Blog Archive

Friday, September 2, 2016

دىيابىت كىسىلى توغۇرسىدا قىسقچە چۈشەنچە

دىيابىت كىسىلى توغۇرسىدا قىسقچە چۈشەنچە

مەمەت ئېمىن

دىيابىت (diabetes) كىسىلى يەنى قەنت سىيىش كىسىلى، شىكەر كىسىلى ياكى تاڭنىياۋبىڭ (糖尿病) دىگىنىمىز بەدەندىكى ئىنسۇلىن (Insulin) يەنى يىداۋسۇ (胰岛素) دەپ ئاتالغان ئاشقازان ئاستا بىزى (Pancreas) (胰腺) دە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىر خىل ھورمۇننىڭ كەملىكى ياكى يىتەرلىك خىزمەت ئوتىيەلمەسلىكى سەۋىبىدىن كىلىپ چىققان كىسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

دىيابىت كىسىلىنىڭ بىرىنجى تۈرى ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان دىيابىت كىسىلى ياكى 1- تۇردىكى دىيابىت كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كىسىلى بالىلاردا ياكى ياشلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ كەم بولىدۇ، يەنى بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئىشلەپ چىقارمايدۇ ياكى يىتەرلىك ئىشلەپ چىقارمايدۇ. ئۇلار پۈتۇنلەي دورا قىلىپ بىرىلگەن ئىنسۇلىنغا تايىنىپ ياشايدۇ.

دىيابىت كىسىلىنىڭ ئىككىنجى تۈرى چوڭلار دىيابىت كىسىلى ياكى 2- تۈردىكى دىيابىت كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كىسىلى چوڭلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ نىڭ مىقدارى يىتەرلىك بولمايدۇ ياكى ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇنۇملۇك بولمايدۇ.

چوڭلاردا بولىدىغان دىئابىت كىسىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2- تۇردىكى دىيابىت كىسىلى بولۇپ، 2- تۇردىكى دىيابىت كىسىلى پۈتۇن دىيابىت كىسىلىنىڭ 90% نى ئىگەللەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىشىپ بىرىشى، بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئىغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ 2- تۈردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يىشىمۇ كۈنسايىن ياشلاشماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 - يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 422 مىلىيۇن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىكەن. دىيابىت كىسىلى ئەڭ تىز كۆپىيىۋاتقان دۆۋلەتلەر پاكىستان، مىكسىكا، مىسىر ۋە ھىندىستان ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ 8.5% تىدە دىيابىت كىسىلى بار ئىكەن. ئافرىقىدىكى بەنىن دىيابىت كىسىلى ئەڭ ئاز دۆۋلەت  بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە ئاران 8 كىشى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. دىيابىت كىسىلى ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت تىچ ئوكياننىڭ ئوتۇرسىغا جايلاشقان ناۋرۇ بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە 241 كىشى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.




ئىنسۇلىن (Insulin) ياكى يىداۋسۇ (胰岛素) نىڭ خىزمىتى نىمە؟

ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە پارچىلىنىپ شىكەرگە ياكى گىلىكوزىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن شىكەر ياكى گىلىكوزا يەنە قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ. قاندىكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان ئاستى بىزىدىكى بىتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ھۇجەيرىلەر يىتەرلىك مىقداردا ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئاجىرتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىنسۇلىن گىلىكوزىنى بەدەندىكى مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى قوبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە پارچىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزا مۇسكۇل ھۇجەيرىسىگە كىرىپ، شۇ يەردە ساقلىنىدۇ ۋە مۇسكۇلنىڭ ھەركەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەگەر بەدىنىمىز ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقارمىغاندا، ياكى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن يىتەرلىك بولمىغاندا ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ئىشلەپ چىقىلغان ئىنسۇلىن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۆتىيەلمىگەندە، گىلىكوزا مۇسكۇلغا كىرەلمەيدۇ، يەنى بەدىنىمىز قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى شىكەر ماددسىنىڭ ياكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئىشىپ كىتىپ، سۈدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرلىدۇ. شۇڭا بۇ كىسەل شىكەر سىيىش ياكى قەنت سىيىش كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

