Blog Archive

Sunday, November 12, 2017

سىمىزلىك توغۇرسىدا

سىمىزلىك توغۇرسىدا 

مەمەت ئمىن

ھازىرقى زامان تىببى ئىلىمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىمىز كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە سىمىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقان كىسەللىكلەر كۆپلىگەن تىببى مۇتىخەسىسلەرنىڭ دىقىتىنى قوزغىماقتا. بىراق خەلقىمىز ئارىسىدا سىمىزلىكنى تۇرمۇش باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ سىمۇۋۇلى دەيدىغان قاراش يەنىلا مەۋجۇت. ئەمىلىيەتتە بولسا سىمىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان يۈرەك قان تومۇر كىىسەللىكلىرى، دىيابىت كىسىلى ۋە بەزى راك كىسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئادەملەر ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

تۆۋەندكى كىسەللىكلەرنىڭ سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە 
ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ئىسپاتلانماقتا.

1. تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر كىسىلى
2. قىزىل قان تومۇر قىتىشىۋىلىش
3. يۇقۇرى قان بىسىمى
4. مىڭە قان تومۇر كىسىلى
5. دىيابىت (شىكەر سىيىش) كىسىلى
6. ئۆت ياللۇغى، ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئۆت كىسەللىكلىرى
7. مايلىق جىگەر كىسىلى
8. ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلى
9. ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچۇراش
10. سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ۋە تىز لىپىك زەخمىلىنىش؛
11. ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى
12. قىزىل ئۆڭكەچ راكى
13. بۆرەك راكى

ئۇندىن باشقا  <<يىڭى ئەڭگىلىيە تىببى جورنىلى>> نىڭ 2016 - يىلى 8- ئاينىڭ 25 - كۈندىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ ئاشقازان، جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بىزى، ئايالارنىڭ تۇخۇمدان، مىڭە، ئىلىك ۋە قالقانسىمان بەز راكى قاتارلىق 8 خىل راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى دوكىلات قىلغان. ئامىركىدا سىمىز ئادەملەر تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاچقا، سىمىزلىك بىلەن مۇنسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى ۋە راك كىسىلى ئامىركىدا  بىرىنجى نومۇرلۇق قاتىل ھىساپلانماقتا.

ئۇنداقتا سىمىزلىكنىڭ ئولچىمى نىمە؟ بەدەن ئىغىرلىقىمىز قانچىلىك بولغاندا نورمالدىن ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ؟ ۋە قانداق ئەھۋالدا بىز سىمىز بولغان بولىمىز؟

 كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى كىشىلەرنىڭ جىنسى پەرقى ۋە بويىنىڭ ئىگىزلىگى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەرلەرنىڭ نورمال ئىغىرلىغى ئاياللارغا نىسبەتەن سەل ئىغىر بولىدۇ.

ھازىر بەدەن ئىغىرلىقىنىڭ نورمال ۋە ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە  بىر ئاز كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسۇل بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى (BMI)  بولۇپ ، ئۇ بەدەن ئىغىلىقى (كىلو گىرام) نى بويىنىڭ ئىگىزلىگى (مىتىر) نىڭ كۇۋادىراتىدغا بۆلۈش ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىلىد.

بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىسى 18.5 بىلەن 24.9 ئارىسىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 25.0 بىلەن 29.9 ئارىسىدا بولسا بەدەن ئىغىرلىقى نورمالدىن سەل ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 30.0 بىلەن 34.9 ئارىلىقىدا بولسا يەڭگىل دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
بەدەن ئغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى  35.0 بىلەن 39.9 ئارىلىقىدا بولسا ئوتۇرال دەرجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.  
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 40.0 دىن ئارتۇق بولسا ئىغىر دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.

 دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 - يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئىچىدە سىمىز كىشىلەر ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت (Cook Island)  كۇك ئارىلى دەپ ئاتالغان ئاۋۇستىرالىيەنىڭ يىنىدىكى بىر كىچىك دۆۋلەت بولۇپ، بۇ دۆۋلەتتىكى سىمىز كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 50.8% يەتكەن. ئۇندىن باشقا پىلاۋ دىگەن دۆۋلەتتە سىمىزلەرنىڭ نىسبىتى 47.6% ئىكەن. سىمىز كىشىلەر ئەڭ ئاز  بولغان دۆۋلەت شەرىقى تىمور دەپ ئاتالغان ھىندونىشىيەنىڭ شەرىقىدىكى بىر كىچىك دۆۋلەت بولۇپ، بۇ دۆۋلەتتىكى سىمىز كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 2.2% ئكەن. ئۇندىن باشقا شىمالى كورىيەدە سىمىز كىشىلەرمۇ بەك ئاز بولۇپ، ئاران 2.4% ئادەم سىمىز ھىساپلىنىدىكەن. تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر ئىچىدە سىمىز كىشىلەر ئەڭ ئاز دۆۋلەت ياپۇنىيە بولۇپ،سىمىزلار  ئاران 3.3%  نى ئىگەللەيدىكەن. ھەمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ياپۇنلۇقلارنىڭ ئوتۇرچە ئومۇرى ئەڭ ئۇزۇندۇر.

