Blog Archive

Thursday, January 25, 2018

مەزى بىزى ئۆسمىسى

مەزى بىزى ئۆسمىسى

مەمەت ئىمىن

ئەگەر 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە ئككى سائەتتە بىر قىتىم كىچىك تارەت قىلىدىغان، كىچىك تەرەتنى توختىتالمايدىغان، كىچىك تەرەت قىلىپ بولۇپ يەنە كىچىك تەرەت قىلغۇسى كىلىدىغان، كىچىدە ئككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە قوپىدىغان ۋە ياكى كىچىك تەرەت قىيىنلىقتەك ئەھۋاللارنى،  نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغانلاردا بولىدىغان نورمال ئەھۋال دەپ قارىشىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا بۇ ئالامەتلەرنى مەزى بىزى ئوسمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۇنداقتا مەزى بىزى ئوسمىسى دىگەن زادى قانداق كىسەل؟ بۇ كىسەل بىلەن تونوشۇش ئۇچۈن ئالدى بىلەن مەزى بىزى بىلەن تونۇشماقلىق لازىم.

مەزى بىزى دىگەن نىمە؟

ئەرلەرنىڭ مەزى بىزى دوۋسىنىڭ تۆۋەن تەرپىگە ۋە سۈدۈك يولىنىڭ ئەتىراپىغا جايلاشاقان جىنسى بەز بولۇپ، سۈدۈك يولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. چوڭلۇقى ئادەم تۇغۇلغاندا 1.5 گىرام ئەتىراپىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەندە 11 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. 25 ياشقا بارغاندا 18 گىرام، 70 ياشقا بارغاندا تەخمىنەن 31 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى جىنسى سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىش بولۇپ، بۇ بەز ئاجىرتىپ چىقارغان جىنسى سۇيۇقلۇق مەنىنىڭ 15% تەشكىل قىلىدۇ. مەزى بىزى تەخمىنەن 50 پارچە ئۇششاق بەزچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، نەيچىلەر ئارقىلىق سۇدۇك يولىغا تۇتۇشىدۇ.

مەزى بىزى ئۆسمىسى دىگەن قانداق كىسەل؟

سۇدۇك يولى ئەتىراپىغا جايلاشقان بۇ بەز ياشنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ يوغۇناپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يوغۇناش يونۇلۇشى ئككى خىل بولىدۇ، بىرى ئىچكى تەرەپكە يەنى سۈدۈك يولىغا قاراپ يوغۇناش، يەنە بىرى تاشقى تەرەپكە قاراپ يوغۇناش. مەزى بىزىنىڭ بىرىنجى تۈردىكى يوغۇناش نەتىجىسىدە سۈدۈك يولى تارىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەت قىيىنلىشىدۇ، دوۋسىدىكى كىچىك تەرەتنى پۈتۈنلەي سىيىپ چىقىرۋىتىش قىيىنلىق تۇپەيلىدىن ھەر قىتىملىق كىچىك تەرەتنىڭ مىقدارى ئازلايدۇ، كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن بىر قىسىم كىچىك تەرەت دوۋسىدا قىپ قالىدۇ، بۇ دوۋسىنىڭ ئۈنۈملۈك سىغىمىنى كىچىكلىتىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەتنىڭ قىتىم سانى كۆپىيىدۇ. بۇ خىل كىسەل ئەگەر ۋاختىدا داۋالانسا ئالاھىدە يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بولغىنى ئۇچۇن، ھەمدە مەزى بىزى راكىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈۇن، ياخشى سۈپەتلىك 
.مەزى بىزى ئوسمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ


نورمالدا بەدەن ئىغىرلىقى 70 كىلو كىلىدىغان ئادەم يىتەرلىك ئۇسۇزلۇق ئىچكەن ئەھۋال ئاستىدا بىر كۇندە 1.5 لىتىردىن 2.5 لىتىرگىچە سۈدۈك ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، دوۋسىنىڭ نورمال سىغىمچانلىغى 0.5 - 0.6 لىتىر ياكى 500 - 600 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ئادەم ئادەتتە 6 سائەتتىن 8 سائەت ئەتىراپىدا بىر قىتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قىتىم كىچىك تەرەت قىلغان كىشى، نورمال ئەھۋالدا كىچىدە كىچىك تەرەتكە چىقمايدۇ. مەزى بىزى ئۆسمۇسىگە گىرىپتار بولغان كىشى بىر كىچىدە كەم دىگەندە ئككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە قوپىدۇ. مۇنداقچە ئەيىتقاندا، ئەگەر ئەرلەر كىچىدە كىچىك تەرەتكە بىر ئككى قىتىمدىن ئارتۇق چىقسا، مەزى بىزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىق ئىھتىمالى يۇقۇرى بولىدۇ. مەزى بىزى راكىدىمۇ بۇ ئالامەتلەر بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن مەزى بىزى راكىنى ئاساسى ئورۇندا قويۇپ تەكشۈرتۈش كىرەك.  ئەلۋەتتە ياخشى سۇپەتلىك مەزى بىزى ئوسمىسى راك كىسىلىگە ئايلانمايدۇ، بىراق راك كىسىلى بۇ كىسەل بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇشى ياكى بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن راكقا گىرىپتار بولۇشى مۈمكىن.

