Blog Archive

Sunday, May 1, 2016

باش ئاغرىش

باش ئاغرىش

مەمەت ئىمىن

باش ئاغرىش كۈندۈلۈك تۇرمىشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان  بىر خىل كىسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئەزەلدىن بىشى ئاغرىپ باقمىغان ئىنسان بەلكىم بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەپەلەرگە ئاساسەن باش ئاغرىشنىڭ تۈرى ۋە ئىغىر يەڭگىللىكى  ئوخشاش .بولمايدۇ

باش ئاغرىشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەر

1. ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان باش ئاغرىش روھى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك باش ئاغرىش بولۇپ، جىددىلىشىش، ئاچچىقلىنىش، قاتتىق غەم ئەندىشىگە چۈشۈش، كۆڭلى يىرىم بولۇش، ياخشى ياكى يىتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق  قاتارلىق سەۋەپلەر ئاسانلا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشنى ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ دورا ئىشلەتمەي، ياخشى ئارام ئىلىش ۋە كەيپىياتنى ياخشىلاش ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرەك.

2. بىشىنىڭ يىرىم ۋە ياكى بىر قىسمى ئاغرىش
بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان بىر خىل باش ئاغرىش بولۇپ، بۇ خىل باش ئاغرىش بەزىدە ئالاھىدە ئىغىر بولىدۇ ۋە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدۇ. ھازىرغا قەدەر بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ تىخى ئانچە ئىنىق ئەمەس بولۇپ، داۋالاشتىمۇ باش ئاغرىشنى توختۇتىدىغان دورا ئىشلىتىشتىن باشقا ئالاھىدە شىپالىق بىر داۋالاش ئۇسۇلى يوق.

3. زۇكام سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. ئادەم زۇكام بولغاندا بۇرۇن تۆشۈكچىلىرىنىڭ پۈتۈپ قىلىشى سەۋەبىدىن قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچۇراپ، مىڭە بوشلۇقىنىڭ بىسىمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ۋە مەلۇم دەرىجىدە باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە بەك قاتتىق بولمايدۇ. زۇكامنىڭ ساقىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشمۇ ئۆزلىگىدىن يوقاپ كىتىدۇ.

4. نىرۋا خاراكتىرلىك باش ئاغرىش. بۇ خىل باش ئاغرىش نىرۋىنىڭ بىسىلىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئاغرىش كۆپۈنچە يۈزىدىن باشلىنىدۇ.

5. يۇقۇرى قان بىسىمى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. ئادەتتە يۇقۇرى قان بىسىمى ئاستا خارەكتىرلىك كىسەل بولغىنى يەنە قان بىسىمىنىڭ يۇقۇرلاش جەريانى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاستا بىر جەريان بولغانلىقى ئۇچۇن، نورمالدا ئالاھىدە باش ئاغرىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بىراق قان بىسىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ كەتكەندە، قاتتىق باش ئاغرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىشقا ئادەتتە ياندۇرغۇسى كىلىش، ياندۇرۇش، بىشى قىيىش، كۆزى تورلۇشۇش دىگەندەك ئەگەشمە ئالامەتلەر ھەمرا بولىدۇ.

6. مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشتا ئادەتتە ئۇشتۇمتۇت كۆزى قاراڭغۇلۇشىش، بىشى قىيىش، سۆز قىلالماسلىق، خاتىرسىنى يوقۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىرگە كۆرىلىدۇ.

7. مىڭە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش، يەنى مىڭىدە ئۆسمە بولغاندا مىڭەنىڭ بىسىمى يۇقۇرلاپ كىتىپ، باش ئاغرىش، ياندۇرغۇسى كىلىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە يىشى چوڭلاردا كۆپ ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، باش ئاغرىش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدىرىجى تەرەققى قىلىدۇ، ھەم باش قاتتىق ئاغرىغاندا كۆڭلى ئىلىشىش ۋە قۇسۇشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

8. مىڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىدىغان ۋە تەدىرىجى ئىغىرلىشىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا كۆڭلى ئىلىشىش، ياندۇرغۇسى كىلىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلىك بىرگە كۆرىلىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىشنىڭ قوزغۇلۇشى ئۇشتۇمتۇت، تەرەققىياتى تىز بولىدۇ، ئاخىردا يىقىلىپ چۈشۈش ۋە ھۇشىدىن كىتىشكە تەرەققى قىلىدۇ.

9. مىڭە ياللۇغى ۋە مىڭە پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن بولۇپمۇ مىڭە يىرىڭلىق ئىشىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشتا ئادەتتە باشقا ياللۇغلىنىشتا بولىدىغان قىززىش، تىتىرەش، كۆڭلى ئىلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى بىرگە بولىدۇ.

10. جىنسى مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن باش ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە جىنسى  مۇناسىۋەتكە ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر سەۋەبى تىخى ئىنىق ئەمەس.

باش ئاغرىشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە داۋالاش

باش ئاغىرىش يالغۇز كوپ ئۇچۇرايدىغان ئادەتتىكى كىسەللىكلەرنىڭ كىسەل ئالامىتى بولۇپ قالامستىن يەنە بەزى بىر ئىغىر تىپتىكى خەتەرلىك كىسەللىكلەرنىڭ باشلىنىش سىگىنالىدۇر. شۇڭا باش ئاغرىغاندا ھەرگۈز سەل قارىماسلىق، بەزى ئىغىر كىسەللىكلەرنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۇرمەي تۇرۇپ ئالدىراپ ئاغرىق پەسەيتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك، بولمىسا كىسەلنى يوشۇرساڭ ئولۇم ئاشكارە دىگەندەك، بەزى خەتەرلىك كىسەللەرنى داۋالايدىغان ئەڭ مۇھىم پۇرسەت قولدىن كىتىپ قىلىپ، ئىغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئىغىر تىپتىكى باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغاندا ۋە ياكى ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان قاتتىق باش ئاغرىش بىلەن بىرگە كۆڭلى ئىلىشىش، ياندۇرۇش، قۇسۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا بىرىپ تەپسىلە تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش كىرەك. بولۇپمۇ يۇقۇرى قان بىسىمى، مىڭىگە قان چۈشۈش ۋە ياكى مىڭە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىشتىن ئىھتىيات قىلىش كىرەك. بۇ تۈردىكى كىسەللىكلەر قانچە بۇرۇن ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇلۇپ، قانچە بۇرۇن مۇھاپىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا ئۈنىمى 
شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

باشقا تۈردىكى باش ئاغرىشنىمۇ باش ئاغرىشنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دوختۇرغا بىرىپ مۇھاپىق 
تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇش ۋە بەزى داۋالاش ئىمكانىيىتى بولغان ئىغىر تىپتىكى باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىكلەرنىڭ داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق كىرەك.