ئادەتتە سىمىزلىك ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ مىقدارى، ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى، ئۈچەينىڭ تاماق تەركىۋىدىكى ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ئۈنىمى ۋە  بەدەننىڭ قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنى ئىستىمال قىلىش (پارچىلاپ كۆيدۈرۈش) ئەھۋالىغا باغلىق. يەنە يىگەن تاماق قانچە كۆپ ۋە كۈۋەتلىك (يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك) بولسا، ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى ۋە ئۈچەينىڭ  ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشى قانچە ياخشى بولسا، كۈندۈلۈك ھەركەت شۇنچە ئاز بولسا، ئادەم شۇنچە ئاسان سىمىرىدۇ، ئەكسىنچە تاماق مۇۋاپىق بولسا ياكى ئاز بولسا، كۈندۈلۈك ھەركەت يىتەرلىك بولسا ياكى كۆپ بولسا، ئادەم ئاسان سەمىرمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنى  قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، يىنى ئاشقازاننىڭ يىمەكلىكنى ھەزىم قىلىشى ناچار بولسا، ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشى تۆۋەن بولسا ئادەم ئاسان سەمىرمەيدۇ، بىراق ئازقازان ئۈچەينىڭ قانداق بولۇشى بىزنىڭ كونتۇرۇللۇقىمىزدا ئەمەس.

نورمالدا بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاكىتىپ ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ئادەم كۈنىگە 2000 ~2500 كىلو كالورى ئنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىز بۇ ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيەنى ئاساسلىقى ماي، شىكەر ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئۇچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىمىز. بۇ يەردە دىيىلگەن ماي، ھايۋان ۋە ئوسۇملۇك مىيىدىن باشقا ماي تەركىۋى بار بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. شىكەر بولسا، تەركىۋىدە شىكەر يەنى كاربون سۇ بىرىكمىسىدىن بار بولغان بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاقسىل بولسا، تەركىۋىدە ئاقسىل بولغان ھايۋان، ئۇچار قۇش، سۇ ۋە دىڭىز مەسۇلاتلىرىنىڭ گۆشىنى، تۇخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق ئاھىلىسىگە كىرىدىغان بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ سىمىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار نىمە؟

1. يىمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋە ياك يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىق قۇۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش؛
2. ھەركىەت قىلماسلىق ۋە ياكى يىتەرلىك ھەركەت قىلماسلىق؛ ئۇشۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، تاماقتىن كىيىنلا ئارام ئىلىش؛
3. تۇغما ۋە ئىرسى ئامىللار، يەنى ئاپىسى ھامىلە ۋاقىتتا بەك سىمىز بولۇش، تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدەن ئىغىرلىقى بەك يۇقۇرى بولۇش؛
4.  سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ياكى بەدەننىڭ ھەزىم قىلىشقا، ماددا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىچكى سۇيۇقلۇق ۋە ھورمۇنلارنىڭ قالايمىغان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش.

ئادەم كۈنىگە قانچىلىك تاماق يىسە نورمال بولغان بولىدۇ، قانچىلىك يىسە كۆپ تاماق يىگەن بولىدۇ بولىدۇ؟

ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن يىگەن تاماق قانچىلىك بولسا نورمال بولغان بولىدۇ، قانچىلىك بولسا كۆپ بولغان بولىدۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممە ئادمگە ماس كەىلىدىغان بىر ئۆلچەم يوق. نۇرغۇن كىشىلەر قوسىقىنى نورمال تويغۇزۇشنى تاماقنى نورمال يىگەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى قىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ توغۇرا ئەمەس. قوساق تويۇش بىلەن يىگەن تاماقنىڭ نورمال ۋە ياكى نورمال ئەمەسلىكى ئارىسىدا ھىچقانداق بىر مۇناسىۋەت يوق. قوساق تويۇش تويماسلىق ھەر ئادەمنىڭ ئاشقازىنىنىڭ چوڭ كىچىكلكى ۋە نورمالدا ئادەتلەنگەن تاماق مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نورمالدا تاماقنى كۆپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئادەملەرنىڭ ئاش قازىنى چوڭ بولۇپ، تاماقنى ئاشقازان تولغۇچە يىمىسە قوساق تويغاندەك ھىس قىلمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر گەرچە ھەر قىتىم تاماقنى ئاشقازىنى بەك تويۇپ چىڭقىلىپ كەتكىچە يىمىگەن بىلەن يىگەن تاماق مىقدارى بەدەن ئىھتىياجىدىن خىلىلا ئارتۇق بولغىنى ئۈچۈن ئاسان سەمىرىپ كىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆز قارىشىدا گەرچە تامىقىنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئازلاتقان بولسىمۇ، چە ياكى ئۆزىچە تاماقنى شۇنچە ئاز يىگەندەك قىلسىمۇ، ئىمىلىيەتتە ھەركىتى ھەركىتى نىسبەتەن ئاز بولغىنى ئۈچۈن، شۇ ئاز يىگەن تامىقى يەنىلا بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق بولۇشى مۈمكىن.

ئەگەر بىز كۈندە ئىستىمال قىلغان يىمەك ئىچمەك بىزنى بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئارتۇق ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىسە، ئارتۇق ئىنىرگىيە بەدەندە مايغا ئايلىنىپ ساقلىنىدۇ، نەتىجىدە بىز سەمىرىمىز ۋە بەدەن ئغىرلىقىمىز ئىشىپ بارىدۇ. شۇڭا بەدەن قوبۇل قىلغان ئىنىرگىيەنى كونترۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئارتۇق ئىنىرگىيەنى ھەركەت قىلىش ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ تاشلاش، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى نورمال كونتۇرۇل قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئىلمى ئۇسۇلىدۇر.

ئادەتتە بىزنىڭ نىمىگە پەرھىز تۇتۇشىمىز مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىز ئالدى بىلەن ئىستىمال قىلىدىغان يىمەك ئىچمەكلىكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىشمىز، ۋە بەدىنىمىز ئىرىشمەكچى بولغان ئىنىرگىيە مىقدارىنى بەدىنىمزنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىمىز كىرەك. ئاندىن قالسا كۈندۈلۈك ئىستىمال قىلماقچى بولغان ئومۇمى ئىنىرگىيەنى كونتۇرۇل قىلغان ئاساستا تۆۋەن ئىىنىرگىيەلىك، يۇقۇرى تاللالىق، يۇقۇرى ۋىتامىنلىق يىمەكلىكلەرنى نىسبەتەن كۆپرەك، يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك گۆش، ماي ۋە شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى) لەرنى نىسبەتەن ئاز ئىستىمال قىلىش، بولۇپمۇ كۈندە ئىستىمال قىلىدىغان ماينىڭ مىقدارىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. 

بىزنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇقلار يۇقاردا دەپ ئوتكەندەك شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى)، ماي ۋە ئاقسىل بولۇپ، 1 گىرام ماي ۋە سىمىز گوش بىزنى تەخمىنەن 9  كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، 1 گىرام ئورۇق گوش، شىكەر  بىزنى 4 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1 گىرام تاتلىق بولمىغان سەي كوكتاتلار  بىزنى 2  كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز بىر كۈندە تەخمىنەن 50 گىرام ماي ۋە ياكى سىمىز گوش (450 كىلو كالورى)، 300 گىرام ئۇن ۋە گۇرۇچ تاماقلىرى (1200 كىلو كالورى)، 300 گىرام سەي كۆكتات (600 كىلو كالورى)  ئىستىمال قىلساق،  ئۇلار بىزنى جەمى 2250 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەكچىمەنكى فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجدىن ئېيىتقاندا  بىز بىر كۈندە پەقەت شۇنچىلىكلا يىمەكلىككە ئىھتىياجلىق.  بىراق ئەمىلىيەتتە بىز بىر كۈندە بۇنىڭدىن خىلى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىمىز، ئەگەر بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىككە چۇشلۇق ھەركەت قىلمىساق بەدەن ئىغىرلىقىمىز  بىز  سىزە سەزمەيلا ئىشىپ بارىدۇ.

