Blog Archive

Sunday, January 10, 2016

Kaltsiy we saghlamliq

كالتسىي ۋە ساغلاملىق

مەمەت ئىمىن

ئەسكەرتىش: مىنىڭ يازمىلىرىم ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدا يىزىلىپ يۇمشاق  دىدال"يۇلغۇن"  ئارقىلق كونا يىزىققا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۆزگەرتىلىش جەريانىدا بەزى ئىملا خاتالىقلىرى يۈز بەرگەن بولۇشى،  بولۇپمۇ "ئو، ئۇ، ئۈ، ئۆ" ھەرىپلىرى ئۆز ئارا پەرىقلەندۈرۈلمەي يىزىلىپ قالغان بولۇش مۈمكىن، شۇڭا تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.



كالتسىي  (钙) ئادەم بەدىندە كەم بولسا بولمايدىغان مىنىرال ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىدا ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر بەدىنىىز يىتەرلىك كالتسىيغا ئىرىشەلمىسە، بەدىنىزدە ھەر ىىل يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.


كالتسىي كەملىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى

1.       يىمەكلىك ئارقىلىق ئىگە بولغان كالتسىي ياكى ۋىتامىن D يىتەرلىك بولماسلىق، يەنى كالتسىي ياكى ۋىتامىن D مول يىمەكلىكلەرنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلماسلىق.
2.       ئىغىر ئاياق بولغان ياكى بالا ئىمىتىۋاتقان ئايال، ۋاختىدا يىتەرلىك كالتسىيغا ئىگە بولمىغانلىقتىن، سۈتتىكى كالتسىي مىقدارى توۋەن بولۇپ، بوۋاقنى يىتەرلىك كالسىي بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك.
3.       ئانا سۈتى يىتىشمىگەن ۋە ياكى سۈت پارشۇگى بىلەن باققان بوۋاققا ۋاختىدا بىلىق مىيى قاتارلىق كالتسىي مول يىمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك، ياكى بالىغا بەرگەن سۇتتە كالتسىي يىتەرلىك بولماسلىق، شۇنداقلا بالىغا بىرىلگەن قوشۇمچە يىمەكلىك ۋاختىدا، يىتەرلىك بولماسلىق.
4.       ئۇچەيدىكى مەلۇپ كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن يىمەكلىكتىكى كالتسىينى تولۇق قوبۇل قىلالماسلىق.
5.       كۈن نۇرى بىلەن ئۇچۇرچۇش يىتەرلىك بولماسلىق. جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ساغلام بولمىغان بەزى كۆز  قاراشلا پەيدا بولغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا ئانىلار باللىرىنىڭ ياكى ئوزىنىڭ ئاپتاپتا  قارا بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۈن نۇرىغا قاقلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى كالتسىي مىقدارى تەسىرگە ئۇچۇرماقتا.
6.       قايتا قايتا ياكى ئاستا خاراكتىرلىك قانسىزلىنىش، بولۇپمۇ ئاياللاردىكى ھىيىز مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى ياكى كۆپ بالا تۇغۇش سەۋىبىدىن كۆپ قىتىم قانسىزلىنىپ، كۆپ مىقتاردا كالتسىي يوقاپ، ۋاختىدا تولۇقلانمىغانلىقتىن.
7.       قالقانسىمان يانداش بىزى (副甲状腺或甲状旁腺) نىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش سەۋىبى تۈپەيلىدىن كىرەكلىك بولغان بەزى ھورمۇنلار تولۇق ئىشلەپ چىقىرىلماي، قاندىكى كالتسىي مىقدارىغا تەسىر كۆرسۈتۈش.
8.       بۆرەك ياكى ئاشقازان ئاستى بىزىدا مەلۇم كىسەللىكلەر بولغاندا.
9.       قاندىكى ماگنىي توۋەن بولغاندا. ئادەم كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە ياكى بەزى بىر ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، قاندىكى ماگنىي توۋەن بولۇپ، كالتسىينىڭ قاندىكى مىقدارى بىۋاستە تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.
10.     بەزى ئاشقازان كىسىلىنىڭ دورىسى (甲腈咪胍) نى ۋە بەزى سۈدۈك ماڭغۇزىدىغان دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى كالتسىينىڭ مىقدارى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.
11.     قاندىكى پوسپۇر كىسىلتاسى تۇزلىرى (磷酸盐) كۆپ بولغاندا. ئادەم كۆپ مىقداردا كولا ئىچىملىكلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى پوسپۇر كىسىلتاسى تۇزلىرىنىڭ مىقدارى كوپىيىپ، كالتسىينىڭ مىقدارى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.
12.     قالقانسىمان بەز  راكىغا گىرىپتار بولغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي توۋەن بولىدۇ.
13.     ئاستا خاراكتىرلىك جىگەر كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندا كالتسىي مىقدارى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.