تەكشۈرۈپ دىياگۇنۇز ئىنىق بولغاندىن كىيىن باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرگە ئاساسەن مۇھاپىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك. باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ ئىنىقلانسا، ئامال بار ئۇ سەۋەپلەردىن ساقلىنىش، ئەگەر سەۋەپ ئىنىق ئەمەس، بىراق ئىغىر تىپتىكى باشقا كىسەللىكلەر بولمىغاندا، مۇھاپىق باش ئاغرىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە دورىغا خۇمار بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش، ئامال بار كەيپىياتنى تەڭشەش، كۆڭەل ئاچىدىغان پالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش، جىددىلەشمەسلىك، بەك ئاچىقلانماسلىق، ھەم ئاسان قايغۇرۇپ كىتىشتىن ساقلىنىش، بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋە ئاكىتىپ تۇرمۇش كەيپىياتىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، باش ئاغرىشتىن تەدىرىجى قۇتۇلۇش كىرەك.

Bash aghrish

Bash aghrish

Memet Emin

Bash aghrish kunduluk turmishimizda eng kop uchuraydighan bir xil kisellik alamiti bolup, ezeldin bishi aghrip baqmighan insan belkim bolmisa kirek. Undaqta bash aghrishning sewebi zadi nime? Bash aghrishni kelturup chiqarghuchi sewepelerge asasen bash aghrishning turi we ighir yenggilliki  oxshash bolmaydu.

Bash aghrishning turliri we uni kelturup chiqarghan sewepler

1.     Eng kop uchuraydighan bash aghrish rohi keypiyat bilen munasiwetlik bash aghrish bolup, jiddilishish, achchiqlinish, qattiq ghem endishige chushush, kongli yirim bolush, yaxshi yaki yiterlik uxliyalmasliq  qatarliq sewepler asanla bash aghrishni kelturup chiqiridu. Bu xildiki bash aghrishqa eng yaxshisi aldirap dora ishletmey, yaxshi aram ilish we keypiyatni yaxshilash arqiliq hel qilish kirek.
2.     Bishining yirim we yaki bir qismi aghrish migraine 偏头痛)mu eng kop uchuraydighan bir xil bash aghrish bolup, bezide aghriq alahide ighir bolidu we uzun mezgil dawamlishidu. Hazirgha qeder bu xildiki bash aghrishni kelturup chiqarghan sewep tixi anche iniq emes bolup, dawalashtimu bash aghrishni toxtutidighan dora ishlitishtin bashqa alahide shipaliq bir dawalash usuli yoq.
3.     Zukam sewebidin kilip chiqqan bash aghrish. Adem zukam bolghanda burun toshukchilirining putup qilishi sewebidin qan aylinish tosalghugha uchurap, minge boshluqining bisimigha tesir yetkuzidu, we melum derijide bash aghrishni kelturup chiqiridu. Bu xildiki bash aghrish adette bek qattiq bolmaydu. Zukamning saqiyishigha egiship bu xildiki bash aghrishmu ozligidin yoqap kitidu.
4.     Nirwa xaraktirlik bash aghrish (三叉神经痛). Bu xil bash aghrish nirwining bisilishi sewebidin kilip chiqqan bolup, aghrish kopunche yuzidin bashlinidu.
5.     Yuquri qan bisimi sewebidin kilip chiqqan bash aghrish. Adette yuquri qan bisimi asta xarektirlik kisel bolghini yene qan bisimining yuqurlash jeryani uzun muddetlik asta bir jeryan bolghanliqi uchun, normalda alahide bash aghriq kelturup chiqarmaydu, biraq qan bisimi qisqa waqit ichide ushtumtut orlep ketkende, qattiq bash aghrishni kelturup chiqiridu. Bu xil bash aghrishqa adette yandurghusi kilish, yandurush, bishi qiyish, kozi torlushush digendek egeshme alametler hemra bolidu.
6.     Mingige qan yitishmeslik sewebidin kilip chiqqan bash aghrish. Bu xildiki bash aghrishta adette ushtumtut kozi qarangghulushish, bishi qiyish, soz qilalmasliq, xatirsini yoqutush qatarliq alametler birge korilidu.
7.     Minge osmisi sewebidin kilip chiqqan bash aghrish, yeni mingide osme bolghanda mingening bisimi yuqurlap kitip, bash aghrish, yandurghusi kilish qatarliq kisellik alametlirini kelturup chiqiridu. Bu xildiki bash aghrish adette yishi chonglarda kop uchuraydighan bolup, bash aghrish waqitning otushige egiship tediriji tereqqi qilidu, hem bash qattiq aghrighanda kongli ilishish we qusushtek alametler bolidu.
8.     Mingige qan chushush sewebidin kilip chiqqan bash aghrish. Bu xildiki bash aghrish ushtumtut qozghilidighan we tediriji ighirlishidighan alahidilikke ige bolup, kopunche ehwalda kongli ilishish, yandurghusi kilish, qusush qatarliq alametlik birge korilidu. Bu xil bash aghrishning qozghulushi ushtumtut, tereqqiyati tiz bolidu, axirda yiqilip chushush we hushidin kitishke tereqqi qilidu.
9.     Minge yallughi we minge perde yallughi sewebidin bolupmu minge yiringliq ishiq sewebidin kilip chiqqan bash aghrish. Bu xildiki bash aghrishta adette bashqa yallughlinishta bolidighan qizzish, titiresh, kongli ilishish, yandurush qatarliq kisellik alametliri birge bolidu.
10.            Jinsi munasiwet sewebidin bash aghrish. Bu xildiki bash aghrish adette jinsi  munasiwetke egiship peyda bolidighan bolup, hazirgha qeder sewebi tixi iniq emes.

Bash aghrishni bir terep qilish we dawalash

Bash aghirish yalghuz kop uchuraydighan adettiki kiselliklerning kisel alamiti bolup qalamstin yene bezi bir ighir tiptiki xeterlik kiselliklerning bashlinish siginalidur. Shunga bash aghrighanda herguz sel qarimasliq, bezi ighir kiselliklerning yoqliqini jezimleshturmey turup aldirap aghriq peseytidighan dorilarni ishletmeslik kirek, bolmisa kiselni yoshursang olum ashkare digendek, bezi xeterlik kisellerni dawalaydighan eng muhim purset qoldin kitip qilip, ighir aqiwetler kilip chiqishi mumkin.

Uzun muddet dawamlashqan ighir tiptiki bash aghriqigha giriptar bolghanda we yaki ushtumtut qozghalghan qattiq bash aghrish bilen birge kongli ilishish, yandurush, qusushtek alametler korulgende derhal doxturgha birip tepsile tekshurush ilip birish kirek. Bolupmu yuquri qan bisimi, mingige qan chushush we yaki minge osmisi sewebidin kilip chiqqan bash aghrishtin ihtiyat qilish kirek. Bu turdiki kisellikler qanche burun iniq diyagunuz qoyulup, qanche burun muhapiq dawalash ilip birilsa unimi shunche yaxshi bolidu.

