاش بولمايدۇ،  ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ بەدەندە ساقلىنىش ۋاختى ۋە مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدىنىمىز بەزى ۋىتامىنلارنى يىتەرلىك مىقداردا خىلى ئۇزۇن زامان ساقلىيالايدۇ، بۇنداق ۋىتامىنلارنى بىز بىر مەزگىل ئىستىمال قىلمىساقمۇ، ئاسانلىقچە كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.  مەسىلەن، ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن ب12 ۋە ۋىتامىن د قاتارلىق ۋىتامىنلار بالاغەتكە يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرىدە يىتەرلىك مىقداردا ساقلىنىدىغان بولۇپ، بىز بۇ خىل ۋىتامىنلارنى بىر نەچچە ئاي ئىستىمال قىلىمىساقمۇ، ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. يەنە بەزى ۋىتامىنلار بەدەندە كوپ مىقتاردا ساقلانمايدۇ، ئەگەر بىز بۇ خىلدىكى ۋىتامىنلارغا ئۇزلۇكسىز ئىرىشىپ تۇرمىساق، بىر ئىككى ئايدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق كىشىلەردە ۋە ياكى قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ؟
1. ئۇزۇن مۇددەت تاماق يىمىگەن كىشىلەردە، يەنى يىتەرلىك يىمەكلىك بولماسلىق، ئاچلىق ئىلان قىلىش ۋە ياكى كىسەللىك تۇپەيلىدىن يىتەرلىك ئوزۇقلىنالمىغان كىشىلەردە.
2. تاماقنى تاللاپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن، يەنى ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ تۇرى ناھايتى چەكلىك بولغان، ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىر خىللا يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەردە.
3. ئۇچەيدە مەۋجۇت بولغان مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن، بەدەن يىمەكلىك تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى ئۇنۇملۇك قوبۇل قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا.
4. مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مىسالەن داۋاملىق ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش ۋە ياكى بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن، بەدەننىڭ ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچۇرغان ئەھۋال ئاستىدا.
5. مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن بەدەن مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنلارنى يوقۇتۇش، ۋە ئوز ۋاختىدا تولۇقلانماسلىق سەۋەبىدىن.

قانداق قىلغاندا ۋىتامىن كەملىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىپ قىلىپ تۇرىۋاتقان ھەر خىل يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار يىتەرلىك بار  بولۇپ، ئوخشاش يىمەكلىكتە ئوخشىمىغان ۋىتامىنلار بولىدۇ، ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەردىكى ئوخشىمىغان ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ۋىتامىنلار كوكتاتلار تەركىۋىدە كوپ بولسا، يەنە بەزى ۋىتامىنلار گوش تەركىۋىدە مول. بەزى ۋىتامىنلار يەل-يەمىشلەر تەركىۋىدە مول بولسا، يەنە بەزىلەر گۇرۇچ، بۇغداي ۋە قوناق تەركىۋىدە مول. ئەگەر بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئىتىۋار بەرسەك، ۋىتامىن كەملىكتىن تامامەن ساقلىنالايمىز.

بىز نورمالدا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىقمۇ؟

ئەگەر بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئىتىۋار بەرسەك، كۇندۇلۇك تۇرمۇشىمىزدا يىشىل يىمەكلىكلەر، يەنى كوكتات ۋە يەل-يىمىشلەر كەم بولمىسا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. 

ئەگەر بىزدە يۇقۇردا دەپ ئوتكەن ۋىتامىن كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىسا ۋىتامىن دورىلىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئىھتىياجى يوق.

بىز پەقەتلا توۋەندىكى ئەھۋاللاردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق
1. ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىققاندا؛
2. مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلالمىغاندا ۋە ياكى ئىستىمال قىلىش شاراھىتىمىز بولمىغاندا؛
3. گەرچە ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرغان بولساقمۇ، بىراق مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن، ئاشقازان ۋە ئۇچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش تەسىرگە ئۇچۇرغاندا.
4. بىز مەلۇم خىلدىكى كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكى ۋىتامىننىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەندە؛
5. يىمەكلىك ئادىتىمىز تۇپەيلىدىن يىمەكلىكلەرنى پۇشۇرۇش جەريانىدا يىمەكلىك تەركىۋىدىكى خەر خىل ۋىتامىنلار ۋەيران قىلىۋىتىلگەندە. 
6. يىمەك ئىچمىكىدە بولۇپ ئىچىدىغان سۇت ۋە بوۋاق يىمەكلىكىدە يىتەرلىك ۋىتامىن بولمىغان ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلار. 
7. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ياشانغان كىشىلەر.