تۆۋەن ئىىنىرگىيەلىك، يۇقۇرى تاللالىق، يۇقۇرى ۋىتامىنلىق يىمەكلىكلەر
1. كىپەكلىك قوناق، پۇرچاق، بۇغداي ۋە گۈرۈچ  يىمەقلىكلىرى؛
2. ھەر خىل كۆكتاتلار بولۇپمۇ قوپال تاتلىق بولمىغان كۆكتاتلار؛
3. ھەر خىل يەلىمىشلەر، بولۇپمۇ شىكەر تەركىۋى كۆپ بولمىغان يەلىمىشلەر؛
4. مايسىزلاندۇرۇلغان سۈت ۋە قىتىق؛

ئىنىرگىيە تەركىۋى يۇقۇرى بولغان نىسبەتەن ساغلام يىمەكلىكلەر
1. ئاقلانغان يەنى كىپىكى ئايرىۋىتىلگەن ئۇن تاماقلىرى
2. تۇخۇمنىڭ ئىقى
3. ئورۇق گۆش، ھەر خىل ئۇچار قۇش ۋە دىڭىز مەسۇلاتلىرى
4. ھەر خىل قۇرۇق يەلىمىش ۋە مىغىزلار.
5. ئادەتتىكى سۈت ۋە قىتىقلار؛

بۇ يىمەكلىكلەرنىىڭ تەركىۋىدە ئادەم بەدىنىگى زۆرۈر بولغان نۇرغۇن ماددىلار بار بولسىمۇ، بىراق كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئادەمنى يەنىلا سەمىرتىۋىتىدۇ؛

ئىنىرگىيە تەركىۋى بەك يۇقۇرى بولغان ساغلام بولمىغان يىمەكلىكلەر
1. سىمىز گۆشلەر ۋە ھەر خىل مايلار، بولۇپمۇ ھايۋان مىيى؛
2. تۇخۇمنىڭ سىرىقى
3. قوي كالىنىڭ ئىچكى ئەزالاىرى، بولۇپمۇ جىگەر، بۆرەك، مىڭە، ئىلىك قاتارلىقلار؛
4. ھەر خىل قايماق ۋە سىرىق مايلار
5. قەن، شىكەر، ناۋاتلار؛
بۇ يىمەكلىكلەرنىىڭ تەركىۋىدە ئادەمنى سەمىرتىپ، قان تومۇر كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان ھەر خىل يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك ماددىلار كۆپ بولغۇنى ئغچۈن،  بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن ئامال بار ئىسىتىمال قىلمالىق كىرەك چە ياكى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك.

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا سىمىزلىكتىن ساقلىنىپ، بەدەن ئغىرلىقىمىزنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىپ، جىسمانى جەھەتتە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز؟

ئالدى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلەنگەن نۇرغۇن خاتا كۆز قارىشىمىزنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك؛ مەسىلەن "ياخشى تاماق ئىشىپ قالغۇچە، يامان قوساق ئىتىلىپ كەتسۇن" دىگەندەك قاراشلارنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك. ئەگەر ياخش تاماقنى ئىشىپ قالمىسۇن دىسەك، ئىھتىياجىمىزغا ۋە ياكى يەپ بولىشىمىزغا قاراپ بۇيرۇتساق بولىدۇ.  بەدەن ئغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكەن ۋە ياكى ئورۇقلىغان كىشىلەرنى كورگەندە، "ۋاي جۈدەپ كىتىپسەنغۇ" دىيىشنىڭ ئورنىغا "شۇنداق ساغلام كۆرۇنىسەن" دىيىشكە ئادەتلىنىشىمىز كىرەك.

بەدەن ئىغىرلىقىنى ئەڭ مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش ۋە ياكى ئورۇقلاشنىڭ  ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاكىتىپ،  تەننەرقى ئەڭ تۆۋەن، ۋە ئەڭ ساغلام بولغان ئۇسۇلى ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك مىقدارنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش  بىلەن  بىرگە كۈندۈلۈك ھەركەتنى كۆپەيتىشتۇر.

