Blog Archive

Saturday, May 19, 2018

د ن ئا توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

د ن ئا توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
مەمەت ئىمىن

كىرىش سۆز

خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا  (DNA) ئۆرنەكلىرىنى توپلاۋاتقانلىق خەۋىرى ئاشكارە بولغاندىن كىيىن، د ن ئا  ئۇشتۇمتۇت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىززىق تىمىغا ئايلاندى، ۋە بۇ توغۇرسىدا ھەر خىل پەرەز، گۇمان ۋە ئەندىشىلەر پەيدا بولماقتا. مەن تۆۋەندە بۇ توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن.

بۇ قىتىم خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن بىۋاستە توپلىغىنى د ن ئا  بولماستىن بەلكى قان، بارماق ئىزى، كۆزنىڭ رەڭلىك پەردە رەسسىمى. د ن ئا  دىگەن بەدەندىن بىۋاستە توپلىغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. د ن ئا  دىگەن بەدەندىكى ھەرقانداق بىر ھۈجەيرە تەركىۋىدە، بولۇپمۇ ھۈجەيرە يادىيوسى ئىچىدە بولدىغان ماددا بولۇپ، ئۇنى بەدەندىن ئىلىنغان ھەرقانداق نەرسە، مەسىلەن شۆلگەي، چاچ، تۈكۈرۈك، قان قاتارلىقلار تەركىۋىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۈجەيرەلەردىن تاللاپ چىقىرلىدۇ. مەسىلەن بىز ھەر قىتىم ئىغىز چايغاندا تۈكۈرۈپ چىقارغان سۇ تەركىۋىدە ئىغىز بوشلىقىمىزدىن چىققان بىر نەچچە مىڭ ھۈجەيرە بولىدۇ، ئۇنىڭ يىتەرلىك مىقتاردا د ن ئا  تاللاپ چىقارغىلى بولىدۇ. خىتتاي ھۆكۇمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا  سىنى ئۇيغۇرلاردىن  توپلىغان قان ئۆرنەكلىرى تەركىۋىدىكى قان ھۈجەيرىلىرىدىن تاللاپ ئالغان. ئۇندىن باشقا ئۇ قان ئۆرنەكلىرىدىن زۆرۇر بولغان باشقا نۇرغۇن بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

مەن توۋەندە د ن ئا  توغۇرسىدا تەپسىلە توختۇلۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى ئاساس قىلىپ ھاياتلىق توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىسى

ھەممىمىز بىلگەندەك ھاياتلىق ئاتىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئانىنىڭ تۇخۇمىنىڭ بىرلىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم پەيدا بولىشىدىن باشلىنىدۇ. ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن تۆرەلمە ھۈجەيرە پەيدا بولىدۇ. تۆرەلمە ھۈجەيرە ئۆز ئۆزىنى كۆپيەتىش ۋە باشقا ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەرگە بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدىكى ھۈجەيرە مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ تۆرەلمە ھۆجەيلىرى بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ تۆرەلمە گە ئايلىنىدۇ، ئاندىن تۆرەلمە تەرەققى قىلىپ يىڭى بىر جانلىق دۇنياغا كىلىدۇ.


ئىنسانلاردا 23 جۇپ يەنى 46 خىرىموسوما بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 22 جۇپ يەنى 44 خىروموسوما ئەر ئايالدا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ ئادەتتىكى خىروموسوما دەپ ئاتىلىدۇ؛ قالغان بىر جۇپ خىروموسوما ئەر ئايالدا پەرىقلىق بولۇپ، ئۇ جىنسى خىروموسوما دەپ ئاتىلىدۇ. ئايالىنىڭ جىنسى خىروموسوماسى XX بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەرنىڭ جىنسى خىروموسوماسى XY بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.


