Blog Archive

Sunday, May 27, 2018

خورلۇققا ئۇچرىغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھادىسىلەر


خورلۇققا ئۇچرىغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھادىسىلەر 




زۇلۇمغا شاھىد بولغانلار نېمە ئۈچۈن زالىملارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنى تاللايدۇ؟

ئېنگىلىزچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى فاتىمە سەيياھ

نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم ئىچىدە تۇرماقتا، ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىق ئاز كەلگەندەك، كۈندە دېگۈدەك ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتقان شۇم خەۋەرلەر ۋە چەتئەللەردىكى مۇساپىرلىق ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يەلكسىنى غەمنىڭ ئېغىر تاغلىرى بىلەن باسماقتا.

بۇلارنىڭ ئەڭ ئېنىق يامان نەتىجىلىرىدىن بىرى شۇكى، زور كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ روھىي زەربىلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل پىسخىك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى سېستىمىلىق يېشىپ چىقىش ۋە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى نورمال ھالەتكە ئەپكېلىش كۆز ئالدىمىزدا باشقا مۇھىم ۋەزىپىلەر بىلەن بىللە مەۋجۈت بولىۋاتىدۇ.

كەمىنە ئۆزۈم ئوقۇغان پىسخىك كىتابلار ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارغان پىسخىك مەسلىھەتچىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان ئېسىل ئەسەر « روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش« ناملىق ئېنگىلىزچە كىتابنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دۇئا ۋە مەدەتلىرى بىلەن كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ تەرجىمە قىلىپ، ئۇدۇللۇق مۇشۇ يەرگە يوللاپ ھەممەيلەن بىلەن ئورتاقلىشىشقا نىيەت قىلدىم. سەۋەب بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن بولۇپ، پىسخىكىسى بۇزۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ئەقلىمۇ، ئىمانىمۇ ساغلام بولمايدىغانلىقى تۈپەيلى، بۇ ئۇل تاشنى چىڭىتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشماقچىمەن. ئەمىسە، بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان «نېمىشقا كىشىلەر زالىملارغا بولۇشۇشنى تاللايدۇ؟» ناملىق قىسمىنىڭ بىر بۆلىكىنى سىلەرگە سۇنىمەن.

پىسخولوگىيەلىك زەربە توغرىسىدا ئېغىز ئېچىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى نازۇك ئورنى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قەبىھ تەرەپلىرى بىلەن يۈزلىشىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. پىسخولوگىيەلىك زەربە ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانى بولسا قورقۇنچلۇق ۋەقەلىكلەرگە شاھىد بولۇش جەريانى بولۇپ، ئەگەر بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەلەر ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكەن تەبىئى ئاپەتلەر بولغاندا، بۇ ۋەقەلىكلەرگە شاھىد بولغۇچىلار بېشىغا بالا ـ قازا كەلگەنلەرگە ئاسانلا ھېسداشلىق قىلالايدۇ. ئەمما پىسخولوگىيەلىك زەربىلەر ئىنساننىڭ ئىنسانغا قارىتا ئېلىپ بارغان قانلىق ۋەقەلىكلىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىلار بولسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ ياكى زىيان يەتكۈزگۈچى تەرەپنى ئېلىشتا ئىككىلىنىپ قالىدۇ.

ئەخلاقى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەيدانسىز تۇرىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئەخلاق چەتتە قاراپ تۇرغانلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم بىر تەرەپنى تاللاشقا قىستايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا زەربە بەرگۈچى تەرەپتە تۇرۇش كىشىگە تولىمۇ مەپتۇن قىلارلىق بىر تاللاش بولۇپ كۆرۈنىدىغان بولۇپ، زەربە بەرگۈچى شاھىدلاردىن ھېچ ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. شاھىد بۇ ئەھۋالدا يامانلىقنى كۆرمەسلىك، ئاڭلىماسلىق ۋە ئۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقتەك ئۇنۋىرسال ھەۋەسكە ئەگىشىدۇ.

ئەكسىنچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولسا بىتەرەپ كىشىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ئازابىنى تەڭ تارتىشىپ بېرىشنى سورايدۇ، ئۇلاردىن ھەرىكەت تەلەپ قىلىدۇ ۋە قانلىق ۋەقەلەرنى ئەستە ساقلاشقا ئۈندەيدۇ. ناتسىس لاگىرلىرىدىن ھايات قالغانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى داۋالىغان روھ دوختۇرى لېئو ئايتىنگېر بىتەرەپ كىشىلەر ۋە زۇلۇم ئوبىكتى بولغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئېچىنىشلىق زىددىيەت توقۇنۇشىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «جەمئىيەت ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشنى خالايدىغان بولۇپ ھەرقانداق ئازابلىق ۋە غەمكىن ئىشلارنى «يېپىق پېتى» قالسىكەن دېگەن ئۈمىتتە ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىز بۇ يەردە بىر ـ بىرىگە قارىمۇ ـ قارشى بولغان ئىككى تەرەپنى كۆرىمىز: بىرى ئازابلىق ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقان ئەمما مەغلۇپ بولۇۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ، يەنە بىر تەرەپ بولسا ناھايىتى زور ئىرادە بىلەن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئويلايدىغان ھەتتا يوشۇرۇن ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ خىل ئىدىيەنىڭ تەسىرى تۈپەيلى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇپ كېتەلىگەن شاھىدلاردۇر. بۇ خىل قارىمۇ ـ قارشلىق ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بولسىمۇ، بۇ دېئالوگنىڭ مەغلۇبىيەتچىلىرى يەنىلا ئاجىز ھېسابلىنىدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن بولۇشى بىلەن تاماملىنىدۇ.»

ئۆزىنىڭ جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان قەبىھ تەرەپ (زالىم، زىيانلاندۇرغۇچى) بولسا قولىدىن كەلگەنلىكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولىدۇ. مەخپىيەتلىك ۋە جىمىقتۇرۇش زالىملارنىڭ بىرىنچى قول ئۆزىنى قوغداش قورالىدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ قالسا، زالىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچسىز كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇلارنى يالغانچى قاتارغا چىقارماقچى بولىدۇ. ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يەنىلا ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى سۆزلەشتىن توختىمايدىكەن، زالىم باشقىلارنى زىيانلانغۇچىنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلاشتىن توسىدۇ. بۇ نۇقتىغا كەلگەندە زالىم قارىماققا ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق ۋە قايىل قىلارلىقتەك كۆرۈنىدىغان بىر قاتار ئەقلىي پاكىتلارنى توپلىغان بولىدۇدە، ئەڭ ياسالما ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ ۋە بۇ ئىنكارلىقنى ئەڭ لوگىلىلىق يوللار بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرىنىدۇ. زالىملار ھەر قېتىمدا ئوخشاش سۆزلەرنى تەكرارلايدۇ: بۇنداق ئىش ئەزەلدىن بولغان ئەمەس، زىيانلانغۇچى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ ۋە كۆپتۈرمە قىلىۋاتىدۇ، زىيانلانغۇچى بۇ ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىشقىلىپ بۇ مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس، شۇنداق بولغانكەن نېمشىقا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىپ، ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرمايمىز؟

زالىم قانچە كۈچلۈك بولغانسىرى ئۇنىڭ يالغان رېئاللىق ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە كىشىلەرنى قايىل قىلىش كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بىتەرەپ كىشىلەرگە نىسبەتەن زالىملارنىڭ ئاتالمىش لوگىكىسى دەلىل ـ ئىسپاتلىقتەك ئاڭلىنىپ، ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىتىدۇ، بولۇپمۇ بىتەرەپ كىشىلەر يالغۇز قالغان ھاللاردا تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل بولمايدىكەن، بىتەرەپ كىشىلەر شۈبھىسىزكى زالىمنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ. ھەتتا جەمئىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر زۇلۇم ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغاندىمۇ شاھىد كىشىلەر يەنىلا زالىملارغا ئىشىنىشنى تاللايدۇ.

