Blog Archive

Friday, January 1, 2016

Tuz we saghlamliq

تۇز ۋە ساغلاملىق

مەمەت ئىمىن


تۇز كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى. ئەگەر بىز تۇز ئىستىمال قىلمىساق، ھاياتىمىز داۋام قىلمايدۇ، يەنى تۇزدىن ئايرىلغان ھاياتلىق بولمايدۇ. تاماقنىڭ تۇزى مۇھاپىق بولمىسا، ھەرقانداق ئۇستا ئاشپەزنىڭ قولىدىن چىققان تاماقنىڭمۇ تەمى بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن دۆۋلەتلەردە جۇملىدىن مىلىتىمىز ئارىسىدا تۇزنىڭ ئورنى ناھايتى يۇقۇرى. ئەلۋەتتە تۇزنى ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىشمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئەگەر بىز تۇزنى ئۇزۇن مۇددەت بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلساق، بۇرەكنىڭ خىزمەت يۇكىنى ئاشۇرۇپ، بىزنى يۇقۇرى قان بىسىمىغا گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ، نەتىجىدە يۇرەك تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ، ۋە شۇنداقلا ھاياتىمىزغا تەھدىد ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭا تۇزنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، ساغلام ياشاشتا بەكلا مۇھىم.


نورمالدا بىز تۇزنى بەدىنىمىزنىڭ تۇزغا بولغان ئىھتىياجىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ۋە تەجىربىمىزگە ئاساسەن ئىستىمال قىلىمىز. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ تاماق تۇزىغا بولغان تەلىپى پەرىقلىق بولۇپ، ئوخشىمىغان كىشىلەر ئوخشىمىغان مىقداردا تۇز ئىستىلمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن، شۇ سەۋەپتىن تاماق تۇزىنىڭ دەل جاھىدا بولۇش بولماسلىققىغا ئاساسەن بىز ئىستىمال قىلىش زورۇر بولغان تۇز مىقدارىغا ئىنىق بىر ئولچەم بىكىتىپ چىقالمايمىز، ياكى مۇنداقچە ئەيىتقاندا بۇنداق بىكىتىلىپ چىقىلغان ئولچەم ئىلمى بىر ئولچەم بولالمايدۇ. 

ئۇنداقتا بىز كۈندە ئىھتىياجلىق بولغان تۇز مىقدارىنى نىمىگە ئاساسەن بىكىتىمىز؟ كۇندۇلۇك ئىستىمال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھاپىق بولغان تۇز مىقدارىنى بەدەننىڭ ناتىرىغا بولغان فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىغا  ئاساسەن بىكىتىپ چىقىش مۇمكىن.

بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان تۇزنىڭ خىمىيەلىك تەركىۋى ناتىرى خىلور (NaCl) بولۇپ، ئادەتتە ئولچەملىك 10 گىرام تۇز  تەركىۋىدە تەخمىنەن 4 گىرام ناترى بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا بەدەننىڭ تۇزغا بولغان ئىھتىياجى ياشنىڭ چوڭ كىچىلكىگە ئاساسەن ئازراق پەرىقلىق بولۇسىمۇ، بىراق ئوتۇرا ھىساپ بىلەن كۈنىگە 1.5 گىرام ناتىرى ئىستىمال قىلىش ئەڭ مۇھاپىق ھىساپلىنىدىكەن.

