Blog Archive

Saturday, May 12, 2018

روھىي ساغلاملىق توغۇرسىدا

روھىي ساغلاملىق توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز پاراڭ

مەمەت ئىمىن


بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن، مەن ئىلىپ بارغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ساغلاملىقى توغۇرسىدىكى راي سىناشتا ئوتۇرغا قويغان بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىزگە ئەڭ ئىغىر تەسىر قىلغان سەۋەپلەرگە نىسبەتەن، بەزى دوستلار ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇپ، "بىزدىكى روھىي ساغلاملىق مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ۋەتەنسىزلىك ۋە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ھايات؛ ئەگەر بۇ ھەل بولسا بىزنىڭ روھىي ساغلاملىق مەسىلىمىز ھەل بولىدۇ"  دىگەن ئىدى. بۇ چوڭ جەھەتتىن گەرچە توغۇرا بولسىمۇ، بىراق بىر ئىنساننىڭ روھىي ساغلام بولۇش بولماسلىقىدا ۋەتنسىزلىكتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئامىللار بار. شۇ سەۋەپتىن بىز ۋەتىنى بار، مۇستەققىل ياشاۋاتقانلاردا روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى يوق دىيەلمەيمىز. چۈنكى ئۆزىنىڭ مۇستەققىل دۆۋلىتى بار كىشىلەردىمۇ روھىي ساغلاملىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.  ئوخشاشلا، مەن بۈگۈن ئامىركىدا چۈشكۈنلۈك كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانىنىڭ ئىشىپ بىرىۋاتقانلىق توغۇرسىدىكى بىر خەۋەرنى فەيىس بۇكقا چاپلاپ قويسام، بەزىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى ھىسياتىغا تايىنىپلا ئامىركىلىقلارنىڭ مۇسۇلمان بولماسلىقىغا، سۆيگۈ مۇھاببەت ۋە مىھرى شەپقەتنىڭ كەم بولىشىغا باغلاپتۇ. بۇمۇ ئاڭلاشقا توغۇرا، بىراق بىز بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردە روھىي كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار يوق ياكى مۇسۇلمان بولمىغان دۆۋلەتلەرگە نىسبەتەن ئاز، مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردىكى خەلق باشقا دۆۋلەتلەردىكى خەلقتىن ساغلام دىيەلمەيمىز. گەرچە ئاللاھقا ئىشەنگەن، شۈكۈر قانائەت قىلغان كىشىلەر روھىي جەھەتتە نىسبەتەن ساغلام بولسىمۇ، بىراق بىر ئىنساننىڭ ساغلاملىقى مەيلى ئۇ جىسمانى ساغلاملىق  بولسۇن ۋە ياكى روھىي ساغلاملىق بولسۇن، ئۇ يالغۇز ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلىكىگە، ۋەتىنى بار ياكى ۋەتىنى يوچلىقىغا باغلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇ نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىز ئۇنى چوقۇم مەلۇم بىر سەۋەپتىن دەپ كىسىپ جەزمەنلەشتۈرەلمەيمىز. ئەمىلىيەتتە بولسا مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردىكى خەلقنىڭ مەيلى روھىي ساغلاملىقى بولسۇن ۋە ياكى جىسمانى ساغلاملىقى بولسۇن، مەۋجۇت بولىۋاتقان ساغلاملىق مەسىلىلەر ھەرگۈزمۇ غەرىپ دۆۋلەتلىرىدىن ئاز ئەمەس، ئەكسىنچە بەزى مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردە مەۋجۇت بولىۋاتقان ساغلاملىق مەسىلىلەر خىلىلا ئىغىر.



مىنىڭچە ھەممە ئىشنى دىنغا باغلاشنڭ، مۇسۇلمان ئۇنداق، كاپىر  مۇنداق دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق. جەمىيەتتىكى نۇرغۇن يامان ئىللەتلەر مەلۇم بىر دىن بىلەن مۇنساۋەتلىك بولماستىن، بەلكى مەلۇم جەمىيەتنىڭ جەمىيەت قۇرۇلمىسى، شۇ جەمىيەتتە ياشاۋاتقان مەلۇم بىر دىنغا ئىتىقاد قىلغان ياكى قىلمىغان ئىنسانلارغا، ئۇلارنىڭ ئادىتى، ساپاسى، قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن مۇنادىۋەتلىك. بىر ئادەم مۇسۇلمان تۇغۇلغان بىلەن ياكى مۇسۇلمان دىگەن قالپاقنى كەيگەن بىلەن، دۇنيا بىراقلا گۈزەل بولۇپ كىتىدىغان ئىش يوق. مۇسۇلمان بىلەن ئىسلام دىنى ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. مۇسۇلماننىڭ خاتالىقى ئىسلامنڭ خاتالىقى بولماستىن، بەلكى شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقى. ئىسلام دىنىنى قوغدايمەن دەپ مۇسۇلمان دەپ ئاتالغان ھەممە ئىنساننى گۈزەللەشتۈرۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا بىرەر مەسىلىگە باھا بەرگەندە ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلغان ياخشى.