دۇنيا نېمە ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمايدۇ؟
روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش #2

جۇدىس خىرمەن

ئېنىگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى فاتىمە سەيياھ

ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەسكەرلەردىن ھەتتا قەھرىمانلىق ئوردىنى بېرىلگەنلەرمۇ جەمئىيەتتە ھېچكىمنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەققىدە ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلىقى ھەققىدە زارلىنىدۇ. زىيانلانغۇچىنىڭ قىممىتى ئاللىقاچان تۆۋەنلىتىلگەن شارائىت ئاستىدا ئۇلار شۇنى بايقايدۇكى، زور كۆپچىلىك زەربىلەر جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان رېئاللىقنىڭ ئارقىسىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان «نورما» دا بۇ خىل زىيانكەشلىكلەرگە ئورۇن يوق دەپ قارىلىپ بولغاچقا، كىشىلەر زىيانلانغۇچىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەيدۇ ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە ئېغىز ئاچالماس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا روھىي زەربە ھەققىدىكى تەتقىقاتلار چوقۇم زىيانلانغۇچىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىرالمىغانلىق سەۋەبىدىن يالغانچىدەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان بۇ خىل روھىي ھالىتىنى دائىم ئېسىدە ساقلىشى كېرەك.

بۇ تەتقىقات ساھەسىدە روھىي زەربە ئوبىكتى بولۇپ باققان زىيانلانغۇچىلارنىڭ غەمخورلۇق، ھۆرمەت ۋە تەسەللىگە ئېرىشىش سالاھىيتىنىڭ بار يوقلۇقى، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئازاب تارتىۋاتامدۇ يوق، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتمۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسا بۇ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىمۇ ياكى قەستەن شۇنداق يالغانچىلىقلارنى توقۇپ چىقتىمۇ قاتارلىق سوئاللار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە تالاش ـ تارتىش قوزغىغان. گەرچە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن كىتاب ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەڭ تۈپكى مۇنازىرە يەنىلا زىيانلانغۇچىنىڭ راست ياكى يالغان سۆزلىشى ھەققىدە كېتىۋاتىدۇ.

بۇ تەتقىقاتتا پەقەت زىيانلانغۇچىنىڭ سالاھىيىتى يەنى راست ياكى يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىلا ئەمەس يەنە تەتقىقاتچىنىڭمۇ سالاھىيىتىگە سوئال تۇغۇلىدىغان بولۇپ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ دەردىگە ئۇزۇن مۇددەت قۇلاق سېلىپ كەتكەن دوختۇرلار خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن «زىيانلانغۇچى تەرىپىدىن يۇقۇملاندۇرۇلغان» دەپ قارىلىپ كەلگەن. زۇلۇم ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغۇچىلارمۇ ئۇزۇن مەزگىل زۇلۇم ھەققىدە ھەپىلەشكەنلىكى تۈپەيلى، ئۆزلىرىنىڭ نورمال خىزمەتداشلىق چەمبىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
زۇلۇمنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدەك بۇ رېئاللىقنى ئاشكارە ئېڭىمىزغا سىغدۇرۇش بولسا زىيانلانغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان شۇنداقلا شاھىدلار بىلەن زىيانلانغۇچىلارنى بىر سەپكە ئايلاندۇرىدىغان بېخەتەر جەمئىيەتنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شەخسىكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بېخەتەرلىك دوست ـ
يارەنلەر، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن يارىتىلسا، زىيانلانغۇچى كوللىكتىپ ئۈچۈن بۇ بېخەتەرلىك ئاۋازسىزلارغا ئاۋاز ئاتا قىلىدىغان ۋە كۈچسىزلەرگە كۈچ بېرىدىغان سىياسى ھەرىكەتلەر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. زۇلۇم ۋە زەربە ھەققىدە ئۆگىنىش بۇ نۇقتىدىن چىققاندا مەلۇم بىر سىياسى ھەرىكەتنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، زۇلۇم ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى جەمئىيەتتە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئۆزىلا بىر سىياسى سوئال، مەسىلەن، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ياش يىگىتلەر ھەققىدىكى ئۇرۇش زۇلۇملىرى ئۈستىدە سۆزلەش پەقەت ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئۇرۇش زۇلۇمى ئەمەسلىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقسا، خورلۇق ئوبىكتى بولغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ خورلۇقىنى بايان قىلىش ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ باشقىلاردىن تۆۋەن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىققا قارشى بولماي تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ.

زۇلۇم ۋە خورلۇق ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈچلۈك بولغان بىر سىياسى ھەرىكەت يەنى دوختۇرلار ۋە زۇلۇمنى تەكشۈرگۈچىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى چىڭىتىدىغان ۋە خورلۇققا قارىتا جەمئىيەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۈندىمەسلىك ھەتتا ئىنكار قىلىشلارغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بارالايدىغان بىر ھەرىكەتكە مۇھتاج بولىدۇ. ئىنسان ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر كەمچىل بولغىنىدا، زۇلۇم ۋە خورلۇققا شاھىد بولۇش پائالىيىتى ئاكتىپ شاھىدلىقتىن ئاكتىپ ئۇنتۇپ قېلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ بېسىۋىتىش، زۇلۇمغا شاھىد بولۇش ھەققىدە ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە زۇلۇم ـ خورلۇقنى ئىنكار قىلىشلار زۇلۇمغا قارىتا شەخسى ۋە كوللىكتىپ ئاڭنىڭ ئىپادىلىرى. ئۆتكەن ئەسىردە پۈتۈن دۇنيا گۇۋاھچى ۋە شاھىد بولغان ئۈچ قېتىملىق پىسخولوگىيەلىك زىيانلانغۇچىلارنىڭ خەۋىرى دۇنيانىڭ كوللىكتىپ ئېڭىغا كىرىپ كەلدى. ھەر قېتىمدا بۇ خەۋەرلەر بىزگە شۇ زۇلۇم ھەققىدە ئاكتىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلۈك سىياسى ھەرىكەتلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
بۇلار بولسا، بىرىنچىسى ھىستېرىيا يەنى ئاياللاردىلا كۆرۈلىدۇ دەپ قارالغان پىسخولوگىيەلىك قالايمىقانلىق. ھىستىرىيەگە ئائىت تەتقىقاتلار ئۆتكەن ئەسىردە فىرانسىيەدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پوپقا قارشى ئېلىپ بارغان سىياسي پائالىيەتلىرىدىن كۈچلىنىپ چىققان.

ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا پارتلاش ياكى جەڭ نېرۋا ئاجىزلىقى بولۇپ، بۇ تەتقىقات بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا باشلىنىپ، ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن كىيىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ تەتقىقاتنىڭ تەرەققىيات بۆشۈكى بولسا ئۇرۇشقا قارشى سىياسى پائالىيەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئىدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پىسخولوگىيەلىك زىيانلانغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ تەتقىقاتى بولسا جىنسى ۋە جىسمانىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلار ھەققىدە كوللىكتىپ كۆز قاراش ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى بولسا غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالى ئامېرىكىدىكى «ئايالچىلىق» سىياسى ھەرىكەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر.
ھازىرقى زامان خورلۇق تەتقىقاتلىرى يۇقارقى ئۈچ قېتىملىق كوللىكتىپ پىسخولوگىيەلىك زىيانلانغۇچىلار ھەققىدە مۇستەقىل يىپ ئۇچىغا ئىگە بولۇش ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان.

خورلۇققا ئۇچرىغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەتلەر

روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش #3

جۇدىس خىرمەن 

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى فاتىمە سەيياھ

قورقۇنچ

پىسخولوگىيەلىك خورلۇق ياكى زۇلۇمغا ئۇچراش كۈچسىزلىكتىن ئىبارەت پاجىئەدۇر. خورلۇق يۈز بېرىۋاتقان مىنۇتلاردا (سائەت، كۈن، ئاي، يىللاردا) خورلانغۇچى ئۆزى تەڭ كېلەلمەيدىغان بىر كۈچ تەرىپىدىن قورالسىزلاندۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇنى تايانچىسز ۋە ياردەمچىسىز ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ كۈچ تەبىئى ئاپەت بولسا، بىز ئۇنى بالا ـقازا دەپ ئاتايمىز، ئەگەر بۇ كۈچ ئىنسانلار بولسا بىز ئۇنى جىنايەت دەپ ئاتايمىز. خورلۇق ۋەقەلىكلىرى كىشىلەرنىڭ نورمال ھالەتتىكى جەمئىيەت تەرتىۋىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خاتىرجەم جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان ئىنسانلارنىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى كونتىرول قىلىشى، بىر ـ بىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىشى ۋە ھاياتلىقنىڭ مەنىسى قاتارلىق ساغلام ئامىللارنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.

بۇرۇنلاردا بۇ خىل جىنايەتلەر كۆپ ئۇچرىمايدۇ دەپ قارالغان بولۇپ، 1980 ـ يىلى خورلۇقتىن كىيىنكى بېسىم قالايمىقانچىلىقى ناملىق پىسخىك ھالەت ئامېرىكا روھىي كېسەللىكلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم رەسمىي دېئاگنوز قويۇلغان پىسخىك ئاغرىقى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان، روھىي كېسەللىكلەر بىرلەشمىسى بۇ خىل ئاغرىقنى «ئىنسانلارنىڭ نورمال ھالىتىدىن ھالقىپ كەتكەن بىنورماللىق» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ خاتا بايان ئىدى. جىنسى پاراكەندىچىلىك، ئۇرۇپ ـ سوقۇلۇش، دەپسەندە قىلىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك شەكىلدىكى خورلۇقلار ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كەڭرى تارقالغان ھادىسىلەر بولۇپ، بۇلار ئۇيۇشما ئېيتقاندەك «نورمال تۇرمۇشتىن ھالقىغان» ئەمەس بەلكى كۈندىلىك «نورمال» تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.

خورلۇقنىڭ باشقا بەخىتسىزلىكلەر بىلەن ئەڭ تۈپكى پەرقى بولسا خورلۇق ئىنساننىڭ ھاياتى ياكى جىسمانىي پۈتۈنلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ ياكى ئىنسانغا بېۋاستە زورلۇق ۋە ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىتىدۇ. خورلۇق ئىنساننى ياردەمچىسىزلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە قورقۇنچقا يۈزلەندۈرۈپ، ئىنساندا زور بالا ـ قازاغا دۇچ كەلگەندىكى ئىنكاسنى قوزغايدۇ. روھىي كېسەللىكلەر قوللانمىسىدا خورلۇق مۇنداق تۇيغۇ ياكى ھېس دەپ بايان قىلىنغان: <<ئىنساننىڭ كۈچلۈك قورقۇنچ، تايانچسىزلىق، كونتىروللىقىنى يوقىتىش ۋە يىلتىزىدىن بىتچىت بولىدىغان تەھدىتلەرنى ھېس قىلىش>>.

خورلۇق ھادىسىلىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ پەقەت بىرلا نۇقتىدىن ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقى ئىسپات بولالايدۇ. خورلۇقنى ئاددى ئۇسۇللار بىلەن سانغا ئايلاندۇرۇپ تەسۋىرلەش قورقۇنچلۇق ھادىسىلەرنى مەنىسىزلىك بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن، بىر نەچچە تۈرلۈك كەچمىشلەر خورلۇقنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ئازدۇر ـ كۆپتۇر تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى، تۇيۇقسىز قاماققا ئېلىنىش، ياكى خورلۇقنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ھالىدىن كەتكۈزۈش قاتارلىق. خورلۇق يەنە جىسمانىي جەھەتتىن خورلىنىش ياكى يارىلاندۇرۇلۇش، قەبىھ زورلۇقلارغا ئۇچراش ياكى كوللىكتىپنىڭ ئۆلۈمىگە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقارقى ھەر بىر ھادىسە زۇلۇم قىلغۇچى تەرىپىدىن خورلانغۇچىلارنى تايانچسىز ھېس قىلدۇرۇش ۋە قورقۇنچ ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن. ئىنساننىڭ خەتەرگە قايتۇرىدىغان نورمال ئىنكاسى مۇرەككەپ بىر سېستىما بولۇپ، بەدەن ۋە ئوينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىگە كەلگەن تەھدىت ئەڭ ئالدى بىلەن ھېسداشلىق نېرۋىلىرىنى قوزغىتىپ، كىشىلەردە كۆپلىگەن ئادرېنالىن پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھۇشيار قىلىپ قويىدۇ.
تەھدىت يەنە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى كۆز ئالدىدىكى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويىدۇ. تەھدىت يەنە كىشىلەردىكى نورمال تۇيغۇلارنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ: مەسىلەن خەتەردە قالغان كىشىلەر ئاچلىق، ھېرىپ ـ چارچاش ياكى ئاغرىقنى تۇيماس بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا كىشىلەر دەھشەتلىك قورقۇنچ ۋە ئاچچىقنى ھېس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى نېرۋا سېستىمىمىزنىڭ نورمال ئىنكاسلىرى بولۇپ، بۇ خەتەرگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى غىدىقلايدۇ.