Bashqa turdiki bash aghrishnimu bash aghrishning kisellik alametlirige asasen doxturgha birip muhapiq tekshurush ilip birish arqiliq aldi bilen iniq diyagunuz qoyush we bezi dawalash imkaniyiti bolghan ighir tiptiki bash aghrishni kelturup chiqarghan kiselliklerning dawalash pursitini qoldin birip qoymasliq kirek.

Tekshurup diyagunuz iniq bolghandin kiyin bash aghrishni kelturup chiqarghan seweplerge asasen muhapiq dawalash ilip birish kirek. Bash aghrishni kelturup chiqarghan sewep iniqlansa, amal bar u seweplerdin saqlinish, eger sewep iniq emes, biraq ighir tiptiki bashqa kisellikler bolmighanda, muhapiq bash aghriq dorilirini ishlitish bilen birge dorigha xumar bop qilishtin saqlinish, amal bar keypiyatni tengshesh, kongel achidighan paliyetlerge koprek qatnishish, jiddileshmeslik, bek achiqlanmasliq, hem asan qayghurup kitishtin saqlinish, beden chiniqturush we akitip turmush keypiyatini turghuzush arqiliq, bash aghrishtin tediriji qutulush kirek.


Thursday, April 21, 2016

جۆيلۈش

  (جۆيلۈش (ئۇخلاۋىتىپ گەپ قىلىش

 مەمەت ئىمىن

جۆيلۈش دىگىنىمىز ئۇخلاۋىتىپ ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلەش بولۇپ، سۆزلىگەن سۆزلەر بەزىدە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، مەلۇم مەزمۇننى ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، بەزىدە ئالدى كەينى ئۆز ئارا باغلاشمايدىغان، مەزمۇنى چۈشۈنىكسىز بولىدۇ. جۆيلۈش ئۆسۈپ يىتىلىۋاتغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۆيلۈش ئەھۋالى بارا بارا ئازلايدۇ. نورمالدا بالاغەتكە يەتكەنلەر ئىچىدە جۆيلۈش ئەھۋالى ئۇنچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.

ئادەم نىمە سەۋەپتىن جۆيلىدۇ؟ ھازىرغا قەدەر جۆيلۈشنىڭ سەۋەپى توغۇرسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراڭ ئۇ بىر مۈرەككەپ جەريان بولغاچقا، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرمۇ ھەر خىل، بەزىلەرىنىڭ سەۋىپىنى بىلىش مۈمكىن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ سەۋەپىنى بىلىش مۈمكىن ئەمەس. جۆيلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى سەۋەپ ۋە ئامىللارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە يىقىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. روھى ئامىللار: قورقۇش، جىددىلىشىش، ئەندىشە قىلىش، ئۈمۈتسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش؛
2. ھەر خىل ياللۇغلىنىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يۇقۇرى قىززىتما (قىززىتمىسى يۇقۇرلاپ كىتىش)؛
3. ئۇيقا نورمالسىزلىقى، بولۇپمۇ كۆزنى تىز ھەركەتلەندۈرىدىغان ئۇيقا نورمالسىزلىقى، ئۇخلاۋاتغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلى؛
4. بەزى روھى كىسەللىكلەر؛
5. ھاراق ۋە بەزى ناركوز، مەس قىلىش دورىلىرى؛
6. ئىرسى ئامىللار ۋە ئاھىلە مىراسى؛

جۆيلۈش نورمالدا ئەتىرەپتىكىلەرنىڭ  ئۇيقىسىىغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا سالامەتلىككە ئالاھىدە زىيانلىق بولمىغاچقا، بەزى كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان جۆيلۈشكە نىسبەتەن ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا، باشقا جۆيلۈشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەگەر جۆيلۈش ئەھۋالى ئىغىر بولسا ھەم ئۇيقا سۈپىتى ياخشى بولمىسا، كۈندۈزى مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولسا، ئۇيقا ئەھۋالىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، مۇنسىۋەتلىك ئۇيقا نورمالسىزلىقى بايقالسا، شۇنىڭغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بىرىلسا بولىدۇ.

ئەگەر ئالاھىدە باشقا ئەگەشمە ئەھۋاللار بولمىسا، روھى ھالەتنى ياخشىلاش، بەدەن چىنىقتۇرۇش، ئۇيغان سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، خىزمەت ۋە ئارام ئىلىشنى رىتىملىق ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق جۆيلۈش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ. ئالاھىدە دورا يەپ داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم جۆيلۈشنى داۋالايدىغان ئۇنداق بىر دورىمۇ يوق.

Saturday, April 2, 2016

بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟


مەمەت ئىمىن

يىقىندا مەن"بىز ئىچىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دورىلار ھاجەتسىز، نۇرغۇنلىغان داۋالاش كىرەكسىز" دىگەن تىمىدا بىر ماقالا كۆرۈپ، بۇ جەھەتتە ئازراق بىر نەرسە يىزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغۇرا تاپتىم.

بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟ نۇرغۇن دوستلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ بەلكىم "كىسەل بولساق داۋالاتماي نىمە قىلاتتۇق" دەپ ھەيران قىلىشى مۈمكىن. كىسەل بولساق ئەلۋەتتە دوختۇرغا كۆرۈنىمىز، دورا ئىچىمىز، زۆرۈر بولسا ئوپىراتسىيە قىلدۇرىمىز، ھەر خىل تەببىرلەرنى قوللۇنۇپ داۋالىتىمىز. مەسىلە بىز گىرىپتار بولغان ھەرقانداق كىسەلگە نىسبەتەن ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ، بىرىلگەن دورىلارنىڭ، ئىلىپ بىرىلغان داۋالاشلارنىڭ ھەممىسى زورۇرمۇ؟ بۇلارنى قوللانمىغاندا ھىچقانداق بىر كىسەل ياىشى بولماسمۇ؟ جاۋاپ ئەلۋەتتە "ئۇنداق ئەمەس".  مەسىلەن بىز زۇكام بولغاندا ھىچقانداق دورا ئىچمەي ساقىيالايمىز، بىراق بىز زۇكام بولۇپ دوختۇرغا بارساق، دوختۇر ھەرگۈزمۇ بىزنى قۇرۇق قول يولغا سىلىپ قويمايدۇ. ئەمىلىيەتتە دوختۇرنىڭ زۇكام ئۈچۈن بەرگەن دورىسى ھەقىقەتەن زورۇرمۇ؟ زۇكامنىڭ ساقىيىشى دورىنىڭ كۈچىدىنمۇ ۋە ياكى بەدەننىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىدىنمۇ،  يەنى زۇكامنىڭ ساقىدىغان ۋاقتى سائەتى كەلگەنلىكتىنمۇ؟ بىز نورمالدا بۇ مەسىلىلەرنى بەك سۈرۈشتە قىلىپ كەتمەيمىز.