ئاپىنىڭ تۇخۇمى سان كەمىيىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى  دەپ ئاتالغان، 22 X (جەمى 23) خىرىموسوملۇق ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ. ئاتىنىڭ ئۇرۇقى سان كەمىيىپ بۆلۈنۈش  ئارىقىلىق ئۇرۇق ھۈجەيرىسى دەپ ئاتالغان، 22 X ياكى 22 Y (جەمى 23) خىرىموسوملۇق ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئاپىنىڭ 22 X خىرىموسوملۇق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن دادىنىڭ 22 X خىرىموسوملۇق ئۇرۇق ھۈجەيرىسى بىلەن بىرلەشسە، 44 XX  خىروموسوملۇق قىز بالا پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئاپىنىڭ 22 X خىرىموسوملۇق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن دادىنىڭ 22 Y خىرىموسوملۇق ئۇرۇق ھۈجەيرىسى بىلەن بىرلەشسە، 44 XY  خىروموسوملۇق ئوغۇل بالا پەيدا بولىدۇ. يىڭىدىن پەيدا بولغان بالىدىكى 23 جۇپ (جەمى 46) خىروموسومنىڭ يىرىمى ئاپىدىن يىرىمى دادىدىن كەلگىنى ئۈچۈن، بالىنىڭ خىرىموسومى، گېنى ۋە د ن ئا  سى ئاپا بىلەن دادىنىڭ خىرىموسومىسى، گېنى ۋە د ن ئا  سى بىلەن 50% ئوخشاش بولىدۇ.



ھاياتلىق ئىككى ھۈجەيرە بىرلىشىپ پەيدا بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ئىبارەت بىر تال ھۈجەيرىدىن باشلىنىپ، 210 خىل ئوخشىمىغان ۋە جەمى 3.72 نىڭ كەينىدە 13 نول* دانە ھۈجەيرىگە كوپىيىپ، ئادەم بەدىنىدىكى 60 دىن ئارتۇق ئورگانلارنى ۋە 7500 پارچەدىن ئارتۇق ئىسمى بار ئەزالارنى تەشكىل قىلىدۇ (ئامىرىكان ئاناتومى ئىلمى جەمىيىتى).
*بۇ سان 2014 يىلدىكى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 500 ھەسسىسىگە باراۋەر



ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىدە 44 XX (ئايال) ياكى 44 XY  (ئەر) خىرىموسوما بولىدۇ؛ بۇ خىروموسومولار 20 مىڭ بىلەن 25 مىڭ ئارىسىدىكى گېندىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ؛ بۇ گېنلارلارنىڭ ئىچىدە كىچىكلىرى بىر نەچچە يۈز د ن ئا  ئاساسىدىن تەركىپ تاپقان بولسا، چوڭ گېنلار ئىككى مىلىيوندىن ئارتۇق د ن ئا  ئاساسىدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ئورگان، ئەزا، توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەر، ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ بىرىكىشىدىن پەيدا بولغان تاق ھۈجەيرىدىن بارلىققا كەلگىنى ئۈچۈن ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ئورگانلار، ئەزالار، توقۇلمىلار ۋە ھۇيەرىلەر تەركىۋىدىكى خىروموسوما، گېن ۋە د ن ئا  ئوخشاش بولىدۇ.

د ن ئا  (DNA) دىگەن نىمە؟

د ن ئا  دىگىنىمىز بىئولوگويەلىك جەھەتتە ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ جۈملەدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزى بولىشىغا يەنى باشقىلاردىن پەرىقلىق بولىشىغا كاپالەت قىلىدىغان ۋە ھاياتلىقنىڭ نورمال داۋاملىشىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ماددا بولۇپ، ھاياتلىقتا بولىدىغان ھەر قانداق ئالاھىدىلىك، گىن يەنى د ن ئا  بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ جۈملەدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ د ن ئا  سىدە ئۆزگۈچە ئالاھىدىلىك بولىدۇ، ئوخشىمىغان ھاياتلىق ۋە ئوخشىمىغان ئىنسانلارنىڭ د ن ئا  سىدە ئوخشىمىغان پەرىقلەر بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى ھاياتلىقنىڭ جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ بىئولوگىيەلىك كىملىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ.



د ن ئا  بىر خىل ئوكسىدسىزلاشتۇرۇلغان ھۈجەيرە يادرو كىسىلتاسى بولۇپ، ئۇ بارلىق ھاياتلىقنىڭ ئىرسى ئالاھىدىلىكىنى بەلگۈلەيدىغان ئىرسى مادا. ئىنسانلار بەدىنىدىكى ھەر ھۈجەيرە ئىچىدە ئوخشاش د ن ئا  بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى د ن ئا  ھۈجەيرە يادىروسى ئىچىدە بولىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكى د ن ئا ھۈجەيرىنىڭ مىتاخوندىريەسى ئىچىدە بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى باسسىڭىز د ن ئا توغۇرسىدىكى قىسقا كارتۇن فىلىمنى كۆرىسىز
https://www.youtube.com/watch?v=uXdzuz5Q-hs