خورلۇققا ئۇچرىغاندىكى ئىنكاسلار كىشىلەرنىڭ خەتەر ئاستىدا مەيلى قانداق ھەرىكەت قىلسۇن پايدىسىزلىقى، قېچىشنىڭمۇ، قارشى تۇرۇشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەن چېغىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىنكاسىدۇر. بۇ خىل ئىنكاس خېيىم ـ خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ كىشىلەردە ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە كىشىلەرنى ھېسسىيات، ئەستە تۇتۇش ۋە تونۇش قابىلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەردىكى غەيرىلىك نورمال ئىنكاس رايونلىرىنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، خورلانغان بىر كىشى تۇرۇپلا كۈچلۈك ھېسسىياتنى تۇيۇشى ئەمما بۇنى ھېچقانداق بىر ئەسلىمە بىلەن باغلىيالماسلىقى ياكى يۈز بەرگەن ھەر بىر ئىشنى يىپىدىن ـ يىڭنىسىغىچە بايان قىلىپ بېرەلىشى بىراق ھېچقانداق ھېسسىي ئىنكاس كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا توختىماي تېرىكىدىغان ۋە زىيادە سەزگۈر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سېستىمىلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەتلەر

روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش #4

جۇدىس خىرمەن

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى فاتىمە سەيياھ
بىز كامىدا 60 يىلدىن بۇيان ھەر تۈرلۈك سېستىمىلىق زۇلۇم ۋە خورلۇققا ئۇچراپ كەلدۇق، بۇ 60 يىل بىر مىللەت ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ، كامىدا ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا پۈتۈنلەي يېتىدۇ. بۇ خىل سېستىمىلىق زۇلۇم ۋە خورلۇقنىڭ ھەر تۈرلۈك ئالامەتلىرى ئېتىراپ قىلمايلى دېسەكمۇ ئۇيغۇر ئاتالغان ھەرقانداق بىر كىشىدە ئازدۇر ـ كۆپتۇر ئىپادىسىنى تاپقان. بەزىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنى ساقايتىش ۋە كۈچلىنىش ئېلىپ بارغان بولسا، زور كۆپچىلىكىمىز بۇ سېستىمىلىق زىياننى تېخى تونۇپ يەتمىگەچكە يەنىلا ئۆز ـ ئارا بىر ـ بىرىمىزدىن ئاغرىنىش، ئەجدادلاردىن زارلىنىش ۋە ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىدىن نومۇس قىلىدىغان ئۆزىمىزگە ئۆچمەنلىك قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمىز.

مەن جۇدىس خىرمەن خانىمنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئوقۇۋاتقاندا زور كۆپچىلىك پىسخىك ھادىسىلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىزدىن كۈچلۈك بىر قارا قولنىڭ، قەستەن ۋە پىلانلىق ئېلىپ بارغان زۇلۇم ۋە خورلۇقىنىڭ بېۋاستە نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇلارنى بىلگەندىن كىيىن بۇ مۇھىم بىلىملەرنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىچىمىزدىن ھەقىقىي كۈچىيىشنىڭ تەقەززاسىنى تونۇپ يەتتىم. بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇش جەريانى گەرچە ئازابلىق بىر جەريان بولغان بولسىمۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئىچىمنىڭ مەلۇم جايلىرىنىڭ يارىدىن ساقىيىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. قېنى ئەمىسە، دىققىتىڭلار بۈگۈنكى مەزمۇندا بولسۇن، بەلكىم سىلەرمۇ مەندەك تۇيغۇغا كەلسەڭلار ئەجەپ ئەمەس، ئىنشائاللا!
ــــــــــــ
خورلۇق ئالامەتلىرى ئۆزىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى بولغان خورلۇق ۋەقەلىكلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا جان ساقلايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ خىل ئايرىلىپ كېتىش ھادىسىسى نورمالدا ئۆزىنى قوغداشقا قادىر بولغان كىشىلىك خاراكتىرنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بولۇپ، بۇندىن بىر ئەسىر بۇرۇن جەنېت ھېستىرىيەگە دېئاگنوز قويغاندا، ئۇنىڭدىكى ئەڭ تۈپكى كېسەللىك بولسا «ئايرىۋىتىلىش» ھادىسىسى ئىكەن. بۇ ھادىسىنىڭ ئىپادىسى بولسا ھېستىرىيەگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۆزىگە يۈز بەرگەن خورلۇق ۋەقەلىكلىرىنى ئويلاش ۋە ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويغان بولۇپ، خورلۇق ۋەقەلىكلىرى ئۇلارنىڭ نورمال ئوچۇق ئېڭىدىن ئاجرىلىپ غەيرى نورمال ھالەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇ خىل ئەسلىمە، بىلىم ۋە ھېسسىي جەھەتلەردىن توسۇلغۇغا ئۇچراش خورلۇق ھادىسىلىرىگە قارىتا بىلدۈرىلگەن كۈچلۈك ھېسسىي ئىنكاسلاردىن ئىكەن. ئەسلىمىلەرنىڭ «ئېرىتىپ يوقىتىلىشى» خورلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ئەسلىمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. جەنېتتىن ئەللىك يىل كىيىن، ئابرام كاردىنېر ئۇرۇش نېرۋا كېسەللىكلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇرۇش نېرۋا كېسىلى بىلەن ھېستىرىيەنىڭ ئوخشاش تەرىپى شۇكى، ئىنسانلار قاتتىق قورقۇنچ ۋە ياردەمچىسىزلىككە مۇپتىلا قىلىنغاندا كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى ماسلىشىشچان ۋە مەنىلىك ئىش ـ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان ئەزالار پاچاقلاپ تاشلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ تۇيغان ياكى كۆزەتكەنلىرى ئىشنىڭ ھەقىقىتى بولماستىن، خاتالىققا تولغان ۋە قورقۇنچ بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن بولىدۇ، ھۆكۈم قىلىش توغرا ـ خاتانى ئايرىش ئورگانلىرى ئۆز خىزمىتىدە مەغلۇپ بولۇپلا قالماستىن پۈتۈنلەي توختاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھالدا كىشىلەر ئۇرۇشقاق ۋە ھۇجۇمچان بولۇپ قېلىپ، كۆز ئالدىدىكى ئىشلار گەرچە خورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئۇلارغا خاتا ئىنكاس قايتۇرىشى مۇمكىن. مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ قالغان قىسىملىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئادەمنىڭ مېڭىسى نورمال ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

خورلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر خۇددى كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ ۋە ھازىرغا تەۋە ئەمەستەك ئىش ـ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ساق سالغان شائىر روبىرت گىرەيۋېس ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتىن كىينكى «نورمال» كۈنلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ مەن ئۈچۈن يەنىلا روھىي ۋە نېرۋامنىڭ كۆندۈرىشى سەۋەبتىن نورمال تۇرمۇش جەڭ مەيدانىدەك تۇيۇلاتتى. يېرىم كېچىلىرى كارىۋېتىمغا بومبا پارچىلىرى پارتلاپ چۈشۈپ تۇراتتى، كۈندۈزلىرى كۆرگەن ناتونۇش چىرايلار ماڭا ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن سەپداشلىرىمدەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى، ھەتتا ئويمانلارمۇ جەڭ مەيدانىدەك بىلىنەتتى.

