Blog Archive

Friday, September 2, 2016

باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى

باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى

مەمەت ئىمىن

بىر ئىتالەيەلىك دوختۇر بىر جۇڭگولۇق دوختۇر بىلەن بىرلىشىپ بىر روسىيەلىك پىدايىغا 2017 ـ يىلى دۇنيادا تۇنجى قىتىملىق باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ئىلىپ بارماقچى ئىكەن.

ئاخباراتلاردا گەرچە ئىتالىەلىك بۇ دوختۇر ئىلىپ بارماقچى بولغان ئوپىراتسىيەنى دۇنيادىكى تۇنجى باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتىيەسى دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بىراق مەن ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىدە قوللىنىپ كىلىۋاتقان مەنتىقە بويىچە، ئۇنى بەدەن ئالاماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى دەپ ئاتىسا تىخىمۇ مۇھاپىق بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ نامى ئورگان ئالامشتۇرۇشقا ئىھتىياجى بولغان كىشىنىڭ بەدىنىدىكى زەيىپلەشكەن ئورگاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن بۆرىكى زەيىپلىشىپ، بۆرەك ئالماشتۇرشقا ئىھتىياجى بولغان كىشىگە ئىلىپ بىرىلىدىغان ئوپىراتسىيە بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ روسىيەلىك ئەرنىڭ بەدىنى زەيىپلەشكەن بولۇپ، ئۇ بەدەن ئالماشتۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولغۇنى ئۈچۈن، بۇ ئوپىراتسىيەنى بەدەن ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى دەپ ئاتاش مەنتىقىگە تىخمۇ ئۇيغۇن بولسا كىرەك. ئەلۋەتتە مىنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بۇ ئوپىراتسىيەنى نىمە دەپ ئاتىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى بۇ ئوپىراتسىيەنىڭ قانداق نەتىجە بىرىشى.

بۇ ئىتالىيەلىك دوختۇر گەرچە ئۆزىنىڭ تۇنجى باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنى 2017 ـ يىلى ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى بىر يىل بۇرۇن ئىلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزى ئىلىپ بارماقچى بولغان بۇ باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە مۇھاپىق كاندىدات بولـمىغاچقا، ئوپىراتسىيەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئىنىق ۋاختىنى بىلدۈرمىگەن. بۇ يىل 8 ـ ئايدا بەدەن قىسمى ساقايماس ئىرسى كىسەلگە گىرىپتار بولغان روسىيەلىك بىر ياش ئەر بۇ ئوپىراتسىيەگە پىدايى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى باش ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قايتىدىن قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان، ۋە يىقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان دۇنيادىكى چوڭ ئاخبارالاردا خەۋەر قىلىنغان.

ئىتالىيەلىك دوختۇر ھەمكارلاشماقچى بولغان جۇڭگولۇق دوختۇر خاربىن تىببى ئۇنىۋىرسىتىدىكى رىن شاۋپىڭ دىگەن دوختۇر بولۇپ، ئۇ دوختۇر ھازىرغا قەدەر چاشقاندا 1000 دىن ئارتۇق باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ئىلىپ بارغان، ۋە بۇ توغۇرسىدا خەلىقئارا جورناللاردا ئىلمى ماقالە ئىلان قىلغان. ھازىر باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى جەريانىدىكى تەخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەل بولغان بولسىمۇ، ھەم بۇ دوختۇر چاشقاندا ئىلىپ بارغان باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ مۇھاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى، باش ئالماشتۇرۇلغان چاشقاننىڭ كۆزىنى ئاچالىغانلىقىنى ۋە ئەتىراپتا ھەركەت قىلغانلىقىنى بىلدۇرگەن بولسىمۇ، بىراق كۆپۈنچە مۇتىخەسىسلەر باش ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىلغان چاشقاننىڭ بىر نەچچە مىنۇتتىن ئارتۇق ياشىمىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويۇپ، بۇ ئوپىراتسىيەنى ئىنكار قىلغان. يىقىندا بۇ ئىككى دوختۇر باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ مايمۇندا مۇھاپىقىيەتلىك ئىلىپ بارغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيە قىلـماقچى بولغان ئىتالىيەلىك دوختۇر گەرچە بۇ ئوپىراتسىيەگە چوڭ ئۈمۈت بىلەن ئاكىتىپ قاراشتا بولغان بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن مۇتىخەسىسلەر بو ئوپىراتسىيەگە سەلبى قاراشتا بولـماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بو بىر ئىلمى تەتقىقات داھىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن، ۋە ئىنساننى سىناق قىلىشتەك مىدىتسىنا ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەشغۇلات ئىكەن. ئوپىراتسىيە ئۈچۈن نەچچە ئون مىلىيون دوللار چىقىم كىتىشى، ھەم نەتىجىدە ئوپىراتسىيەنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۈمكىن ئىكەن.

ئۇندىن باشقا ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇننى چەكلىمە تۈپەيلىدىن ئىلىپ بىرىلماقچى بولغان باش ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنىڭ ئامىركا ۋە ياكى ياۋروپادا تەستىقلىنىش ئىھتىمالى بەك تۆۋەن ئىكەن، ئۇ ئوپىراتسىيەنىڭ جۇڭگودا ئىلىپ بىرىلىش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن.

