Blog Archive

Friday, December 22, 2017

پايدىلىق ئۇقۇمى توغۇرسىدا

 بىزدىكى "پايدىلىق، پايدا قىلىش"  ئۇقۇمى توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز پاراڭ

مەمەت ئىمىن

تىلىمىزدىكى "پايدىلىق ۋە پايدا قىلىش" ئاساسلىقى قىلغان ئىش ھەركىتىمىز، ئىستىمال قىلغان يىمەك ئىچمەك ۋە دورا دەرمەنلىرىمىزنىڭ بىزگە مەلۇم مەنپەت ياكى ياخشىلىق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، "زىيانلىق ۋە زىيان قىلىش" نىڭ ئەكسىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەمىلىيەتتە مەيلى "پايدىلىق، پايدا قىلىش" بولسۇن، ۋە ياكى "زىيانلىق، زىيان قىلىش" بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى نىسپى مەنەدىكى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق "ئاق" ۋە "قارا" دەك ئۇنداق ئىنىق ئەمەس، بەزىدە ھەتتا ئوز ئارا ئارىلىشىپ كىتىشى ۋە ياكى ئورۇن ئالمىشىپ قىلىشى مۈمكىن.

كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا، كۆپۇنچىمىز ئۆزىمىز زىيانلىق دەپ قارىغان، ۋە ياكى زىيان قىلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلگەن ئىش ھەركەت ۋە يىمەك ئىچمەكتىن ساقلىنىمىز، ئۇلاردىن پەرىز تۇتىمىز، بىراق پايدىلىق دەپ قارىغان ئىش ھەركەتلەر بىلەن نورمالدىن ئارتۇق شۇغۇللۇنۇشتىن،  پايدا قىلىدۇ دەپ قارىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلمايمىز. ئەكسىنچە پايدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەنمىز. پايدا قىلىدۇ دىگەن ئىش، ھەركەت، يىمەك ئىچمەك قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايمىز. ئەمىلىيەتتە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا بەدىنىمىزگە زىيانلىق ئىلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش، پايدىلىق دەپ قارىغان نەرسىلەرنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا بەدىنىمىزگە زىيانلىق ئىلىپ كىلىدۇ.

بىز نورمالدا زىيانلىق دەپ قارىغان بىر قىسىم نەرسىلەر گەرچە ھەر زامان زىيانلىق بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم زىيانلىق نەرسىلەر  مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا بىزگە پايدا قىلىشى مۈمكىن. بىز پايدىلىق دەپ قارىغان ھەرقانداق نەرسە ئەگەر چىكىدىن ئاشسا ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كەتسە ھەر زامان زىيانلىق نەرسىگە ئايلىنىپ قىلىشى، ۋە ئارزۇ ئىستەكلىرىمىزگە زىت ھالدا بىزگە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن.

ھەممىمىز بىلگەندەك، بۇلغانغان مۇھىت، ئىس- تۈتەك، ئالاھىدە يۇقۇرى ياكى ئالاھىدە تۆۋەن تىمپىراتۇرا،  بۇلغانغان  ۋە ياكى بۇزۇلۇپ قالغان يىمەك ئىچمەكلەر  ھەر زامان زىيانلىق بولۇپ، مەن بۇ يەردە بۇ خىلدىكى ھەر زامان ۋە ياكى ئىنىقلا زىيانلىق بولغان نەرسىلەر ئۈستىدە توختاتلاميمەن.

بىزدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىراقلا پايدىلىق ياكى زىيانلىق دەپ ئىنىقلا ئايرىۋىتىدىغان، ھەم پايدىلىق دەپ قارالغان نەرسىلەرنى قانچە كۆپ ئىستىمال قىلسا شۇنچە ياخشى دەپ قاراپ، قارغۇلارچە قوغلىشىدىغان ئەھۋاللار بىر ئاز ئومۇملاشقان ۋە ياكى ئادەتكە ئايلانغان مەسىلە بولۇپ، مەن تۆۋەندە بىزگە پايدىلىق دەپ قارالغان نەرسىلەر بىلەن بىزگە بەزىدە زىيانلىق دەپ قارالغان نەرسىلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا ۋە قانداق ئەھۋال ئاستىدا پايدا قىلىدىغانلىقىنى، قانداق ۋاقىتتا ۋە قانداق ئەھۋال ئاستىدا زىيان قىلىدىغانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