ھازىر خەلقارادا ئورتاق قوبۇل قىلىنغان كۈندۈلۈك تۇز ئىستىمال قىلىش ئولچىمى توۋەندىكىچە:
1 ياشتىن 3 ياش ئارىسىدىكى بوۋاقلار كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 گىرام تۇز ياكى 0.8 گىرام ناتىرىغا ئىھتىياجلىق.
4 ياشتىن 7 ياش ئارىسىدىكى بالىلار كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 گىرام تۇز، ياكى 1.2 گىرام ناتىرىغا ئىھتىياجلىق.
7 ياشتىن 10 ياش ئارىسىدىكى بالىلار كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 گىرام تۇز، ياكى 2 گىرام ناتىرىغا ئىھتىياجلىق.
11 ياشتىن چوڭلار كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 گىرام تۇز، ياكى 2.4 گىرام ناتىرىغا ئىھتىياجلىق. يەنى مۇنداقچە ئەيىتقاندا بىزنىڭ كۈندۈلۈك ئىستىمال قىلىدىغان تۇزىمىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 گىرامدىن، ناتىرى 2.4 گىرامدىن ئىشىپ كەتمەسلىك كىرەك.

ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دوۋلەتلەر ئىچىدە 187 دوۋلەتتە كىشىلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇز ئىستىمالىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 181 دوۋلەتتىكى خەلقنىڭ كۈندە ئىستىمال قىلىۋاتقان تۇز مىقدارى بەدەن ئىھتىياجىدىن خىلىلا يۇقۇرى ئىكەن. بۇ 181 دوۋلەتتىكى خەلق ئوتۇرا ھىساپ بىلەن كۈندە 3.95 گىرام ناتىرى (ياكى 10 گىرامغا يىقىن تۇز) ئىستىمال قىلىدىغان بولۇپ، خەلقارالىق كۈندۈلۈك تۇز ئىستىمال قىلىش ئولچەمدىن بىر ھەسسىسگە يىقىن يۇقۇرى بولغان.  ئاران 6 دوۋلەتتىكى خەلقنىڭ كۈندۈلۈك تۇز ئىستىمال مىقدارى ئولچەمدىن ئىشىپ كەتمىگەن. 


تەتقىقاتچىلار 66 دوۋلەتتىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 74.1% تەشلىك قىلغان كىشىلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇز ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى تەكشۇرگەندە، بۇ دوۋلەتتىكى كىشىلەر كۈندە ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 2.18 گىرام بىلەن 5.51 گىرام ئارىلىقىدا تۇز ئىستىمال قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ دوۋلەتلەر ئىچىدە شەرىقى ياۋروپا بىلەن ئورتا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كۇندە ئىستىمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئەڭ يۇقۇرى بولغان. تۇزنى ئەڭ ئاز ئىستىمال قىلىدىغان دوۋلەت كىنىيا بولۇپ، يۇقۇرى قان بىسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى ھەر بىر مىللىيون نوپۇستا 4 كىشى ئىكەن. تۇزنى ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان دۆۋلەت جورجىيا بولۇپ، ئۇ دۆۋلەتتە يۇقۇرى قان بىسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى ھەر بىر مىللىيون نوپۇستا 1967 كىشى ئىكەن. يىلىغا پۇتۇن دۇنيادا 1.65 مىلىيۇن ئادەم تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. مەنبەسى:http://www.nejm.org/doi/full/10.1056/NEJMoa1304127?query=featured_home


بىز كۈندە ئىستىمال قىلىۋاتقان تۇز مىقدارىنىڭ بىر قىسمىنى ئوزىمىز كونتۇرۇل قىلالايمىز، يەنى بىر قىسمىنى بىز كونتۇرۇل قىلالمايمىز. بىز كۈندۈۇلۈك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىۋاتقان ھەر خىل يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم مىقداردا تۇز ماددىسى بار بولۇپ، ئۇنى بىر بىرلەپ ھىساپلاپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا بىلەر بىلمەي ئىستىمال قىلغان تۇزنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئالا بۇرۇن بەدىنىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا بىز ئوزىمىز كونتۇرۇل قىلالايدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئامال بار تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلساق، ياكى بولمىسا ئاساسەن ئىستىمال قىلمىساقمۇ، باشقا ھەر خىل يىمەكلىكلەر ئارقىلىق ئىستىمال قىلغان تۇز بىلەن بەدىنىمىزدە ئاسانلىقچە تۇز كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.

No comments:

Post a Comment