Blog Archive

Thursday, January 25, 2018

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟


ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟

مەمەت ئمىن

دۇنيادا ساغلاملىققا ئىنتىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ساغلام ياشىغىلى بولىدۇ؟ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئۆزىنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يىتىشىمىزگە توغۇرا كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

ساغلاملىق، ئۇ بىر نىسپى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ روھى ساغلاملىق ۋە جىسمانى ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ ھەر خىل فىزىلوگىيەلىك فونكىسىيەسى نورمال يۈرۈشسە، ۋە بەدەندە ھازىرقى تىببى سەۋىيە داھىرسىدە تەكشۈرۈپ بايقىغۇدەك ئالاھىدە نورمالسىزلىق بولمىسا، ئىنسان ساغلام ھىساپلىنىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار گەرچە ھەر خىل ۋە مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1. ئىرسى ۋە تۇغما ئامىللار؛ بۇ خىل ئامىللار ئادەتتە بىزنىڭ كونتۇرۇل قىلىشىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن يەنى مۇنداقچە ئەيىتقاندا پىشانىمىزغا پۈتۈلگەن ئامىللار بولۇپ، بەزىلىرى ئاتا- ئانىلىرىمىز ۋە چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرىمىزنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولسا، بەزىلىرى ھازىرغا قەدەر ئىنىق بولمىغان سەۋەپلەردىن بولغان؛
2. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يىمەك ئىچمەك ئادەتلىرى، ھەركەت قىلىش، بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا بولغان ئاكىتىپچانلىقى ۋە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى؛
3. بەدەننىڭ تۇغما ۋە كىيىن ئىگە بولغان كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش (ئىمىيۇنۇت) كۈچى؛
4. ئىنسانلار ياشاۋاتقان دەۋىر ۋە رايۇننىڭ پەن تەخنىكا، ئىختىزادى تەرەققىياتى، ساقلىقنى ساقلاش ئۇنىۋىرسال سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمايى پاراۋانلىقى؛
5. ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سۇپىتىگە بولغان تەلەپ ۋە مەسۇلىيەت تۇيغىسى؛
6. ئىنسانلار ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئىكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلىقى ۋە بۇلغۇنۇش ئەھۋالى؛
7. ئىنسانلارنىڭ كەسسىپى ۋە خىزمەت خاراكتىرى؛
8. ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتى؛
9. ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، ۋە شەيىلەرگە بولغان ئاكىتىپ، ئۇمۇتۋارلىق قارىشى؛

ساغلىقنى ساقلاش بويۇملىرى

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دىگىنىمىز بەدەنىمىز ئىھتىياجىلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ھەر خىل ساغلاملىق مەسۇلاتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. خەلقارادىكى ھەر قايسى دوۋلەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا بەرگەن تەرىپلىرى ۋە ئۇنى كونتۇرۇل قىلىشتىكى قانۇن تۇزۇملىرىدە بەزى پەرىقلەر بولسىمۇ، بىراق ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئاساسەن ئوزۇقلۇق تولۇقلۇغۇچىسى قاتارىدا مۇھامىلە قىلىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئوخشىمىغان دۆۋلەتلەردە ئوشىمىغان ناملار بىلەن  ئاتىلىدۇ
"Food supplements"  "Dietary supplements"
"保健品"

جۇڭگونىڭ "ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى" غا بەرگەن تەرىپلىرى

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل فونكىسىيەسىنى تەڭشەش، بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بويۇملارنى كۆرسىتىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ كىسەل داۋلاش ئىقتىدارى يوق، بىراق بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، قاندىكى ماينى ۋە  شىكەرنى توۋەنلىتىشكە ياردەملىشىش، قان بىسىمىنى توۋەنلىتىشكە ياردەملىشىش، ئوكسىدلىشىشنى توساش، ئەستە ساقلاش ۋە خاتىرسىنى ياخشىلاش، بەدەن ۋە كوزىنىڭ ئاسان ھىرىپ قىلىشنى تۆۋەنلىتىش، بەدەننىڭ قوغۇشۇن تازىلىشىنى ياخشىلاش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، سۈت ئاجىرتىپ چىقىرىشنى ياخشىلاش، بەدەننىڭ ئوكسىگىن كەملىكىگە بولغان چىداملىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، بەدەننى رادىياكتىپلىق نۇرنىڭ زىيانىنىدىن ساقلىشىغا ياردەم بىرىش، ئورۇقلاش، ئۆسۈپ يىتىلىشنى ياخشىلاش، سوڭەك زىچلىغىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك قان كەملىكنى ياخشىلاش، جىگەرنى ئاسىراش، دانىخورەكنى يوقۇتۇش، سەپكۇللەرنى يوقۇتۇش، تىرىنى ياخشىلاش، ئۇچەيدىكى باكتىرىيە ئىقتىدارىنى تەڭشەش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئۈچەي ۋە ئاشقازان تىۋىتلىرىنى قوغداش، ئىچى قىتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.

