Blog Archive

Sunday, April 15, 2018

ئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار دىقىتىگە


ئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار دىقىتىگە

مەمەت ئمىن

جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە تەلەپلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە. كىشىلەر ئەۋلاتلىرىنىڭ سانىنى قوغلۇشىشتەك ئەن- ئەنىۋى قاراشتىن، سۈپەت قوغلۇشۇشتەك يىڭى قاراشقا كۆچمەكتە. نەتىجىدە تىخىمۇ كۆپ كىشىلەر قانداق قىلغاندا كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭ ساغلام ۋە ئەقىلىق بولۇشىغا كاپالەت قىلغىلى بولىدىغانلىق توغۇرسىدا ئىزدەنمەكتە.

مەن بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان بالىنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىش دىگەندە ئاساسلىقى ئاپىسى ھامىلە بولغاندىن باشلاپ، بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ قوسىقىدا ھەممە ئەزالىرىنىڭ تولۇق ۋە نورمال يىتىلىشىنى، ئەقىل پاراسىتىنىڭ زەخمىگە ئۇچۇرماي ساغلام تۇغۇلۇشىنى، ۋە ساغلام ئەقىللىق ئۆسۈپ يىتىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان.

مەن تۆۋەندا يىڭى توي قىلىپ، تۇنجى قىتىم ئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ياش بىر جۈپلەرگە ۋە ياكى بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئاتا ئانىلارغا ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن مەخسەتتە، ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرى بىلەن بەزى ماتىرياللارنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئاددى ساۋاتنى  يىزىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم. مەن ئاساسى تىمىغا كىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن تۇخۇمىنىڭ ئۇرۇقلۇنۇشى ۋە تۆرەلمىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى توغۇرسىدا قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇرۇقلۇنۇش، تۆرەلمىنىڭ (embryo) نىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بالىنىڭ يىتىلىشى




ئەر ئايال جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئەر تەرەپنىڭ ئۇرۇقى (spermatozoa) بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمى (egg ovum) بالا ياتقۇنىڭ ئوڭ ۋە ياكى سول قانىتىدىكى تۇخۇم نەيچىسى ئىچىدە ئۆز ئارا ئۇچۇشۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم   ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن كىيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم دەسلەپكى تۆرەلمىگە تەرەققى قىلىدۇ ۋە بالا ياتقۇنىڭ ئوتۇرسىغا بىرىپ، ئۇ يەردە بالا ياتقۇ تىمىغا ئورونلىشىدۇ، ئاندىن رەسمى تۆرەلمە (embryo) پەيدا بولىدۇ.


تۆرەلمە ئاپىنىڭ بالا ياتقۇسىدا بارا بارا چوڭىيىپ بالا بولۇپ يىتىلىدۇ، ۋە 40 ھەپتە ئۆسۈپ يىتىلگەندىن كىيىن، بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.

نورمال ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ ئوڭ سول ئككى تەرىپىدە ئككى تۇخۇمدان (ovary) بولۇپ، بىر ئايدا بىر قىتىم ھەيىز كۆرىدىغان ئايال، بىر ئايدا بىر قىتىم بىر تۇخۇم  ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ (ovulation). قىسمەن ئاياللار ئككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىشى مۈمكىن. يەنە بەزى ناھايتى ئاز ساندىكى ئاياللار، بىر ئايدا ئككى قىتىم ھەيىز كۆرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللار بىر ئايدا ئككى قىتىم ھەر قىتىمدا بىر ياكى ئككى تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىشى مۈمكىن.

نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئەرلەرنىڭ ئككى ئۇرۇقدانى (testicular) بولۇپ، بىر ھەپتىدە ئككى قىتىم جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدىغان ئەر، ھەر قىتىمدا تەخمىنەن 2~  5 مىللىلىتىر مەنىي، 40 مىلىيۇندىن 100 مىيۇنغىچە ئۇرۇق (spermatozoa) ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە، شەكلى ۋە ھەركىتى نورمال ئۇرۇق 60% دىن ئارتۇق بولىدۇ. ئەگەر مەنىي ئچىدىكى ئۇرۇقنىڭ سانى 20 مىليۇندىن تۆۋەن بولسا، ياكى نورمال ئۇرۇق 30% دىن تۆۋەن بولسا، بۇنداق ئەرنىڭ تۇغماسلىق ئىھتىمالى يۇقۇرى بولىدۇ، ياكى بالىنىڭ سۈپىتى ئىغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.

جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن ئەر ئاجىرتىپ چىقارغان ئۇرۇق، ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن ئۇچۇرشۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بىر تورەلمىگە تەرەققى قىلسا، بىر بوۋاق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، بۆلۈنۈپ ئككى تۆرەلمىگە تەرەققى قىلسا، بىر تۇخۇملۇق قوش كىزەك بوۋاق دۇنياغا كىلىدۇ. بۇنداق قوش كىزەكلەرنىڭ چىرايى، خۇي پەيلى، بىر بىرسىگە بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ.


ئەگەر ئەرنىڭ ئككى ئۇرۇقى ئايالنىڭ ئككى تۇخۇمى بىلەن ئۇچۇراشسا، ئككى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر ئۇلاردىن ئككى تۆرەلمە ھاسىل بولسا ئككى تۇخۇملۇق قوش كىزەك  دۇنياغا كىلىدۇ.


بۇنداق قوش كىزەكلەر، بىر تۇخۇملۇق قوش كىزەكلەرگە نىسبەتەن سەل پەرىقلىق بولىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ چىرايىدا ۋە ھۇي پەيلىدە پەرىقلەر كۆپرەك بولىدۇ. ئادەتتە قوش كىزەكلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ تۇردىكى قوش كىزەكلەردۇر.

ئەگەر ئەرنىڭ بىر نەچچە ئۇرۇقى، ئايالنىڭ بىر نەچچە تۇخۇمى بىلەن بىرلەشسە، ۋە ياكى بىر نەچچە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنۈپ بىر نەچچە تۆرەلمە ھاسىل بولسا، بىر نەچچە بوۋاق دۇنياغا كىلىدۇ. بىراق بۇ خىل ئاۋھال ناھايتى ئاز ئۇچىرايدۇ.

ئاياللارنىڭ بىر بالىغا  ياكى قوش كىزەككە ھامىلە بولۇش ۋە ياكى كۆپ بالىغا ھامىلە بولۇشى، بوۋاقنىڭ قىز بولۇشى ياكى ئوغۇل بولۇشى، ئەر ۋە ياكى ئايالغا باغلىق ئەمەس، ھەم ئۇنى ھىچكىم كونتۇرۇل قىلالميدۇ.

نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئايالنىڭ تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىدىغان ۋاختى ئككى قىتىملىق ھەيىزنىڭ دەل ئوتۇرسىغا توغۇرا كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئەر ئايال جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا، ئايالنىڭ ئىغىر ئاياق بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ.

 مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ھەيىز ئايلانمىسى 28 كۈن ئاتىراپىدا بولىدۇ. 28 كۈندە بىر قىتىم ھەيىز كىلىدىغان ئايالنىڭ تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ۋاختى، ھەيىز باشلانغان بىرىنجى كۈندىن ھىساپلىغاندا تەخمىنەن ھەيىزنىڭ 14 -  كۈنىگە توغۇرا كىلىدۇ.

تۇخۇمنىڭ ئۆمۇرى ئادەتتە 24 سائەت ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئەر ئاجىرتىپ چىقارغان ئۇرۇق، ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىدا، ئادەتتە 48 سائەتتىن 72 سائەتقىچە ياشىيالايدۇ. قىسمەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياشىشىمۇ مۈمكىن. مۇنداقچە ئەيىتقاندا، ئايالنىڭ ھەر ئايدا ئغىر ئاياق بولۇش ۋاختى، ئادەتتە  5 كۈن ئەتىراپىدا بولىدۇ. مەسىلەن ئايالنىڭ ھەيىزنى ھەر ئاينىڭ 1-كۇنى باشلاندى دەپ قارىساق، ئادەتتە 3، 4، ۋە ياكى 5 - كۈنلىرى ھەيىز ئاخىرلىشىشى مۈمكىن، 14 - كۈنلىرى تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىشى مۈمكىن. شۇنداق بولغاندا ھەيىزنىڭ 11- كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولغان 5 كۈن ئارىلىقتا، ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پۈتۈنلەي مۇتەلق ئەمەس، بەزىدە ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈز بىرىشى مۈمكىن.