ۋىتامىن دورىلىرىنى تاللىغاندا نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟

مەن دەسلەپتە تەكىتلەپ ئوتكەندەك بىز ۋىتامىننى قانچە كوپ ئىستىمال قىلساق ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ۋىتامىن قانچە كوپ بولسا سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىق دىگەن گەپ يوق.  ھەم ۋىتامىن قۇۋەت قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ ئەمەس. بىز پەقەت ۋە پەقەتلا بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنغا ئىرىشسەكلا كۇپايە.  ئەڭ ياخشى سۇپەتلىك ۋىتامىن تەبىئى يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدىكى ۋىتامىن بولۇپ، ساغلام يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئەڭ سۇپەتلىك ۋىتامىنلارغا ئىرىشەلەيمىز.

ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش زورۇر بولغاندا، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، خەلقارادىكى نوپۇزلۇق دورا شىركەتلىرى ئىشلەپ چىقارغان ۋىتامىنلارنى تالاش كىرەك.  ۋىتامىن دورىلىرىنىڭ سۇپىتى ۋە ئۇنىمى دىگەندە بىز يالغۇز ئۇنىڭ بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلارنى تولۇقلىيالىشىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بەدەنگە ئىلىپ كەلگەن ئەكىس تەسىرىنىڭ ناھايتى توۋەن ۋە ياكى ئاساسەن يوق بولۇشىغىمۇ قارىشىمىز كىرەك. چۇنكى سۇپىتى ياخشى بولمىغان ۋىتامىن دورىلىرى تەركىۋىدە بىزگە كىرەكلىك بولغان ۋىتامىن ماددىلىرىدىن باشقا، بىز ئىھتىياجلىق بولمىغان قالدۇق ماددىلارمۇ بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ تەركىۋى قانچە يۇقۇرى بولسا، يەنى ۋىتامىن دورىسىنىڭ تەركىۋى قانچە ساپ بولمىسا، ئۇنىڭ بەدىنىمىزگە كەلتۇرگەن يامان تەسىرى شۇنچە زور بولىدۇ، يەنى بەدىنىمزدىكى بۇ دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جىگگەر ۋە بورەكنىڭ يۇكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ، بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. 

ۋىتامىنلارنىڭ تۇرلىرى

ئادەتتە دىيىلىۋاتقان ۋىتامىنلار يەنى كوپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە مۇھىم بولغان ۋىتامىنلار 13 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن ب1، ۋىتامىن ب2، ۋىتامىن ب3، ۋىتامىن ب5، ۋىتامىن ب6، ۋىتامىن 7، ۋىتامىن ب9، ۋىتامىن ب12، ۋىتامىن ك، ۋىتامىن د، ۋىتامىن ئە ۋە ۋىتامىن ك دىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن د بولسا ۋىتامىن د1، ۋىتامىن د2، ۋىتامىن د3، ۋىتامىن د4 ۋە ۋىتامىن د5 دىن ئىبارەت 5 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن ك بولسا ۋىتامىن ك1 ۋە ۋىتامىن ك2 دىن ئىبارەت 2 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىندىن باشقا يەنە ۋىتامىن ب8، ۋىتامىن ف، ۋىتامىن گ، ۋىتامىن ھ، ۋىتامىن ج، ۋىتامىن ل1، ۋىتامىن ل2، ۋىتامىن م، ۋىتامىن ئو، ۋىتامىن پ، ۋىتامىن پپ، ۋىتامىن س ۋە ۋىتامىن ئۇ دىگەندەك ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان، يەنى ۋىتامىن دىگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقا ناملار بىلەن ئاتالغان بولسا، يەنە بەزىلەرنى يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىن كاتىگورىيەسىگە كىرگۇزۇلىۋىتىلگەن. مەسىلەن: ۋىتامىن گ ۋە ۋىتامىن ج، ھازىر ۋىتامىن ب2 غا قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن ھ بولسا ۋىتامىن ب7 گە قوشۇۋىتىلگەن،  ۋىتامىن م بولسا ۋىتامىن ب9 گە قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن پپ بولسا ۋىتامىن ب3 گە قوشۇۋىتىلگەن؛ ۋىتامىن پ نىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان. ۋىتامىن ل1 نىڭ بەدەندە مۇھىم ئەمەسلىكى بايقالغان.

