Blog Archive

Friday, December 29, 2017

قەۋزىيەت

قەۋزىيەت

مەمەت ئمىن

قەۋزىيەت ياكى ئىچى قىتىۋىلىش (Constipation) بولسا چوڭ تەرەت دائىم قاتتىق كىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قەۋزىيەت ئادەتتە كۆپۈنچە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۇلىدۇ.  

قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر

(1) بەدەندە ئۈچەينىڭ ھەركىتىگە كاپالەت قىلىدىغان بەزى ماددىلار كەم بولۇش قاتارلىق ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەينىڭ ھەركىتى ناچار بولۇش؛
(2) ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەي بولۇپمۇ چوڭ ئۈچەي توسۇلاپ قىلىش؛
(3) چوڭ ئۈچەي راكى ۋە قوساقنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى بەزى ئەزالاردىكى راك ۋە ئۆسمە تۈپەيلىدىن ئۈچەي توسىلاپ، چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىق.
(4) تەركىۋىدە تاللالار مول بولغان سەي كۆكتات قاتارلىق ھەر خىل يىمەكلىلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش ۋە ياكى ئىستىمال قىلماسلىق؛
(5) يىتەرلىك ئۇسۇزلۇق ئىچمەسلىك؛
(6) ۋاختى ۋاختىدا چوڭ تەرەت قىلماسلىق، چوڭ تەرەتنىڭ ۋاختىنى ئۆتكۈزىۋىتىش؛
(7) قوساقنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە بىسىم چۈشۈرۈپ، قان ئايلىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى؛
(8) روھىي جىددىچىلىك ۋە ئىرسى ئاملىللار؛
(9) ھەركەتنى ئاز قىلىش، بەدەن چىنۇقتۇرماسلىق؛
(10) ئۈچەينىڭ ھەركىتىەە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى دورىلارنى ئىشلىتىش؛

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش

يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ھەر خىل بولغاچقا، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپنى ئىنىقلاپ چىقىش 
قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈچۈن بەك موھىم.




قەۋزىيەت بولۇشنىڭ  ئالدىنى ئىلىشتا ۋە ئۇنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك.
(1) ئۈچەي توسۇلاپ قالغان، ئۈچەينىڭ ھەركىتىگە ئالاھىدە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار يوقلىقىنى ئىنىقلاپ چىقىش كىرەك؛ ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بولسا، ئۇنىڭغا ئاساسەن داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك؛
(2) ياشتا چوڭلارمۇ بولۇپمۇ ئەللىك ياشتىن ئاشقانلار چوڭ ئۈچەينى ئەينەك بىلەن تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، چوڭ ئۈچەي راكى يوقلىقىنى جەزمەنلەشتۈرۈش كىرەك؛ ئەگەر راك بولسا شۇنىڭغا ئاساسەن داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك؛

(3) تەركىۋىدە تاللالار كۆپ بولغان سەي كۆكتاتنى كۆپ ئىستىمال قىلىش كىرەك؛
(4) ۋاختىدا چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلىنىش يەنى كۈنىگە بىر قىتىم چوڭ تەرەت قىلىشقا كاپالەت قىلىش كىرەك؛
(5) ئۇسۇزلۇقنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلىش كىرەك؛
(6) روھىي جەھەتتىكى جىددىلىشتىن ساقلىنىش، كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇش كىرەك؛
(7) ئاكاتىپ بەدەن چىنىقتۇرۇش كىرەك؛

No comments:

Post a Comment