Blog Archive

Monday, November 27, 2017

تازلىق قەغىزى ۋە شەخسى تازلىق

تازلىق قەغىزى ۋە شەخسى تازلىق
مەمەت ئىمىن
يىقىندا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا،  ئادەتتىكى قۇرۇق تازلىق قەغىزىنىڭ تەرەتتىن كىيىنكى پاكىزلىق رولىنى ئۆتىيەلمەيدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن تەرەتتىن كىيىن قۇرۇق تازلىق قەغىزى ئىشلىتىشنى توختۇتۇپ، ئۇمىڭ ئورنىغا نەم تازلىق قەغىزى ئىشلىتىش ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازلاشنىڭ شەخسى تازلىققا تىخمۇ مۇئاپىق ئىكەنلىگى تەكىتلەنگەن.
   ھازىرقى زامان تازلىق قەغىزى 1883 - يىلى ئەنگىلىيەدە دۇنيغا كەلەەن بولۇپ،  ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاز بىر قىسىم ئىنسانلار تەرەتتىن كىيىن سۇ بىلەن يۇيۇپ تازلاشقا ئادەتلەنگەن بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىنسانلار تەرەتتىن كىيىنكى پاكىزلىق ئۈچۈن ئادەتتىكى قەغەز، ئەسكى گىزىت پارچىسى ۋە تۇپراق چالما كىسەكلەر ئىسلىتىلىپ كەلگەن.
ھازىر غەرىپ دۆۋلەتلىرى ئىچىدە ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆۋلەتلەردە تەرەتتىن كىيىن سۇ بىلەن يۇيۇپ تازلاش ئومۇملاشقان بولۇپ، ئامىركا، ئەنگىلىيە، ئاۋۇتىرالىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەردە تەرەتتىن كىيىن يەنىلا قۇرۇق تازلىق قەغىزى ئارقىلىق تازلاش ئومۇملاشقان ئىكەن.
مۇتىخەسىسلەر تەرەتتىن كىيىن قۇرۇق تازلىق قەغىزى ئارقىلىق تازلاش ئىلىپ بىرىشنى قۇرۇق لوڭگە بىلەن بەدەننى سۈرتۈپ پاكىزلىماقچى بولغانغا ئوىشۇتۇپ، تەرەتتىن كىيىن قۇرۇق تازلىق قەغىزى ئارقىلىق تازلاش ئىلىپ بارغاندا، يالغۇز پاكىزلىق مەخسىتىگە يەتكىلى بولماي قالماستىن بەلكى ئاياللاردا كىچىك تەرەت يولى ۋە جىنسى ئەزانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىىدغانلىقىنى، نەتىجىدە سۈدۈك يولى ياللۇغى ۋە جىنسى يولى ياللۇغۇنىڭ پەيدا بولۇش خەتىرىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويماقتا.
شەخسى تازىلىقنى ياخشىلاشتا، بولۇپمۇ سۈدۈك يولى ۋە جىنسى ئەزا تازلىقىغا دىققەت قىلىشتا، تەرەتتىن بۇرۇن قول يۇيۇش، تەرەتتىن كىيىن نەم تازلىق قەغىزى بىلەن تازلاش ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازلاش بەك مۇھىم ئىكەن. نورمالدا كۆپۈنچە ئادەم تەرەتتىن كىيىن قول يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەرەتتىن بۇرۇن قول يۇيۇشقا ئادەتلەنمىگەن. تەرەتتىن كىيىن قول يۇيۇش، يىمەك ئىچمەك تازلىقىغا دىقەت قىلىشنىڭ بىر قىسمى بولسا، تەرەتتىن بۇرۇن قول يۇيۇش سۈدۈك يولى ۋە جىنسى ئەزا تازلىقىغا دىقەت قىلىشنىڭ موھىم بىر قىسمىدۇر.
ھەممىمزى بىلگەندەك بىز كۈندە ھەر خىل ئادەملەر بىلەن كۆرىشىمىز، پۇل قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى تۇتىمىز. پۇل گەرچە ناھايتى ياخشى نەرسە بولسىمۇ، بىراق بەك مەينەت نەرسە. ئادەتتە پۇل بىسىلىپ بازارغا كىرگەندىن كىيىن نۇرغۇن يىللار ھەتتا مەچچە 10 يىل قولدىن قولغا ئۆتىدۇ. ئادەتتە بىز كىيىم كىچەك قاتارلىق بارلىق شەخسى تۇرمۇش بويۇملىرىمىزنى ۋاختى ۋاختىدا يۇيۇپ تازلاپ تۇرىمىز، بىراق قولدىن قولغا ئۆتكەن، نۇرغۇن باكتىريە ۋە كىسەل تارقۇتقۇچى ئامىللارنى توشۇش ئىھتىمالى بولغان پۇلنى يۇيۇپ تازلىمايمىز. پۇلنى تۇتۇش ئارقىلىق بۇ مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئۇچىراشقان قولىمىز بىلەن ھاجەت قىلغاندا، سۈدۈك يولى ۋە جىنسى ئەزالىرىمىزنىڭ بۇلغىنىش ۋە ياللۇغلىنىپ قىلىىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ.

No comments:

Post a Comment