ئۇ ماقالىدا ھازىر تىببى ساھادە ئىلىپ بىرىلۋاتقان نۇرغۇنلىغان تەكشۇرۇشلەرنىڭ، نۇرغۇنلىغان دورىلارنىڭ، ھەتتا نۇرغۇنلىغان ئوپىراتسىيەلەرنىڭ پۇتۇنلەي ھاجەتسىز ئىكەنلىگىنى، نۇرغۇنلىغان داۋالاش جەريانىدا بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلنىڭ داۋالاش سەۋەبىدىن ساقايغان ۋە ياكى بىمارنىڭ ئۆز  بەدىنىدىكى كىسەلگە تاقابىل تۈرۈش كۈچىنىڭ سەۋەبىدىن ساقايغانلىغىنى پەرىق ئىتىشتە قىيىنچىلىقنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئەمىلىيەتتە بىز گىرىپتار بولغان نۇرغۇن ئۇششاق كىسەللەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە دورا ئىچىپ داۋالىتىشىمىزنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق. بىز پەقەت كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا ئازراق تەڭشەش ئىلىپ بارساق كۇپايە. نۇرغۇن ئۇششاق كىسەللىكلەر، بەدەن چىنۇقتۇرۇش، ياخشى ئارام ئىلىش، ياخشى ئۇخلاش، كىسەل بولغان مۇھىتنى ئالماشتۇرش، كىسەل پەيدا  قىلغان ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ساقىيىپ كىتىدۇ. نورمال ساغلاملىق تەكشۈرۈشتە تاسادىپى بايقالغان نۇرغۇن بىنورماللىق بەلكىم بىر ئۆمۈر بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ، ھىچقانداق يامان ئاقىۋەت كەلتۇرمەسلىكى مۇمكىن.

بىزنىڭ بەدىنىمىز ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرىدۇ، بىراق بىز ئۇنىڭلىق بىلەن ھەر كۈنى كىسەل بولۇپ تۇرمايمىز. بەزىلىرىمىز كۆپ كىسەل بولىمىز، بەزىلىرىمىز يىللاپ كىسەل بولمايمىز، ھەتتا بەزىلىرىمىز  بىر ئۆمۈر كىسەل بولمايمىز، كەم دىگەندە ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئالاھىدە ئىغىر كىسەل بولمايمىز. بەزىلىرىمىز دورىنى تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىپ تۇرساقمۇ، يەنە كىسەلدىن قۇتۇلالمايمىز، يەنە بەزىلىرىمىز بەزى كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا، ھىچقانداق دورا ئىشلەتمەيمۇ ئۆزلىگىمىزدىن ساقىيىپ كىتىمىز. سەۋەپ، بەدىنىمىزنىڭ كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش، ۋە ئۆز ئۆزىنى رىمىنۇت قىلىش، داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا. بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، بەزىلىرىمىزنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدا. بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىقتىدارى ياخشى قوغدالغان، ۋە تولۇق جارە قىلدۇرۇلغان بولسا، بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن تەڭپۇڭلىقىنى يوقتۇپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىدە.

ئۇنداقتا  قايسى كىسەللەرگە دورا ئىشلىتىش، قانداق كىسەللەرنى ئوپىراتسىيە قىلىش، ۋە قايسى كىسەللەرگە نىسبەتەن ھىچقانداق داۋالاش ئىلىپ بارماسلىققا  قانداق ھوكۈم چىقىرىمىز؟

بۇ سۇئالغا بىر ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن جاۋاپ بىرىش قىيىن. بۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئالدى بىلەن، ئۇ دوختۇرنىڭ كەسپى ئەخلاقى بىلەن ئىختىزادى مەنپەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى قانداق ساقلىشىغا باغلىق؛ يەنى دوختۇرلارنىڭ ئىختىزادى كىرىم بىلەن كەسپى ئەھلاقى ئارسىدىكى مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ناھاتى مۇھىم؛ ئەگەر دوختۇر كەسپى ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىسا، ئورۇنسىز تەكشۈرۈلەر بىلەن ئورۇنسز داۋالاشنى ئازلىتىش مۈمكىن ئەمەس.

ئىككىنجىدىن، دوختۇرلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكنىڭ قىممىتىنى يۇقۇرى كوتۇرۇشى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىق؛ بۇ يەردە دىيىلگەن ئەقلى ئەمگەكنىڭ قىممىتى دىگىنىمىزدە بىرەر ماددى نەرسە بىلەن ئىپادىلەنمەيدىغان، دوختۇرنىڭ بىلىم ۋە تەجىربىلىرىگە ئاساسەن چىقارغان ھوكۇم ۋە قارارلىرىنىڭ  قىممىتى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنى  كەڭ خەلىق ئاممىسى قوبۇل قىلىشى ناھايتى مۇھىم. مەسىلەن بىر ئادەم كىسەل بولۇپ قىلىپ دوختۇرغا بارغاندا، ئەگەر دوختۇر ئۆز تەجىربىلىرىگە تايىنىپ، بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلگە توغۇرا ھوكۈم چىقىرىپ، بىمارغا ئەندىشە قىلىغۇدەك چوڭ كىسەل يوقلىقىنى، ھىچقانداق دورا ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ۋە ئۆيگە كىتىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەيتىپ، بىماردىن ھەق ئالماقچى بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمار ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى مۈمكىن. ئەگەر دوختۇر بىمارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىمارغا سالامەتلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى سۆزلەپ، بىرنەچچە يۈز يۇئەنلىك، ھەتتە بىر نەچچە مىڭ يۇئەنلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، ھىچقانداق چوڭ كىسەل چىقمىغاندىن كىيىن، بىمارغا ئەندىشى قىلغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق ئىكەن، ئازراق دورا يىسىڭىز ياخشى بولۇپ كىتىسىز دەپ بىر نەچچە يۇز يۇئەنلىك ھاجىتى يوق دورىلارنى يىزىپ بەرسە، بىمار دوختۇرنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە كۆيۈنگەنلىكىگە كۆپ رەخمەتلەرنى ئەيتىپ رازىلىق بىلەن ئۆز يولىغا كىتىدۇ.  نەتىجىدە بۇ بىمار يالغۇز ئۆز رازىلىقى بىلەن ئارتۇقچە چىقىمدار بولۇپلا  قالماستىن، بەلكى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ۋە زۆرۇر بولمىغان دورىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرايدۇ. چۇنكى كۆپۈنچە تەكشۈرۈش ۋە ھەرقانداق دورىنىڭ ئۇنداق ۋە مۇنداق يامان تەسىرلىرى بار بولۇپ، كىسەل داۋالاشتا زورۇر بولسا، ئۇنىڭ كىسەل داۋالاشتىكى ئۈنىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، يامان تەسىر بىلەن ھىساپلىشىپ كەتمەيمىز، بىراق ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغاندا، ئۇ تەكشۈرۈش ۋە دورىلارنىڭ ئازراق يامان تەسىرىمۇ ئەلۋەتتە زىيان ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر بىز قىممەت قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، دوشتۇرنىڭ ئەقلى ئەمگىكىنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلساق ۋە ياكى ئۇنى قوبۇل قىلساق، يالغۇز زورۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ۋە داۋالشتىن ساقلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىختىزادڭ جەھەتتىمۇ ئۇنداق كۆپ چىقىمدار بولماسلىقىمىز مۈمكىن.