كالتسىي كەملىكنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟
ئادەم بەدىنىدە كالتسىي كەم بولغاندا ياكى ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي مىقدارى نورمالدىن توۋەن بولغاندا ئوخشىمىغان ياشدىكى كىشىلەردە ئوخشىمىغان كىسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بولىدىغان ئالامەتلەر
كالتسىي كەملىكنىڭ يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئالەمتلىرى ئانچە ئىنىق ئەمەس بولۇپ، ئوخشىمىغان بوۋاقلار ئارىسىدا پەرىق چوڭ، ھەم توغۇرا ھوكۇم چىقىرىش بىر ئاز قىيىن، شۇنداقتىمۇ كۆپۈنچە بوۋاقلاردا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كورۇلىدۇ.
1.       تۇتقاقلىق كىسەل قوزغۇلۇش، بولۇپمۇ يىغلىغاندا تىلىقىپ قىلىش ياكى ئاۋازى يوقاپ كىتىش.
2.       ئەتىراپتىكى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسى تۆۋەن بولۇش.
3.       ئوڭاي چۆچۈش، ئادەتتىكى ئاۋازلاردىن ئاسان قورقۇش.
4.       بەدىنى ياكى مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قىلىش ياكى تىتىرەش.
5.       ياخشى ئەممەسلىك ياكى ئىشتىيى ياخشى بولماسلىق.
6.       بەدىنى باشقا نورمال بوۋاقلاردىن ئاجىز بولۇش.

كىچىك بالىلاردا بولىدىغان ئالامەتلەر
1.       تۇتقاقلىق كىسەل قوزغۇلۇش، بولۇپمۇ يىغلىغاندا تىلىقىپ قىلىش ياكى ئاۋازى يوقاپ كىتىش.
2.       ئەتىراپتىكى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسى تۆۋەن بولۇش.
3.       بەدىنى باشقا نورمال بالىلارغا نىسبەتەن ئاجىز بولۇش.
4.       بەدىنىياكى مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قىلىش ياكى تىتىرەش.
5.       ئىشتاي ياخشى بولماسلىق، ئاسان ياندۇرۇش ۋە ئىچى سۈرۈلۈش.
6.       سەزگۈرلىگى يۇقۇرى بولۇش، ئوڭاي چۆچۈش، ئاسان قورقۇش، تولا يامان چۈش كۆرۈش.
7.       سوڭەكنىڭ يىتىلىشى ئاستا بولۇش، يەنى سوڭەك ۋاختىدا قىتىشماسلىق.
8.       باش سوڭىكىنىڭ ئۇستىدىكى بوشلۇق ۋاختىدا پۇتمەسلىك، ياكى باشقا نورمال بالىلاردىن خىلىلا كىيىن پۈتۇش.
9.       مىڭىش ۋە باشقا ھەركەتلەر باشقا بالىلاردىن خىلىلا  كىيىن بولۇش.
10.     پاچاق سوڭىكى غەلىتە يىتىلىش، يەنى ئىككى تىزىنى بىر يەرگە ئەكەلگەندە تىزىنىڭ توۋەن قىسمى بىر يەرگە كەلمەسلىك، پاچاق سوڭىكى X شەكلىدە بولۇپ قىلىش، ياكى ئىككى پۇتىنى بىر يەرگە ئەكەلگەندە ئىككى تىزىنىبىر يەرگە ئەكىلەلمەسلىك، پاچاق سوڭىكى O شەكلىدە بولۇش قىلىش.

چوڭلاردا ياكى ياشانغانلاردا بولىدىغان ئالامەتلەر
1.       پۇت قولى ۋە ئىغىزىنىڭ ئەتىراپى قولۇشۇش ياكى چۈمۆلە ماڭغاندەك سىزىم بولۇش.
2.       پۇت قولى ۋە ئىغىزىنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇسكۇللار ئۆزلىگىدىن تارتىشىپ قىلىش ياكى يىغىلىۋىلىش، تىتىرەش، تۇتقاقلىق كىسەل قوزغۇلۇش.
3.       كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، روھى چۈشكۇن بولۇش، بىرەر ئىشلار ئۈچۇن ئاسان چىچىلىپ كىتىش.
4.       ئىسىدە ساقلاش قابىلىيىتى توۋەنلەپ كىتىش، بىر نەرسىنى ئاسان ئىسىدە ساقلىيالماسلىق.
5.       غەيرى سىزىملەر پەيدا بولۇش، خىيالچان بولۇش.
6.       بەدەن ئاجىز بولۇش، ئغىرلىغىنى يوقۇتۇش.
7.       ئاستا خاراكتىرلىك ئىچى سۈرۈلۈش ياكى ئاسان ئىچى سۈرۈلۈش.
8.       سۆڭەك بوشاپ كىتىش، ياكى سۆڭەك ئاسان سۇنۇپ كىتىش.
9.       سۆڭەك سۇنۇپ كەتكەندە تۇتۇش ئاستا بولۇش، ياكى ۋاخىتىدا تۇتماسلىق.
10.     پۇت قوللىرى ياكى بەدىنىدىكى سۆڭەك ئاغرىش، بىشى ئاغرىش.
11.     تىرە قۇرغاق بولۇش.