ھەيىز ھەر ئايدا ناھايتى نورمال كىلىدىغان ئايالنىڭ، كىيىنكى قىتىملىق ھەيىز كىلىش ۋاختى 10 كۈندىن ئارتۇق ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئغىر ئاياق بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھېالدا ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ بىقىش كىرەك.
ئادەتتە ئىغىر ئاياق (ھامىلە) بولغاندىن كىيىن نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك ئكەنلىگىنى تۇنجى قىتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئغىر ئاياق بولغانلىغى ئىنىق بولغاندىن كىيىن، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى تەپسىلە دەپ بىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن توۋەندە ئغىر ئاياق بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدە نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەكلىك توغۇرسىدا، ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قوياپ ئۆتمەكچىمەن.

ئەرلەر دىقەت قىلىشقا تىغىشلىك ئىشلار

كىيىنكى ئەھۋلاتلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەرلەر نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟ قانداق ئامىللار كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە ۋە ياكى ۋاستىلىق ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بالا ئىلىشقا پىلان قىلغان ئەر، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا كەيپىياتى ناھايتى ياخشى بولۇش، ھەددىن زىيادە ھىرىپ چارچاپ كەتمىگەن بولۇشى كىرەك.
تۆۋەندە ئوتۇرغا قويۇلغان ھەر قانداق ئەھۋال بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى ۋاختىنچە بالا ئالماسلىق كىرەك، ياكى بالا ئالماقچى بولغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ئىمكان بار ساقلىنىش كىرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسۈتۈپ، كىيىنكى ئەۋلاتقا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە بالىلارنىڭ سۈپىتىگى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

1.    ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغاندا.
2.   ھەددىن زىيادە كۆپ تاماكا چىكىۋاتقان مەزگىلدە.
3.    نەشە ۋە بەزى زەھەرلىك چىملىك چىكىۋاتقاندا.
4.   راك كىسىلى بولۇپ شىمىيەلىك ۋە رادىياكتىپلىق داۋالاش ئىلىب بىرىۋاتقاندا.
5. يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى كىسەل بولغاندا.
6.   سۈدۈك يولى،  جىنسى ئەزا ۋە جىنسى بەزلەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا.
7.    بەزى دورىلارنى بولۇپمۇ دورا ئۈستىدە ئۇرۇققا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىنىق ئەسكەرتىلگەن بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقان مەزگىلدە.
8.   سىماپ، قوغۇشۇن قاتارلىق بەزى خىمىيەلىك ئىلىمىنتلار ۋە خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچۇرشىۋاتقان ۋاقىتتا.
9.    دىخخانچىلىق دورىلىرى ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىرى بىلەن ئۇچۇرشىۋاتقاندا.
10. ھەرقانداق نەرسە بىلەن زەھەرلەنگەندە.
11.  رادىياكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچۇرشىۋاتقاندا.
ئۇندىن باشقا ئالاھىدە يۇقۇرى تىمپىراتۇرغا يىقىنلاشماسلىق، ياكى يۇقۇرى تىمپىراتۇرلۇق شاراھىتتا ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلماسلىق كىرەك.  خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى بىلەن شۇنداق بولۇشقا توغۇرا كەلگەندە ئۇرۇقداننى قوغداش تەببىرى قوللۇنۇش كىرەك. ئادەتتە ئەرلەر ئۇرۇقدانىنىڭ تىمپىراتۇرسى بەدەن تىمپىراتۇرسىدىن 2 گىرادۇس تۆۋەن بولۇپ، يۇقۇرى تىمپىراتۇر بىلەن ئۇچۇراشقاندا ياكى ئۇرۇقدان ئۇزۇن مۇددەت بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرغاندا، ئۇرۇقداننىڭ تىمپىراتۇرسى بەدەن تىپىراتۇرسى بىلەن يىقىنلىشىپ، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى مەلۇم دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ. بۇ كىيىنكى ئەۋلاتقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بەك تار ئىچ كىيىم ياكى ئىشتان كەيمەسلىك كىرەك. ئۇرۇقداننىڭ تىمپىراتۇرسى يۇقۇرلاپ، ئۇرۇقنى زەخمىلەندۈرۈشتىن ساقلىنىش كىرەك.

ئاياللار دىقەت قىلىشقا تىغىشلىك ئىشلار

كىيىنكى ئەھۋلاتلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن باللا ئىلىشنى پىلان قىلغان ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاھسلا كەيپىياتى ياخشى بولۇش كىرەك. ئالاھىدە چارچاپ ، بەك جىددىلىشىپ كەتمەسلىك كىرەك، روھى ھالىتىنى ناھايتى ياخشى تۇتۇش كىرەك.

