Blog Archive

Saturday, April 21, 2018

باكتىريە ۋە ئاتىبىئوتىك


باكتىريە ۋە باكتىريەگە قارشى دورا ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە


مەمەت ئىمىن


باكتىريە دىگىنىمىز يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مىكرو جانلىق بولۇپ، ھازىر دۇنيادا زادى قانچە خىل باكتىريە بار؟ بۇنىڭغا ئىنىق جاۋاپ بىرىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق ھازىر ئىنىق بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ھەر بىر گىرام تۇپراق تەركىۋىدە تەخمىنەن 40 مىلىيۇن باكتىريە بار ئىكەن. ئىغىرلىقى  70 كىلوگىرام كىلىدىغان بىر ئادەم بەدىنى تەخمىنەن 30 تىرىلىيۇن ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق  ئادەم بەدىنىدە يەنە 39  تىرىلىيۇن باكتىريە  ياشايدىكەن.

باكتىريە ئادەتتە ئۇنىڭ پايدا- زىيىنىغا ئاساسەن پايدىلىق باكتىريە، زىيانلىق باكتىريە (يەنى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە) ۋە ئادەتتە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، پەقەت مەلۇم شارايىت ئاستىدىلا كىسەل پەيدا قىلىدىغان شەرىتلىك كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دەپ ئۇچ خىلغا ئايرىلىدۇ.

پايدىلىق باكتىريە دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان باكتىريەلەرنى كوزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر خىمىرتۇرۇچ، ئاچچىق سۇ، قىتىق قاتارلىق مەسۇلاتلارنى ياساشتا شۇ پايدىلىق باكتىريەلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدۇ.

نورمال ئادەم بەدىنىدىمۇ، ئىغىز بوشلۇقىدىن تارتىپ تاكى تەرەت يوللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن پايدىلىق باكتىريەلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىكى تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسەللىككە تاقابىل تۇرۇش كۇچىنى ئاشۇرىدىغان، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.

زىيانلىق باكتىريە ياكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت بولمايدىغان، ئادەم بەدىنىگە كىرگەن ھامان، ئادەم بەدىنىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ، بەدەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كوزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە باكتىريە دىگەندە كىشىلەر كوپۇنچە ئەھۋالدا مۇشۇ خىلدىكى باكتىريەلەرنى كوزدە تۇتىدۇ.

شەرىتلىك كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ياكى ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىدا كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، شاراھىت ئوزگەرگەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كوزدە تۇتىدۇ. مەسىلەن ھەزىم قىلىش يولىدىكى بەزى باكتىريەلەر ھەزىم قىلىش يولىدا كىسەل پەيدا قىلماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ باكتىريەلەر سۇدۇك يولىغا كىرسە، ئۇ يەردە كىسەل پەيدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا كىشىلەر باكتىريەگە قارشى دورىلارنى (ئانتىبىئوتىك) نى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، يەنى كىسىل پەيدا قىلغۇچى باكتىريەگە قاراپ باكتىريەگە قارشى دورا (.انتىبىئوتىك) تاللىماي، خالىغانچە باكتىريەگە قاراپ باكتىريەگە قارشى دورا (ئانتىبىئوتىك) ئىشلەتكەندە، بۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار ئادەم بەدىنىدىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىرلەرنى ئولتۇرگەندىن سىرىت، بەدەندىكى بەزى نورمال يەنى پايدىلىق باكتىريەلەرنىمۇ ئولتۇرۋىتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى نورمال باكتىريەلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئەسلىدە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان بەزى باكتىريەلەر ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇلارنىمۇ شەرتلىك كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ھازىر ئىنسانلار تونۇپ يەتكەن ۋە كۈندۈلۈك تۇمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغەن باكتىريەلەرنى شەكلىگە ئاساسەن توۋەندىكى بىر نەچچە تۇرگە ئايرىش مۇمكىن.
تاياقچىسىمان باكتىريە، شارسىمان باكتىريە  (ئۈزۈمسىمان باكتىريە ، زەنجىرسىمان باكتىريە) ۋە مۇكاسىمان باكتىريە.
 
ئوخشىمىغان تۇردىكى باكتىريەلەرگە ئىشلىتىلدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئانتىبئوتىك) نىڭ تۈرلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. مەلۇم باكتىريە بىلەن يۇقۇملۇنۇپ كىسەل بولغاندا ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلەتمىگەندە، دورىنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. قارغۇلارچە باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلىتىش ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلىتىش ھىساپلىندۇ.