ئامىركىنىڭ "ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى" غا بەرگەن تەرىپلىرى

  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دىگىنىمىز يىمەكلىكلەرنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكتىن يىتەرلىك قوبۇل قىلالمىغاندا، بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىدىغان يىمەكلىكلەر تولۇقلىمىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئادەتتە كىسەل داۋلاش ۋە ياكى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.  ئامىركىدا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئامىركىنىڭ يىمەكلىك ۋە دورا ئىدارىسىنىڭ كونتۇرۇل قىلىش داھىرسىدە بولۇپ، پۇتۇنلەي يىمەكلىك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. نورمالدا ھىچقانداق بىر مەمۇرى ئورگان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنىمىگە كاپالەت قىلمايدۇ، پەقەتلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدۇ؛ مەسىلە كۆرۈلگەندە ئاندىن تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ تۇرلىرى

ئادەتتە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ كۆپۈنچىسى تەبىئى خام ئەشىيالار تەركىۋىدىن ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بولغان مەلۇم بىر ياكى بىرنەچچە خىل ماددىلارنى تاللاپ چىقىرىپ دورا شەكلىدە ياساپ چىقان مەسۇلات بولۇپ، بەزىلىرى تابىلىت شەكلىدە بولسا، بەزىلىرى كاپسىل شەكلىدە بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى سۇيۇقلۇق (شەربەت، مەلھەم) شەكلىدە بولسا، بەزىلىرى ئۇن، كىپەك ۋە ياكى تالقان شەكلىدە بولىدۇ.

بىز نورمالدا ئۇچۇرتۇپ تۇرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ۋىتامىنلار: ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زورۇر بولغان كوپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، ئادەتتە كوپ ئىشلىتىلىدىغان 13 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىنلار بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مىنىرال ماددىلار: مىنىرال ماددىلار دىگىنىمىز بەدەن قۇرۇلىشىدا ۋە بەدەننىڭ نۇرغۇن مۇھىم فونكىسىيەسىنى ساقلاشتا ناھايتى مۇھىم بولغان ئانورگانىك ماددىلار بولۇپ، ئۇلار كالتسىي، ماگنىي، تومۇر، كالىي، ناترى، خىلور، يود، پوسپۇر قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە كالتسىي، تومۇر، ماگنىي، يود كەملىك بىر ئاز كوپ ئۇچۇرغانلىقى ئۇچۇن، ساقلىقنى ساقلاش داھىرسىگە كىرىدىغان مىنىرال ماددىلارمۇ ئاساسلىقى مۇشۇ ئۇچ خىل مىنىرال ماددىنى كوزدە تۇتىدۇ.

ئۆسۈملۈك دورىلىرى:  ئۆسۈملۈك دورىلىرى گەرچە دورا دەپ ئاتالغان بولسىمۇ بىراق ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ بەدىنىمىزدە ئوينايدىغان رولى ئادەتتە بىز دەۋاتقان دورىلاردىن كوپ پەرىقلىق بولغانى، ئۇلارنىڭ كىسەل داۋالاش مىخانىزىمى ئىنىق بولمىغىنى ئۇچۇن، بارلىق ئوسۇملۇك دورىلىرى (مەيلى جوڭيى دورىلار بولسۇن ۋە ياكى بىزنىڭ مىللى تىبابەت دورىلىرىمىز بولسۇن) ئامىركىدا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كاتىگورىيەسىگە كىرگۇزىۋىتىلگەن.

ئامىنو كىسالتاسى ۋە ئاقسىل: ئامىنو كىسالتاسى ۋە ئاقسىل بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بەدىنىمىزدە ناھايتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئوتەيدۇ. ئەگەر بەدىنىمىز يىتەرلىك ئامىنو كىسىلتاسى ۋە ئاقسىلغا ئىرىشەلمىسە بەدىنىمىز نومال يىتىلمەيدۇ، ۋە بەدىنىمىزنىڭ ھەر خىل فونكىسىيەسى نورمال يۇرۇشمەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بەدىنىمىز كۇندۇلۇك يىمەكلىكلەردىن بۇ ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەندە بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق.