بەدىنىمىزدە ۋىتامىن كەم بولغاندا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟

1. ۋىتامىن ئا كەم بولغاندا كوزنىڭ كورۇشى قۇۋىتى ئاجىزلايدۇ، بولۇپمۇ كىچىدە كورمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. ۋىتامىن ب1 كەم بولغاندا بەرىبەرى (脚气病) دەپ ئاتالغان بىر خىل كىسەلنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
3. ۋىتامىن ب2 كەم بولغاندا تىل ياللۇغى، ئىغىز بوشلۇغى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4. ۋىتامىن ب3 كەم بولغاندا تىرە زەخمىلىنىش، تىرە چۇشۇپ كىتىش قاتارلىق بىر خىل تىرەك كىسىلى (糙皮病) نى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
5. ۋىتامىن ب5 كەم بولغاندا پەرىسسىزىيا دەپ ئاتالغان تىرە سەزگۇرلىگى ئىشىپ كىتىش كىسەللىگىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا تىرە كويگەندەك، قىچىشقاندەك، يىڭنە سانجىغاندەك ھەر خىل غەيرى تۇيغا ۋە سىزىملار بولىدۇ.
6. ۋىتامىن ب6 كەم بولغاندا قان كەملىك، نىرۋا زەخمىلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىرىدۇ.
7. ۋىتامىن ب7 كەم بولغاندا تىرە ياللۇغى، ئۇچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8. ۋىتامىن ب9 كەم بولغاندا قان كەملىك پەيدا قىلىدۇ. ھامىلە بولغان ئايالنىڭ قوسىقىدىكى بالىسدا بەزى تۇغما كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
9. ۋىتامىن ب12 كەم بولغاندا قان كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
10. ۋىتامىن ك كەم بولغاندا تىرە، چىش ۋە ئىغىز بوشلۇقى قاناش ئاساسلىق كىسەل ئالامەتى بولغان (坏血病) كىسەلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
11. ۋىتامىن د كەم بولغاندا سوڭەك يۇمشاپ قىلىش (软骨病، 佝偻病) كىسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
12. ۋىتامىن ئە كەم بولغاندا يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردا قان كەملىك كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەرلەردە تۇغماسلىق، ئاياللاردا بالىسى ئاسان چۇشۇپ كىتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
13. ۋىتامىن ك كەم بولغاندا بەدەن ئاسانلا قانايدىغان يەنى تىرە ۋە ئىچكى ئەزالاردىن ئاسان قان چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. 

قايسى خىلىدىكى  يىمەكلىكلەردە قايسى تۇردىكى ۋىتامىنلار كوپ بولىدۇ؟

1. ۋىتامىن ئا1 بارلىق سىرىق رەڭلىك يەلمىشلەردە، بارلىق يوپۇرماقلىق كوكتاتلاردا، سەۋزىدە، كاۋىدا، سۇتتە، بىلىقتا، جىگەر قاتارلىقلار تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
2. ۋىتامىن ب1 بارلىق كوكتاتلاردا، جىگەر، تۇخۇم، گۇرۇچ تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
3. ۋىتامىن ب2 باناندا، قوناقتا، پۇرچاقتا، لۇسۇن (芦笋) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
4. ۋىتامىن ب3 گوش، بىلىق، تۇخۇم، كوپۇنچە كوكتاتلار، موگۇ (蘑菇) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
5. ۋىتامىن ب5 گوش، بروكىلى (椰菜)، ئاۋوكادو (鳄梨) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
6. ۋىتامىن ب6 گوش، كوكتات، بانان تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
7. ۋىتامىن ب7 خام تۇخۇمدا، جىگەردە، خۇئاسىڭ (花生)، بارلىق يوپۇرماقلىق يىشىل كوكتات تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
8. ۋىتامىن ب9 بارلىق يوپۇرماقلىق كوكتات، بۇغداي ئۇنى، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
9. ۋىتامىن ب12 گوش ۋە بارلىق ھايۋان مەسۇلاتلىرىدا كوپ بولىدۇ.
10. ۋىتامىن ك مۇتلەق كوپ ساندىكى يەلىمىش بولۇپمۇ ئاچكىق چۇچۇك يەلىمىش، كوكتات، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
11. ۋىتامىن د بىلىق، تۇخۇم، جىگەر، موگۇ (蘑菇) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
12. ۋىتامىن ئە مۇتلەق كوپ ساندىكى يەلىمىش، كوكتات، ياڭاق، مىغىز، ئۇرۇق تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
13. ۋىتامىن ك يوپۇرماقلىق يىشىل كوكتات، تۇخۇمنىڭ سىرىقى، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.

ئەسكەرىش: جىگەر تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ ھەممىسى كوپ بولسىمۇ، بىراق جىگەرنى ۋىتامىن تولۇقلايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىك قىلماسلىقىمىز كىرەك. چۇنكى جىگەر تەركىۋىدە يالغۇز  ھەر خىل ۋىتامىنلار كوپ بولۇپلا قالماستىن بەلكىم يۇقۇرى مىقداردا كولەستىرول بولۇپ، جىگەرنى كوپ ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ئىشىپ، يۇقۇرى قان بىسىمى، يۇرەك ۋە مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.


No comments:

Post a Comment