بىر ئادەمنىڭ داۋاملىق ھەركەت قىلىپ تۇرغان ۋاقىتا يىگەن مەلۇم مىقداردىكى تاماق بەلكىم شۇ چاغدا نورمال ھىساپلىنىشى مۈمكىن، بىراق ئوخشاش مىقداردىكى تاماق ھەرىكەتنى ئۇنچە كۆپ قىلمىغان ۋاقىتتا كۆپ ھىساپلىنىشى مۈمكىن. چۈنكى بىز يىمەك يىيىشتىىن قاچان توختىشىمىزنى نورمالدا بەدىنىمىز ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئاشقازىنىمىزنىڭ تولۇپ تولمىغانلىقىمىزغا ئاساسەن قارار بىرىمىز. بۇ سىمىز كىشىلەرنىڭ تاماقنى كونتۇرۇل قىلىىشىدىكى ۋە ئاسان ئورۇقلىيالماسلىقىدى ئەڭ زور قىيىنچىلىقتۇر. شۇڭا ئورۇقلاشقا ئىرادە قىلغان ئادەم ئەڭ مۇھىمى يىگەن تاماق مىقدارىنى ئازلىتىش بىلەن بىرگە ھەركىتىنى كۆپەيتىشى كىرەك. ئەگەر تاماق مىقدارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىتەرلىك دەرىجىدە ئازلىتىش قىيىنغا توختىسا، كۈندۈلۈك ھەركىتىنى ئامال بار كۆپەيتىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرىشى كىرەك.

سۇنى كۆپ ئىچىش، قوساقنى ھەددىدىن زىيادە ئاچۇرۋەتمەسلىك، قوساق بەك ئىچىپ كەتكەندە تاللا تەركىۋى يۇقۇرى، بىراق بەدەننى كۆپ ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدىغان تەرىىخىمەك، سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلار ۋە ئالما قاتارلىق يەلىمىشلەر بىلەن قوساقنى ئەلداپ تۇرۇشمۇ مۇھىم. قوساق بەك ئىچىپ كەتكەندە كىيىنكى تاماق مىقدارىنىڭ ئىشىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ؛

رىستوراتقا كۆپ بارماسلىق، تەركىۋى ئىنىق بولمىغان تەييار تاماقلارنى ئاز ئىستىمال قىلىش، ئامال بار  ئۆيدە يىڭى تاماقلارنى ھازىرلاپ يىيىش كىرەك؛

سىمىزلىكنى داۋالاش

 ئەگەر يىمەكلىنى كونتۇرۇل قىلىش ۋە يىتەرلىك بەدەن چىنىقتۇرۇش ياخشى ئۈنۈم بەرمىسە،  ئالدى بىلەن ئومۇمى يۈزلۈك ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، بەدەندە سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىمالى بولغان بەزى كىسەللىكلەرنىڭ بار يوقلۇقىنى ئىنىقلاپ چىقىش كىرەك.

ئەگەر بەدەندە سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە كىسەللىك بايقالسا شۇنىڭغا ئاساسەن داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك.

ئەگەر بەدەندە سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە كىسەللىك بايقالمىسا، ئۇ چاغدا قوللۇنىدىغان پاسسىپ ئۇسۇل ھەر خىل ئورۇقلۇتۇش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلاشتۇر. ھەر خىل ئورۇقلاش دورىلىرىنى تاللىغاندا ئالدى بىلەن دورىلارنىڭ قانداق تەسىر  كۆرسىتىدىغانلىقىغا ۋە ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئەڭ مۇھاپىق بولغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشى، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارەچىلىقلاردىن ساقلىنىشقا دىقەت قىلىشى كىرەك.

نورمالدا ئورۇقلۇتۇش دورىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۈچەينىڭ ھەركىتىنى تىزلەشتۈرۈپ، ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئورۇقلۇتۇش مەقسىتىگە يەتسە، يەنى بەزىلىرى بولسا تاماق يىگىسىنى يەنى ئىشتاينى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئورۇقلۇتۇش مەقسىتىگە يەتىدۇ؛  يەنى بەزىلىرى بولسا ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەن ئىچىدىكى پارچىلىنىشىنى تىشلىتىز ئارقىلىق ئورۇقلۇتۇش مەقسىتىگە يىتىدۇ.

 دورىلارمۇ ئۈنۈم بەرمىگەندە ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ پاسسىپ بولغان ئۇسۇلى ئوپىراتسىيە قىلىپ، بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى كىسىپ تالاش بىلان بىرگە، ئاشقازاننىڭ بىر قىسمىنى كىسىپ كىچىكلىتىشتۇر. ئەگەر سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ مەسىلە ھەل بولمىسا، يەنى ئىستىمال قىلغان تاماق كۆپ، ھەرىكەت ئاز بولسا، ئوپىراتسىيەدىن كىيىن يەنە سىمىرىپ كىتىش تامامەن مۈمكىن.

No comments:

Post a Comment