سەئۇدى ئەربىستانلىق دوختۇر سەيىد ئوساما ئەخمەد يازغان "روھىي ساغلاملىق ۋە ئىسلام دۇنياسى" دىگەن ماقالىسىدا، غەرىپتە دىيىلگەن نۇرغۇنلىغان روھىي كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرىدە نورمال ھىساپلىنىدىغانلىقى، روھىي كىسەللىك ياكى روھىي ساغلاملىقىدا مەسىلە بار دەپ دىياگۇنۇز قويۇلغان كىشىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن كەمسىتىلىشكە ئۇچۇرايدىغانلىقى ۋە شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر بۇنداق بىر قالپاقنى كىيىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، ھەم بۇ كىسەلگەن بولغان تونۇشنىڭ تۆۋەن بولىشى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىلمەيدىغانلىقى ئوتۇرغا قويۇلغان.
Ahmad SA*, El-Jabali A and Salam Y
College of Medicine, Alfaisal University, Riyadh, Saudi Arabia

ھەقىقەتەنمۇ غەرىپ دۆۋلەتلەردە بالىسىنى ئۇرۇش، خوتۇنىنى ئۇرۇش دىگەنلەر بىر خىل روھىي ساغلام بولماسلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ، بىراق نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردە ئۇ نورمال ئىش ھىساپلىنىدۇ.  نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردە  قانچىلىك ئادەمنىڭ كۆڭلى يىرىم، قانچىلىك ئادەمنىڭ روھى چۈشكۈن، ئۇنى سىتاستىكا قىلىدىغان 'بىكار تىلەپ' ئادەملەر بەلكىم غەرىپ دۆۋلەتلىرىدەك كۆپ بولمىسا كىرەك. ھەم مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرىدە ئۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىدىغان، ۋە تەتقتقات ئىلىپ بارىدىغان ئورگانلارمۇ غەرىپ دۆۋلەتلىرىدەك كۆپ ئەمەس.شۇقا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدىغان بىر مەسىلە،  بىرەر مەسىلىنىڭ ئوتۇرغا چىقماسلىقى، ئۇنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دىرەك بەرمۇدۇ. نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرىدە روھىي كىسەللىكلەرگە نىسبەتەن تولۇق سانلىق مەلۇمات ۋە مۈكەممەل بولغان دىياگۇنۇز قويۇش ئۇسۇلى كەم. شۇڭا نۇرغۇن روھى ساغلام بولمىغان كىشىلەر سىتاستىكا قىلىنىپ، گىزىت ژورناللاردا ئىلان قىلىنمىغان.

Muslim countries have highest rates of suicide, murder, rape and mental health problems


بەزىلەر ھەتتا ئۇيغۇرلاردا روھىي ساغلاملىقىدا بەسىلە بارلار ناھايتى ئاز دەپ قاراشماقتا. ئەمىلىيەتە مەيلى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بولسۇن، ۋە ياكى ئۇيغۇرلار  ئارىسىدا بولسۇن، روھىي ساغلاملىق جەھەتتە مەسىلە ئاز بولماستىن، ئۇنىڭغا بولغان تونۇش تۆۋەن، بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بىرىش تۆۋەن. ئۇ جەھەتتە كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ روھىي ساغلاملىقىمىزغا ئومۇمى يۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈش تىخىمۇ كەمچىل. ئەلۋەتتە بۇ خىزمەتلەر بىرەر ئىككى ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن پۈتۈن جەمىيەت دەستەك بولىشى كىرەك.

ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلىش كىرەك، ئۇنى تونۇپ يىتىش كىرەك. مەسىلىنى ئىنكار قىلىش ۋە ياكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلماسلىق بىلەن مەۋجۇت مەسىلە مەۋجۇتلىقىنى يوقاتمايدۇ. ھازىر بىزدىكى روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى كۈنسايىن ئىغىرلاشماقتا. كۆپۈنچىمىزنىڭ پىسخىكىسىدا ئىغىر مەسىلە بار بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزغا ۋە ھەر خىل پالىيەتلىرىمىزگە سىڭىپ كىرمەكتە.

ئىنسانلارنىڭ ھىس تۇيغا دۇنياسى ناھايتى مۈرەككەپ بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئجتىمايى مۇناسىۋىتىگە، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىغا، ئەقىل پاراسىتىگە، توغۇرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىغا، ئىش بىجىرىش ئۇسۇلىغا، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمىگە ىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھىس تۇيغا دۇنياسى ئۆز ئارا قارمۇ قارشى بولغان نۇرغۇنلىغان ھىس تۇيغۇلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئىنسانلار روھىي ساغلاملىقىنىڭ موھىم كاپالىتىدۇر. يەنى مۇنداقچە ئەيىتقاندا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا قارمۇ قارشى بولغان ھىس تۇيغۇلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندا ئىنسانلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ياكى ئىنسانلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلدى دىمەك ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا قارمۇ قارشى بولغان ھىس تۇيغۇلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلدى دىمەك.

ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى چۈشۈنۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك 4 باسقۇچقا ئايرىش مۈمكىن.
1. نورمال روھىي ھالەت، بۇ ئىنسانلارنىڭ روھىي جەھەتتە ساغلام ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بىر باشقۇچ، بولۇپ ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا قارمۇ قارشى بولغان ھىس تۇيغۇلار نىسپى تەڭپۇڭلىقنى ساقلىغان بولىدۇ. يەنى ئىنسانلار قايغۇرىدىغان ئىشقا قايغۇرىدۇ، خاپا بولىدىغان ئىشقا خاپا بولىدۇ، خوش بولىدىغان ئىشلارغا خوش بولىدۇ، ھوزۇرلىندىغان ئىشلاردىن ھوزۇرلىنىدۇ؛ ئاچچىغىنى، غەزەپ نەپرىتىنى، ھاياجانىنى ۋە خوشاللىقىنى مۇئاپىق كونتۇرۇل قىلالايدۇ.
2. روھىي ھالىتى بۇزۇلۇش باسقۇچى. بۇ ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن روھىي كەيپىياتتا ئىگىز بەسلىك پەيدا بولىدىغان باسقۇچ بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا قارمۇ قارشى بولغان ھىس تۇيغۇلىرى ئارىسىدا بەزى تەڭپۇڭسىزلىقلار كىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارنىڭ ھىس تۇيغۇلىرىنى كونتۇرۇل قىلالمايدىغان، ئاچچىقلىنىش كىرەك بولمىغان ئىشلارغا ئاچىقلىنىدىغان، ياكى ئاچچىغىنى ئاسان كونتۇرۇل قىلالمايدىغان، باشقىلاردىن ئارتۇقچە ەۇمانلىدىنىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. نورمال ئادەملەردە بۇ خىلدىكى روھىي بۇزۇلۇشلار ئۇندا مۇندا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىنسانلارنىڭ روھى ھالىتى نورمال بىلەن بىنورمال ئارىسىدا داۋالغۇپ تۈرىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىنسانلار ئۆز روھىي ھالىتىدىكى نورمالسىزلىقلارنى ھىس قىلالايدۇ، پەرىق ئىتەلەيدۇ، تەربىيە ۋە تەنقىتنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ باسقۇچقا كىرگەن بەزىلەر ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ ۋە نورمال روھىي ھالەتكە قايتالايدۇ، بىراق يەنە بەزىلەر ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ ئەتىراپىدىكىلەر ئۇنى چۈشەنمىگەندە، ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەەندە، روھىي كەيپىياتتىدا تىخىمۇ چوڭ  بۇزۇلۇشلار  پەيدا بولۇپ، روھىي ھالىتى بىنورماللىق باسقۇچقا تەرەققى قىلىدۇ.
3. روھىي ھالىتى بىنورمال ھالەت. ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، ئۆز ئارا قارمۇ قارشى بولغان ھىس تۇيغۇلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ،  روھىي ھالىتى بىنورمال ھالەتكە كىرگەندە، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىگىنى ھىس قىلمايدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىدە مەسىلە بارلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. بۇ باسقۇچقا كىرگەن ئىنسانلار ئۆزىنى ئۆزى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ، ئاچچىقلانمايدىغان ئىشلارغا ئاچچىقلىنىدۇ، خاپا بولمايدىغان ئىشلاردىن خاپا بولىدۇ، كۈلمەيدىغان ئىشقا كۈلىدۇ، يىغلىمايدىغان ئىشقا يىغلايدۇ. گۇمانلايمايدىغان ئىشتىن گۇمانلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە تەربىيە ياكى تەنقىت ئۈنۈم بەرمەيدۇ. روھىي ھالىتى بىنورمال باسقۇچقا تەرەققى قىلغان ئىنسانلار ئەڭ ياخشىسى ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن پىسخىلوگقا كۆرۈنۈپ، روھىي ساغلىق جەھەتتە ياردەم ئىستىشى كىرەك.
4. روھىي كىسەللىك باسقۇچى. روھىي كىسەللىك دىگەن يالغۇز بىر خىل كىسەللىك بولماستىن، ئۇ روھىي جەھەتتىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشىبولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان تۈردىكى روھىي كىسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز دەۋاتقان روھىي كىسەللىكلەرنى ئادەتتە ئۇنىڭ كىسەل ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن. بىز دەۋاتقان بەزى ساراڭلار 3 باسقۇچتىكىلەر بولىشىمۇ مۈمكىن، يەنە بەزىلەر 4 - باسقۇچتىكى رەسمى روھىي كىسەللىكنىڭ مەلۇم تۈرى بولىشى مۈمكىن. ئۇنى رەسمى ئۆلچەملىك تەكشۈرمەي تۇرۇپ، مۇنداق كىسەل دەپ دىياگۇنۇز قويۇشقا بولمايدۇ.

No comments:

Post a Comment