Blog Archive

Wednesday, January 13, 2016

Saghlamliq bibaha goherdur

ساغلاملىق بىباھا گۆھەردۇر

مەمەت ئىمىن

ئامىركىنىڭ رود ئايىلەن  شىتىاتىدا بۇ يىل 8 ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان دورىيان  ئىسىملىك  بىر بالا، 4 يىشىدا يەنە 2012-يىلى 4-ئايدا يامان سۈپەتتلى مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 4 يىلغا  يىقىن ۋاقىت  ئىچىدە  ھەر خىل  داۋالاشلارنى  ئىلىپ بارغان بولسىمۇ،  ئەڭ ئاخىردا يەنىلا ئۆلۈم گىرداۋىدىن  يىراقلاپ  كىتەلمىەەن.  دوختۇرلار بالىغا ۋە بالىنىڭ ئاتا ئانىسىغا ھىچقانداق ئامالنىڭ يوقلىقىنى ئەيىتقان. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى  بالا  ئۆزىنىڭ كۆپ  ياشىيالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن  كىيىن،  ئاتا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ  كىتىشتىن بۇرۇن بىر ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئەيىتقان.

دورىيان: دادا، سەن بىلەمسەن، مەن جەننەتكە كىرىشتىن بۇرۇن نىمىنى ئۈمۈت قىلىمەن؟ 
دادىسى: (كۆز  يىشىنى مەجبۇرى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرۇپ) نىمىنى ئۈمۈت قىلىسەن ئوغلۇم؟
دورىيان: مەن جوڭگودىكى سەدىچىن سىپىلى ئۈستىدە مەشھۇر بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن
دورىياننىڭ ئاتا ئانىسى بالىسىنىڭ بۇ ھالىدا جوڭگوغا بىرىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىگىنى ئويلۇشۇپ تۇرغاندا، بالا دەرھال قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دىگەن. مەن ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن ئامالىمنىڭ بىرىچە مەشھۇر بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن. 

شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاتا ئانىسى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا جوڭگودىكىلەرگە ۋە ياكى جوڭگودا تونۇشى بارلارغا بالىسى ئۈچۈن سەدىچىن سىپىلى ئۈستىدە "جەسۇر بول، دورىيان"   دىگەن خەتنى كۆتۈرۈپ رەسسىمگە چۈشۈپ ئەۋەتىپ بىرىشنى مۇراجەت قىلغان. نەتىجىدە 24 ساەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن قوللىغۇچىلار "جەسۇر بول، دورىيان" دىگەن خەتنى كۆتۈرۈپ رەسسىمگە چۈشۈپ تورغا قويۇپ قويغان.

بۇ ۋەقە ئارقىلىق مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغۇنۇم، ھاياتنىڭ زادى  نىمە ئىكەنلىگىنى تىخى تولۇق بىلمىگەن نارسىدە بىر بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلىمىنى قوبۇل قىلىشى نە قەدەر ئىچىنىشلىق بىر ئىش، ئاتا ئانىغا نىسبەتەن بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھىچنىمە قىلالماي بالىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈپ تۇرۇش نەقەدەر ئازاپلىق بىر ئىش. ئاتا ئانىغا نىسبەتەن دۇنيادا بۇنىڭدىن بەك ئازاپلىق ئىش بولمىسا كىرەك. 

ساغلاملىق - ساغلام تۇغۇلۇپ ساغلام چوڭ بولغانلارغا نىسبەتەن تەبىيىلا  ئگە بولغان نورمال ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ، بىراق مەيىپ تۇغۇلغان ۋە ياكى ساغلاملىقىنى يوقاتقانلارغا نىسبەتەن دۇنيادا قايتا ئىرىشمەك ئەڭ قىيىن بولغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. 

باشقىلار دالاي لامادىن، سىنى ئىنسانلارنىڭ قايسى قىلمىشى سىزنى ئەڭ ئەجەپلەندۇرىدۇ دەپ سورىغاندا، دالاي لاما مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئكەن. "ئىنسانلار، مال دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى قۇربان قىلىشىدۇ، ئۇندىن كىيىن مال دۇنياسىنى سەرىپ قىلىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۈشكە تىرىشىدۇ؛ كەلگۈسى توغۇرسىدا بەك ئويلۇشۇپ كىتىپ، ھازىرقى ۋاختىدىن بەھرىمان بولمايدۇ (ھوزۇرلانمايدۇ)؛ نەتىجىدە ھەم بۇگۈنىدىن ھەم كەلگۇسىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ؛ ياشىغاندا مەڭگۇ ئولمەيدىغاندەك ياشايدۇ، ئولگەندىمۇ مەڭگۇ ياشىمىغاندەك ئولىدۇ."

ھەممىزنىڭ  تىنى ساغلام بولسۇن!

No comments:

Post a Comment