شۇڭا باكتىريەگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك. باكتىريەدىن كىلىپ چىقمىغان كىسەلگە يەنى بولۇپمۇ زۇكام قاتارلىق ۋىرۇستىن كىلىپ چىققان كىسەللەرگە نىسبەتەن ھەرگۇزمۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئانتىبىئوتىك) نى ئىشلەتمەڭ. باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئانتىبىئوتىك) نى ئىشلىتىشكە توغۇرا كەلگەندە ئەڭ موھىمى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريەگە ئەڭ مۇئاپىق كىلىدىغان ئاتىبىئوتىكنى تاللاپ ئىشلىتىڭ. ئاتىبىئوتىكنى بەك ئۇزۇن ۋە ياكى بەك قىسقا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.

ھەرقانداق ئانتىبىئوتىكنى ئۈچ كۈن ئىشلەتكەندىن كىيىن ئۈنۈم قىلغان قىلمىغانلىقى ئىنىڭ بولىدۇ. ئەگەر پەقەت پايدا قىلمىسا، ئۇندىن ئارتۇق ئىشلەتكەننىڭ كۆپ ئەھمىيىتى يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا ئانتىبىئوتىك ئالماشتۇرۇش كىرەك. ئەگەر پايدا قىلغان بولسا، بۇ خىلدىكى ئاتىبىئوتىكنى كىسەل ئالامەتلىرى تامامەن يوقىغاندىن كىيىن، دورىنى دەرھال توختاتماي،  كەم دىگەندە يەنە ئۈچ كۈن ئىشلىتىش زۆرۈرۈ.

ئادەتتە ئادەم مەلۇم باكتىريە سەۋەبىدىن كىسەل بولۇپ قالغاندا، ئۈنۈملۈك ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىش ئارقىلىق كىسەل پەيدا قىلغان باكتىريەنىڭ 80 - 90% ئۆلگەندە، كىسەل ئالامىتى ئاساسەن تۈگەيدۇ، بىراق باكتىريەنىڭ 10- 20% يەنىلا مەۋجۇت. بۇ خىل ئەچۋال ئاستىدە ئاتىبىئوتىك دەرھال توختىتىلسا، قالغان باكتىريەلەر قايتىدىن كۆپىيىپ كىسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، ھەم كىيىن كۆپەيگەن باكتىريەلەر باشتا ئىشلەتكەن ئانتىبىئوتىكنى تونۇپ قالغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارشى كۈچ يىتىلدۈرىۋىلىشى، ۋە شۇ سەۋەپتىن ئوخشاش ئانتىبىئوتىك كىيىن ئانچە ئۈنۈم بەرمەسلىكى مۈمكىن. شۇقا ئانتىبىئوتىك ئىشلەتكەندە يالغۇز كىسەل ئالامىتىنىڭ يوق بولۇشىغىلا ئەمەس، بەلكى بەدەندە كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريەلەرنى تەل تۆكۈس يوق قىلىشقا كاپالەت قىلىش كىرەك. بولمىسا بەدەندە كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريەلەر ئاسانلا ئانتىبىئوتىكقا قارشى تۇرىدىغان كۈچ پەيدا قىلىۋالىدۇ. بۇ يالغۇز كىسەل بولغۇچىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇھىتقىمۇ ياخشى ئەمەس، يەنى بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتا  ئانتىبىئوتىكقا قارشى باكتىريەلەر كۆپىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان ئانتىبىئوتىكقا قارشى باكتىريەلەر ئوتۇرغا چىقماقتا.  10-15 يىل بۇرۇن شۇنداق ئۈنۈم بىرىدىغان بەزى ئانتىبىئوتىكلار ھازىر ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭدا ئانتىبىئوتىكنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلەرنىڭ بىۋاستە مەسئۇليىتى بار.

باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن.

1. بەدەندىكى نورمال باكتىريە تەڭپۇڭلىقغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ۋە ياكى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قالايمىغان قىلىپ، مەلۇم شەرىت ئاستىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.
2. باكتىريەلەرنىڭ باكتىريەگە قارشى دورا (ئانتىبىئوتىك) غا قارشى تۇرۇش كۈچىنى يىتىلدۈرىۋىلىشىگە سەۋەپ بولىشى مۈمكىن. يەنى  باكتىريەگە قارشى دورا (ئانتىبىئوتىك) تەسىر قىلمايدىغان باكتىريەلەر  كۆپىيىشى مۈمكىن. ئەگەر شۇنداق بولغاندا ھازىر داۋالىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئادەتتىكى كىسەللەرمۇ داۋالىغىلى بولمايدىغان كىسەلگە ئايلىنىپ قىلىشى مۈمكىن.
3. ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىنورمال سىمىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۈمكىن.
4.  جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەدەندە بەزى زىيان زەخمەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن.
5. بەزى راك كىسىلىنڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن.


No comments:

Post a Comment