د ن ئا  ئىچىدكى ئۇچۇرلار 4 خىل خىمىيەلىك ئاساس ئىچىدە كود شەكلىدە ساقلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دنس سى 3 مىلىيارت ئاساس تىن تەشكىل تاپقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 99% ئاساس ھەممە ئادەمدە ئوخشاش بولۇپ، پەقەت 1% تى ھەر بىر ئادەمدە پەرىقلىق بولىدۇ؛ ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا پەرىقنىڭ ئاساسىدۇر. د ن ئا  تەركىۋىدىكى بۇ 4 خىل ئاساسنىڭ رەت تەرتىۋىدىكى پەرىق ۋە ئۆزگۈرۈش، ئۇلاردا ساقلانغان ئۇچۇرنىڭ ئوخشىماسلىقىنى، ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىنسانلاردىكى ئوخشىمىغان ئىرسى ئالاھىدىلىكنى كەلتۈرۈپ 
چىقىرىدۇ.


د ن ئا  گىننى تۈزەيدۇ. ھەر بىر ئىنساندا ھەر بىر گىندىن ئىككىسى بولىدۇ، بىرسى 
ئاپىسىدىن كەلگەن بولىدۇ، يەنە بىرسى دادىسىدىن كەلگەن بولىدۇ. ئىنسانلاردا بولىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى گىندا ئوخشاشلىق بولىدۇ، بۇ ئىنسانلارنى باشقا ھاياتلىقتىن پەرىقلەندۇرىدىغان ئىنسانلارغا خاس گىن ھىساپلىنىدۇ، پەقەت 1% دىن تۆۋەن گىندا ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا پەرىق بولىدىغان بولۇپ، بۇ گىنلار ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئۆز ئارا پەرىقلەندۇرۇش مۈمكىن. ئورنى ئوخشاش گىنلار، د ن ئا  ئاساسىنىڭ رەت تەرتىۋىدە ئازراق پەرىق بولغان ئوخشاش گىنلاردىن تەشكىل تاپقان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى (99%) ئوخشاشلىق ئىنساننى ئىنسان قىلغان يەنى باشقا ھاياتلىقتىن پەرىقلىق قىغان بولسا، ئۇلاردىكى كىچىك (1%) پەرىقلەر ھەر بىر ئىنساننى بىر بىرىدىن پەرىقلىق ئۆزگىچە بولىشىغا كاپالەت قىلغان. نورمالدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ گىنى ياكى د ن ئا  سىنى ئۆز ئارا سىلىشتۇرغاندا پەقەتلا شۇ 1% گىنلار ئارىسىدىكى پەرىقلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ.

د ن ئا (DNA) نىڭ رولى ۋە خىزمىتى

يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك د ن ئا  ھاياتلىقنىڭ نورمال داۋاملىشىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ئاساسى ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ جۈملەدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ كەيىنكى ئەۋلادىنىڭ ئەجداتىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەت قىلىش، ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ جۈملەدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولۇشىنى بەلگىلەش، ھاياتلىقنىڭ جۈملەدىن ئىنسانلارنىڭ تۇغما / ئىرسى ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلەش، ئاقسىل ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن كود تۈزەش ياكى ئاقسىل ئىشلەپ چىقىرىشقا يىتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق رولى بار.

بىز ھەممىمىز بىلگەندەك توخا تۇخىمىنى ئۆدەك باسقان بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆدەك بالىسى چىقمايدۇ، ئۆدەك تۇخىمىنى توخا باسقان بىلەن ئۇنىڭدıن توخا چۈجىسى چىقمايدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۆدەك تۇخىمىدا ئۆدەك د ن ئا  سىنىڭ بولغانلىقىدا، توخا تۇخىمىدا توخا د ن ئا  سىنىڭ بولغانلىقىدا.

كۆپۈنچە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقى بىلەن تۇخىمىنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشى ۋە شەكلىدە كۆپ پەرىق يوق بولۇپ، ئۇلار بىرلىشىپ تۆرەلمە ھاسىل قىلغاندىمۇ، ئۇلارنى پەرىقلەندۈرۈش قىيىن.


  
يۇقارقى رەسسىمدە بىر قىسىم ئوخشىمىغان ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا پەرىقلەندۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بىراق ئۇلار بۈيىگەندىن كىيىن ئارىسىدىكى پەرىق كۈندىن كۈنگە روشەنلىشىپ، ئۆز ئارا پەرىقلەندۈرگىدەك ھالغا كىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل شۇ د ن ئا  نىڭ سەۋەبىدىن. بۇ د ن ئا  نىڭ ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ كەيىنكى ئەۋلادىنىڭ ئەجداتى بىلەن ئوخشاش بولۇشىغا يەنى ئەجداتىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەت قىلىش رولى ھىساپلىنىدۇ. 