مەيلى ئۆسۇملۇك بولسۇن ۋە ياكى ھايۋانات بولسۇن، ھاياتلىق بولۇش ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچ ئامىل – قۇياش نۇرى، ھاۋا (ئوكسىگىن) ۋە سۇ. بۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا ھاياتلىق بولمايدۇ. بۇ مەنەدىن ئەيىتقاندا ئۇلار بىزگە ناھايتى مۇھىم بولغان پايدىلىق نەرسىلەردۇر. ئۇلارسىز بىزنىڭ ساغلام بولۇشىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ياشىمىقىمىزمۇ مۈمكىن ئەمەس. بىراق بۇ دىگەنلىك بىز ئۇلارنى قانچىلىك كۆپ ئىستىمال قىلساق شۇنچە ياخشى دىگەنلىك ئەمەس. بىز قۇياشقا (ئاپتاپقا) قاقلىنىش ئارىقلىق نۇرغۇن كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، ئەگەر قۇياشقا كۆپ قاقلىنىپ كەتسەك تىرەك راكىغا گىرىپتار بولىمىز.

ساپ ھاۋا (ئوكسىگىن) بىلەن نەپەسلىنىش بىزگە راھەت بىغىشلايدۇ، ئوكسىگىن بولمىسا بىز ئازراقمۇ ياشىيالمايمىز. ئوكسىگىن كەم بولسا نەپىسىمىز قىسىلىپ، ھاسىراپ قالىمىز، ئەقلى ھۇشىمىز نورمال ئىشلىمەي قالىدۇ. ئەگەر ساپ ئوكسىگىن بىلەن ئۇزۇن مۇددەت نەپەسلەنسەك، ئوكسىگىن بىلەن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.

سۇمۇ ھاياتلىقتا ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، بەدىنىمىزنىڭ 60-70% سۇدىن تەركىپ تاپقان. كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا يىتەرلىك سۇ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ سۇ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، ۋە بەدەندىكى قالدۇق ماددىلارنى بەدەن سىرىتىغا ئاجىرتىپ چىقىرىش، بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىزدا بەكلا مۇھىم.  بىراق بۇنداق دىگەنلىك سۇنى قانچە كۆپ ئىستىمال قىلسا شۇنچە ياخشى دىگەنلىك ئەمەس. بەدەنىمىزدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى سۇ تەڭپۇڭلىقى بولۇپ، ئەگەر بىز سۇنى ئاز ئىستىمال قىلساق، بەدەندىكى سۇ مىقدارى ئازلاپ، بەدەندىكى سۇدا ئىرىدىغان نۇرغۇن ماددىلارنىڭ قويۇقلىقى نىسپى ھالدا يۇقۇرلاپ كىتىدۇ، نەتىجىدە بەدىنىمىزدە بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىز سۇنى ئىھتىياجدىن كۆپ ئىستىمال قىلساق، بەدەندىكى سۇ مىقدارى كۆپىيىپ، بەدەندىكى سۇدا ئىرىدىغان نۇرغۇن ماددىلارنىڭ قويۇقلىقى نىسپى ھالدا تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، نەتىجىدە ئوخشاشلا بەدىنىمىزدە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاقسىل، ماي، شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى)، ھەر خىل ۋىتامىنلار ۋە مىنىرال ماددىلار بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ساغلام ياشىشىمىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئوزۇقلۇق ماددالارنىڭ ئىچىدە ئاقسىل، ماي، شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى) بىزنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر خىل ۋىتامىنلار ۋە مىنىرال ماددىلار بولسا بەدىنىمىزدىكى ھەر خىل ئەزالارنىڭ نورمال مىتابولىزىمىنى ۋە فونكىسىيەسىنى  ساقلاشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىز ئۈچۈن ناھايتى پايدىلىق، بىراق بۇنداق دىگەنلىك بىز ئۇلارنى قانچە كۆپ ئىستىمال قىلساق، ساغلاملىقىمىزغا شۇنچە پايدا قىلىدۇ دىگەنلىك بولمايدۇ.