مايلىق كىسىلتاسى: بۇ خىلدىكى ساقلقىنى ساقلاش بويۇملىرى ئومىگا- 3، بىلىق مىيى، بىلىق جىگەر مىيى قاتارلقىلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ماددىلارمۇ بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددىلاردۇر.  بەدىنىمىزنىڭ بۇ خىلدىكى ماددىلارغا بولغان ئىھتىياجى يىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرىقلىق. ئەگەر بەدىنىمىز كۇندۇلۇك يىمەكلىكلەردىن بۇ ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەندە بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق.

تالا تاللالار: بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كىپەك، قوناقلاردىن ياسالغان بولۇپ، تەركىۋىدە كوپ مىقداردا تالالار بار، سەي كوكتات ۋە تەركىۋىدە تالا بار يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئادەتلەنمىگەن، ئىچى ئاسان قىتىۋالغان كىشىلەرگە نىسبەتەن چوڭ تەرەتنى بوشۇتۇش ۋە ئۇنى راۋان قىلىش ئەھمىيىتى بار.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

1. مەيلى قايسى تۈردىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇمى بولۇشتىن قەتتى نەزەر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادەم بەدىنىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلمايدۇ. ئۇ پەقەتلا بىز كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكتىن يىتەرلىك ئىگە بولالمىغان ۋە بەدىنىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان بەزى ماددىلارنى تولۇقلاپ بىرىدۇ.
2. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش دورا ئىشلەپ چىقىرىشتىن كۆپ پەرىقلىق بولۇپ، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا، بازارغا سىلىشقا بولغان تەلەپ ۋە قانۇن تۇزۇملەر دورىلارغا نىسبەتەن كۆپ ئاددى ۋە ئارىسال بولىدۇ.
3. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازارغا سىلىشتا ئۈنىمى ۋە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن دورىلارغا تەلەپ قىلغاندەك ئالاھىدە تەتقىقات ئىسپاتى ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھەم كىلىنىكىلىق سىناقمۇ ئىلىپ بىرىلمايدۇ.
4. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئەنئەنەۋى تۇرمۇش تەجىربىلىرىدىن چىقىرىلغان يەكۈنگە ئاساسەن ئىشلەپ چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ ئۈنىمى ۋە پايدىسى توغۇرسىدا سىستىمىلىق بىر تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەلەپ قىلىنمايدۇ.
5. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دورا ئەمەس، نورمالدا ئۇلارنىڭ كىسەل داۋالاش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ھەرگۈزمۇ دورىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ؛ شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى كىسەل داۋالايدىغان دورا قاتارىدا تەشۋىق قىلىش ۋە سىتىش بىر خىل مەسۇليەتسىزلىك.
6. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئىچىدە ۋىتامىنلار، كالتسى  ۋە بەزى ماددىلارنىڭ ئۇلارنىڭ كەملىكىدىن كىلىپ چىققان بەزى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى ۋە بۇ خىل كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنىمى بولغىنىدىن باشقا مۇتلەق كوپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى يوق.
7. ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئادەتتە يىمەك ئىچمەك خام ئەشىيالىرىدىن ۋە ياكى تەبىئى ئوسۇملۇكلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ؛ شۇڭا ئەكىس تەسىرى نىسبەتەن تۆۋەن، بىخەتەرلىكى نىسبەتەن يۇقۇرى بولىدۇ، بىراق بۇنداق دىگەنلىك ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەكىس تەسىر يوق دىگەنلىك ئەمەستۇر. بەزى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ساغلاملىققا بەزى يامان ئاقىۋەت ئەكەلگەنلىك توغۇرسىدىكى دوكىلاتلار مەۋجۇت.
8. مەلۇم بىر ساقلىقنى ساقلاش بويۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىۋىنىڭ تۈرى يىمەكلىكلەردەك كۆپ ئەمەس، بىراق ئۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك تەركىۋىنىڭ مىقدارى يىمەكلىكلەردىن يۇقۇرى، يەنى ئۇنىڭ ئۇنۇملۇك تەركىۋى ئادەتتىكى يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زور دەرىجىدە قويۇقلاشتۇرۇلغان بولىدۇ؛
9. ھەرقانداق ساقلىقنى ساقلاش بويىمى پەقەت ۋە پەقەتلا يىمەكلىكلەرنىڭ تولۇقلۇغۇچىسى بولۇپ، ھەرگۈزمۇ يىمەكلىكنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
10. بەدەننىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوبۇل قىلىشى  ئادەتتىكى يىمەك ئىچمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئوخشايدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق بىزنىڭ ساقلىقىمىزنى ساقلاپ ساغلام ياشىشىمىزنى كاپالەت قىلالامدۇ؟