دىيابىت كىسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

چوڭلاردا بولىدىغان دىيابىت كىسىلى ناھايتى ئاستا تەرەققى قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن يىللارغىچە ئوزىدە دىيابىت كىسىلى بارلىقىنى بىلمەي يۇرىدۇ. دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپتە پەقەتلا بىر ئاز ھارغىنلىق ھىس قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. كىيىنچە كىسەل تەرەققى قىلىپ تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

1.       كۆپ سىيىش، يەنى سۈدىكى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىش. بۇ ئاساسلىقى قاندىكى ئىشىپ كەتكەن شىكەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ.
2.       ئۇساش، يەنى سۇغا بولغان تەشنالىق بۇرۇنقىدىن ئىشىپ بارىدۇ. بىمار سۇنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەغىزى يەنىلا قۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى كۆپ سىگەنلىكتىن بولغان.
3.       ياندۇرغۇسى كىلىش ياكى كۆڭلى ئىلىشىش.
4.       كۆزى غۇۋالىشىش يەنى كۆزىنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىش.
5.       تاماقنى شۇنداق كۆپ يىسىمۇ يەنىلا ئورۇقلاپ كىتىش.
6.       قايتا قايتا ياكى ئاسان ياللۇغلىنىپ قىلىش.
7.       تىرە زەخمە بولغاندا، ياكى تىرادە يارا بولغاندا ئۇزۇنغىچە ئاسان ئەسلىگە كەلمەسلىك.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى بولۇشى مۈمكىن، يەنە بەزىلەردە ەقەت  بىر قىسمى ئالامەتلەر  بولۇشى مۈمكىن. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەر ئىلگىرى كىيىن بولۇپ كۆرىلىشى مۈمكىن، يەنە بەزى كبىمارلاردا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھىچقاندا كىسەللىك ئالامەتلەر بولماسلىقى مۈمكىن.

ئەگەر دىيابىت كىسىلى ۋاختىدا داۋالىتىلمىسا ياكى قاندىكى شىكەر ماددىسى ياخشى كونتۇرۇل قىلىنمىسا تۆۋەندىكى ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1.       كۆزى قارغۇ بولۇپ قىلىش.
2.       يۈرەك قان تومۇر زەخمىلىنىش ياكى يۈرەك قان تومۇر كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش.
3.       نىرۋا زەخمىلىنىش، بولۇپمۇ پۇت قولىنىڭ نىرۋىلىرى زەخمىلىنىپ، پۇت قولى قىچىشىش، يارا بولۇش ۋە قاتتىق ئاغرىش.
4.       مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ياكى مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى ھەسسىلەپ يۇقۇرلاش.
5.       بۆرەك زەخمە بولۇش، بۆرەك زەيىپلىشىش.
6.       ئەغىر ئاياق ئاياللارنىڭ بالىسى مەيىپ تۇغۇلۇپ قىلىش.
7.       ھاياتى خەۋەپكە ئۇچىراش ۋە ئۆلۇپ كىتىش.

قانداق كىشىلەر دىيابىت كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

2- تۈردىكى دىيابىت كىسىلى ئاساسەن چوڭلاردا بولىدىغان بولۇپ، ھەرقاندا كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى بار. بىراق بەزى ئامىللار كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتا بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1.       بەدەن ئغىرلىغى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇش.
2.       قوساق ۋە بەل قىسمى بەك سىمىز كىشىلەر، يەنى قوساق ۋە بەل قىسمىدى كۆپ مىقداردا ماي بار كىشىلەر.
3.       45 ياشتىن ئارتۇق كىشىلەر.
4.       ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا قاتناشمايدىغان كىشىلەر.
5.       ئۆيدىكى ئۇرۇق تۇققانلاردا دىيابىت كىسىلى بار كىشىلەر.
6.       ئغىر ئاياق بولغان ۋاختىدا قاندىكى گىلىكوزىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ياكى 4 كىلودىن ئارتۇق ئغىرلىقتكى بالا تۇققان ئاياللار.
7.       قاندىكى پايدىلىق كولەستىرول يەنى HDL نورمالدىن توۋەن بولغان كىشىلەر.
8.       قان بىسىمى يۇقۇرى كىشىلەر.