قانداق قىلغاندا كالتسىي كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
1.       كالتسىي ياكى ۋىتامىن د مول يىمەكلىكلەرنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلىش كىرەك.
2.       ئىغىر ئاياق بولغان ياكى بالا ئىمىتىۋاتقان ئايال ۋاخىتىدا يىتەرلىك كالتسىيغا ئىگە بولۇشى، يىمەكلىكتىكى كالتسىي يىتەرلىك بولمىغاندا كالتسىي دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
3.        سۆڭەك شورپىسىدا كوپ مىقتاردا كالتسىي بولۇپ، كالتسىي كەملىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ناھايتى كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە، بىراق سوڭەكنىڭ ئىلىكىدە كوپ مىقداردا كولەستىرول بولۇپ، ئىلىكنى كۆپ مىقتاردا ئىستىمال قىلىش ياىشى ئەمەس.
4.       يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا بولۇپمۇ ئانا سۈتى يىتىشمىگەن ۋە ياكى سۈت پارشۇگى بىلەن بىقىۋاتقان بوۋاقلارغا ۋاخىتىدا بىلىق مىيى قاتارلىقلارنى بىرىش كىرەك.
5.       كۈن نۇرىغا مۇھاپىق قاقلىنىش كىرەك، بولۇمۇ بوۋاق بالىلار مۇھاپىق كۇن نۇرى بىلەن ئۇچۇرشۇشى كىرەك.
6.       قايتا قايتا ياكى ئاستا خاراكتىرلىك قانسىزلانغاندا، بولۇپمۇ كۆپ بالا تۇققان ياكى ھىيىز مىقدارى كۆپ بولغان ئاياللار كالتسىينى ۋاخىتىدا تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. كالتسىي قىتىلغان سۇتلەرنى ۋە دورىلارنى ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
7.       قاندىكى ماگنىي تۆۋەن بولغاندا ۋاخىتىدا تولۇقلاش كىرەك.
8.       كوپ مىقداردا ھاراق ئىچمەسلىك، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
9.       كالتسىي مىقدارىغا تەسىر كورسۇتىدىغان甲腈咪胍 قاتارلىق دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
10.     كولا ئىچىملىكلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
11.     بەدەننىڭ كالتسىينى قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ياكى كالتسىيغا بىۋاستە تەسىر كورسۇتىدىغان ھەرقانداق كىسەلگە گىرىپتار بولغان ۋاخىتىدا داۋالىنىش كىرەك.

تەركىۋىدە كالتسىي مول يبولغان يىمەك ئىچمەكلەر
1. كالتسىي سوڭەكنى قاتۇرىدىغان مۇھىم ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، بارلىق ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكىدە كۆپ مىقداردا كالتسىي بار.
2. قىتىق
3. سۈت (رەسىمى كالىنىڭ ۋە ياكى قوينىڭ سۈتى، زاۋۇتتا ئىشلەپ چىقارغان سۈت ئەمەس)
4. بىلىق
5. پالەك قاتارلىق بىر قىسىم يوپۇرماقلىق يىشىل رەڭلىك كۆكتاتلار
6. قوناق،
7. ھەر خىل پۇرچاقلار ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان ھەر خىل يىمەكلىكلەر
8. كىشمىش، قۇرۇق ئۈزۈم
9. بىر قىسىم مىۋە سۈيىدە

كالتسىي كەملىكنى داۋالاش
كالتسىي كەملىكنى ئادەتتە كەلتۇرۇپ چىقارغان سەۋىبىگە ئاساسەن داۋالايدىغان بولۇپ، كۆپۈنچە ھاللاردا كالتسىي ۋە ۋىتامىن د نى تولۇقلاش، ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق ساقايىتقىلى بولىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بولىدىغان كالتسىي كەملىك كىسىلى ۋاخىتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا، سوڭەك غەلىتە يىتىلىپ، بەدەندە بىر ئومۇر غەلىتىلىك قالدىرىدۇ. كىيىن داۋالاپ كەم كالتسىينى تولۇقلىۋالغىلى بولسىمۇ، بىراق غەلىتە يىتىلىپ قالغان سۆڭەكنى داۋالاپ تۇزىمەك قىيىن.

No comments:

Post a Comment