ماي بىلەن شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى) نى ئىستىمال قىلمىساق، بەدىنىمز كۈندۈلۈك ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيەگە ئىرىشەلمەيدۇ، نەتىجىدە بىشىمىز قىيىش، كۆزىمىز تولىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، بۇ ماددىلار بەدىنىمىزدە ئۇزۇن مۇددەت كەم بولغاندا، بەدىنىمىز كۈندۈلۈك ئىنىرگىيە ئىھتىياجى ئۈچۈن ئاقسىلنى پارچىلاشقا مەجبۇرى بولىدۇ، نەتىجىدە بىز كۈندىن كۈنگە ئورۇقلايمىز ۋە ئاجىزلىشىپ ماڭىمىز، ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىمىز. ئەكسىنچە بىز ماي ۋە شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى) نى بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلساق، بەدىنىمىزدە سىمىزلىك ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ. گۆش مايلارنى ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەن ۋە شۇ سەۋەپتىن ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئىستىمال قىلسا، ئۇلارغا پايدا قىلىدۇ ۋە شۇ سەۋەپتىن كىسىلى ساقىدۇ. ئەكسىنچە ئوزۇقلۇق تولۇق بولغان ۋە ياكى سىمىز كىشىلەر ئىستىمال قىلسا، ئۇلارغا زىيان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى تىزلەشتۇرىدۇ.

 ۋىتامىنلارنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلمىساق، ۋىتامىن كەملىك كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ، ۋىتامىنلارنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلساق ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىش كىلىپ چىدۇ. ئەگەر بەدىنىمىزدە مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن كەم بولسا، ئاندىن بىز شۇ خىلدىكى ۋىتامىن تابىلىتىنى ئىستىمال قىساق، بۇ چاغدا بۇ خىلدىكى ۋىتامىن تابلىتى بىزگە پايدا قىلىدۇ، بەدىمىزدىكى كەم بولغان ۋىتامىن تولۇقلىنىدۇ، نەتىجىدە ۋىتامىن كەملىكتىن كىلىپ چىققان كىسەل ساقىيىپ، ساغلاملىقىمىز ئەسلىگە كىلىدۇ. ئەگەر بەدىنىمىزدە ھىچقانداق ۋىتامىن كەم بولمىسا، بىز ۋىتامىن تابىلىتىنى ئىستىمال قىلساق، ئۇ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا نىسبەتەن كۆپ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، ئەكسىنچە بەدەندىكى ۋىتامىن دورىلىرىنى پارچىلايدىغان ئورگانلارنىڭ خىزمەت يۇكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. ئەگەر بىز ۋىتامىن تابىلىتلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋالساق، ئۇ چاغدا بۇ ۋىتامىن تابىلىتلىرى بەدىنىمىزگە زىيان قىلىدۇ، يەنى بەدىنىمىزدە ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مىنىرال ماددىلارمۇ بەدىنىمىزدە ناھايتى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغان بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللار ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار بەدىنىمىزدە كەم بولسا بولمىغانغا ئوخشاش، ئارتۇق بولسىمۇ بولمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بەدىنىمىزگە بولغان پايدىلىق تەرىپىنى تەكىتلەپ، ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋالساق بەدىنىمىزگە ئوخشاشلا زىيان ئىلىپ كىلىدۇ. مەسىلەن كالتسىي بەدىنىمىزدىكى سۆڭەكنى قاتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم بولغان ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەنە بەدىنىمىزدىكى نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ نورمال فونكىسىيەسىنى ساقلاشتىمۇ ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدىنىمىزدىكى كالتسىي كەم بولغاندا كالتسىي كەملىك كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ. بەدىنىمىزدىكى كالتسىي يۇقۇرى بولغاندا كالتسىي يۇقۇرلۇق كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ.

يۇقارقى مۇھىم ئامىللاردىن باشقا ھەرىكەت ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇشمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ۋە ساغلام ياشىشىمىزدا ناھايتى مۇھىم. ھايات دىمەك ھەركەت دىمەك، كىچىگى ھۇجەيرىلەرنىڭ نورمال خىزمەتلىرىدىن باشلاپ، يۈرەكنىڭ سوقىشى، قاننىڭ ئايلىنىش، ئۈزلۈكسىز نەپەسلىنىپ تۇرىشىمىز ۋە كۈندۈلۈك خىزمەت، ئۈگۈنۈش، بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتتۇر. ھەركەت بولمىغان تەندە جان يوق دىمەكتۇر. بۇ مەنادىن ئىيىتقاندا ھەركەت قىلىش ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇش بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ۋە ساغلام ياشىمىزدا ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە نورمال ھەركەت ھاياتلىق ۋە ساغلام ياشاشنىڭ كاپالىتى بولسىمۇ، بىراق بۇ دىگەنلىك ھەركەت قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ساغلام بولىدۇ دىگەنلىك بولمايدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى تەنتەربىيە جەھەتتە دۇنيا چىمپىيۇنى بولغانلار ئىچىدە ئۇزۇن ئومۇر كۆرگەنلەرنىڭ نىسبىتى توۋەن، بۇ چىمپىيۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ياش ۋاختىدا ئۇزۇن مۇددەت ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھەركەت قىلغىنى ئۈچۈن، بەدەندە ئۇزۇن مۇددەت ئاستا خاراكتىرلىق زەخمىلەر يۈز بىرىپ، ياش 50، 60 دىن ئاشقاندا ھەر خىل ئاستا خاراكتىرلىق كىسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. نەتىجىدە نورامل ھەركەت قىلغان ۋە بەدەن چىنۇقتۇرغانلاردەك ساغلام ياشىيالمايدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كورەلمەيدۇ.

