Blog Archive

Friday, December 22, 2017

جەمىيەت تەرەققىياتى ۋە ساغلاملىق

جەمىيەت تەرەققىياتى ۋە ساغلاملىق

مەمەت ئىمىن

نورمالدا  ئىنسانلارنىڭ ساغلام ياشىشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى،  ئىنسانلار ياشاۋاتقان شۇ جەمىيەتنىڭ ئىجىتىمايى پارانۋانلىقى، ئىختىزاد ۋە پەن تەخنىكا تەرەقىياتى، مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بىرىش بەرمەسلىكى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالاماستىن، يەنە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يىمەك ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش پوسىتسىيەسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىلمى ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . 

ئامىركا دۇنيادا ئەڭ تەرەققى تاپقان، ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئۈچۈن ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان دۆۋلەت بولسىمۇ، بىراق ئامىركىلىقلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئوتۇرچە ئۆمۈرى، باشقا تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا خىىلىلا تۆۋەن. بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئامىركا ئەڭ چوڭ بىر كۆچمەن دۆۋلەت بولۇش بىلەن، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇش پوسىتسىيەسى، قىممەت قارىشى ۋە مەدىنى ئارقا كۆرۈنىشى جەھەتتە پەرىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى 
مۈمكىن. 



يىقىندا ئىلان قىلغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىركىلىقلارنىڭ ئوتۇرچە ئۆمۈرىدە تۆۋەنلەش بولغان. سەۋەبى بەزى  ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئەۋجە ئالغانلىدا، يەنى قالامىغان دورا ئىشلىتىش، بولۇپمۇ ناركوتىك يەنى مەس قىلىش خاراكتىردىكى دورىلارنى قالايمىغان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن. 

No comments:

Post a Comment