ئاياللارنىڭ روھى ھالىتى كىيىنكى ئەھۋالاتلارنىڭ سۈپىتىگە نىسبەتەن ئەرلەرنىڭ روھى ھالىتىدىن بەكرەك مۇھىم بولۇپ، ئاياللارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشى، ئغىر ئاياق بولۇش بولماسلىققا، تۇخۇمنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق ئاجىرتىشى جىنسى ھەۋەس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جىنسى ھەۋەس قوزغالغان شۇ مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئۇرۇق ئاجىرتىپ چىقىرالايدۇ؛ بىراق ئاياللار بىر ئايدا ئاران بىر قىتىم، قىسمەن ئەھۋالدا بىر ئايدا ئككى قىتىم تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، تۇخۇمنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشى چوڭ مىڭە، نۇرغۇن جىنسى بەزلەر ۋە جىنسى ھورمۇنلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئايالنىڭ روھى ھالىتى، كەيپىياتى ياخشى بولمىغاندا، چوڭ مىڭىگە بىۋاستە تەسىر قىلىپ، جىنسى بەزلەرنىڭ ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ، ئاخىردا تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىشمۇ تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. نەتىجىدە ئغىر ئاياق بولالماسلىق ۋە بالىنىڭ سۈپىتىگە دەخلى قىلىشتەك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ.

ئاپا بولۇشقا پىلان قىلغان ئاياللار، يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن ئەرلەر دىقەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارغا دىقەت قىلىشى، ياكى يۇقۇردىكى ئەھۋاللاردىن ئىمكان بار ساقلىنىشى، ۋە ياكى بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ۋاختىنچە بالا ئالماسلىقى كىرەك.

ئاياللارنىڭ يىشى، كىيىنكى ئەۋلاتنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاياللار ئەڭ ياخشىسى تۇنجى بالىسىنى 30 ياشتىن بۇرۇن تۇغۇش، ئەڭ كىچىككەندىمۇ 35 ياشتىن بۇرۇن تۇغۇشى كىرەك. ئاياللارنىڭ يىشى ئەرلەرنىڭ يىشىغا نىسبەتەن كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ سۈپىتىگە تىخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتۇدۇ. ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندا، ھورمۇنلار تەڭپۇڭلىقىدا بەزى ئۆزگۇرۇشلەر يۈز بىرىشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ بالىنىڭ خىروموسومىسىدا (chromosome) ئۇشتۇمتۇت ئۆزگۈرۈش (mutation) پەيدا قىلىشى مۈمكىن، شۇنىڭ بىلەن يىڭى ھاياتلىقتا بەزى نورمالسىزلىق پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە بالىدا ھەر خىل تۇغما كىسەل پەيدا بولۇشى مۈمكىن. ئۇندىن باشقا تۇنجى بالىنى 35 ياشتىن كىيىن ئالغاندا، تۇغۇتتا بەزى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. بۇ ئاپا ۋە بالىنىڭ ئككىلىسىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئەمەس، ھەتتا ئاپا ۋە بالىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.
ئىغىر ئاياق بولغاننى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ۋىتامىن قاتارلىق بىر قىسىم دورىدىن باشقا، ئىستىمال قىلىنغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى دورا، يىڭى ھاياتلىق پەيدا بولغان دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، يىڭى ھاياتلىققا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسۈتۈپ، كىيىنكى ئەۋلاتنىڭ سۈپىتىگە دەخلى قىلىشى مۈمكىن.

شۇڭا بالا ئىلىشنى پىلان قىلغان ئايال ئماكان بار كىسەل بولۇپ قالماسلىقى، بولۇپمۇ بەزى ۈىرۇس بىلەن يۇقۇملۇنۇپ چىلىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىشى كىرەك. ئەگەر بەزى ئۇششاق كىسەل بولۇپ قالغان تەقدىردە، ئەڭ ياخشىسى ۋاختىنچە دورا ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك. ئەلۋەتتە ئىغىر ئاياق بولغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، دوختۇر بۇلارغا ئالاھىدە دىقەت قىلىدۇ. مەسىلە ئغىر ئاياق بولغاننى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بەزى دورىلارنى بىلمەستىن ئىستىمال قىلىش ئەڭ خەتەرلىك.
ئەگەر يۇقارقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، قانچە ۋاقىتتىن كىيىن بالا  ئىلىش خەتەرسىز؟