خورلۇقتىن كىيىنكى بېسىم قالايمىقانلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ كاتاگورىيىگە مەنسۈپ: ئاسان غىدىقلىنىش، دەخلى قىلىنىش ۋە قىسىلىش.
ئاسان غىدىقلىنىش بولسا ھەرقاچان ھەرقانداق جايدا خەتەر ئۇچراپ قالىدىغاندەكلا ياشاش (بىز تىلغا ئالغان شۇم خەۋەرگە خۇمار بولۇش كېسىلى) نى كۆرسىتىدۇ.
دەخلى قىلىنىش ياكى بۆسۈپ كىرىش بولسا خورلۇق مىنۇتلىرىنىڭ يۇيۇپمۇ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان داغلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
قىسىلىش بولسا كىشىلەرنىڭ تەسلىم بولغان ھالىتىدىكى ھېچنىمىنى سەزمەس، ناركوز، ئۇيقۇدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.

خورلۇققا ئۇچرىغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەتلەر

روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش #5

جۇدىس خىرمەن 

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمىدە فاتىمە سەيياھ

قورقۇنچتىن كېلىپ چىققان زىيادە سەزگۈرلۈك ياكى ئاسان غىدىقلىنىش
خورلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر شۇ قېتىملىق ھادىسىلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئىنتايىن سەزگۈر ھالەتتە ياشايدىغان بولۇپ قالىدۇ، خۇددى خېيىم-خەتەر ھېلىلا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قايتىپ كېلىدىغاندەك. بۇ پىسخىك جەھەتتىكى پەسەيمەيدىغان زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ باسقۇچتا تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئاسان چۆچۈيدىغان، ئىنتايىن كىچىك ئىشلارغىمۇ مېجەزى چۇسلۇق بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدىغان، ئۇيقۇسى ناچار بولۇپ قالىدۇ.
كاردىنېر «خورلۇق نېرۋا ئاغرىقلىرىنىڭ نېگىزلىك يېرى بولسا فىزىكىلىق نېرۋا ئاغرىقى» دەپ قارىغان ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قايتقان ئەسكەرلەردە كۆرۈلگەن نېرۋا ئاغرىق ئالامەتلىرىدىن ئ‍اسان چۆچۈش، زىيادە سەزگۈرلۈك، خەتەرنىڭ قايتىلىنىشغا بولغان ھۇشيارلىق، يامان چۈشلەر ھەمدە قورقۇنچتىن پەيدا بولغان روھىي ئاغرىقنىڭ دەستىدىن شىكايەت قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا ئاپتونومىيەلىك نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قوزغىلىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىغان. ئۇ يەنە مىجەزى چۇس ۋە ئۇرۇشقاق بولۇپ قالغان ئەسكەرلەرنىڭ بۇ خىل قىلىقلىرىنى ئىنتايىن زور خەتەرگە ئۇچرىغان چاغدىكى ئىنساندا بولىدىغان «سوقۇشۇش ياكى قېچىپ كېتىش» ئىنكاسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ ۋە پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن دېگەن ئوينى ئوتتۇرىغا قويغان.

روي گىرىنكېر ۋە جون سپېەېللارمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغان ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى «ھېسداشلىق نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك توختىماي قوزغىلىپ تۇرۇش ئازابىنى تارتىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئالاھىدە خەتەرگە ئۇچرىغان چاغدىكى پىسخولوگىيەلىك ئەنسىزلىك ۋە ھەر ۋاقتى تەييار تۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك پەقەت خەتەرگە يولۇققاندىلا (يەنى پات-پات ئىشلىتىدىلىغان، ھەردائىم ئىشلىتىۋەرسە نېرۋا ئاغرىقىغا گىرىپتار قىلىدىغان) ئىشلىنىدىغان ئىنكاسلارنى توختىماي قايتۇرىدۇ. ئاخىرىدا گەرچە ئەسكەرلەر ئەسلىدىكى خەتەر رايونىدىن يۆتكىۋىتىلگەن بولسمۇ، ئەمما ئەينى چاغدىكى پىسخولوگىيەلىك ھالەت ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ قېلىپ، ساغلام ۋە بېخەتەر بولغان نورمال تۇرمۇشقا كۆنەلمەيدۇ.» دەپ قارىغان.
ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن كىيىن كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئۈستىدىكى قاراشلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، خورلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىق نېرۋا سېستىمىسدا فىزولوگىيەلىك ئۆزگىرىش (يەنى پەقەت ئويدىكى ئەھۋال ئەمەس، مېڭىنىڭ بىر ھەقىقىي قىسمىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن) يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ماتىرىيال تۇرغۇرزغان. روھ ئانالىز دوختۇرى لاۋرېنس كولب ئۇرۇشتىن قايتقان ئەسكەرلەرگە ۋېيتنام ئۇرۇشىدىكى ئاۋازلار لېنىتىغا ئېلىنغان لېنتىنى قويۇپ ئاڭلاتقاندا، خورلۇقتىن كىينكى بېسىم قالايمىقانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەسكەرلەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەن ۋە تولىمۇ بېئارام بولۇپ كەتكەنلىكتىن لېنىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما يۇقارقى كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان ئەسكەرلەردە بولسا ھېچقانداق غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن.

شۇندىن كېيىن يەنە كۆپلىگەن تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى خورلۇقتىن كىينكى بېسىم قالايمىقانلىقى ئۇزاققا سوزۇلغان ۋە كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان فىزولوگىيەلىك-پىسخولوگىيەلىك ئاغرىق. بۇ ئاغرىقنىڭ بىمارلىرى ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ. ئۇلاردا نورمال سەزگۈرلۈك بولمايدۇ، نورمال ئىنسانلاردەك راھەت ياشاش ياكى ئازادىلىك يوق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە ئاسانلا غىدىقلىنىشتىن كېلىپ چىققان سەزگۈرلۈك ۋە زىللىق بار بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە توختىماي پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان غىدىقلىغۇچى ۋەقەلىكلەرنى ئويلىمايمەن دەپلا ئويلىماي تۇرالمايدۇ، يەنى ئۇلار ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ كونتىرۇللىقىدىن چىقىپ كەتكەن ھالدا قايتا-قايتا ئويلاۋىرىدۇ، ھەر قېتىم شۇ ۋەقەلىك ئېسىگە كەلگەندە بىر قېتىم چۆچۈيدىغان بولۇپ، ھەتتا شۇ ۋەقەلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىمۇ ئۇلارنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى قىينايدۇ. باشقىلارغا ئۇنتۇپ كېتىش ئاسان بولغان ئىشلار ئ‍ۇلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ھەر قېتىم خورلۇق ۋەقەلىرىنى ئەسلىگەندە خۇددى يېڭىدىن يۈز بەرگەندەك ھەم قورقۇنچ، خېيىم-خەتەر ۋە ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ. يەنى گەرچە ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىدا ئەينى چاغدا شۇ ئىشقا نىسبەتەن قانداق ئىكناستا بولغان بولسا ھازىرمۇ ئوخشاش قورقۇنچ ھېسىدا ئ‍ىنكاس قايتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇلار ھەتتا چۈشىدىمۇ خاتىرجەم بولالمايدىغان بولۇپ، قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى تولا كۆرىدىغان ۋە ئاسان ئ‍ويغىنىپ كېتىدىغان بولۇپ ئالاھىدە سەگەك بولۇپ قالىدۇ.
دېمەك، خورلۇق ۋەقەلىرى ئىنسانلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نورماللىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۇ سېستىمىنى قايتىدىن غەيرى نورمال ھالەتتە قوراشتۇرۇپ چىقىدۇ.

روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش #6

جۇدىس خىرمەن 

ئېنىگلىزچىدىن تەرجىمىدە فاتىمە سەيياھ

قورقۇنچتىن كېلىپ چىققان ئەسلىمىلەرنىڭ قايتا ـ قايتا بۆسۈپ كىرىشى
خېيىم-خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە خورلۇققا ئۇچرىغۇچىلار ئۇ ئىشلارنى ھازىرقى تۇرمۇشىدىمۇ قايتا يۈز بېرىۋاتقاندەك ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلىشى مۇمكىنسىز بولۇپ، خورلۇق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، خۇددى ۋاقىت خورلۇق مىنۇتلىرىدا توختاپ قالغاندەك. خورلۇققا ئائىت ئەسلىمىلەر ئۆز ئالدىغا غەيرى ئاڭ بولۇپ شەكىللىنىپ، ئاشكارە ئاڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن، خورلانغۇچىنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالىدۇ.

جەنېت خورلۇق ۋەقەلىكىنىڭ قايتا-قايتا نورمال تۇرمۇشقا ھۇجۇم قوزغىشىنى «توختاپ قالغان ئىدىيە» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا، فىروئېد بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى جەڭ نېرۋا ئاغرىقىنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن: «جەڭچىلەر خورلۇق يۈز بەرگەن مىنۇتلاردا توختاپ قالغاندەك قىلاتتى، بۇ بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ.» كاردىنېر «خورلۇق مىنۇتلىرىدا قېتىپ قېلىش» ھادىسىسىنى جەڭ نېرۋا ئاغرىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەپ قارىغان ۋە جەڭچىلەردىكى ئۇرۇش تۈگەپ ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇرۇش ھەققىدە قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرىدىغان ئالامەتنى «ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىك ۋە بۇ خىل ئاغرىقتىكى ئەڭ سىرلىق ھادىسە» دەپ يازىدۇ.

خورلۇق ئەسلىمىلىرىنىڭ نورمال ئەسلىمىلەردىن پەرقلىق بىر قانچە تەرەپلىرى بار، ئۇلارنى نورمال ئەسلىمىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادە قىلىش قىيىن، نورمال ئەسلىمىلەرنى بايان قىلغاندەك تۈز سىزىق ھالىتىدە ئېيتىپ بېرىش تېخىمۇ قىيىن، ئۇ ئەسلىمىلەرنى ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بېرىش بولسا مۇمكىن ئەمەس. جەنېت بۇ پەرقلەرنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«نورمال ئەسلىمە بولسا بارلىق پىسخولوگىيەلىك ھادىسىلەردەك بىر نورمال پائالىيەت، ئۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى، تېخى ئۇنتۇلۇپ كەتمىگەن مەلۇم بىر ۋەقەلىكنى ھېكايە قىلىپ بېرىشتۇر. بۇ ھېكايىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىز بىلەن ئالاقە قىلىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ ھېكايىلەرنى ھاياتىمىزدىكى مەلۇم بابلارغا تەۋە قىلىمىز. خورلۇققا ئائىت ئەسلىمىلەر بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە قايتا يۈز بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنى «ئەسلىمە» سۈپىتىدە ھېكايە قىلىپ بايان ئەيلەش مۇمكىن ئەمەس ئىش
قېتىپ قالغان ۋە سۆز بىلەن ئىپادە قىلىش قىيىن بولغان خورلۇق ئەسلىمىلىرى دورىس لېسسڭنىڭ ئۆز ئاتىسىغا بولغان قاراشلىرىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئاقساق پېتى قايتىپ كەلگەن بۇ ئەسكەر ئۆزىنىڭ باشقا سەپداشلىرىدەك جەڭدە ئۆلۈپ كەتمىگىنىنى بەختىم دەپ قارايدۇ: «بۇ ئەسكەرنىڭ ياش چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلىرى ئېقىن سۇدەك راۋان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ھاياتىنى ياشارتىپ تۇرىدىغان ھېكايىلەر ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلىرى بولسا تەكرار-تەكرار، ئوخشاش سۆزلەر ۋە بەدەن ئىشارىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بايان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بۇ مۇدھىش رايون ئۇنىڭ ئۇ يەردە پەقەت قورقۇنچتىن باشقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگىنىنى غەزەپكە تولغان ھالدا سۆزلەپ بېرەتتى.

خورلۇق ئەسلىمىلىرىدە ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ياندىن بايان قىلغۇچى بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار جانلىق تۇيغۇ ۋە سۈرەتلەر بىلەن تولغان. خورلۇق مىنۇتلىرى خۇددى سۈرەتكە ئېلىنىپ قاتۇرۇپ قويۇلغان، ھېچقانداق ئارقا كۆرۈنىشى يوق، بۇرۇقتۇرما بىر رېئاللىقنىڭ ئوبرازىدۇر. بۇ «ئۆلۈمنىڭ ئىزناسى» غا ئوخشايدۇ. ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن قايتقان ئەسكەر تىم ئو.بىرايېن ئۇ خىل سۈرەتنى ئويلىغىندا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئېسىمدە قالغىنى بىر بىلەكنىڭ ئاپئاق سۆڭىكى بولۇپ، چاچراپ كەتكەن تېرە ۋە نەم شۇنداقلا سېرىق كەلگەن بىر نەرسىلەر ئىدى، ئۇ بەلكىم ئۈچەي بولسا كېرەك. بۇ سۈرەت 20 يىلدىن كىيىنمۇ ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.

خورلۇق ئەسلىملىرىنىڭ خاراكتىرى كىچىك بالىلاردىكى ئەسلىمىلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، كىچىك چېغىدا خورلۇققا ئۇچرىغان 20 بالىنى تەتقىق قىلغان روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى لېنور تېر بۇ بالىلارنىڭ 2 يېرىم ياشتىن بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىنى سۆز بىلەن ئىپادە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە 18 بالا ئىش-پائالىيتى ۋە ئوينىغان ئويۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ خورلۇققا ئۇچراپ باققانلىقىغا ئىسپات بولالايدىغان ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ھەممىسنىڭ دېگۈدەك قورقۇنچلۇق ۋەقەلىككە باغلىنىشلىق ئالاھىدە قورقۇنچلىرى بولغان ۋە بۇ قورقۇنچىنى ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنىدا قايتا-قايتا ئويناپ، ئىنتايىن ئېنىق يوسۇندا ئىپادە قىلىپ چىققان.

بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر بەلكىم مەركىزى نېرۋا سېستىمىسنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، مېڭىنىڭ بۇ ئەسلىمىلەرنى سۆز بىلەن ئىپادە قىلىپ بېرىش فۇنكىسىيىسى ئېتىلىپ قېلىشى ۋە خۇددى بالىلار ئۆزىنىڭ بەك كىچىك چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆز بىلەن ئېيتىپ بېرەلمىگەندەك، مەلۇم سۈرەت ياكى تۇيغۇ ھالىتىدە ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خۇددى نورمال ئەسلىمىگە ئوخشىمىغان خورلۇق ئەسلىمىلىرىدەك، خورلۇققا ئائىت چۈشلەرمۇ نورمال چۈشلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل چۈشتە ئوخشاش ئىشلار قايتا-قايتا تەكرارلىنىۋىرىدۇ ياكى ئوخشاش چۈشلەر قايتا-قايتا تەكرارلىنىدۇ. بۇ چۈشلەر خۇددى ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقاندەك قورقۇنچلۇق بولۇپ، نورمال كىشىلەر چۈش كۆرمەيدىغان ئۇيقۇ مىنۇتلىرىدىمۇ خورلانغۇچىلارنىڭ چۈشىگە كىرىپ تۇرىدۇ.

روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش #7

جۇدىس خىرمەن 

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمىدە فاتىمە سەيياھ

قورقۇنچتىن كېلىپ چىققان ئەسلىمىلەرنىڭ قايت ـ قايتا ھۇجۇم قىلىشى
خورلانغۇچىلار مەيلى ئوي-خىيالىدا ياكى چۈشىدە بولسۇن ئوخشاش قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنى قايتا-قايتا بېشىدىن ئۆتكەندەك ھىس قىلىپلا قالماستىن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنى بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئوخشاش ئويۇننى توختىماي ئويناۋىرىشىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. تېر بالىلارنىڭ نورمال ئويۇنى ۋە خورلانغان بالىلارنىڭ غەيرى نورمال ئويۇنىنى كۆزىتىپ مۇنداق يازغان: «نورمال بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئويۇنلىرى ئەركىن - ئازادە، ئاسان ۋە خۇشال-خۇرام بولسا، خورلانغان بالىلارنىڭ ئويۇنى سەل-پەل قايغۇلۇق ۋە بىرلا خىل رېتىمدا بولىدۇ. ئەگەر بالا بۇ ئويۇننى خورلۇق ئەسلىمىلىرىنى ئويلىغان ھالدا ئويناۋاتقان بولسا، ئۇ ئويۇندىن ئۆزىنى ئاسان تارتالمايدۇ ۋە شۇ ئويۇننى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىق ئويناۋىرىدۇ.

چوڭلارمۇ خۇددى بالىلارغا ئوخشاش خورلۇق مىنۇتلىرىنى قايتىدىن ياساپ چىقىشقا مەجبۇرلىنىدۇ (يەنى خورلۇق ئەسلىمىلىرى ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ). بەزىدە ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبى ئوخشىمىغان نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئۆزىنى قايتىدىن خېيىم-خەتەرگە تۇتۇپ بېرىشتىن يانمايدۇ. جىنسىي پاراكەندىچىلىكتىن ھايات قالغان سوھايلا ئۆزىنىڭ خورلۇق مىنۇتلىرىغا قايتىدىن قايتقان ھالىتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دائىم باشقىلارنىڭ مەندىن پايدىلىنىشىغا ئۆچ بولۇپ كەلدىم، مەن جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا 17 ياش ۋاقتىم بولۇپ، ماڭا يامانلىق قىلغان ئەرلەر يامانلىقتىن كىيىن تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سېنى بۇ يەردە يالغۇز ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولساق سېنى يەنە مۇشۇنداق بوزەك قىلىمىز.» مەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قالغان ئىدىم ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ يولدا يالغۇز مېڭىشتىن تولىمۇ قورقاتتىم، شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزەمنىڭ قەيسەرلىكىنى، بۇ قېتىم ئۇ ئەسكى كىشىلەرگە ئۇچراپ قالسام ئۆزەمنى قوغداپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنە شۇ يولدا قەستەن ماڭاتتىم.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان يەنە بىر ئەھۋال بولسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىمۇ بايقىمىغان ھالدا خورلۇق مىنۇتلىرىنى يوشۇرۇن تىرىلدۈرىدۇ، مەسىلەن كىچىك چېغىدا ئائىلە ئەزاسى تەرىپىدىن يامانلىق قىلىنغان شەرون سايمون ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى خورلۇق ئەسلىمىلىرىنىڭ كىيىنكى ھاياتىدا تۇتقان ئورنىنى ئويلاپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۆزەممۇ تۇيمىغان ھالدا قەستەن ئۆزۈمنى خەتەرگە تۇتۇپ بېرىدىغان ئىشلارنى قىلاتتىم، مەسىلەن، بىر نەچچە ئاي ئۇدا يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا ئەرلەر بىلەن يول تالىشىپ ئوينىدىم، بىر كۈنى يۈك ماشىنىسى ھەيدەيدىغان بىر شوپۇر مەندىن ئېشىپ كەتمەكچى بولدى، مەن ئۆزۈمگە «ئۇ ئۆلسىمۇ مېنىڭ يولۇمغا ماشىنىسىنى تىقالمايدۇ» دېگىنىمچە ئۇدۇل ئۇنىڭغا بېرىپ سوقۇلدۇم. مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلغانلىقىمنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىسەممۇ، ئۆزەمدە ئەرلەرگە قارىتا بىر ئاچچىقنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم، شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭغا سوقۇلغان دەقىقە ئۇنىڭ مېنى مېجىپ تاشلىشىنى تاللىدىم، ئەمما كىيىن ئەقلىمگە كەلگىنىمدە بولسا ئاخىرى ئەرلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىمدەك بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يۈزلەندىم.

خورلۇقتىن كېلىپ چىققان پىسخىك ھادىسىلەر

روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش #8

قورقۇنچتىن كېلىپ چىققان قاپسىلىپ قېلىش

جۇدىس خىرمەن 

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمىدە فاتىمە سەيياھ 

قاپسىلىپ قېلىش

بىر كىشى پۈتۈنلەي كۈچسىزلەندۈرۈلگەن ئەھۋالدا ۋە ھەرقانداق قارشىلىقنىڭ مەنىسى قالمىغاندا، ئۇ تەسلىم بولۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ چاغدا ئىنساننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالىدۇ ۋە ياردەمچسىز ئىنسان بۇ ھالەتتىن رېئال دۇنيادا مەلۇم ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ قۇتۇلۇش ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ياردەمچسىز ھالىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قېچىپ قۇتۇلماقچى بولىدۇ.