ئۈچۈنجىدىن، دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق. يەنى ساغلاملىق ۋە ھاياتلىق دوغا تىكىدىغان، بۇ قىتىم زىيان تارتسام كىلەر قىتىم پايدا ئالارمەن دەيدىغان نەرسە ئەمەس. قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش، ئوپىراتسىيە قىلىش ھاجەتسىز، قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش ۋە ياكى ئوپىراتسىيە قىلىش زورۇر، ئۇنىڭغا توغۇرا ھوكۇم چىقىرىلمىسا، زىيان تارتقۇچى يەنىلا بىمار بولىدۇ. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، دورا ئىشلىتىش،  زۆرۈر بولمىغان كىسەلگە دورا بىرىش خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، داۋالاش زۆرۈر بولغان كىسەلنى ۋاقتىدا داۋالىماي، داۋالش ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ چويۇشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئوپىراتسىيە قىلمايدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئوپىراتسىيە قىلىدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلماسلىقمۇ خاتا. شۇڭا ھەر بىر كىسەلگە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىپ، زورۈر بولغان داۋالشنى ئىلىپ بىرىش، زورۈز بولمىغان داۋالشتىن ساقلىنىش، ھەم شۇنداقلا داۋالىتىش زۆرۈر بولغان كىسەلنىڭ داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ چويماسلىق  دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق؛

تۆتىنجىدىن، دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشىگە ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىغا باغلىق؛  ئۆز ئارا ئىشەنچ بولمىسا، ۋە ياكى ھەممە ئىشقا گۇمان بىلەن قارالسا، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىنمىسا، بۇ مەسىلە ھەرگۈزمۇ ھەل بولمايدۇ؛

بەشىنجىىدىن، ئاۋام خەلقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرىغا ۋە ئۇنىۋىرسال سەۋىيەسىگە باغلىق؛ ئادەم ئۆز بەدىنىنى بىلىشى، ئوزىنى قانداق قوغداشنى بىلىشى بەكلا زۆرۈر. ئەگەر بىمارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە يىتەرلىك ساۋاتلىرى بولسا، ئۆزى گىرىپتار بولغان كىسەلگە نىسبەتەن ياخشى تونۇشى بولۇشى مۈمكىن؛ دوختۇرغا كىسەل ئەھۋالىنى بايان قىلغاندا ئۆزى گىرىپتا بولغان كىسەلنىڭ جەريانىنى تولۇق ۋە توغۇرا بايان قىلىىپ بىرىشى، كىسەلگە دىياگۇنۇز قويۇش ۋاقتىنى ۋە قىممىتىنى توۋەنلىتىشى مۈمكىن؛ دوختۇرمۇ بۇنداق بىمارلارغا نىسبەتەن خالىغانچە مۇھامىلە قىلماسلىقى، ۋە ئۇلارغا نىسبەتەن بەزى زورۇر بولمىغان تەكشۇرۇشلەرنى ئىلىپ بارماسلىقى مۈمكىن؛

ئالتىنجىدىن، مەسىلە توغۇلغاندا ھەل قىلىش يوللىرىنىڭ مۇكەممەللىشىگە باغلىق؛ مەسىلە توغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئەلۋەتتە مۇھىم؛ مەسىلە تۇغۇلغاندىن كىيىن توغۇرا بىر تەرەپ قىلىشمۇ ناھايتى مۇھىم. بىمارنىڭ ھاياتتى ھورمەتلىنىشى ۋە قوغدۇلىشى كىرەك، شۇنداقلا بىمارنىڭ ھەق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە دوختۇرنىڭ ھەق ھوقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىشى كىرەك؛ مەسىلە كۆرۈلگەندە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن مەنپەت توقۇنىشى بولمىغان، ئۈچۈنجى بىر تەرەپ كۆرۈلگەن مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىدىغان بىر سىستىما بەرپا بولۇشى 
.كىرەك


تىبابەتنىڭ (مەيلى ئۇ غەرىپ تىبابىتى ۋە ياكى يەرلىك تىبابەت بولسۇن) ئىنسانلار  سامەتلىكىگە ئىلىپ كەلگەن پايدا مەنپەتىگە كۆز يۇمۇش مۈمكىن ئامەس. دەل شۇ تىبابەتنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئىلىپ كەلگەن پايدا مەنفەتى تۈپەيلىدىن، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى يۈكسەك دەرىجىدە تۆۋەنلىمەكتە، نۇرغۇن يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ئۈنۈملۈك ئالدى ئىلىنماقتا، بۇرۇن ساقايماس دەپ قارالغان نۇرغۇن كىسەللىكلەر ئۈنۈملۈك ساقايتىلماقتا. مىنىڭ بۇ ماقالامدا تىبابەتنىڭ بۇ توھپىلىرى ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى مەركەز قىلىنغان.

Thursday, February 25, 2016

باكتىريە ۋە باكتىريەگە قارشى دورا ھەققىدە ئىككى ئىغىز پاراڭ

باكتىريە ۋە باكتىريەگە قارشى دورا (ئەنتىبايئوتىكىس) ھەققىدە ئىككى ئىغىز پاراڭ

مەمەت ئىمىن

باكتىريە ئادەتتە ئۇنىڭ پايدا-زىيىنىغا ئاساسەن پايدىلىق باكتىريە ، زىيانلىق باكتىريە (كىسەل پەيداقىلغۇچى باكتىريە) ۋە ئادەتتە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، پەقەت مەلۇم شارايىت ئاستىدىلا  كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريە  دەپ ئۇچ خىلغا ئايرىلىدۇ.

پايدىلىق باكتىريە  دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا  قىلمايدىغان، ئەكسىنچە بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە پايدا يەتكۈزىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر خىمىرتۇرۇچ، ئاچچىق سۇ،  قىتىق قاتارلىق مەسۇلاتلارنى ياساشتا شۇ پايدىلىق باكتىريەلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدۇ.

نورمال ئادەم بەدىنىدە ئغىز بوشلۇقىدىن تارتىپ تاكى تەرەت يوللىرىغىچە بولغان ھەر قايسى ئورگانلاردا نۇرغۇن پايدىلىق باكتىريەلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىكى تەڭپۇڭلىغىنى ساقلىشىغا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.

زىيانلىق باكتىريە  ياكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت بولمايدىغان، ئادەم بەدىنىگە كىرگەن ھامان، ئادەم بەدىنىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ، بەدەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە باكتىريە دىگەندە كىشىلەر كۆپۈنچە ئەھۋالدا مۇشۇ خىلدىكى باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ.

