Blog Archive

Wednesday, March 21, 2018

قان تومۇر ئۆسمىسى

قان تومۇر ئۆسمىسى

مەمەت ئىمىن

قان تومۇر ئۆسمىسى دىگىنىمىز كەڭ مەنادىن ئەيىتقاندا قان تومۇردىن ئۆسۈپ چىققان ۋە ياكى قان تومۇردىن پەيدا بولغان ھەرقانداق ئۆسمىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەتتا بىز ئۆسمە دىگىنىمىزدە كۆز ئالدىمىزغا راك كىسىلى كىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆسمىنىڭ ھەممىسى راك ئەمەس، ئوخشاشلا راكنىڭ ھەممىسىمۇ ئۆسمە ئەمەس. مەسىلەن، ئۆسمە ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دەپ ئىككى خىل بولىدىغان بولۇپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەتلا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە راك ھىساپلىنىدۇ، ياخشى سۈپەتلىق ئۆسمە راك ھىساپلانمايدۇ. ھەر خىل قان راكى راك كسىلى ھىساپلانسىمۇ بىراك ئۇلار ئۆسمە ھىساپلانمايدۇ.

تىلىمىزدا قان تومۇر ئۆسمىسى دىگەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كىسەللىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياخشى سۈپەتلىك، پەقەت ئاز بىر قىسمى يامان سۈپەتلىك يەنى راك ھىساپلىنىدۇ.

قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى
Aneurysms 动脉瘤

قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى دىگىنىمىز بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قىزىل قان تومۇرىدا بولىدىغان كىسەللىك بولۇپ، ئادەتتە مىڭە، كۆكرەك ۋە قوساق چوڭ قىزىل قان تومۇرىدا، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ ئۇچۇرايدۇ. قىزىل قان تومۇر تىمىنىڭ مەلۇم قىسمى ھەر خىل سەۋەپ تۈپەيلىدىن نىپىزلاپ ياكى بوشاپ قالغاندا، قان تومۇر تىمى قان تومۇر ئىچىدە ئىقىۋاتقان قاننىڭ بىسىمى تەسىرىدىن سىرىتقا پولتىيىپ چىقىۋىلىش ۋە ياكى كەڭىۋىلىش سەۋەبىدىن قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى پەيدا بولىدۇ. قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى ئەمىلىيەتتە ئادەتتىكى باشقا ئۆسمىلەردەك بىر ئۆسمە بولماستىن بەلكى قىزىل قان تومۇرى تىمىدىن سىرىتقا ئۈسسۈپ چىققان خالتا ياكى قان تومۇرنىڭ كەڭىۋالغان قىسمى.





بۇ كىسەلنىڭ بىر قىسمى تۇغما بولىدۇ. بۇ كىسەلنىڭ ئەڭ چوڭ خەتىرى شۇ خالاتا يىرتىلىپ ئىچكى ئەزادا قان چىكىش پەيدا قىلىش، ئىغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋەپ يىتىش.


بۇ كىسەلنىڭ خەتىرى كىسەل بار قان تومۇرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە ئۇ خالتىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ كىسەلنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قان بىسىمى ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ قان تومۇر ئۆسمىسى يىرىلىپ كىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك. قان بىسىمىنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۇقۇرلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار، قاتتىق يۆتىلەش، ئىچى قىتىۋالغاندا ئىنجىقلاپ تەرەت قىلىش، كۈچەپ ئىغىر  بىر نەرسىنى كۆتۈرەش ۋە ئۇشتۇمتۇت نەپىسىنى كونتۇرۇل قىلىش قاتارلىقلار.

بۇ كىسەلنى دورا بىلەن داۋالىغىلى بولمايدۇ، ياكى دورنىڭ بۇ كىسەلگە نىسبەتەن ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بۇ كىسەلنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلىقى ياكى كىسەلگە چىقىلماسلىق، ياكى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئۆسمىنى بوغىۋىتىش، قان تومۇر تىمىنى  كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.


قان تومۇر ئۆسمىسى
Angioma 血管瘤

قان تومۇر ئۆسمىسى دىگەىنىمىز قان تومۇر ۋە ياكى لىنفا تومۇر ئىچكى پەردە ھۈجەيرىسىدىن پەيدا بولغان ئۆسمىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆسمىلەر ئوخشىمىغان 
بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ھەر خىل قان تومۇر ئۆسمىسنىڭ راسسىملىرى



يامان سۈپەتلىك قان تومۇر ئۆسمىسى
Angiosarcoma 血管肉瘤

يامان سۈپەتلىك قان تومۇر ئۆسمىسى يەنى قان تومۇر راكى دىگەىنىمىز قان تومۇر ۋە ياكى لىنفا تومۇر ئىچكى پەردە ھۈجەيرىسىدىن پەيدا بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەتتە بەك كۆپ ئۇچۇرمىسىمۇ بىراق بەدەننىڭ ھەرقانداق يىرىدە يۈز بىرىدۇ ۋە بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا تىز تارقايدۇ.

No comments:

Post a Comment