Blog Archive

Saturday, February 21, 2015

مىڭە پەردە ياللۇغى

مىڭە پەردە ياللۇغى

مەمەت ئەمىن

مىڭە پەردە ياللۇغى (脑膜炎) دىگىنىمىز مىڭە ۋە ئۇمۇرۇتقا پەرىدىسىنىڭ باكتىرىيە ياكى ۋىرۇس بىلەن ياللۇغلىنىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان كىسەللىك بولۇپ، ئادەتتە مىنىڭگىت كىسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 


مىڭە پەردە ياللۇغى 1805-يىلى شىۋىتسارىيەنىڭ گەنەۋا شەھەرىدە تارقالغاندا تۇنجى قىتىم كىشىلەر تەرىپىدىن ھاتىرلەنگەن بولۇپ، 1887-يىلى مىڭە پەردە ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان مىڭە پەردە ياللۇغى شارسىمان باكتىرىيەسى بايقالغان.

مىڭە پەردە ياللۇغى ئاساسەن ياللۇغلىنىشتىن كىلىپ چىققان بولۇپ،  كوپۇنچە ھاللاردا باكتىرىيە ياكى ۋىرۇس كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. مىڭە پەردە ياللۇغى 5 ياشتىن كىچىك بالىلاردا، 17 ياش بىلەن 25 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلاردا ۋە 55 ياشتىن يۇقۇرقى ياشانغانلاردا كوپ ئۇچۇرايدۇ. كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۇچى توۋەن بولغان كىشىلەر بۇ كىسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان ھەتەرلىك كىشىلەر ھىساپلىنىدۇ.

مىڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋىبى نىمە؟

مىڭە پەردە ياللۇغى ئاساسەن مىڭە پەردىسىنىڭ باكتىرىيە ياكى ۋىرۇس بىلەن ياللۇغلىنىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان بولۇپ، باكتىرىيە كەلتۇرۇپ چىقارغان مىڭە پەردە ياللۇغى ئادەتتە ۋىرۇس كەلتۇرۇپ چىقارغان مىڭە پەردە ياللۇغىغا نىسبەتەن ئاز ئۇچۇرايدۇ، بىراق ئاقىۋىتى ئىغىر بولىدۇ. باكتىرىيەلىك مىڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ 10% كىسەل ئالامەتلىرى كورۇلۇپ 24~48 سائەت ئىچىدە ئولۇپ كىتىدۇ. ساق قالغانلىرىنىڭ ئىچىدە 10~20% ئادەمنىڭ مىڭىسى كىسەللىك تۇپەيلىدىن زەخمىلىنىپ، مەڭگۇلىك مىيىپ بولۇپ قالىدۇ.

باكتىرىيەلىك مىڭە پەردە ياللۇغىنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمىنى ئادەتتە ئوپكە ياللۇغى شارسىمان باكتىرىيەسى بىلەن مىڭە پەردە ياللۇغى شارسىمان باكتىريەسى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ

باكتىرىيەلىك مىڭە پەردە ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان باكتىرىيەلەر ئادەتتە بۇرۇن، بوغۇز ۋە يۇقۇرى نەپەس يوللىرىدا ياشايدىغان بولۇپ، ھوتىلەش، چۇشكۇرۇش ۋە سويۇش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئوز ئارا تارقايدۇ. بۇ باكتىرىيەلەر ئادەتتە ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل باكتىرىيە ئىچىملىك سۇ، سۇ ئۇزۇش كولچىگى ۋە ھاۋا تەڭشىگۇچ بار بىنالاردا تارقىمايدۇ.