ئەگەر سىز بىلىپ بىلمەي ياكى خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى بىلەن يۇقارقى ئەھۋاللارغا دۇچ كىلىپ قالغان بولسىڭىز، بالا ئىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ئۇچۇرشۇشنى توختۇتىشىڭىز ۋە يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىشىدىن ئمكان بار ساقلىنىشىڭىز كىرەك. بۇ ئەھۋاللار بىلەن ئۇچۇرشۇشنى توختۇتۇپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن بالا ئىلىش خەتەرسىز دىگەندە، بۇ پۇتۇنلەي سىز ئۇچۇراشقان ماددىلارنىڭ تۇرى، مىقدارى، ۋاختى، بەدەنگە بولغان تەسىرى ۋە بەدەندىن تازلىنىپ چىقىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بەزى دورىلار ۋە خىمىيەلىك مادىلارنىڭ بەدەندىن تازلىنىپ چىقپ كىتىش ۋاختى بىرنەچچە سائەتلا بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ بىر نەچچە يىل بولىدۇ. كۈنىگە 1 قىتىم يەيدىغان دورىنىڭ، بەدەندىن يىرىمى تازلىنىپ چىقىپ كىتىشكە كەتكەن ۋاختى 24 سائەت بولىدۇ. كۈندە 2 قىتىم يەيدىغان دورىنىڭ بەدەندىن يىرىمى تازلىنىپ چىقىشقا كەتكەن ۋاقىت 12 سائەت ئەتىراپىدا بولىدۇ. كۈنىگە 3 قىتىم يەيدىغان دورىنىڭ، بەدەندىن يىرىمى تازلىنىپ چىقىپ كىتىشكە كەتكەن ۋاختى 8 سائەت ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئادەتتە دورا ياكى كىسەللىكنىڭ تەسىرى شۇ دورىنى ئىستىمال قىلىش توختىغاندىن كىيىن ياكى شۇ كىسەل پۈتۈنلەي ساقىيىپ ئككى ھەپتىدىن كىيىن ئاساسەن تۈگەيدۇ، بىراق دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ياكى كىسەل ۋاختىدا زىيانغا ئۇچۇرغان ئۇرۇق ۋە تۇخۇم بەدەندىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاندىن ھەقىقى بىخەتەر ھىساپلىنىدۇ.
رادىياكتىپلىق نۇر، بەزى ھىمىيەلىك مادا، خىرويىن قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىك ۋە بەزى دىخانچىلىق دورىلىرىنىڭ زىيىنى خىلى ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئومۇرۋايەت تەسىر قىلىشى، تۇغماسلىقنى، بالا بالدۇر چۈچۈپ كىتىشنى، بالىنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قىلىشىنى ياكى بالىنىڭ مىيىپ تۇغۇلۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.

ئايال ھامىلە بولغاندىن كىيىن دىقەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاياللار ھامىلە بولغان دەسلەپكى ئۇچ ئايا بالىنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە بەكلا مۇھىم. بالىلاردا بولىدىغان نۇرغۇن تۇغما كىسەللەر مۇشۇ دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە يۇز بىرىشى مۈمكىن. شۇڭا دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ھامىلە ئايال ئامال بار زۇكام بولۇپ قىلىشتىن ۋە باشقا كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش كىرەك، زىيانلىق ماددىلارغا ۋە خىمىيەلىك دورىلارغا ئۇچۇراشماسلىق كىرەك. كىسەل بولۇپ قىلىپ دورا ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا، دورىنىڭ قوساقتىكى بالىغا بولغان تەسىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. رىنتىگىن ۋە رادىياكتىپلىق نۇرغا يىقىنلاشماسلىق كىرەك.

ساغلام يىمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىش، ئانا بالىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇشقا كاپالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ھامىلە ئايال بەك سەمىرىپ كەتمەسلىك كىرەك. ئانا بەك سەمىرىپ كەتكەندە، قوساقتىكى بالىنىڭ ئىغىرلىقىمۇ ئىشىپ كىتىشى مۈمكىن. ئەگەر بالىنىڭ ئىغىرلىقى 4 كىلوگورامدىن يۇقۇرى بولغاندا، بىر تەرەپتىن تۇغۇتنىڭ قىيىن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغىمۇ ئالاھىدە دىقەت قىلىش كىرەك.
ھەر خىل ۋىتامىن، بولۇپمۇ ۈىتامىن د، كالتسى ۋە تومۈر تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەمىيەت بىرىش كىرەك. كالتسى بالىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ نورمال يىتىلىشىدە مۇھىم رول ئۇينايدۇ. تۈمۈر قان ئشلەپ چىقىرىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا.