ئاتا ئانىنىڭ ھەرقانداق گىنى ياكى د ن ئا  سىدە ئۆزگۈرۈش بولسا، ياكى بىنورماللىق بولسا، كەيىنكى ئەھۋلاتلاردا ئوخشىمىغان تۇردە ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىرسى كىسەل پەيدا قىلىدۇ. تۇخۇم بىلەن ئۇرۇق بىرلىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل قىلغاندىن تاكى بالا تۇغۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا كىلىپ چىققان ھەر قانداق بىنورمال بولغان ئۆزگۈرۈش بالىدا تۇغما كىسەل پەيدا قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ساغلام ياشىشى ۋە ياكى كىسەل بولىشى، قاچان ۋە قانداق كىسەل بولىشى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىچكى ئامىلنى دەل شۇ د ن ئا  بەلگۈلەيدۇ.

د ن ئا  نىڭ يالغۇز ئەۋلاتلارنىڭ ئەجدادىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەت قىلىدىغان رولى بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ يەنە ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ جۈملەدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلەش رولىمۇ بار. يەنى ئەمەتنىڭ ئەمەت بولىشىدا، سەمەتنىڭ سەمەت بولىشىدا دەل شۇ د ن ئا  ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇ سەۋەپتىن د ن ئا  نى ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ جۈملىدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ بىئولوگىيەلىك كىملىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مەن يۇقاردە دەپ ئۆتكەندەك د ن ئا  نىڭ ئەڭ موھىم  روللىرىدىن بىرى ئاقسىل ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن كود تۈزەش يەنى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى ئۈچۈن يىتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئاقسىل بولسا بەدەننىڭ موھىم تۈزگۈچى قىسمى بولۇپ قالماستىن، بەدەنىڭ نۇرغۇن فونكىسىيەسى ئاقسىل بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەگەر د ن ئا  دىن چاتاق چىقسا ياكى بىنورماللىق يۈز بەرسە، ئۇنىڭ ئاقسىل بىرىكىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشى تەسىرگە ئۇچۇراپ، ئاقسىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىسەللىك پەيدا بولىدۇ.



د ن ئا  (DNA) تەخنىكىسى ئارقىلىق نىمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟

1. د ن ئا  تەخنىكىسى ئارقىلىق ئاتا بالىلىق مۇناسۋەت ۋە ئىنسانلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىنىقلىغىلى بولىدۇ
2. د ن ئا  تەخنىكىسى ئارقىلىق جىنايى قىلمىش ۋە ياكى ھەرقاندا بىر ۋەقە يۈز بەرگەندە، نەخ مەيداندىن تىپىلغان ھەرقانداق بىر بىئولىگىيەلىك ئۆرنەك ئارقىلىق، ئۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئادەمنى تاپقىلى بولىدۇ.
3. د ن ئا  تەخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى ئىرقىگە تەۋە ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىسىنىڭ نەدە ياشىغانلىقىنى ۋە نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
4. د ن ئا  تەخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئىرسى كىسەللىكلىرىگە دىياگۇنۇز قويغىلى بولىدۇ.
5. د ن ئا  تەخنىكىسى ئارقىلىق، ھەر خىل دورا ۋە ۋاكسىنا ياسىغىلى بولىدۇ.
6. د ن ئا  تەخنىكىسى ئارقىلىق، بەزى كىسەللەرگە نىسبەتەن داۋالاش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.
7. د ن ئا  تەخنىكىسى ئارقىلىق گىندا ئوزگۇرۇش پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. ھازىرقى زامان گىن تەخنىكىسى ئارقىلىق مەلۇم گىننى ئىلىپ تاشلاش، ۋە ياكى مەلۇم گىننى قوشۇپ كىرگۈزۈش، مەلۇم گىننىڭ مەلۇم قىسمىنى كىسىپ تاشلاش ئارقىلىق، ئۇ گىنغا ئازرۇ قىلغان يۆلۈنۈشتە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۇزۇش مۈمكىن. ئەلۋەتتە بۇ تەخنىكىلار ھازىر ئاساسەن ئۆسۈملۇك ۋە ھايۋانلاردا قوللۇنىلماقتا ۋە بەزى نەتىجىلەرگە ئىرىشمەكتە. ھەر خىل قانۇن تۈزۈم ۋە ئەخلاق پەزىلەت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن گىن ئۆزگەرتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەخنىكىلار ئادەمدە تىخى قوللىنىلغىنى يوق، بىراق نەزىريە بويىچە ئىنسانلارنىڭ گىننى ئوزگەرتىش تامامەن مۇمكىن.