بىز كىسەل بولغاندا كىسىلىمىزنى داۋالاپ ساقايتىپ، ساغلاملىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە  ئىشلىتىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى دورىلارنىڭ ھەممىسى خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەكىس تەسىرى يەنى زىيىنى بار، كەم دىگەندە جىگەر ۋە ياكى بۆرەكنىڭ خىزمەت يۇكىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئورگانلاردا بەزى ئاستا خاراكتىرلىق زەخمىلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بىز كىسەل بولغاندا ئۇ دورىلارنىڭ كىسىلىمىزنى داۋالاش جەريانىدا ئىلىپ كەلگەن پايدىسى، زىيىنىدىن كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن، بىز ئۇ دورىلارنىڭ بەزى ئەكىس تەسىرىنى يەنى زىيىنىنى تەكىتلەپ كەتمەي، دورىنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغان شىپاسىنى كۆزدە تۇتۇپ دورا ئىشلىتىمىز. دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش، ئۈنىمىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ مۇھاپىق بولغان دورىلارنى تاللاپ، ئەڭ مۇھاپىپ مىقتاردا، ئەڭ مۇھاپىق (قىسقا) ۋاقىت ئىشلىتىشكە تىرىشىشىمىز كىرەك. ئەگەر بىز مۇھاپىق بولمىغان دورىلارنى، مۇھاپىق بولمىغان مىقتاردا، مۇھاپىق بولمىغان ۋاقىت ئىستىمال قىلساق، كىسەل داۋالاش مەقسىتىگە يىتەلمەسلىكىمىز مۈمكىن، نەتىجىدە ئۇ دورىلارنىڭ زىيىنى پايدىسىدىن يۇقۇرى بولۇپ كىتىپ، بىزگە پايدا قىلىدۇ دەپ ئىستىمال قىلغان دورا ئەكسىنچە بىزگە زىيان قىلىدىغان دورىغا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئىيتىتقاندا ھەرقانداق دورىنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى نىسپى بولۇپ، ئوخشاش بىر خىل دورا، شۇ دورا ماس كىلىدىغان كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارغا نىسبەتەن پايدىلىق بولغان بولسا، ھىچقانداق كىسەلگە گىرىپتار بولمىغان ۋە ياكى ئۇ دورا ماس كەلمەيدىغان باشقا خىلدىكى كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھەرقانداق دورىلارنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، پايدا قىلىدۇ دەپلا قارغۇلارچە دورا ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك. ھەرقانداق كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا، شۇ كىسەلگە ئەڭ مۇھاپىق بولغان دورىنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئۇنىمى ۋە ئىشلىتىش مەقسىتى ئىنىق بولمىغان ھەر خىل دورىلارنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى پايدا قىلىپ قالار دىگەن ئۈمۈتتە قارغۇلارچە دورا ئىشلىتىشتىن ۋە ياكى تەلەي سىناشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

خۇلاسە: دىمەكچىمەنكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغانغا ئوخشاش، دۇنيادا مۇتەلەق پايدىلىق، ۋە ياكى ھەر زامان پايدا قىلىدىغان دورا، ساغلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار يوق. ھەممە نەرسە نىسبى. شۇڭا ساغلام ياخشايمىز دەيدىكەنمىز، ھەممە جەھەتتە تەبىلىككە ۋە تەڭپۇڭلۇققا دىقەت قىلىشىمىز كىرەك. ھەممە نەرسە ئۆز يولىدا مۇھاپىق بولىشى كىرەك. كىسەل بولغاندا ئاكىتىپ سەۋەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ھە دىسە دورا يەيدىغان دورا مەستانىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز كىرەك.

No comments:

Post a Comment