قانداق كىشىلەر مەزى بىسى ئۆسمىسىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندا مەزى بىزى نورمالدىن يوغۇناشقا باشلايدىغان بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ 50%، 80 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ 80% بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بىراق بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاران 50% دە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كىچىك تەرەت نورمالسىزلىق ئالامەتلىرى بولۇپ، ئاران 25% ئەمىلى داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ.

ئەرلەر نىمە سەۋەپتىن بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؟

بۇ كىسەلنىڭ ھەقىقى سەۋىبى تىخى تازا ئىنىق بولمىسىمۇ، بىراق كۆپۈنچە مۇتەخەسىسلەر بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ياشانغان كىشىلەردىكى جىنسى ھورمۇن تەڭپۇڭلىغىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئەرلىك جىنسى ھورمۇننىڭ رولىنىڭ ئۆزگۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

بۇ كىسەلنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى ۋە ئاقىۋىتى

1. كىچىدە ئككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەت قىلىش
2. كىچىك تەرەتنىڭ مىقدارى ئازلاپ، قىتىم سانى كۆپىيىپ كىتىش
3. كىچىك تەرەت قىيىنلىشىش ۋە ياكى سىيەلمەسلىك
4. كىچىك تەرەتتىن كىيىن سۈدىكىنى توختىتالماسلىق ۋە ياكى سۈدۈك تامچىش.
5. كىچىك تەرەتنى كونتۇرۇل قىلالماسلىق
6. دوۋسى يوغۇناپ كىتىش ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش
7. بۆرەك زەيىپلىشىش
8. بەل تىلىپ ئاغرىش
9. ئەرلىك جىنسى قابىلىيەت ئاجىزلاش

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش

بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق. بەزى ئەنئەنىۋى تىبابەت  دورىلارنىڭ بۇ كىسىەلنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا بەلگۈلۈك رولى بار دەپ قارالماقتا، بىراق ئۇنىڭغا ئاھىت سىستىمىلىق بىر سانلىق مەلۇمات يوق.
بۇكىسەلنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللۇنىلىدۇ.
1. دورا بىلەن داۋالاش: ئەگەر بۇ كىسەل باشلىنىشتىلا دورا بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا، كىسەلنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق نىگىزىدىن داۋالاپ ساقايىتقىلى بولـمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز دورا يەپ تۇرۇشقا توغۇرا كىلىدۇ.  
2. ئەگەر سىيەلمەسلىك ئىغىر بولسا، دەرھال سۈدۈك يولىغا شىلەڭكە سىلىپ، سۈدۈكنى ۋاقىتلىق راۋانلاشتۇرۇش؛
3. ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش
(1) سۇدۇك يولى ئارقىلىق مەزى بىزىنى كىسىش ئوپىراتسىيەسى (经尿道前列腺切开术)
(2) سۇدۇك يولى ئارقىلىق مەزى بىزىنى كىسىپ ئىلىۋىتىش ئوپىراتسىيەسى (经尿道前列腺切除术)
(3) دوۋسى ئارقىلىق مەزى بىزىنى كىسىپ ئىلىۋىتىش ئوپىراتسىيەسى (前列腺切除术)
4. يىڭى داۋالاش ئۇسۇللىرى
(1) سۇدۇل يولى ئارقىلىق لازىر نۇرى بىلەن مەزى بىزىنى كىسىپ ئىلىۋىتىش ئوپىراتسىيەسى
(2) سۇدۇك يولى ئارقىلىق مىكرو دۇلقۇن بىلەن ئىسسىق ئوتكۇزۇپ داۋالاش
(3) سۇدۇك يولى ئارقىلىق يىڭنە بىلەن مەزى بىزىنى ئىلىۋىتىش
(4) يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك يۇقۇرى چاستوتۇلۇق ئاۋاز دولقۇنلىرى ئارقىلىق داۋالاش

No comments:

Post a Comment