Blog Archive

Sunday, November 12, 2017

ئۆسۈپ يىتىلىشى جەريانىدىكى نورمال كۆرسەتكۈچلەر

ئۆسۈپ يىتىلىشى جەريانىدىكى نورمال كۆرسەتكۈچلەر

مەمەت ئىمىن


جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھەر بىر ئاتا - ئانا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدى بولغان پەرزەنتلىرىنى قانداق قىلىپ ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىلەپ چىقىش ئۈچۈن باش قاتارمۇقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەرزەنتلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ساغلام ۋە ئەقىللىق چوڭ قىلىش ھەر بىر ئاتا - ئانا ئەڭ كۆڭۇل بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز ئادەتلەنگەن تاماققا زورلاش، تاماقنى قانچە كۆپ يىسە شۇنچە ياخشى دەپ قارايدىغان توغۇرا بولمىغان بەزى يىمەك ئىچمەك ئادەتلىرىمىز تۈپەيلىدىن باللىلارنى بەك سەمىرتىپ باقىدىغان ئەۋاللار مەۋجۇت. مەن تۆۋەندە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىىتىلىش جەريانىدىكى بەزى سانلىق كۆرسەتمىلەرنى دىقىتىڭلارغا سۇنماقچى.

بالىلارغا نىسبەتەن 12 ياشتىن بۇرۇنقى مەزگىل، بوي ئىگىزلىكى ئەڭ تىز ئۆسىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلىنىدۇ. 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان مەزگىل، بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسىشى سەل ئاستىلاپ، ئىغىرلىقى تىز ئاشىدىغان مەزگىل بولغاچقا، بالىلار ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇقنىڭ بىر قىسمى بوينىڭ ئۆسىشىگە سەرىپ قىلىنسا يەنە بىر قىسمى بالىنىڭ ئىغىرلىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا سەرىپ قىلىنىدۇ. 18 ياشتىن بۇرۇن، ئەگەر بالىغا ئوزۇقلۇق يىتىشمىسە بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسىشى  تەسىرگە ئۇچۇرشى مۈمكىن، بىراق بويى نورمال ئۆسىۋاتاقان بالىغا نىسبەتەن، زورلاپ ئارتۇق تاماق يىگۈزىشنىڭ پايدىسى يوق، ئەكسىنچە زىيىنى بار.

بەدەن ئىغىرلىقى

3 كىلوگىرام تۇغۇلغان بىر بالا، 6 ئايلىق بولغاندا 6 كىلو بولىدۇ، 1 ياشقا كىرگەندە 9 كىلو، 2 ياشقا كىرگەندە تەخمىنەن 12 كىلو ئەتىراپىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.

2 ياشتىن 12 ياشقىچە بالىنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى يىلىغا تەخمىنەن 2 - 3 كىلودىن ئىشىپ ماڭىدۇ. 12 ياشتا 32 - 42 كىلو ئارىسىدا بولىدۇ.

13 ياشتىن 18 ياشقىچە بالىنىڭ بەدەن ئىغىرلقى يىلىغا تەخمىنەن 3- 4  كىلودىن ئىشىپ ماقىدۇ. 18 ياشتا 50 - 66  كىلو ئارىسىدا بولىدۇ.

20 ياشلار ئەتىراپىدا ئادەمنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى رەسمى چوڭلار بەدەن ئىغىرلىقىغا يىتىدۇ، ۋە ئۇندىن كىيىن چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ.

بوي ئىگىزلىكى

50 سانتىمىتىر تۇغۇلغان بىر بالا، 6 ئايلىق بولغاندا 65 سانتىمىتىر، 1 ياشقا كىرگەندە 75 سانتىمىتىر، 2 ياشقا كىرگەندە تەخمىنەن 90 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولسا، نورمال ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بولىدۇ.
2 ياشتىن 12 ياشقىچە، بالىنىڭ بوي ئىگىزلىكى يىلىغا تەخمىنەن 5 -  6 سانتىمىتىر ئۆسۈدۇ. 12 ياشتا 140 - 150 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ.
13 ياشتىن 18 ياشقىچە، بالا يىلىغا تەخمىنەن 3 -  5  سانتىمىتىر ئۆسۈدۇ. 18 ياشتا 158 - 180  سانتىمىتىر ئارىسىدا بولىدۇ.
20 ياشلار ئەتىراپىدا ئادەمنىڭ بوي ئىگىزلىكى چوڭلار بوي ئىگىزلىكىگە يىتىدۇ، ۋە ئۇندىن كىيىن چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ.

بەدەن ئىقىرلىقى ئادەتتە بويىمىزنىڭ ئىگىزلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى بىلەن ئۆلچەيمىز.

بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىسى 18.5 بىلەن 24.9 ئارىسىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 25.0 بىلەن 29.9 ئارىسىدا بولسا بەدەن ئىغىرلىقى نورمالدىن سەل ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 30.0 بىلەن 34.9 ئارىلىقىدا بولسا يەڭگىل دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
بەدەن ئغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى  35.0 بىلەن 39.9 ئارىلىقىدا بولسا ئوتۇرال دەرجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 40.0 دىن ئارتۇق بولسا ئىغىر دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.







No comments:

Post a Comment