بەزى كىشىلەر بۇ باكتىرىيەنى بىر نەچچە كۇن، بىر نەچچە ھەپتە، ھەتتا بىر نەچچە ئاي ئىلىپ يۇرۇپمۇ كىسەل بولمايدۇ. ئادەتتە ئومۇمى نوپۇسنىڭ 25%، بۇ باكتىرىيەنى ئىلىپ يۇرىدىغان بولۇپ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا قان بىلەن مىڭە سۇيۇقلىقى جايلاشقا مىڭە بوشلۇغى ئارىسىدىكى فىزىلوگىيەلىك توساق تۇپەيلىدىن، قانغا كىرگەن باكتىرىيەلەر مىڭە سۇيۇقلىقىغا كىرەلمەيدۇ، ۋە شۇنداقلا كىسەلمۇ پەيدا قىلالمايدۇ، پەقەت بەزى ۋاقىتلاردىلا بۇ باكتىرىيەلەر بەدەننىڭ كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۇچىنى بىسىپ چۇشۇپ، فىزىلوگىيەلىك توساقتىن ئوتۇپ، مىڭە سۇيۇقلىقى  ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىدۇ، ۋە شۇنىڭ بىلەن مىڭە پەردە ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. 

مىڭە پەردە ياللۇغى كەلتۇرۇپ چىقارغان سەۋىبىگە ئاساسەن 12 كىچىك تۇرگە بولىنىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئا، ب، ك ۋە ۋ135 قاتارلىق 4 تۇردىكى مىڭە پەردە ياللۇغى تارقىلىشچان كىسەل قاتارىغا كىرىدىغانلىغى جەزمەنلەشتۇرۇلگەن. ئادەتتە ئاسىيادا ئا تىپتىكى مىڭە پەردە ياللۇغى كوپ ئۇچىرايدۇ.
مىڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردا قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟ 

بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالاغەتكە يەتكەنلەر ۋە چوڭ بالىلاردا كورىلىدىغان ئالامەتلەر ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار توۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1.        قىزىتمىسى ئورلەپ كىتىش ۋە تىتىرەك بىسىش.
2.        قاتتىق باش ئاغرىش
3.        قۇسۇش، ياندۇرۇش
4.        بويۇنى قىتىپ قىلىش  
5.        سەزگۇرلىگى ئىشىپ كىتىش، ئاسان ھاجانلىنىش ياكى ئاچىقلىنىش
6.        مۇگۇدەش، ئۇيقىسى كىلىپ تۇرۇش
7.        كوزنىڭ يورۇقلۇققا بولغان سەزگۇرلىگى ئىشىپ كىتىش، يەنى يورۇقتىن قورقۇش
8.        ئەس ھۇشى جايىدا بولماسلىق، جولۇش، ھۇشسىزلىنىش

بوۋاق ۋە ئۇششاق بالىلاردا كورۇلىدىغان ئالامەتلەر

1.        يىلىنىپ ياكى ماغدۇرسىز  يىغلاش 
2.        ئۇيقىدىن كوزىنى ئاچالماسلىق، مۇگدەپ تۇرۇش
3.        چوچۇش، ئاسان قورقۇش
4.        كەينىگە داجىۋىلىش ياكى ئالدىغا تۇغۇلىۋىلىش
5.        بىر نۇھتىغا تىكىلىپ تۇرۇش، ئەتىراپقا قىززىقماسلىق
6.        قىزىتمىسى ئىشىپ كىتىش، ۋە ياكى پۇت قولى توڭلاپ كىتىش
7.        تاماق يىمەسلىك، ئىشتىيى ناچار بولۇش
8.        قۇسۇش، ياندۇرۇش
9.        چىرايى تاتىرىپ قىلىش
10.        بەدىنىگە قىزىل چىقىپ قىلىش

مىڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش

مىڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىر ئاز قىيىن بولۇپ، ئادەتتە توۋەندىكىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك

1.        مىڭە پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇدۇرۇش 
2.        شەھسى تازىلىققا دىقەت قىلىش، قول، بۇرۇن ۋە ئەغىزنى ۋاختىدا يۇيۇپ تۇرۇش كىرەك
3.        مۇھاپىق چىنىقىش، بەدەننىڭ كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۇچىنى ئاشۇرۇش كىرەك.
4.        كىسەل تارقالغان رايۇنلارغا بارماسلىق كىرەك
5.        مىڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر بىلەن بىۋاستە قويۇق ئارىلاشماسلىق كىرەك
6.        ئەگەر يۇقارقى ھەرقانداق ئالامەتلەر كورۇلگەن ھامان، دەرھال دوھتۇرغا بىرىپ كورۇنۇش، ۋە ۋاختىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك.

No comments:

Post a Comment