بىر ئادەمنىڭ ساغلام ياشىشى كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر گىرىپتار بولىۋاتقان كىسەللەرنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئوزۇقلۇنۇش ۋە يىمەك ئىچمەكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار گىرىپتار بولىۋاتقان بەزى كىسەللەرنىڭ سەۋەپلىرى ۋە كىلىپ چىقىش جەريانى ئىنىق بولىسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كىسەللەرنىڭ سەۋەبى ۋە كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرى تىخى ئىنىق ئەمەس. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا قارغۇلارچە چوقۇنۇپ، ئۇلارنى ھەممە كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاشنىڭ كاپالىتى دەپ قاراش توغۇرا ئەمەس.

نۇرغۇن كىشىلەردە "بۆرەك يىسە بۆرەككە پايدىسى بار، جىگەر يىسە جىگەرگە پايدىسى بار" دەيدىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىمەكلىك ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى تەركىۋىدىكى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى، خىزمىتى توغۇرسىدا تولۇق چۈشەنچىسى يوق. ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى تامامەن ھەزىم بولۇپ پارچىلىنىپ بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان خام ئەشىيلارغا ئايلىنىدۇ؛ ئاندىن بەدەن ئوز ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇ خام ئەشىلاردىن پايدىلىنىپ ئوزى ئىھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ۋە ياكى يىقىلغۇغا ئايلاندۇرۇپ بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەدەن ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەن ماددىلارنىڭ بەدەنگە يالغۇز كوپ ئەھمىيىتى بولماي قالماستىن ئەكسىنچە بەدەن يۇكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ بەزى زىيان زەخمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. شۇڭا گەرچە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ نۇرغۇن دورىلارغا نىسبەتەن ئەكىس تەسىرى توۋەن، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقۇرى بولسىمۇ، بىراق بەدەن ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەن قىسمى بەدەندە مەلۇم يامان ئاقىۋەت ئەكىلىشى ۋە مەلۇم ماددىلار بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ بولۇپمۇ ئوخشاش تەركىۋى بار باشقا بويۇملار بىلەن ۋە ياكى بەزى دورىلار بىلەن بىرگە ئىشلەتكەندە، بۇ خىل يامان تەسىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى تىخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كىشىلەرنىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتى، شاراھىتى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى بەزى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان، ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان خەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەن بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بەدەننىڭ شۇ زورۇر بولغان ماددىلارنى تولۇقلىشىدا ۋە بەدەننىڭ نورمال فونكىسىيەسىنى ساقلىشىدا ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار بولۇپ، بەدەننىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ نىمە خىزمەتلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى چۇشۇنۇپ يىتىش، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى توغۇرا قوللۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە پايدا ئەكىلىدىغان ھەقىقى تۈردىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئايلاندۇرۇشتا بەكلا مۇھىم.

ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟

ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم ئارزۇ ئىستەكى بولسا كىرەك. ئىنساندا يالغۇز گۈزەل ئارزۇ ئىستەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چۇشلۇق ھەركەت بولمىسا، ئۇ ئارزۇ ئىستەكلەر ئۆزلىگىدىن رىياللىققا ئايلانمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ سالىقنى ساقلىشى ۋە ساغلام ياشىشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇش پوسىتسىيەسى، دۇنيا قارىشى ۋە ئىلمى ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇمۇشىدىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز ھەرگۇزمۇ مەلۇم ياشقا بارغاندا، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ھەر خىل ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلمەيمىز.

