Blog Archive

Thursday, December 28, 2017

زۇكام

زۇكام توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

مەمەت ئمىن

زۇكام ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان كىسەللىك بولۇپ، ئۆمۈرىدە زۇكام بولۇپ باقمىغان ئادەم بولمىسا كىرەك. زۇكام ھەم بىر مۇستەققىل كىسەل، ھەم باشقا كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان ئەگەشمە كىسەللىك ئالامىتى. زۇكام ھەم ئالاھىدە دورا ئىچىپ داۋالاش زۆرۈر بولمىغان، ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كىتىدىغان ئەڭ ئاددى بىر كىسەللىك، ھەم سەل قاراشقا بولمايدىغان ھاياتلىققا خەۋەپ ئىلىپ كىلىدىغان بەزى خەتەرلىك كىسەللىكلەرنىڭ باشلىنىشى.

زۇكامنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە نىسبەتەن كۆپۈنچە كىشىلەردە بىر خاتا چۈشەنچە بار. كۆپۈنچە كىشىلەر ئۇنى شامال تىگىپ قالغانلىقتىن ياكى سوغاق ئۆتۈپ قالغانلىقتىن بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تىبابەتتە زۇكامنىڭ سەۋەبىنى شۇنداق چۈشەندۈرگەن. ئەمىلىيەتتە بولسا زۇكام ئادەم بەدىنىنىڭ زۇكام پەيداقىلىدىغان ھەر خىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بىر خىل كىسەللىك، تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ ئەيىتقاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىققان بۇرۇن ۋە يۇقۇرى نەپەس يولى ياللۇغىنىڭ بىر خىلى.

زۇكام ئادەتتە ئادەتتىكى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكام  دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنى ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكامنى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىسمەن ئەھۋالدا زۇكامدا بىرلا ۋاقىتتا باكتىريە بىلەن يۇقۇملىنىش بولىدۇ. يەنى باكتىريە كەلتۇرۈپ چىقارغان بۇرۇن ياللۇغى بىلەن ئادەتتىكى زۇكام بىرلا ۋاقىتتا بولىدۇ.

ئادەتتىكى زۇكام

ئادەتتىكى زۇكام ئادەتتە بۇرۇن بوشلۇقى ۋىرۇسى ۋە باشقا زۇكام پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بۇرۇن ۋە يۇقۇرى نەپەس يولى ياللۇغى بولۇپ، ئادەتتە بۇرنى قىچىشىش، بۇرنىدىن سۇ ئىقىش، بۇرنى پۈتۈپ قىلىش، بوغىزى قىچىشىش، بوغىزى ئاغرىش، ھۆتىلەش، بىشى ۋە مۇسكۇللىرى ئازراق ئاغرىش، ئازراق قىززىش ۋە ھارغىنلىق ھىس قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىدە پەرىقلەر بولىدۇ، بەزىلەردە ئىغىر بولىدۇ بەزىلەردە يەڭگىل بولىدۇ، بەزىلەردە بىر ئىككى خىللا كىسەللىك ئالامىتى بولىدۇ، بەزىلەردە يۇقاردا دەپ ئۆتكەن ھەممە كىسەللىك ئالامىتى بولىدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى ئىنسانلارنىڭ يىشى ۋە ئادەتتىكى بەدەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇنداقتا ئىنسانلار قانداق ئەھۋالدا ئادەتتىكى زۇكامغا گىرىپتار بولىدۇ؟

ئادەم بەدىنى ھەر زامان ھەر خىل كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە ۋە ۋىرۇسلار بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرىدۇ، بىراق ئادەم ھەر زامان كىسەل بولمايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى قوغداش كۈچى يەنى ئىمىيۇنۇت كۈچى ئادەم بەدىنىنى ھەر زامان كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى قوغداش كۈچى يەنى ئىمىيۇنۇت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، ۋە بەدەن ئۇچۇراشقان زۇكام ۋىرۇسى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلمىسە، ئادەم زۇكام بولىدۇ.

شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى قوغداش كۈچىنى يەنى ئىمىيۇنۇت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھەرقانداق ئامىل زۇكامنىڭ پەيدا بولۇشىدا ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. مەسىلەن يىتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق، ئالاھىدە ھەرىپ چارچاش، بەدەن چىنۇقتۇرماسلىق، شامال ئۆتۈپ كىتىش، سوغاق تىغىش، ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىش، ئۆزۇقلۇق ۋە ئۇسۇزلۇق يىتەرلىك بولماسلىق، بەزى ۋىتامىنلارنىڭ كەم بولىشى قاتارلىق ئامىللار بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىگە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق تەسىر كۆرسۈتۈپ، بەدەننىڭ ئۆزىنى قوغداش كۈچىنى تۆۋەنلىۋىتىدۇ.

ئادەتتىكى زۇكام بولغاندا بولۇپمۇ زۇكامدىن باشقا كىسەل بولمىغاندا ئالاھىدە داۋالاش ئىلىپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەتلا ياخشى ئارام ئالسا، ياخشى ئوزۇقلىنىپ، يىتەرلىك ئۇسۇزلۇق ئىچىلسە، تەرلەش ۋە سىيىش ئارقىلىق قاندىكى ۋىرۇس ۋە ئۇ ئاجىرتىپ چىقارغان زەھەرلىك ماددىلار ۋاختىدا بەدەندىن چىقىرلىپ تاشلانسا، زۇكام 3 كۈندىن 5 كۈن ئىچىدە ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كىتىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 7 كۈندىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر باكتىريە بىلەن يۇقۇملۇنۇش بولمىسا ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىشنىڭ ھىچقانداق زۆرۈريىتى يوق. ئەلۋەتتە داۋالاشتا ئەڭ موھىمى كىسەل ئالامىتى زۇكام بىلەن ئوخشاش بولغان باشقا كىسەللىك بولۇش ئىھتىماللىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆز ئارا پەرىقلەندۈرۈش كىرەك.

يۇقۇملۇق زۇكام

يۇقۇملۇق زۇكام ئادەتتە ھەر خىل يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كىسەللىك بولۇپ، ئادەتتە بۇرنى قىچىشىش، بۇرنىدىن سۇ ئىقىش، بۇرنى پۈتۈپ قىلىش، بوغىزى قىچىشىش، بوغىزى ئاغرىش، ھۆتىلەش، بىشى ۋە مۇسكۇللىرى ئاغرىش، قىززىش ۋە ھارغىنلىق ھىس قىلىش قاتارلىق ئادەتتىكى زۇكامنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى  ئادەتتىكى زۇكامغا نىسبەتەن ئىغىر بولغاندىن باشقا، يەنە توڭلاش، تىتىرەك بىسىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرىلىدۇ. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىدە پەرىقلەر بولىدۇ، بەزىلەردە ئىغىر بولىدۇ بەزىلەردە يەڭگىل بولىدۇ، بەزىلەردە بىر ئىككى خىللا كىسەللىك ئالامىتى بولىدۇ، بەزىلەردە يۇقاردا دەپ ئۆتكەن ھەممە كىسەللىك ئالامىتى بولىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنسانلارنىڭ يىشى ۋە ئادەتتىكى بەدەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يىشى چوڭ، بەدىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقۇملۇق زۇكامنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يۇقۇملۇق زۇكام ۋاكسىنىسى  ئۇدۇرۇش، داۋاملىق قولىنى يۇيۇش ۋە شەخسى تازلىققا ئەھمىيەت بىرىش، بەدەن چىنۇقتۇرۇش، يىتەرلىك ئۇخلاش، ياخشى ئارام ئىلىش، يىتەرلىك ئۇسۇزلۇق ئىچىش. ۋاختىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، زۆرۈر بولغان داۋالاشلارنى ئىلىپ بىرىش ۋە يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

يۇقۇملۇق زۇكام ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇسنىڭ تۈرلىرىگە قاراپ، ھەر خىل بولىدۇ.

No comments:

Post a Comment