بۇرۇن 2- تىپتىكى دىيابىت كىسىلى گەرچە ئوتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۈندىن كۈنگە ياشلاشماقتا.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، دىيابىت كىسىلى ھەرگۈزمۇ شىكەر مىقتارى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولغان ئەمەس، بىراق ئادەم ماي ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسان سىمىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، يۇقۇردا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى.

دىيابىت كىسىلىگە قانداق دىياگۇنۇز قويىلىدۇ؟

دىيابىت كىسىلىگە دىياگۇنۇز قويۇش ئانچە قىيىن ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئاچ قوساق قان، تاماقتىن كىيىنكى 2 سائەت ئىچىدىكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگۇنۇز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۇرۇشلەرنى ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ ئىلىپ بارالايدۇ. قاندىكى شىكەر مىقدارى ئۆزگۈرەپ تۇردىغان بولۇپ، ئەگەر بىر قىتىملىق قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگۇنۇز ئىنىڭ بولمىسا،  "شىكەرگە چىداملىق تەكشۇرۇشى" يەنە (Glocose tolerance test) دەپ ئاتالغان بىر خىل تەكشۇرۇشنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، دىيابىت كىسىلىنىڭ بار يوقلىقىغا دىياگۇنۇز قويۇش مۈمكىن.



دىيابىت كىسىلىنى داۋالاش

دىيابىت كىسىلى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان كىسەل بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ كىسەلنى تولۇق داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا يوق. بىراق دىيابىت كىسىلىنى مۇھاپىق تەبىر قوللۇنۇش ۋە داۋالاش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈنلەي كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ.

دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە قانچىلىك ئىنسۇلىننىڭ بارلىقىغا، ۋە بەدەننىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىننى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغانلىغىغا ئاساسەن، ئىلىپ بىرىلىدىغان داۋالاشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

2- تۇردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر بەدەن ئغىرلىغىنى كونتۇرۇل قىلىش، دىيابىت كىسىلىگە ماس كىلىدىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش يەنى تەركىۋىدە شىكەر كۆپ بولغان ۋە تاكى تاتلىق يىمەكلىلەردىن ناھايتى ياخشى پەرھىز تۇتۇش، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئامال بار قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش، مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇش ئارقىلىق دىيابىت كىسىلىنى  كونتۇرۇل قىلىپ كىتەلەيدۇ. بەزى بىمارلار بولسا ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ياكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ياردەم بىرىدىغان بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ. بىراق دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ.

ئەلۋەتتە 1- تۈردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن داۋالشتىكى بىردىن بىر ئامال ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش بولۇپ، ئۇلار بىر ئۆمۇر ئىنسۇلىندىن ئايرىلالمايدۇ.

دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە يىمەكلىككە بولغان پەرھىزنى ۋە داۋالاشنى بىر ئۆمۇر داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، كىسىلىم ساقايدى دەپ داۋالاشنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قەتتى ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى قاندىكى شىكەر ماددىسىنى نورمال سەۋىيەدە كونتۇرۇل قىلىش، قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىگىز پەس بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بولمىسا كىيىنكى يامان ئاقىۋەتنى ھەرقانچە داۋالاپمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ.

دىيابىت كىسىلىنى داۋالاش باشقا كىسەللەرنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، داۋالاشتا بىمارنىڭ ۋە بىمارنىڭ ئاھىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى دوختۇر بىلەن ئوخشاي مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دىيابىت كىسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش، تەرەققى قىلىش ۋە داۋالاش جەريانىنى تولۇق چۈشۈنىشى، داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، دىيابىت كىسىلىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىشتا بەكلا مۇھىم.

 دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا قوللۇنىدىغان ئۇسۇللار
1. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، يەنى شىكەر تەركىۋى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەك ئىچمەكلەردىن يىراق تۇرۇش؛
2. يىمەك ئىچمەكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئاكىتىپ بەدەن چىنىقرۇرۇپ، بەدەن ئىغىرلىقىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش؛ ئالاھىدە سىمىز بولسا، چوقۇم ئورۇقلارش؛
3. دىيابىت كىسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورلاردىن بىر ياكى ئىككى خىل دورىنى تاللاپ، قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارغا ئاساسەن مۇھاپىق مىقتاردا ئۈزۈلدۈرمەي ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ ئەگەر دورىنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا ۋە ياكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارى ياخشى كونتۇرۇل بولمىسا، ۋاختىدا دورا مىقتارىنى مۇئاپىق ئاشۇرۇش، ياكى باشقا ئۈنۈملۈك دورىغا ئالماشتۇرش كىرەك. دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ، ھەر بىر بىمار ئۆز ئەھۋالىغا ۋە شاراھىتىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان دورىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى دورىنىڭ باھاسى ئۇنىڭ ئۈنىمىگە قاراپ بىكىتىلمەيدۇ، يەنى قىممەت دورا چوقۇم ئۈنۈملۈك دورا بولۇشى ناتايىن. دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئارىسىدا پەرىق كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن، بەزىلەرگە ياخشى ئۈنۈم بەرگەن دورانىڭ ھەممە ئادەمگە ياخشى ئۈنۈم بىرىشى ناتايىن ، ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر بىمارنىڭ ئۆزىگە ياخشى پايدا قىلغان يەنى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلغان دورا ئاندىن ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ.
4. ئەگەر دىيابىت كىسىلى دورىلىرنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا، ۋە ياكى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارى بەك يۇقۇرى بولسا، ۋاختىدا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش كىرەك. ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە ئىنسۇلىن مىقدارنى قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر مىقدارىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇش كىرەك.

ئۇندىن باشقا دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك.
1.       تاماقنى ۋاختىدا يىيىش، تاماقنىڭ مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. تاماقنىڭ ۋاختى ۋە مىقدارىدا ئىگىز پەس بولۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.
2.       يالغۇز شىكەر ماددىسى كۆپ بولغان  تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كونتۇرۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى مايلىق يىمەكلىكلەرنىمۇ مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تەركىۋى كۆپ بولغان، تالالىق تاتلىق بولمىغان كوكتاتلارنى، مايسىز سۇت ۋە ئورۇق گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىش كىرەك.
3.       قوساق ئىچىپ كىتىشتىن ياكى قاندىكى شىكەر مىقدارىنىڭ نورمالدىن تۆۋەن بولۇشىدىن ساقلىنىش كىرەك. ئەگەر قاندىكى شىكەر ماددىسى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولۇپ، كۆزى قاراڭگۇلۇشۇش، بىشى قىيىش، سوغاق تەر چىقىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەرھال ئازراق شىكەر ياكى نان يەۋىلىش كىرەك.
4.       مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش كىرەك. ئادەتتە مۆتىدىل ۋە ئۆزىگە ماس كىلىدىغان بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۇسۇلىدىن بىرەر ئىككىسىنى تاللاپ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا كۇپايە.
5.       بەدەن ئغىرلىغىنى چۈشۈرگەندە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئاستا ئاستا چۈشۈرۈش كىرەك. ئەڭ مۇھىمى بەدەن ئغىرلىغىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
6.       ئىشلەتكەن دورىنىڭ مىقدارىنى قاندىكى ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن ھەر زامان مۇھاپىق تەڭشەپ تۈرۈش كىرەك.
7.       تاماكا چىكىدىغانلار تاماكىنى تاشلاش كىرەك.
8.       كۆپ ھاراق ۋە پىۋا ئىچمەسلىك كىرەك. كۆپۈنچە ھاراق ۋە پىۋىنىڭ تەركىۋىدى كۆپ مىقتاردا شىكەر ماددىسى بولۇپ، ئۇلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلىشقا زىيانلىق.
9.       قان بىسىمىنى، كۆزىنى، بورەكنى ۋاختىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك.
10.     ئەڭ مۇھىمى يالغۇز دوختۇرنىڭ قىلىپلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىغىلا تايىنىپ قالماستىن، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزى ئەڭ ماس كىلىدىغان خاسلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاشتۇرۇش كىرەك.

No comments:

Post a Comment