بۇ خىل قېچىپ قۇتۇلۇش ھادىسىسى ھايۋاناتلاردىمۇ كۆزىتىلگەن بولۇپ، بەزى ھايۋانلار ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەندە قېتىپ قالىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن. بۇ ئوۋچى ھايۋان تەرىپىدىن ئوۋلانغاندا ياكى توختىماي قېچىش ئۈنۈم بەرمەي تۇتۇلۇپ قالغان چاغدا ئوۋلانغان ھايۋاننىڭ شۇ ھالەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىكەن.

باسقۇنچىلىقتىن ھايات قالغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كېچىدە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ماشىنىڭىزنىڭ ئالدىغا چىقىپ قالغان توشقاننىڭ سىزگە قاراپ قالغاندىكى كۆزلىرىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟ ئۇ خۇددى سىزنىڭ ئۇنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى بىلىپ قالغاندەكلا بىر نەزەر ئىدى، شۇنداق، سىز ئۇ توشقاننى بېسىپ ئۆتۈپ كېتەتتىڭىز. باسقۇنچىلىققا ئۇچراش دەل شۇ توشقاننىڭ سىزگە قارىغان ۋاقتىغا ئوخشايدۇ، سىز خەتەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىسىز ئەمما ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلالمايسىز، خەتەر سىزنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.» يەنە بىر ئايال بولسا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋارقىرىيالمىدىم، مېدىرلىيالمىدىم، مەن مىيىپ بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۆزۈمنى خۇددى پۇرۇچ قونچاقلاردەك ھېس قىلدىم.

بۇ خىل قېتىپ قېلىش ياكى قاپسىلىپ قېلىش بولسا خورلۇقتىن كىينكى بېسىم قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئۈچىنچى خىل ئالاھىدىلىكى. نۇرغۇن ھاللاردا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان خەتەر ۋە خورلۇق كىشىلەردە قورقۇنچ ۋە ئاچچىق تۇيغۇلارنى ئويغاتسا، يەنە نۇرغۇن ھاللاردا كىشىلەردىكى پالەچلىك يەنى بىنورمال بىر ئېغىر-بېسىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە كۆرۈنۈشتە شۇنداق بولسىمۇ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر مېڭىمىز تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ لېكىن كىشىلەر ئۇنى ئۆزىگە تەۋە ئەسلىمە ياكى ۋەقەلىك ئەمەستەك ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى مەنىسىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىدۇ. بۇنداق چاغدا كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسى قېتىپ قالغان ياكى بۇرمىلانغان ھالەتتە بولۇپ، خۇددى يېرىم يارتا ناركوز قىلىپ قويۇلغاندەك ياكى مەلۇم بىر تۇيغۇ فۇنكىسىيەسىنى يوقاتقاندەك بولۇپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ نورمال تۇيغۇسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك ۋە نورمال رېئاللىق مەۋجۈت بولمىغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ. خورلۇنغۇچى ئۆزىگە يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنى خۇددى باشقىلارغا يۈز بېرىۋاتقاندەك، ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەك، ئۆزى پەقەت باشقىلارنى كۆزىتىپ تۇرىۋاتقاندەك ۋە ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنى سىرتىدىن كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ۋە پۈتۈن خورلۇق جەريانىنى خۇددى بىر يامان چۈشتەك، ئويغانسىلا يوقاپ كېتىدىغاندەك ھالەتتە بولىدۇ.
ئۆزىدىكى ھالەتلەرنى ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھالدا كۆرۈش ۋە ئۇلارغا پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولۇش، ھېسسىي جەھەتتىن ئۇ ئىشلار بىلەن ئايرىلىپ كېتىش ۋە ئۆزىنىڭ ھالىتىگە ئىنتايىن پاسسىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىنساننى ئۆزىنىڭ ھالىنى ياخشىلاش ئىرادىسىدىن ياندۇرۇپ تاشلايدۇ. ئاڭدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش بولسا ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان كىچىككىنە رەھىمدىللىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنى چىدىغۇسىز ئازابلارنىڭ تىرىك يەپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ. باسقۇنچىلىقتىن ھايات قالغان بىرەيلەن مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇ چاغدا بەدىنىمدىن چىقىپ كەتتىم ۋە كارىۋاتنىڭ بېشىدا تۇرۇپ نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆزەتتىم، مەن ئۆزۈمنى ياردەمچىسىزمەن دېيىشتىن توختاتتىم، كارىۋاتتا ياتقىنى مەن بولماستىن پەقەت قۇپقۇرۇق بىر قاپ ئىدى، ئۇ ئۇ يەردە تۈپتۈز ۋە ھېچقانداق تۇيغۇسىز ياتاتتى، مەن بولسام ئۇ يەردە قاراپ تۇراتتىم. كىيىن مەن شۇ ئۆينى ئەسلىگىنىمدە كارىۋاتتىن كۆرگەن مەنزىرىنى ئەمەس بەلكى كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كۆرگەن مەنزىرىلەرنى ئەسلەيتتىم، چۈنكى مەن شۇ يەردە قاراپ تۇراتتىم.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغان بىر ئەسكەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن قېتىپ قالغان، ئۆزۈمدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم، بىز بۇنى «ئىككى مىڭ يىل قاراپ قېتىپ قېلىش» دەپ ئاتايتتۇق، بۇ ناركوزلانغان نەزەر بولۇپ، قۇپقۇرۇق كۆزلىرىمىز يوغان ئېچىلغان ۋە بۇ كۆزلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئىنسان ئاللىقاچان پەرۋاسىز ھالەتكە كېلىپ بولغان ئىدى. مەن خۇددى ئەزەلدىن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ باقمىغاندەك ھېس قىلدىم.

پەرۋاسىز بۇ ھالەت گىپنوزلانغان مۈگدەشكە ئوخشايدۇ، ھەر ئىككىسىدە ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بار بولۇش مەۋجۈت بولۇپ، بۇنىڭدا تەشەببۇسكارلىق ۋە لوگىكىلىق پىكىر قىلىش توختىتىپ قويۇلغان، مەۋھۇم ئايرىلىش ۋە تىنچلىنىپ قېلىش، تەسۋىرلەرنىڭ ئېنىق كۆرۈنىشى، تۇيغۇ ئەزالاردىكى ئۆزگىرىش مەسىلەن قولىشىپ قېلىش ياكى ئاغرىقنى سەزمەسلىك، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىۋىتىش ۋە ۋاقىتقا بولغان تۇيغۇسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. گەرچە تەسۋىرلەرنىڭ ئېنىق كۆرۈنىشى گىپنوزنىڭ سۈمۈرىلىشىگە ئوخشىسىمۇ، قولىشىپ قېلىش گېپنوزدىكى ئۆزىدىن ئايرىلىشقا ئوخشايدۇ.

داۋامى بار

No comments:

Post a Comment