بو ئورگان ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ئەنئەنىۋى ئورگان ئالـماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىدىن كۆپ پەرىقلىق بولغاچقا، بىزگە نۇرغۇن سۇئاللارنى پەيدا قىلىىشى مۈمكىن. مەسىلەن ئوپىراتسىيەدىن كىيىن ئىككى ئىنساننىڭ بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان يىڭى ئادەمنىڭ ئىرسى كىملىكى (genetic identity) قانداق بولىدۇ؟ بەدەندىكى گىن كونتۇرۇل قىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بىرەمدۇ يوق؟ مىڭە بىلەن بەدەن ماسلىشالامدۇ؟ بەدەن مىڭىنىڭ بۇيرۇقىنى توغۇرا قوبۇل قىلالامدۇ؟ ئەگەر بەدەن مىڭىنىڭ بۇيرۇقىنى توغۇرا قوبۇل قىلالمىسا نىمە ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟ مەسىلەن مىڭە بىرسى بىلەن كۆرىشىمەن دىسە، قول قارشى تەرەپنىڭ قولىنى قايرىپ سۇندۇرۇپ قويىدىغان خاتالىق يۈز بىرەمدۇ يوق؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بىز ماشىنا ھەيدىگەندە ماشىنىنى ئالدىغا ھەيدەش ئۈچۈن مايغا دەسسىگىنىمىزدە ماشىنا چوقۇم ئالدىغا ماڭىدۇ، ئەگەر بىرەر يەردىن چاتاق چىقىپ، ماشىنا ئالدىغا ماڭماي كەينىگە كىتىپ قالسا، بەلكىم بەزى ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەت يۈز بىرىشى مۈمكىن. ئۇندىن باشقا بەدەن پەقەت ۋە پەقەتلا مىڭىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنىدىغان «قۇل» قىلىپ يارىتالغانمۇ ياكى مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغان ئەركىنلىكى بارمۇ؟ نورمالدا باش كىسىلسە يۈرەك ھەركەتتىن توختايدۇ، بىراق مىڭىسى ئۆلۈپ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلانغان ئادەمنىڭ يۈرىكى ئۇزۇن مۇددەت سوقاپ تۇرىدۇ. يەنە ئۇندىن باشقا ھازىرقى زامان تىبابىتى بىلـمىگەن، ۋە بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن نۇرغۇن مەسىلىلەر دۇنياغا كىلىشى مۈمكىن.

نورمالدا بىز باشقىلارنىڭ كىملىكىنى چىرايىغا قاراپ بىكىتىمىز، بىراق قانۇندا بىراۋنىڭ كىملىكىنى ئۇنىڭ چىرايىدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى بارماق ئىزى ۋە DNA گە قاراپ بىكىتىدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ كىملىكى چىرايغا قاراپ بىكىتىلگەندە، بۇ كىشىنىڭ كىملىكى باش ئىگىسىنىڭ كىملىكى بولىدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ كىملىكى بارماق ئىزىغا ئاساسەن بىكىتىلسە، بەدەن ئىگىسىنىڭ كىملىكى بۇ كىشىنىڭ يىڭى كىملىكى بولىدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ كىملىكى DNA گە قاراپ بىكىتىلگەندە، ئۇ چاغدا DNA تەكشۇرۇش ئۈچۈن ئالغان توقۇلـمىنى نەدىن ئالغانلىققا باغلىق بولىدۇ. بىراق مەن بۇ يەردە دىمەكچى بولغان كىملىك بولسا بىر ئادەمنىڭ ئىرسى ۋە گىن ئالاھىدىلىكىدۇر (genetic identity). بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلىشى مۈمكىن، ھەتتا ھۆسنى تۈزەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، چىرايىنى ئۆزگەرتەلىشى مۈمكىن، بىراق مەن بۇ يەردە دىمەكچى بولغان ئىرسى كىملىكنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتىش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئىرسى ئالاھىدىلىكى ئاتا ئانىدىن كىلىدۇ، ئادەم بالاغەتكە يەتكەندە ئىرسى ئالاھىدىلىكتە كۆپ ئۆزگۈرۈش بولـمايدۇ.

ئەلۋەتتە ھازىر بىز تىخى بۇنداق بىر ئوپىراتسىيەنىڭ رەسمى رىياللىققا ئايلىنىدىغان ياكى ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلـمەيمىز، ھەم ئەگەر كىلەر يىلى شۇنداق بىر ئوپىراتسىيە بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلـمەيمىز. ھەم كۆپۈنچىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھىچقانداق بىۋاستا مۇناسىۋىتى يوق. مىنىڭ بۇ مەسىلىنى بۇ يەرگە كۆتۈرەپ چىقىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بو ھازىرقى زامان تىبابىتىدە تىببى ئەخلاقى پەزىلەت بىلەن چىتىشلىق، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن بولغان سەزگۈر مەسىلىلە بولغۇنى ئۈچۈن، بىزنى مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا ئەتىراپلىق ئويلىشىمىزغا، ئەتىراپلىق تەپەككۇر قىلىشىمىزغا تۈرتكە بلۇشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن دوستلارنىڭ مۇنازىرە قىلىپ بىقىشىغا سۇنۇپ قويدۇم.

No comments:

Post a Comment