Blog Archive

Friday, December 29, 2017

گېموروي

بوۋاسىر كىسىلى (گېموروي)

مەمەت ئمىن

بوۋاسىر كىسىلى ياكى گېموروي ( 痔疮) بولسا چوڭ تەرەت يولى ۋە تۈز ئۈچەينىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كۆك قان تومۇرلىرىنىڭ كەڭىيىشى، قانغا تولۇشى، ياللۇغلىنىشى ۋە قايتا قايتا زەخمىلىنىشى سەۋىبىدىن كىلىپ چىققان كىسەللىك.

گەرچە ئالاھىدە داۋاسى يوق مۈرەككەپ كىسەل بولمىسىمۇ، بىراق داۋالانغاندىن كىيىن قايتا قايتا قوزغالغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر تەرىپىدىن داۋالاش قىيىن بولغان كىسەل دەپ قارىلىپ كەلگەن كىسەللەرنىڭ بىرى.

ئەمىلىيەتتە بوۋاسىر كىسىلىنى داۋالاشنىڭ قىيىن بولۇشى ھەرگۈزمۇ ئەيدىز كىسىلى ۋە باشقا داۋاسى يوق بىر قىسىم كىسەللەرگە ئوخشاش تەخنىكىلىق مەسىلە بولماستىن، بەلكى بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. مۇنداقچە ئەيىتقاندا بۇ كىسەلنى بىر قىتىم داۋالاپ ساقايىتقاندىن كىيىن، بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى يەنىلا مەۋجۇت بولغانلىغى ئۈچۈن، بىمار بۇ كىسەلگە قايتا قايتا گىرىپتار بولۇشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن بۇ كىسەلنى داۋالاش قىيىن بولغان كىسەل دىگەندىن كۆرە، قايتا قوزغۇلۇش ئىھتىمالى يۇقۇرى بولغان كىسەل دىيىش تىخىمۇ مۇھاپىق بولسا كىرەك.

كىسەللىك ئالامەتلەر

ئادەم بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن بۇ كەڭەيگەن ۋە ياكى قانغا تولغان كۆك قان تومۇرلىرى، چوڭ تەرەتنىڭ سۈركۈلىشى ياكى ئىنجىقلاپ تەرەت قىلىش سەۋىبىدىن قاتتىق بىئاراملىق ھىس قىلىش، قاناش، چوڭ تەرەت يولى ئىچىشىپ ئاغرىش، كۆيگەندەك بولۇش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، بىمارغا نۇرغۇنلىغان روھى ۋە جىسمانى ئازاپلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. ئوپىراتسىيە قىلىش ۋە دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندىن كىيىن، كىسەل ئالامەتلىرى گەرچە بىر مەزگىل ياخشى بولغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇزۇنغا بارماي يەنە قايتا قوزغىلىدۇ.

بۇ كىسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر

بوۋاسىر كىسىلى ياكى گېمورروينىڭ پەيدا بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئامىللار؛
(1) داۋاملىق ئىچى قىتىۋىلىش، قەۋزىيەت بولۇش
(2) قايتا قايتا ئىچى سۈرۈلۈش؛ ئوبىرنىدا ئۇزۇن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش
(3) داۋاملىق ئىنجىقلاپ ياكى كۈچەپ تەرەت قىلىش
(4) چوڭ تەرەتتىن كىيىن قوپال ۋە پاكىز بولمىغان  گىزىت قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن تەرەت يولىنى تازلاش
(5) كۆپ قىتىم ئېغىر ئاياق بولۇش ۋە يەڭگىش، يەنى كۆپ قىتىملىق تولغاق
(6) داۋاملىق ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش
(7) داۋاملىق ھاراق ئىچىش.
(8) داۋاملىق ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت قاتتىق ئۇستەل ئۈستىدە ئولتۇرۇش، ھەركەتنى ئاز قىلىش
(9) قوساقنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە بىسىم چۈشۈرۈپ، قان ئايلىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى؛
(10)      روھىي جىددىچىلىك ۋە ئىرسى ئاملىللار.

ئالدىنى ئىلىش

بوۋاسىر كىسىلىگە ياكى گېموررويغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ۋە ئۇنىڭ قايتا قوزغۇلۇشىدىن ساقلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.
(1) سەي كۆكتاتنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئامال بار ئىچى قىتىۋلىشتىن ساقلىنىپ، چوڭ تەرەتنىڭ يۇمشاق ۋە راۋان بولۇشىغا كاپالەت قىلىش كىرەك.
(2) ۋاختىدا چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلىنىش، كۈچەپ ياكى ئىنجىقلاپ تەرەت قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئامال بولسا ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىدىغان ئوبىرنى ئىشلىتىش كىرەك.
(3) كۈنىگە 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىش ياكى ئىسسىق سۇدا ئولتۇرۇپ بىرىش ۋە ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش كىرەك.
(4) چوڭ تەرەتتىن كىيىنكى تازىلىققا دىقەت قىلىش، ئامال بار  ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ تازلاش، ياكى نەم تازلىق قەغىزى ئىشلىتىش كىرەك.
(5) ئالاھىدە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك؛
(6) ھاراق ئىچمەسلىك كىرەك.
(7) داۋاملىق ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت قاتتىق ئۈستەل ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ھەركەت قىلىپ تۇتۇش ۋە مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش كىرەك.
(8) روھىي جەھەتتىكى جىددىلىشتىن ساقلىنىش، كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇش كىرەك.

داۋالاش

1. دورا بىلەن داۋالاش:
گېموروينى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار
ئامازوندا

2. كوك قان تومۇرنى قاتۇرىدىغان ئوكۇل ئۇرۇپ داۋالاش
3. ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش:
(1) كەڭىۋالغان كۆك قان تومۇرنى كىسىپ ئىلىۋىتىش
(2) كەڭىۋالغان كۆك قان تومۇرنى بوغىۋىتىش.

No comments:

Post a Comment