گىنى ئۆزگەرتىش تەخنىكىسىنىڭ ئەمىلى قوللىنىلىش ئەھۋالى

1. بىئولوگىيەلىك دورا ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن گىنى ئۆزگەرتىلگەن باكتىريەلەر. مەسىلەن باكتىريەلەرگە ئىنساننىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىدىغان د ن ئا  نى كىرگۇزۇش ئارقىلىق باكتىريەدىن ئىنسانلارنىڭ ئىنسۇلىنىنى ئىشلەپ چىقىرىش؛
2. ئىنسانلارنىڭ بەزى گىنى كىرگۈزۈلگەن ۋە ئىنسان ئۈچۈن بىئولوگىيەلىك ماتىريال تەمىنلەيدىغان ھايۋانلار. مەسىلەن ئىنسان ئاقسىلى بىرىكتۇرىدىغان قويلار؛
3. بەزى كىسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان ۋە ياكى بەزى كىسەللەرگە قارشى تۇرالايدىغان ھايۋان مودىللىرى. مەسىلەن تەتقىتقان ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھەر خىل چاشقان مودىللىرى؛
4. يىمەكلىكنى مەخسەت قىلغان گىنى ئۆزگەرتىلگەن ھايۋانلار.  مەسىلەن سۈتكە ئاللىرگىيە  بولىدىغانلار ئۈچۇن ئالىرگىيە قىلمايدىغان سۈت ئىشلەپ چىقىرىدىغان كالا، سۈتنى كۆپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان كالا، تۈكسىز توخا، گۆش تەركىۋى ئۆزگەرتىلگەن چوچقا؛
5. گىنى ئۆزگەرتىلگەن ئويۇنچۇق ھايۋانلار. مەسىلەن كىشىلەرنىڭ قىززىقىشى ۋە ھۆزۇرلىنىشى ئۈچۈن ئۆزگەرتىلگەن ھەر خىل ھايۋانلار، يەنى رەڭگى بىلىق، رەڭگى، شەكلى ۋە مىجەزى ئۆزگەرتىلگەن ئىت، مۈشۈك، چاشقان، چوشقا ۋە باشقا ھايۋانلار.
6. گىنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر

كۆپ سورىلىدىغان بەزى سۇئاللارغا جاۋاپ

سۇئال: ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا  ئۆرنىكىنى توپلاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگان / ئەزالىرىنى ئىلىش ئۈچۈن دەيدىغان ئەندىشە بار. د ن ئا  بىلەن قانۇنسىز ئورگان / ئەزا ئالماشتۇرۇش ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟

جاۋاپ: بۇ بىر خاتا چۈشەنچە. ھازىر خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن يىغىۋاتقىنى د ن ئا  ئەمەس بەلكى قان، بارماق ئىزى، كۆزنىڭ رەڭلىك پەردە رەسسىمى. د ن ئا  دىگەن بەدەندىن بىۋاستە توپلىغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. د ن ئا  دىگەن بەدەندىكى ھەرقانداق بىر ھۈجەيرە تەركىۋىدە بولدىغان ماددا بولۇپ، ئۇنى بەدەندىن ئىلىنغان ھەرقانداق نەرسە، مەسىلەن شۆلگەي، چاچ، تۈكۈرۈك، قان قاتارلىقلار تەركىۋىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۈجەيرەلەردىن تاللاپ چىقىرلىدۇ. ئورگان / ئەزا ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن ئادەتتە د ن ئا  تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى دۇنيادا د ن ئا  تامامەن ئوخشاشيدىغان ئىككى ئادەم يوق، بىراق ئورگان / ئەزاسى ئۆز ئارا ماس كىلىدىغان نۇرغۇن ئادەملەر بار. ئورگان / ئەزا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا قان تەكشۈرۈپ، ئورگان / ئەزالارنىڭ ئۆز ئارا ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ھازىر توپلاۋاتقان قان ئۆرنەكلىرىدىن كىرەكلىك بولغان د ن ئا ئۇچۇرلىرىغا، ئورگان / ئەزا ئالماستۇرۇش ئۈچۈن كىرەك بولغان ئۇچۇرلارغا ۋە باشقا زۆرۈر بولغان بىئولىگىيەلىك ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