ئۇسۇزلۇقنى يەنى سۇنى يىتەرلىك ئىچىپ بىرىش كىرەك. تۇزنى يەنى ناتىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق، قان بىسىمى يۇقۇرلاپ كىتىشتىن ساقلىنىش كىرىك. داۋاملىق  يول يۇرۇش ۋە ھەركەت قىلىش كىرەك.

بالىلارنىڭ سۇپىتىگە تەسىر يەتكۇزىدىغان ئەھۋاللار ۋە كىسەللىكلەر

1. ھەر خىل تۇغما كىسەللىكلەر
تۇغما كىسەللىكلەرنىڭ بىر قىسمى بىزنىڭ كونتۇرۇل قىلىشىمىزدا بولمىسىمۇ، بىراق خىلى كۆپ قىسم كىسەللىكلەر تامامەن ئاتا ئانىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كىلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە بالىغا ۋە پۈتۈن بىر ئاھىلىگە بىر ئۆمۇر بەخىتسىزلىك ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭا ئەر ئايال دىقەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارغا ئامال بار دىقەت قىلىش، تۇغما كىسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش كىرەك.
2. ھەر خىل ئىرىسى كىسەللىكلەر
نۇرغۇن ئىرىسى كىسەللىكلەر ئاتا ئانىدىكى ۋە ياكى ئەجداتلىرىدىكى مەلۇم يوشۇرۇن ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، كۈپۇنچىسى ئاتا ئانىنىڭ كونتۇرۇللىقىدا ئەمەس.
3. تۇغۇت جەريانىدىكى ھەر خىل زەخمە
تۇغۇت جەريانىدىكى ھەر خىل زەخمە تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش بولماسلىقىغا، بالىنىڭ بالا ياتقۇدىكى ئورنىغا، بالىنىڭ بەدەن ئىغىرلىقىغا، تۇغۇت ئانىنىڭ ۋە ياكى تۇغۇت دوختۇرىنىڭ تەجىربىسىگە، تۇغۇۋاتقان شەرىت شاراھىت قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

تۇغما كىسەللىكلەر

تۇغما كىسەللەر (Birth Defects) دىگىنىمىز بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن پەيدا بولغان بارلىق نورمالسىزلىقلارنى ۋە كىسەللىكلەرنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەدەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى نورمالسىزلىق بىلەن ئىقتىدار جەھەتتىكى نورمازلىقنىڭ ھەر ئككىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۇغما كىسەللەرنىڭ كۆپۈنچىسى بالا تۇغۇلۇپ 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، بىر قىسمى بولسا 4، 5 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، يەنە ئاز بىر قىسمى بولسا ھەتتا بالاغەتكە يەتكەندە ئاندىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

كىسەل ئالامەتلىرىنىڭ كىچىكىپ ئىپادىلىنىشى يەنى 15، 16 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئىپادىلىنىپ چىقىشى، ھەرگۈزمۇ ئۇ كىسەلنىڭ تۇغما كىسەل ئەمەسلىگىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. يەنە بىر قىسىم بالا ئەلۋەتتە ئۆلەگ تۇغۇلۇپ قىلىشى ۋە ياكى تۇغۇلۇش ۋاختى كەلمەي تۇرۇپلا بالدۇر چۈشۈپ كىتىشى مۈمكىن.
بەزىلەر بالا تۇغۇلۇش جەريانىدا يۇز بەرگەن بەزى ھادىسىلەر ۋە زەخمە تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان كىسەللەرنىمۇ تۇغما كىسەللەر داھىرسىگە كىرگۈزىۋىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ كىسەللەر تۇغۇت ئانىسى، دوختۇر، سىستىرالارنىڭ تەجىربە، تەخنىكىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە داۋالاش شاراھىتىڭ ناچار بولۇشى تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققانلىغى ئۈچۈن تۇغما كىسەللەر داھىرسىگە كىرمەيدۇ.

قانداق ئامىللار تۇغما كىسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

نۇرغۇن تۇغما كىسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋىبى تىخى ئىنىق بولمىسىمۇ، بىراق تۆۋەندىكى ئامىللار تۇغما كىسەلنىڭ پەيدا بولۇش خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۋىتىدۇ.