بىز ساغلام ياشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۇرمۇش ئادىتىمىز ۋە تۇرمۇش پوزىتسىيەلىرىمىزنى ساغلاملاشتۇرىشىمىز كىرەك
1. ئاكىتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى يىتىلدۇرىشىمىز كىرەك.
2. بىز ھەر خىل يىمەك ئىچمەكلەرنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىشىمىز  ۋە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەت قىلىشىمىز كىرەك.
3. مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى كونتۇرۇل قىلىشىمىز كىرەك.
4. بەدىنىمىزگە زىيانلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئامال بار ساقلىنىشىمىز ۋە ياكى ئۇلاردىن يىراق تۇرىشىمىز كىرەك.
5. مۇھىت ۋە شەخسى تازلىقىمىزغا ئەھمىيەت بىرىشىمىز، مۇھىتنى قوغدىشىمىز، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك.
6. قەرەلىك ساغلاملىق تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق بەدەندە سادىر بولغان ھەرقانداق نورمالسىزلىقلارنى ۋاختىدا بايقاپ، ۋە ئۇنى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كىرەك.
7. زۆرۈر بولغان ۋاكسىنىلارنى ۋاختىدا ئۇدۇرىشىمىز كىرەك.

قانداق كىشىلەر ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئىھتىياجلىق؟

ئادەتتە يىمەكلىك تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلغان، كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكلەر ئارقىلىق بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىگە بولغان ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىستىمال قىلىشىنىڭ كۆپ زورۇريىتى يوق.

توۋەندىكى كىشىلەر ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى مۇھاپىق ئىستىمال قىلسا بولىدۇ
1. ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان، ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەن كىشىلەر؛
2. مەلۇم خىلدىكى ماددىلارنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن بەزى مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر كىلىپ چىققان ۋە ياكى كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغانلار؛
3. مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ماددىغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكى بۇ ماددىنىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەن، ۋە نورمال يىمەك ئىچمەك ئارقىلىق بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشىش قىيىن بولغان كىشىلەر؛
4. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بوۋاقلار ۋە ياشانغان كىشىلەر؛
5. بەزى ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللەرگە بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاستا خاراكتىرلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى بىر خىل ياردەمچى داۋالاش ۋاستىسى قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدۇ؛
6. ياشاۋاتقان شاراھىتتا ۋە ياكى ھازىرقى دوختۇرلۇق سەۋىيەسىدە داۋالاش ئامالى بولمىغان كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ئۆز ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ مىھاپىق بولغان ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى بىر خىل ئامال يوقنىڭ ئامالى قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدۇ؛

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللىغاندا ۋە ئىشلەتكەندە نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللىغاندا، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، نوپۇزلۇق شىركەتلەر ئىشلەپ چىقارغان، ئوزۇقلۇق تەركىۋى ۋە ماس كىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنىق ۋە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئەسكەرتىلگەن، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى شىپالىق دورا قاتارىدا ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ ماختىۋەتمىگەن بويۇملارنى تالاش كىرەك. ئۇنىمى قانچە كوپتۇرلۇپ ماختالغان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى شۇنچە ئىشەنچىلىك بولماسلىقى مۇمكىن.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى پەقەتلا بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇقلۇغۇچىسى بولغىنى ئۇچۇن بەدەندە ھىچقانداق ئوزۇقلۇق ماددا كەم بولمىغان ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن كوپ ئەھمىيىتى ھەم زورۇريىتى يوق. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويىمىغا بولغان تونۇشنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەركىۋىنى ۋە بەدەندە نىمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىنىق چۇشۇنۇپ يىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئوزى ئىھتىياجلىق بولغان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللاش بەكلا مۇھىم.


ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ساقلىقنى ساغلىغۇچى ھەممىگە شىپا ئۇنىۋەرسال دورا ئەمەس. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ئالدى بىلەن ھەرگۈزمۇ ئۇلارنى كىسەل داۋالايدىغان ھەممىگە قادىر شىپالىق دورا قاتارىدا ئىشلەتمەسلىك كىرەك. بەدەندە مەلۇم بىر كىسەل بايقالغاندا ئەڭ مۇھىمى دەرھال مۇناسىۋەتلىك مۇتەخسىسلەرگە كۆرۈنۈپ، سىستىمىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك. زورۇر بولغاندا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى پەقەت ۋە پەقەتلا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىش، ھەم كىسەل داۋالاش ئۇچۇن ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان دورا ئارىسىدا قارشىلىق تەسىرنىڭ بار يوقلىقىغا دىقەت قىلىش كىرەك. كىسەل داۋالاشنى ھەرگۇزمۇ پۇتۇنلەي ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا باغلاپ، كىسەلنى داۋالىتىدىغان ئەڭ مۇھىم پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق كىرەك.

No comments:

Post a Comment