مەلۇم شەرىت ئاستىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريە  دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ياكى ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىدا كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، شاراھىت ئۆزگەرگەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. مەسىلەن ھەزىم قىلىش يولىدىكى بەزى باكتىريەلەر ھەزىم قىلىش يولىدا (ئۈچەيدە) كىسەل پەيدا قىلماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ باكتىريەلەر سۈدۈك يولىغا كىرسە، ئۇ يەردە كىسەل پەيدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا كىشىلەر باكتىريەگە قارشى دورىلارنى (ئەنتىبايئوتىكىس) نى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، بۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار ئادەم بەدىنىدىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىرلەرنى ئۆلتۇرگەندىن سىرىت، بەدەندىكى بەزى نورمال يەنى پايدىلىق باكتىريەلەرنىمۇ ئۆلتۈرۋىتىشى مۈمكىن، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى نورمال باكتىريەلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئەسلىدە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان بەزى باكتىريەلەر ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلىشى ۋە ياكى كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرگە ئايلىنىشى مۈمكىن. بۇ خىلدىكى باكتىريەلەرنىمۇ شەرتلىك كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

دۇنيادا زادى قانچە خىل باكتىريە بار؟ بۇنىڭغا ئىنىق جاۋاپ بىرىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق ھازىر ئىنسانلار تونۇپ يەتكەن ۋە كۈندۈلۈك تۇمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغەن باكتىريەلەرنى شەكلىگە ئاساسەن توۋەندىكى بىر نەچچە تۇرگە ئايرىش مۇمكىن.
تاياقچىسىمان باكتىريە 
(شارسىمان باكتىريە  (ئۈزۈمسىمان باكتىريە ، زەنجىرسىمان باكتىريە 
مۇكاسىمان باكتىريە 

ئوخشىمىغان تۇردىكى باكتىريەلەرگە ئىشلىتىلدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ تۇرلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. مەلۇم باكتىريە بىلەن يۇقۇملۇنۇپ كىسەل بولغاندا ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلەتمىگەندە، دورىنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. قارغۇلارچە باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلىتىش ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلىتىش ھىساپلىندۇ.

باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن.
1. بەدەندىكى نورمال باكتىريە تەڭپۇڭلىقغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ۋە ياكى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قالايمىغان قىلىپ، مەلۇم شەرىت ئاستىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.
2. باكتىريەلەرنىڭ باكتىريەگە قارشى دورا (ئەنتىبايئوتىكىس) غا قارشى تۇرۇش كۈچىنى يىتىلدۈرىۋىلىشىگە سەۋەپ بولىشى مۈمكىن. يەنى  باكتىريەگە قارشى دورا (ئەنتىبايئوتىكىس) تەسىر قىلمايدىغان باكتىريەلەر  كۆپىيىشى مۈمكىن. ئەگەر شۇنداق بولغاندا ھازىر داۋالىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئادەتتىكى كىسەللەرمۇ داۋالىغىلى بولمايدىغان كىسەلگە ئايلىنىپ قىلىشى مۈمكىن.
3. ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىنورمال سىمىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۈمكىن.
4.  جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەدەندە بەزى زىيان زەخمەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن.
5. بەزى راك كىسىلىنڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن.

شۇڭا باكتىريەگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك. باكتىريەدىن كىلىپ چىقمىغان كىسەلگە يەنى بولۇپمۇ زۇكام قاتارلىق ۋىرۇستىن كىلىپ چىققان كىسەللەرگە نىسبەتەن ھەرگۇزمۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس ) نى ئىشلەتمەسلىك كىرەك. باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نى ئىشلىتىشكە توغۇرا كەلگەندە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئككى ھەپتىدىن ئارتۇق ئىشلىتىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كىرەك.

ھازىر جۇڭگودا ھەر يىلى ئىشلىتىلىۋاتقان  باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ ئومۇمى مىقدارى پۈتۈن دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ يىرىمىنى ئىگەلەيدىغان بولۇپ، جۇڭگودا ئادەم بىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ مىقدارى، ئامىركا ۋە ياكى ئەنگىلىيەدىكى ئادەم بىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) نىڭ مىقدارىدىن 5-6 ھەسسە كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس ) بىلەن ھايۋانلار ئىشلىتىدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (ئەنتىبايئوتىكىس) ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئىكەن.

ئەگەر قىززىقسىڭىش تۆۋەندىكى ئۇلانمىلارغا كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ.
شۇڭا ئوزىمىزنى قانداق قوغداشنى بىلىشىمىز بەكلا زۆرۈر.

Sunday, January 31, 2016

Zika kisili we Zika virusi

Zika kisili we Zika virusi

Hazir sehiye saheside xelqarada qizziq nuqta bolghan kisellik zika kisili bolup, bu toghursida Dunya Sehiye Teshkilati jiddi agahlandurushlar ilan qildi.

Zika kisili diginimiz zika virusi bilen yuqumlinishtin kilip chiqqan bir xil yuqumluq kisellik bolup, asasliqi pash chiqish arqiliq yuqidu. Mutleq kop sandiki kishilerde alahide kisel alametliri bolmaydu, bir qisim zika virusi bilen yuqumlan'ghan kishilerde qizzish, tirige qizil chiqish, qol pachaqning boghumliri aghrish, kozi qizzirwilishtek alametler korilidu. Bu xil kisellikning kisel alametliri yenggil bolup, adette bir nechche kundin bir hepte ariliqida yoqap kitidu. Undaqta bu kiseldin nimishqa endishe qilimiz?

Bu kisel gerche bu kisel bilen yuqumlan'ghuchilar ichidiki kopunche kishilerge alahide tehdit ilip kelmismu, biraq ighir ayaq (hamile) ayallarning qosiqidiki balisining minge tereqqiyatigha ighir derijide tehdit ilip kilip, kichik minge kisilini peyda qilishi mumkin dep qaralghanliqi uchun, dunya sehiye teshkilati hamile ayallargha we yaki bala ilish aldida turghan ayallargha amal bar bu kisel tarqighan rayunlargha barmasliqqa agahlandurmaqta.


Bu kisel deslepte Biraziliyedin tarqighan bolup, hazir jenubi we otura Amirka qitesini merkez qilghan 25 dolwettiki 3 - 4 milyun kishige tesir qilghan. Bowaqlardiki bu kichik minge kisilige giriptar bolghan balilarning Biraziliyediki tughulush nisbiti burun yilligha 150 etirapida bolghan bolsa, hazir otken yili 11-aydin hazirghiche bolghan qisqighina 3 ay ichide bu kichik minge kisili bilen tughulghan bowaqlarning sani 4000 din iship ketken. Hazirgha qeder bu virusqa nisbeten unumluk vaksina yoq, hem bu kisel bilen tughulghan bowaqlargha nisbeten unumluk dawa bolmighachqa, dunya sehiye teshkilati bu kisellikning tarqilish ehwaligha alahide ehmiyet birip, tibbi alimlarning bu jehettiki tetqiqatni tizletshturup, qisqa waqit ichide bu virusqa qarshi vaksini tipip chiqishqa chaqirmaqta.