1.    قانداشلىق مۇناسىۋىتى يىقىن تۇققانلار، بولۇپمۇ ئۈچ ئەۋلاتنىڭ ئىچىدىكى نەۋرە ئاكا سىڭىللار ئۆز ئارا توي قىلغاندا، كىيىنكى ئەۋلاتنىڭ تۇغما كىسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايتى يۇقۇرى بولىدۇ.
2.   ئەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن ياكى نورمالسىز ئۇرۇقنىڭ نىسبىتى يۇقۇرى بولغاندا.
3.    ئايالنىڭ تۇخىمىنىڭ سۈپۈتى تۆۋەن بولغاندا.
4.   ئايالنىڭ بالا ياتقۇسىدىكى بەزى نورمالسىزلىق تۈپەيلىدىن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالا ياتقۇ ئىچىدە ئورۇنلاشقان ئورنىنىڭ مۇھاپىق بولماسلىقى.
5.    ئايال ئىغىر ئاياق (ھامىلە) بولغان مەزگىلدە بولۇپمۇ دەسلەپكى 3 ئاي ئىچىدە تۆرەلمىگە زىيانلىق بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا، ياكى دىخانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەلىك دورىلار ۋە زەھەرلىك دورىلار بىلەن ئۇچۇراشقاندا.
6.   ئايال ئىغىر ئاياق بولغان مەزگىلدە بولۇپمۇ دەسلەپكى 3 ئاي ئىچىدە بەزى كىسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، بولۇپمۇ ۋىرۇسقا يۇقۇملۇنۇپ قالغاندا.
7.    ئايال ئىغىر ئاياق بولغان مەزگىلدە بولۇپمۇ دەسلەپكى 3 ئاي ئىچىدە تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش، ياكى شۇنداق بۇلغانغان مۇھىت بىلەن ئۇچۇراشقاندا.
8.   ئايال ئىغىراياق بولغان مەزگىلدە رادىياكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچۇراشقاندا.
9.    ئەر ياكى ئايال تۇغۇتنى چەكلەش دورىسى ئىشلىتىۋىتىپ ھامىلە بولۇپ قالغاندا، ياكى ئايال ئىغىراياق بولغاننى بىلمەي داۋاملىق تۇغۇت چەكلەش دوسىنى ئىشلەتكەندە.
10. ئايال ئىغىر ئاياق بولغان مەزگىلدە ئوزۇقلۇق ياخشى بولمىغاندا ياكى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىغى نورمال بولمىغاندا.
11.  جىنسى يۇقۇملۇق كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا.
12. نەشە، خىرويىن قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا.

تۇغۇت جەريانىدا بوۋاقنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

تۇغۇت جەريانىدا يۈز بىرىش ئىھتىمالى ئەڭ يۇقۇرى بولغان يامان ئەھۋال، بالا ياتقۇ سۈيى بالدۇر چىقىپ كىتىپ، تولغاق يىتەرلىك بولماي، بالىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاختى ئۇزۇراپ كىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، ۋە مىڭە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زەخمىگە ئۇچۇراش.

بالا، بالا ياتقۇ ئىچىدە سۇ ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۆپكىسى تىخى ئىچىلمىغان بولغاچقا، بىلىققا ئوخشاش سۇدىن ئوكسىگىن ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىدۇ. بالا ياتقۇدىكى سۇ تىشىلگەندىن كىيىن، بالىنىڭ تۇغۇلىشى بەك كەينىگە سوزۇلماسلىقى كىرەك.

ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بالا تۇغۇلۇپ، تۇنجى يىغىسى بىلەن ئۆپكىسى ئىچىلىشى، نورمال ھاۋادىن ئوكسىگىن قوبۇل قىلىشى كىرەك. ئەگەر سۇ ئىقىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، تۇغۇلۇش ۋاختى سوزۇلۇپ كەتسە، ۋە ياكى بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ۋاختىدا يىغلىمىسا، يەنى ئۆپكىسى ئىچىلمىسا، بالىدا ئوكسىگىن كەملىك يۈز بىرىپ، مىڭە زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ.

