Blog Archive

Thursday, November 2, 2017

ئىچى سۈرۈك

ئىچى سۈرۈك توغۇرسىدا قىسقا ساۋات

مەمەت ئىمىن 

ئىچى سۈرۈك ئۈچەي ھەركىتىنىڭ تىزلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئۈچەي ھەركىتىنى تىزلەشتۈرىدىغان ھەرقانداق ساۋەپ ئىچى سۈرۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىچى سۈرۈك،  ئۈچەي يوللىرىنىڭ مەسىلە بار ياكى بۇلغانغان يىمەك ئىچمەككە ۋە ئۈچەيدەجۈملىدىن بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىدا يۈز بەرگەن بەزى كىسەللىككە قايتۇرغان ئىنكاسى. بەدىنىمىز ، خاتا ئىستىمال قىلىنغان بۇلغانغان ۋە ياكى مەسىلە بار يىمەك ئىچمەكنى قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا تىزدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان زەھەرلىنىشنى ۋە باشقا يامان ئاقىۋەتنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا سەۋەبى ئىنىق بولـمىغان ئىچى سۈرۈكنى ئالدىراپ دورا بىلەن توختۇتۇشقا ئۇرۇنماڭ.

نورمالدا مەسىلە بار يىمەك ئىچمەكتىن كىلىپ چىققان كۆپۈنچە ئىچى سۈرۈك، شۇ مەسىلە بار يىمەك ئىچمەك بەدەندىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەندە ياخشى بولۇپ قالدۇ. مۇھىم بولغىنى شۇ مەسىلە بار يىمەك ئىچمەكنى قايتا ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئەگەر مەسىلە بار ۋە ياكى بولغانغان يىمەك ئىچمەكتىن كىلىپ چىققان ئىچى سۈرۈككە ئۈچەينىڭ ھەركىتىنى ئاستىلىتىپ ئىچى سۈرۈكنى توختىتىدىغان دۇرىلارنى ئىشلەتكەندە، ئۈچەينىڭ ھەركىتى ئاستىلىشى ۋە ئىچى سۈرۈك ياخشىلىنىشى مۈمكىن، بىراق بولغانغان يىمەك ئىچمەك ۋە ياكى يىمەكلىك تەركىۋىدىكى زىيانلىق ماددا بەدەن سىرتىغا قىسقا ۋاقىت ئچىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرلىپ تاشلانمىغانلىقى ئۈچۈن،  بەدەنگە تىخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىنىپ، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.

بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرىكى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەپتىن بولىدۇ. بىرى يىگەن ۋە ئىچكەن نەرسە ياخشى ھەزىم بولـمىغانلىقتىن، يەنى بالىغا خىل كەلـمىگەنلىكتىن. ئىككىنجىسى مەينەت نەرسە يەپ قالغانلىقتىن، ياكى ئۈچەي يولى مىكروپ بىلەن يۈقۇملانغانلىقتىن. ئۈچۈنجىسى نەپەس يولى ۋە ئۆپكىسى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن. شۇڭا ئالدى بىلەن بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈككە سەۋەپ بولغان ئامىلنى ئىنىقلاپ،  ئۇنىڭغا قارىتا بىر تەرەپ قىلىىش زۆرۈر. ئەگەر بالىدا قىززىش، يوتىلەش بولـمىسا، يەۋاتقان نەرسىنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىش، ياكى ھازىر يەۋاتقان يىمەكلىكنى بىر نەچچە كۈن بەرمەسللىك كىرەك. بالا ئوينايدىغان يەرلەرنى ۋە ئويۇنچاقلارنى تازىلاش كىرەك. بالىنىڭ سۇسىزلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىىش كىرەك. كىچىك بالىدا ئالاھىدە كىسەللىك  بولـمىسا، دورا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر نەپەس يولى ياللۇغلانغان بولسا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا، ئىچى سۈرۈكمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.


كىچىك بالىدا نەپەس يولى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولسا،  قىززىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش بولىدۇ. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا ئاق قان دانچىلىرىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولـماسلىقى مۈمكىن. ئۇندىن باشقا مىڭە پەردە ياللۇغى بولغاندىمۇ قىززىش ۋە قۇسۇش بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى مىڭە بىسىمىنىڭ يۇقۇرلاپ كىتىشى سەبىدىن بولىدۇ. نورمالدا مىڭە پەردەياللۇغى بولغاندا ئىچى سۈۈرۈش بولـمايدۇ. مەيلى مىڭە پەردە ياللۇغى بولسۇن ۋە ياكى نەپەس يولى ياللۇغلانغان بولسۇن، ئەگەر ۋىرۇستىن كىلىپ چىققان بولسا، ئاساسلىق داۋالاش ئاساسەن ئوخشاش. ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بىرىپ، قان ۋە ئىغىزدىن سۇيۇقلۇق ئىلىپ ۋىرۇس ۋە باكتىريەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، دىياگۇنۇزنى ئىنىق قىلىش كىرەك

No comments:

Post a Comment