سۇئال د ن ئا  بىلەن غول ھۈجەيرە تەتقىتقاتىنىڭ ئارىسىدا قانداق باغلىنىش ۋە پەرىقلەر بار؟

جاۋاپ: د ن ئا  دىگىنىمىز ھەر قانداق ھۈجەيرە تەركىۋىدە بار بولغان ۋە ھاياتلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بەلگۈلەيدىغان ماددا بولغاچقا، د ن ئا  نىڭ ھاياتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر تەتقىتقات بىلەن مۇناسىۋىتى بار. بىراق مەيلى د ن ئا  تەتقىتقاتى بولسۇن مەيلى غول ھۇجەيرە تەتقىتقاتى بولسۇن، ئۇلارنىڭ داھىرسى بەك كەڭ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كونكىرىت مەزمۇنى جەھەتتە چوڭ پەرىقلەرمۇ بار. غول ھۇجەيرە تەتقىتقاتىدا ئۆزگەرتىش ئوبىكتىۋى بولغان مۇھىم نەرسە د ن ئا . د ن ئا  نى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، غول ھۇجەيرە تەتقىتقاتىدا يەتمەكچى بولغان مەخسەتلەرگە يەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن ھازىر گىنى ئۆزگەرتىلگەن نۇرغۇن ھايۋانلار دەل شۇ غول ھۇجەيرە ۋە د ن ئا  تەتقىتقانىڭ بىرلىشىش نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

سۇئال: بىزنىڭ ۋەتەندە د ن ئا  - غول ھۈجەيرە تەخنىكىسى جاھەتتە قولغا كەلتۇرگەن كۆز كۆرۇنەرلىك نەتىجىلەر قايسىلار؟، يەنى بۇ جەھەتتە قانداق ئىشلارنى قىلالايدۇ؟

بىزنىڭ ۋەتەندە دىخخانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان گىن ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىتقاتى خىلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ گىنىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارنى كىلون قىلىش جاھەتتە بەلگىلىكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن 2000 - يىلنىڭ باشلىرىدا گىنى ئالماشتۇرۇلغان رەڭلىك پاختا مۇئاپىقىيەتلىك بولغان. 2003 - يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۇنى كالىنى مۇئاپىقىيەتلىك ھالدا كىلون قىلغان. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26- كۇنى قوينى مۇئاپىقىيەتلىك ھالدا كىلون قىلغان. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن زىرائەتلەرنىڭ گىنىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە مۇئاپىقىيەت قازانغان.

سۇئال: گېن ياكى د ن ئا تەتقىقاتى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ گېنىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا قىلغىلى بولامدۇ؟

جاۋاپ: نەزىريە بويىچە تامامەن مۈمكىن.  ئىنسانلارنىڭ گېنى تارخىتىن بىرى ئۈلۈكسىز تەبىې ئۆزگۈرۈپ كىلىۋاتكان بولۇپ، ئەگەر بىز ئۇنىڭ قانۇنىنىيىتى ئىگەللىسەك ئۇنىڭدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. ئەمىلىيەتە ھازىر بۇ قانۇنىيەت ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆسۈملۈكلەر ۋە خىلى كۆپ ساندا ھايۋانلارنىڭ گېنىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ 1000 يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلاردىن پەرىقلىق بولىشى گېننىڭ تەبىې ئۆزگۈرۈشنىڭ مىسالىدۇر.

سۇئال: گېن ياكى د ن ئا تەتقىقاتى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مەلۇم كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ياكى بولماسلىقىنى كونتۇرۇل قىلغىلى بولامدۇ؟

جاۋاپ: نەزىريە بويىچە تامامەن مۈمكىن.  ئىنسانلارنىڭ كىسەل بولىشىدا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىل رول ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئىچكى ئامىل ئامىلىيەتتە شۇ گېن ياكى د ن ئا.  ئوخشاش كىسەل پەيدا قىلغۇچى (تاشقى) ئامىلغا ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر ئۇچۇراشقاندا، بەزىلىرى كىسەل بولىدۇ، بەزىلەر كىسەل بولمايدۇ، ياكى بەزىلەر باشقىلاردەك ئىغىر كىسەل بولمادۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىدىكى پەرىقتىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئىرسى ئالاھىدىلىكى، يەنى گېنى مۇھىم رول ئوينىغان.

No comments:

Post a Comment