ئەگەر بالا تۇغۇلۇش جەريانىدا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك يۈز بەرسە ئۇنىڭ يەڭگىل ۋە ئىغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، تۆۋەندىكى يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن.
1.    ئەقىل پارسەت تەسىرگە ئۇچۇراش، ئۈگۈنۈش قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇش. بۇ خىل ئەھۋال بالا بىر ئككى ياشتىن ئاشقاندا، ھەتتە مەكتەپ يىشىغا بارغاندا ئاندىن بايقىلىدىغان بولغاچقا، تۇغۇت جەريانىدا يۈز بەرگەن بەزى يامان ئەھۋاللار بىلەن بىۋاستە باغلاش قىيىن، بىراق بۇ تەتقىتقاتلار ئارقىلىق ئىسپانلانغان ھەقىقەتتۇر.
2.   تۇتقاقلىق كىسەل
3.    مىڭە پالەج كىسىلى: بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ بالا تۇغۇلغان ھامان بايقاش ئاسان ئەمەس. بالىنىڭ ئۆمۈلىشى، ئولتۇرۇشى ۋە مىڭىشى باشلانغاندا ئاندىن بارا بارا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بالىلار مەيلى تۇغما كىسەل سەۋەبىدىن بولسۇن، ۋە ياكى تۇغۇت جەريانىدا مىڭىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زەخمىلىنىپ پەيدا بولغان كىسەللىك بولسۇن، مىڭە ۋە نىرۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللەرگە نىسبەتەن ھازىرچە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش يوق، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئىلىش بەكلا مۇھىم.
ئايال ھامىلە بولالماسلىق ۋە ياكى بالىلىق بولالماسلىق

ئاياللار ھامىلە بولالماسلىقنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى پەقەتلا روھى ھالەت ۋە كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن، يەنى بەزىلىرى ئەر ياكى ئاياللاردا ۋە ياكى ھەر ئككىلىسىدە مەۋجۇت بولغان بەزى كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولۇشى مۈمكىن.
بەزى سەۋەپلەردىن بولغان تۇغماسلىق ئەگەر سەۋەبى ئىنىق بولسا، ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەزى مۇناسىۋەتلىك داۋالاشلارنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئايال قايتىدىن ھامىلە بولالىشى مۈمكىن. يەنە بەزى بىر سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىقنى ھازىر مەۋجۇت بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە تەخنىكىسى بىلەن داۋالاش قىيىن.

ئايال ھامىلە بولالمىغاندا ئۇنىڭ ئەرلىك تۇغماسلىق سەۋەبىدىن ھامىلە بولالماسلىق بىلەن ئاياللىق تۇغماسلىق سەۋەبىدىن ھامىلە بولالماسلىقنىڭ نىسبىتى ئاساسەن ئوخشاش.

ئاياللارنىڭ ھامىلە بولالمىغاندا 30% ئىھتىماللىق ئەرلىك تۇغماسلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئوخشاشلا يەنە 30% ئىھتىماللىق ئاياللىق تۇغماسلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ تەخمىنەن 10% ئىختىماللىق ئەر ئايال ھەر ئككىلا تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. قالغان 30% تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ئىنىق ئەمەس، ياكى ھازىرچە ھەۋىيەدە تەكشۈرۈپ چىققىدەك ئىنىق سەۋەبى يوق.

ئەرلىك تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر

1. ئۇرۇقنىڭ نورمالسىزلىقى؛ يەنى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇقنىڭ سانى، سۈپىتى، ھەركىتى، شەكلى زەخمىگە ئۇچۇرغانلىقتىن كىلىپ چىققان تۇغمالىق؛


2. ئۇرۇق يوللىرىدا توسالغۇ بولغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىق؛
3. جىنسى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ئۇرۇق نىشانغا يىتىپ بارالماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىق.
4. روھى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىق؛
5. ھازىرقى سەۋىيەدە تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش قىيىن بولغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋە ياكى ئىنىق بولمىغان سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان تۇغمالسلىق.

ئاياللىق تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر

1. تۇخۇمنىڭ نورمالسىزلىقى؛ يەنى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇخۇمنىڭ شەكلى، سۈپىتى زەخمىگە ئۇچۇرغانلىقتىن، ياكى تۇخۇم ئاجىرتىلىپ چىقماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغمالىق؛
2. بالا ياتقۇ ۋە تۇخۇم نەيچىسىدە ھەر خىل بىنورماللىق بولغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىق؛
3. داس سوڭەك ۋە بالا ياتقۇ ئەتىراپىدىكى بىرنورماللىق، ۋە ياللۇغدىن تارتۇق شەكىلنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىىققان تۇغماسلىق.
4. روھى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىق؛


5. ھازىرقى سەۋىيەدە تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش قىيىن بولغان ياكى ئىنىق بولمىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان تۇغمالسلىق.

1 comment:

  1. How To Play Baccarat For Free - Fair Baccarat Online Casinos
    The basic concept of the game is a game 인카지노 where you play against various dealers. The game is played with real money and is febcasino the subject of much debate in the deccasino

    ReplyDelete