Monday, January 18, 2016

Paydiliq we ziyanliq toghursida

Paydiliq we ziyanliq uqumi toghursida ikki ighiz parang



Memet Emin



Tilimizdiki “paydiliq we payda qilish” uqumi asasliqi qilghan ish herkitimiz, istimal qilghan yimek ichmek we dora dermenlirimizning bizge melum menpet yaki yaxshiliq ilip kilidighanliqini körsitidighan bolup, “ziyanliq we ziyan qilish” ning eksini közde tutidu. Emiliyette meyli “paydiliq, payda qilish” bolsun, we yaki "ziyanliq, ziyan qilish” bolsun, her ikkilisi nispi menediki bir uqum bolup, ularning arisidiki periq “aq” we “qara” dek undaq iniq emes, bezide hetta oz ara ariliship kitishi we yaki orun almiship qilishi mümkin.

Kündülük turmushta, köpünchimiz özimiz ziyanliq dep qarighan, we yaki ziyan qilidighanliqini iniq bilgen ish herket we yimek ichmektin saqlinimiz, ulardin periz tutimiz, biraq paydiliq dep qarighan ish herketler bilen normaldin artuq shughullunushtin, payda qilidu dep qarighan yimek ichmeklerni köp istimal qilishtin saqlinishqa diqqet qilmaymiz. Eksinche payda qilidighan nersilerni köp istimal qilishqa adetlen’genmiz. Payda qilidu digen ish herket, yimek ichmek qanche köp bolsa shunche yaxshi dep qaraymiz. Emiliyette ziyanliq nersilerni istimal qilghanda bedinimizge ziyanliq ilip kelginige oxshash, paydiliq dep qarighan nersilerni beden ihtiyajidin artuq istimal qilghandimu oxshashla bedinimizge ziyanliq ilip kilidu.

Biz normalda ziyanliq dep qarighan bir qisim nersiler gerche her zaman ziyanliq bolsimu, yene bir qisim ziyanliq nersiler  melum ehwal astida bizge payda qilishi mumkin. Biz paydiliq dep qarighan herqandaq nerse eger chikidin ashsa we yaki beden ihtiyajimizdin iship ketse her zaman ziyanliq nersige aylinip qilishi, we arzu isteklirimizge zit halda bizge oylimighan yaman aqiwetlerni ilip kilishi mümkin.

Hemmimiz bilgendek, bulghan’ghan muhit, is-tutek, alahide yuquri yaki alahide töwen timpiratura,  bulghan’ghan  we yaki buzulup qalghan yimek ichmekler  her zaman ziyanliq bolup, men bu yerde bu xildiki her zaman we yaki iniqla ziyanliq bolghan nersiler üstide köp toxtatlamaymen.

Bizde nurghun nersilerni biraqla paydiliq yaki ziyanliq dep iniqla ayriwitidighan, hem paydiliq dep qaralghan nersilerni qanche köp istimal qilsa shunche yaxshi dep qarap, qarghularche qoghlishidighan ehwallar bir az omumlashqan we yaki adetke aylan’ghan mesile bolup, men töwende bizge paydiliq dep qaralghan nersiler bilen bizge bezide ziyanliq dep qaralghan nersilerning qandaq waqitta we qandaq ehwal astida payda qilidighanliqini, qandaq waqitta we qandaq ehwal astida ziyan qilidighanliqini qisqiche tonushturup ötmekchimen.

Meyli ösümlük bolsun we yaki haywanat bolsun, hayatliq bolush üchün eng muhim bolghan üch amil – quyash nuri, hawa (oksigin) we su. Bularning biri kem bolsa hayatliq bolmaydu. Bu menedin eyitqanda ular bizge nahayti muhim bolghan paydiliq nersilerdur. Ularsiz bizning saghlam bolushimiz uyaqta tursun hetta yashimiqimizmu mümkin emes. Biraq bu digenlik biz ularni qanchilik köp istimal qilsaq shunche yaxshi digenlik emes. Biz quyashqa (aptapqa) qaqlinish ariqliq nurghun kiselliklerning aldini alalaymiz, eger quyashqa köp qaqlinip ketsek tirek rakigha giriptar bolimiz.

Sap hawa (oksigin) bilen nepeslinish bizge rahet bighishlaydu, oksigin bolmisa biz azraqmu yashiyalmaymiz. Oksigin kem bolsa nepisimiz qisilip, hasirap qalimiz, eqli hushimiz normal ishlimey qalidu. Eger sap oksigin (100% oksigin) bilen uzun muddet nepeslensek, oksigin bilen zeherlinish kilip chiqidu.

Sumu hayatliqta oxshashla muhim bolup, bedinimizning 60-70% sudin terkip tapqan. Kündülük turmushta yiterlik su istimal qilish arqiliq bedenning su tengpungliqini saqlash, we bedendiki qalduq maddilarni beden siritigha ajirtip chiqirish, bizning saghlam yashishimizda bekla muhim.  Biraq bundaq digenlik suni qanche köp istimal qilsa shunche yaxshi digenlik emes. Bedenimizde eng muhim bolghini su tengpungliqi bolup, eger biz suni az istimal qilsaq, bedendiki su miqdari azlap, bedendiki suda iridighan nurghun maddilarning qoyuqliqi nispi halda yuqurlap kitidu, netijide bedinimizde yaman aqiwetlerni keltürüp chiqiridu. Eger biz suni ihtiyajdin köp istimal qilsaq, bedendiki su miqdari köpiyip, bedendiki suda iridighan nurghun maddilarning qoyuqliqi nispi halda töwenlep kitidu, netijide oxshashla bedinimizde yaman aqiwetlerni keltürüp chiqiridu.

Aqsil, may, shiker (karbon su birikmisi), her xil vitaminlar we miniral maddilar bizning hayatimiz we saghlam yashishimiz üchün kem bolsa bolmaydighan ozuqluq maddilar hisaplinidu. Bu ozuqluq maddalarning ichide aqsil, may, shiker (karbon su birikmisi) bizni inirgiye bilen teminleydu, her xil vitaminlar we miniral maddilar bolsa bedinimizdiki her xil ezalarning normal mitabolizimini we fonkisiyesini  saqlashta nahayti mohim rol oynaydu. Bu nuqtidin eyitqanda, bu maddilarning hemmisi bizning saghlam yashishimiz üchün nahayti paydiliq, biraq bundaq digenlik biz ularni qanche köp istimal qilsaq, saghlamliqimizgha shunche payda qilidu digenlik bolmaydu.

May bilen shiker (karbon su birikmisi) ni istimal qilmisaq, bedinimz kündülük ihtiyajliq bolghan inirgiyege irishelmeydu, netijide bishimiz qeyish, közimiz tolishtek alametler körilidu, bu maddilar bedinimizde uzun muddet kem bolghanda, bedinimiz kündülük inirgiye ihtiyaji üchün aqsilni parchilashqa mejburi bolidu, netijide biz kündin kün’ge oruqlaymiz we ajizliship mangimiz, we her xil ozuqluq yitishmeslik bilen munasiwetlik kiselliklerge giriptar bolimiz. Eksinche biz may we shiker (karbon su birikmisi) ni beden ihtiyajimizdin artuq istimal qilsaq, bedinimizde simizlik we uning bilen munasiwetlik her xil kisellikler kilip chiqidu. Gösh maylarni ozuqluq yitishmigen we shu seweptin ozuqluq yitishmeslik kisilige giriptar bolghan kishiler istimal qilsa, ulargha payda qilidu we shu seweptin kisili saqidu. Eksiche ozuqluq toluq bolghan we yaki simiz kishiler istimal qilsa, ulargha ziyan qilidu we ularning yürek qan tomur kisilige giriptar bolushini tizleshturidu.

 Vitaminlarni yiterlik istimal qilmisaq, vitamin kemlik kisili kilip chidu, vitaminlarni beden ihtiyajidin artuq istimal qilsaq vitamin bilen zeherlinish kilip chidu. Eger bedinimizde melum xildiki vitamin kem bolsa, andin biz shu xildiki vitamin tabilitini istimal qisaq, bu chaghda bu xildiki vitamin tabliti bizge payda qilidu, bedimizdiki kem bolghan vitamin toluqlinidu, netijide vitamin kemliktin kilip chiqqan kisel saqiyip, saghlamliqimiz eslige kilidu. Eger bedinimizde hichqandaq vitamin kem bolmisa, biz vitamin tabilitini istimal qilsaq, u bizning saghlamliqimizgha kop ehmiyiti bolmaydu, eksinche bedendiki vitamin dorilirini parchilaydighan organlarning xizmet yükini ashurwitidu. Eger biz vitamin tabilitlirini uzun muddet beden ihtiyajimizdin artuq istimal qiliwalsaq, u chaghda bu vitamin tabilitliri bedinimizge ziyan qilidu, yeni bedinimizde vitamin bilen zeherlinishni keltürüp chiqiridu.

Miniral maddilarmu bedinimizde nahayti muhim xizmetlerni öteydighan bolup, ular bizning saghlam yashishimizda kem bolsa bolmaydighan muhim amillar hisaplinidu. Ular bedinimizde kem bolsa bolmighan'gha oxshash, artuq bolsimu bolmaydu. Biz ularning bedinimizge bolghan paydiliq teripini tekitlep, ihtiyajdin artuq istimal qiliwalsaq bedinimizge oxshashla ziyan ilip kilidu. Mesilen kaltsiy bedinimizdiki söngekni qaturushta eng muhim bolghan maddilarning biri bolup, u yene bedinimizdiki nurghun organlarning normal fonkisiyesini saqlashtimu nahayti muhim rol oynaydu. Bedinimizdiki kaltsiy kem bolghanda kaltsiy kemlik kisili kilip chiqidu. Bedinimizdiki kaltsiy yuquri bolghanda kaltsiy yuqurluq kisili kilip chiqidu.

Yuqarqi muhim amillardin bashqa heriket we beden chiniqturushmu bizning hayatimizda we saghlam yashishimizda nahayti muhim. Hayat dimek herket dimek, kichigi hujeyrilerning normal xizmetliridin bashlap, yürekning soqishi, qanning aylinish, üzlüksiz nepeslinip turishimiz we kündülük xizmet, ügünüsh, beden chiniqturushning hemmisi herikettur. Herket bolmighan tende jan yoq dimektur. Bu menadin eyitqanda herket qilish we beden chiniqturush bizning hayatimizda we saghlam yashimizda nahayti muhim ehmiyetke ige. Gerche normal herket hayatliq we saghlam yashashning kapaliti bolsimu, biraq bu digenlik herket qanche köp bolsa shunche saghlam bolidu digenlik bolmaydu. Buning tipik misali tenterbiye jehette dunya chimpiyuni bolghanlar ichide uzun ömür körgenlerning nisbiti töwen, bu chimpiyunlarning köp qismi yash waxtida uzun muddet heddidin ziyade köp herket qilghini üchün, bedende uzun muddet asta xaraktirliq zexmiler yüz birip, yash 50, 60 din ashqanda her xil asta xaraktirliq kisellerge asan giriptar bolidu. Netijide noraml herket qilghan we beden chinuqturghanlardek saghlam yashiyalmaydu we uzun ömür körelmeydu.

Biz kisel bolghanda kisilimizni dawalap saqaytip, saghlamliqimizni eslige keltürüshte  ishlitidighan mutleq köp sandiki dorilarning hemmisi ximiyelik madda bolup, ularning hemmisining digüdek undaq yaki mundaq ekis tesiri bar, kem digende jiger we yaki börekning xizmet yükini ashurup, bu organlarda bezi asta xaraktirliq zexmilerni keltürüp chiqiridu. Biz kisel bolghanda u dorilarning kisilimizni dawalash jeryanida ilip kelgen paydisi, ziyinidin köp bolghanlighi üchün, biz u dorilarning bezi ekis tesirini tekitlep ketmey, dorining bizge ilip kilidighan shipasini közde tutup dora ishlitimiz. Dorilarning ekis tesirini eng yuquri derijide töwenlitish, ünimini eng yuquri derijide yuquri köturush üchün, eng ünümlük, eng muhapiq bolghan dorilarni tallap, eng muhapip miqtarda, eng muhapiq (qisqa) waqit ishlitishke tirishimiz. 

Eger biz muhapiq bolmighan dorilarni, muhapiq bolmighan miqtarda, muhapiq bolmighan waqit istimal qilsaq, kisel dawalash meqsitige yitelmeslikimiz mümkin, netijide u dorilarning ziyini paydisidin yuquri bolup kitip, bizge payda qilidu dep istimal qilghan dora eksinche bizge ziyan qilidighan dorigha aylinip qilishi mümkin. Mundaqche eytitqanda herqandaq dorining paydisi we ziyini nispi bolup, oxshash bir xil dora, shu dora mas kilidighan kiselge giriptar bolghan bimargha nisbeten paydiliq bolghan bolsa, hichqandaq kiselge giriptar bolmighan we yaki u dora mas kelmeydighan bashqa xildiki kiselge giriptar bolghan insanlargha nisbeten ziyanliq bolushi mümkin. Shunga herqandaq dorilarni muhapiq istimal qilish, payda qilidu depla qarghularche dora istimal qilmasliq kirek. 

Herqandaq kiselge giriptar bolghanda, shu kiselge eng muhapiq bolghan dorini tallap ishlitish, ünimi we ishlitish meqsiti iniq bolmighan her xil dorilarni qoshup istimal qilip, ularning ichidin birersi payda qilip qalar digen ümütte qarghularche dora ishlitishtin we yaki teley sinashtin saqlinishimiz kirek.


Xulase: dimekchimenki herqandaq nersining ikki teripi bolghan'gha oxshash, dunyada muteleq paydiliq, we yaki her zaman payda qilidighan dora, saghliqni saqlash boyumliri we ozuqluq maddilar yoq. Hemme nerse nisbi. Shunga saghlam yaxshaymiz deydikenmiz, hemme jehette tebilikke we tengpungluqqa diqet qilishimiz kirek.